- توردا
- 538 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-3
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 2837
- تىللا
- 1422
- تۆھپە
- 1783
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 9536
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 657
- تېما
- 222
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 176
[?]- تۆھپە
- 1783
- تىللا
- 1422
- شۆھرەت
- 2837
|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، نۇرغۇن كىشىلەر بۆرەك ئىقتىدارىنى ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق قوغداپ كەلمەكتە ،ئەمەلىيەتتە ، بۆرىكىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىكى دەل سىزنىڭ قالايمىقان ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز سەۋەبلىك ئاجىزلىغان ، بۇنىڭغا پەقەت ئۆزىڭىز دېققەت قىلمايسىز خالاس . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇخىل قالايمىقان غىزالىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى ياخشىلاپ بۆرىكىڭىزنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ .
1 . سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك
بەدەندىكى مىتابولىزىم ئارقىلىق چىقارغان كېرەكسىزلەرنى جىگەر بىلەن بۆرەك بىر تەرەپ قىلىدۇ ، بۆرەك ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى نەملىك بىلەن ئېلىكترولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مىتابولىزىملىق فىزىلوگىيىلىك ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان كېرەكسىزلەرنى سۈيدۈك ئارقىلىق چقىرىۋېتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، بىراق بۇ خىل ئىقتىدار داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە يىتەرلىك سۇنى تەلەپ قىلىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆپ سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ كىچىك تەرەتنى تېزلىتىش . بۇنىڭ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن تۇزنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىپ كەتكەندىن كىيىنكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بۆرەكنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
2 . پېۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش
ئەگەردە بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان تۇرۇقلۇق كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچسىڭىز ، سۈيدۇك كىسلاتاسى چۆكمىلىشىپ بۆرەك قانالچىلىرى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ ، بۆرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : قان تەكشۈرۈتكىنىڭىزدە ، بۆرەكتە چاتاق بارلىقى ئېنىقلانسا ، بەلكىم بۇ ۋاقىتتا بۆرەك ئىقتىدارىدىن خېلىلا چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۆرەك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈتۈپ يۈرگەندىن ، ۋاقتى - ۋاقتىدا سۈيدۈك تەكشۈرۈپ بۆرەكتىكى چاتاقنى تېز سۈرەتتە ھەل قىلغان ياخشى .
3 . مېۋە - كۆكتاتلارنى نورمال يىمەسلىك
مېۋە - كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش ئادەمگە پايدىلىق ، بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قارىشى . بىراق ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كۆكتات ، مىۋە - چىۋە دىگەندەك تەبىئىي قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغاچقا ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلغاندا بۆرەك ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققائۇچرايدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆكتات ، مىۋىلەرنى مۇۋاپىق يىيىش ، تەركىبى قۇيۇق بولغان مېۋە - كۆكتات شىرنىسى، يەن قازان شورپىسى ، كۆكتات شورپىسى، ئىچىملىك دىگەنلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك .
4 . ئىچىملىكنى قايناقسۇنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىش
كۆپ قىسىم كىشىلەر قايناقسۇنى تەمى يوق دەپ ياخشى كۆرمەي ، كولا ، گازلىق سۇ قەھۋە دىگەندەك ئىچىملىكلەرنى قايناقسۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالدى . بىراق بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كوففېئىن قان بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ ، قان بېسىم بەك يۇقىرى بولۇش دەل بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : ھەددىدىن ئارتۇق ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلىنىش ، ئىچىملىك ئورنىغا قايناقسۇ ئىچىش .
خۇددى كونىلار دىگەندەك : « قايناقسۇ ئىچ ، كۆڭلۈڭ تىنچ » . ئامال بار بىر كۈندە چوڭ ئىستاكاندا 8 ئىستاكان چاي ئىچىپ بەدەندىكى زەھەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
5 . گۆشنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋېلىش
ئامېرىكا يىمەكلىك جەمىئيىتىنىڭ دىيىشىچە ، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلو كېلىدىغان ئادەم ، ھەركۈنى پەقەت 40 گرام ئاقسىل قوبۇل قىلىش ، 300 گرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا گۆش يىيىش كېرەككەن ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .
6 . تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
تۇز بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باش جىنايەتچى . تۇزنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى بەدەندىكى سۇنى سىرتقا چىقىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ، بۇ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بۆرەك ئىقتىدارىنى چىكىندۈرىدۇ .
ھەل قلىش ئۇسۇلى : ئوزۇقلۇقنىڭ تەمىنى تېتىغاندا تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ 3 ~ 5 گرامغىچە تەڭشەش كېرەك. دېققەت قىلىش كېرەككى ، تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنىڭ مىقدارى ئالاھىدە كۆپ دائىم يېگۈچىلەر ئامال بار مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك .
ئەسلى مەنبە:cbbs.chinadaily.com.cn كۆچۈرمە مەنبە:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=57839
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-15 10:29
|
|