- توردا
- 90 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-15
- تىزىملاتقان
- 2010-11-13
- شۆھرەت
- 851
- تىللا
- 490
- تۆھپە
- 454
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2768
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 102
- تېما
- 14
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 808
- تۆھپە
- 454
- تىللا
- 490
- شۆھرەت
- 851
|
rasull يوللانغان ۋاقتى 2011-8-16 16:25
بۇ يۇمشاق دېتاللا ھەققىدە ئازراق مەلۇمات بەرسىڭىز قان ...
ئالپ كۆپ تىللىق يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالىدىكى ئىقتىدارلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى:
1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە، گېرمانچە، فرانسۇزچە، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىچە يېزىق كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. يېزىق كىرگۈزگۈچنى قوزغاتقاندا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە بولىدۇ، باشقا تىللارغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+1, 2, 3, 4, 5, 6, 7, 8,9, 0 قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ بېشىش ئارقىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تىللارنى تاللاپ شۇ تىللار بويىچە يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ. يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا تەكلىپ سۆز بېرىدۇ، ھەر بىر رامكىدا 9 دانە تەكلىپ سۆز كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەگەر كىرگۈزمەكچى بولغان سۆز بۇ تەكلىپ سۆزلەر رامكىسىدا بولمىسا، ئوڭ-سول يۈنىلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
2. يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈش. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە «مەن» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز Alt كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، شۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرەلەيسىز، ئەگەر بۇ تەرجىمە ئىقتىدارىدا پەقەت خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچىنىلا كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز، يېزىق كىرگۈزگۈچ رامكىسىدىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىدىكى تەڭشەك تىزىملىكىنى ئېچىپ، تەڭشەكلەر دېگەن تىزىملىكنى بېسىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈز تىلىنى، ھەرقايسى كىرگۈزۈلىدىغان تىل-يېزىققا ماس ھالدىكى تەرجىمە لۇغەت ئامبىرىنى تاللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئاچالايسىز ھەم تەڭشىيەلەيسىز.
3. سۆزلەر بېرىكمىسىنى تېز كىرگۈزۈش. مەسىلەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» دېگەن سۆز بېرىكمىسىنى كىرگۈزمەكچى بولغاندا، ئاۋۋال چېكىتلىك پەشتىن بىرنى بېسىۋېتىپ ئاندىن شۇ كىرگۈزمەكچى بولغان بىرىكمە سۆزنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالدىدىكى ھەرپنى قىسقارتىپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ كىرگۈزسە شۇ سۆز بېرىكمىسىنى تېز كىرگۈزۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» نى كىرگۈزۈشتە ؛جخج دەپ باسساقلا بولىدۇ.
4. ماقال تەمسىللەرنىمۇ تېز كىرگۈزگىلى بولىدۇ، يەنى قوش چېكىت «:» نى بېسىۋېتىپ ماقالنىڭ بېشىدا كېلىدىغان سۆزنى ياكى ھەرپنى باسساق، شۇ سۆز ياكى شۇ ھەرپ بويىچە باشلانغان ماقالىلەر تىزىملىكى چىقىدۇ، شۇنىڭدىن (ئوڭ-سول يۆنىلىش كۇنۇپكىسى) تاللاپ چىقىپ تېز كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
5. تەڭشەك تىزىملىكىدە يەنە، يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇش، قول كۆندۈرۈش مەشىقى، ئالاقە دەپتىرى، كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچلەردەك ئىقتىدار بۆلەكلىرىمۇ بار.
6. يۇنىكودنى قىسمەن قوللىمايدىغان يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كىرگۈزۈشكە بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېزىق كىرگۈزگۈچكە يەنە كېڭەيتىلگەن رايوندا كىرگۈزۈش شەكلىمۇ تەمىنلەنگەن بولۇپ، بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتىشكە قۇلايلىق يارىتىلغان، بۇنى يېزىق كىرگۈزگۈچ رامكىسىدىكى ئىككىنچى سىنبەلگىنى بېشىس ئارقىلىق قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى مەزكۇر يۇمشاق دېتال قاچىلانغاندىن كېيىن، باشلاش تىزىملىكى _ دىتاللار _ ئالپسوفت _ نىڭ ئىچىگە قاچىلانغان بىر PDF ھۆججىتىدە تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان.
ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى.
بۇ يۇمشاق دېتالغا جەمئىي 12 خىل تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لۇغەتلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت قوش يۈنىلىشلىك لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگلىزچە كۆپ يۈنىلىشلىك لۇغەت، ئىنگلىزچە-تۈركچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-رۇسچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-تۈركمەنچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە چوڭ لۇغەت، رۇسچە-رۇسچە چوڭ لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئەرەبچە لۇغەت دېگەندەك ھەرخىل تىللاردىكى لۇغەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئالپ قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ياردەمچىسى يۇمشاق دېتالى.
بۇنىڭدا، خەنزۇچە پىنيىن، يان بۆلەكلەر بويىچە خەنزۇچە خەتلەرنى ئىزدەش ۋە ئۇيغۇرچە مەزمۇنىغا ئېرىشىش. يان بۆلەكلەر بويىچە خەنزۇچە خەتلەر ئۆگىنىش، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ Flash شەكىلدە ياسالغان يېزىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى ئارقىلىق خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە سۆز مەشىقى (ئاۋازلىق)، جۈملە تۈزۈش مەشىقى (ئاۋازلىق)، قارىمۇ-قارشى سۆزلەر، ماقال-تەمسىللەر تەمىنلەنگەن بولۇپ، سۆز ۋە جۈملە مەشىق قىلىش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. يەنە، خەنزۇچە تاق سۆزلەردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئايرىم تۈرگە ئېلىنىپ ھەر بىر سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى، پىنيىنى، يېزىلىش شەكلى قاتارلىقلار كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تاق سۆز (ھەرپ) لەرنى ئىگىلىۋالغاندا، خەنزۇچە خەتلەرنى تونۇش ۋە ئوقۇش جەھەتتە خېلى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇيغۇرچە 32 ھەرپنىڭ كاتۇنلۇق فىلىمى بىلەن خەنزۇچە پىنيىننىڭ كارتونلۇق فىلىمى تەمىنلەنگەن بولۇپ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپتىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىل ھەرپلىرىنى ۋە خەنزۇچە پىنيىن ھەرپلىرىنى ئۆگىنىشىنى قىزىقارلىق كارتونلۇق فىلىم بىلەن ئۆگىنىشكە باشلاپ كىرىدۇ.
يۇقىرىدا، بۇ ئۈچ خىل يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تولۇق بولمىسىمۇ ئاددىي قىلىپ تونۇشتۇرۇش بەردىم، ئىشلىتىش داۋامىدا ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىسىز.
=============================================
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياكى ئىسمى ئاتالغان تورداشلار قاچان ۋاقتى چىققاندا ماڭا سەينا ئىچىدە ئۇچۇر قالدۇرسا، مەن ئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان قاچىلاش نومۇرىنى يوللاپ بېرىمەن.
=============================================
يەنە بىر ئىش، قوش سىستېما قاچىلىغان تورداشلار بولسا، يەنى Windows 7 بىلەن Windows XP لارنى بىر كومپيۇتېرغا ياكى ئىككى كومپيۇتېرغا ئايرىم-ئايرىم قاچىلاپ ئىشلتىۋاتقانلار بولسا، ماڭا كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرىنى يوللىغاندا ئىككىسىنى ئەسكەرتىپ يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدا قوش سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار ئۆزىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، مەن شۇ ئۇچۇرغا قاراپ قوش سىستېمىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئىككى قاچىلاش مەخپىي نومۇرى ھاسىل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى، دېتالنى Windows 7 بىلەن Windows XP لارغا قاچىلىغاندا، سىستېمىدىكى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى» ئوخشاش چىقماي قالىدىغان ئەھۋاللار بار. ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتكەندە Windows 7 نىڭ كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى: XXX (جەمئىي 16 خانا نومۇر)، Windows XP نىڭ كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى: XXX (جەمئىي 16 خانا نومۇر). دەپ ئايرىم-ئارىم پەرقلەندۈرۈپ يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالپ
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|