- توردا
- 499 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-13
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 1544
- تىللا
- 1638
- تۆھپە
- 627
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 5596
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 243
- تېما
- 21
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 31
- تۆھپە
- 627
- تىللا
- 1638
- شۆھرەت
- 1544
|
hawaskar218 بۇ ھەۋەسكار ئەمەس ،پىشقان قىساسكار بولۇپ قالغاندەك تۇرامدۇ نىمە نەدىن كىلىۋاتقان ئاچچىقتۇ بۇ قېرىندىشىم !؟... ئاچچىققا،زەربىگە ھاي بىرەيلى ! ھەر ئىش بولسا سەگەك كاللىدا سوغۇققانلىق ئاساسىدا ئوتتۇرغا تاشلانغىنى ياخشى...سىز دىگەن بۇ ئۇسۇل ئەمما راۋۇرۇس ئۇسۇلدەكلا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.مىنىڭچىمۇ چوقۇم ئۈنۈم بېرىدۇ.ئەمما تۆلىنىدىغان زىيان بەك كۆپ بولۇپ كىتەمدىكىن!؟
بىر ئىشنى مىسال قىلاي:مەكتىۋىمىزدە بىر يۈرىگى يارا ئوقۇغۇچىمىز بار،ئاتا-ئاتىنىسى ئاجراشقان(سەۋەپ ئاساسلىغى دادىنىڭ خىروئىن چېكىشى)،بالا دادىغا بۇيرۇلغان.كىيىن ئانا بۇ ئاقچى دادىنىڭ يېنىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بالىغا چىدىماي بالىنى يېنىغا ئەكىلىۋالغان. بۇ ئىشتىن كىيىن ئاقچى دادا سىز دىگەندەك ئۇسۇلنى قوللانغان. ئېسىلمىغان قېينى ئاتىسىنىڭ ساقىلى،ئۇرمىغان قېينى ئاپىسى قالمىغان(ئاق چەككەن ئىنساندا ۋىجدان بولامدۇ)...مەقسىدى پەقەتلا بالىنى يېنىغا ئەكىلىۋېلىش. دىگەنكىدەك، ئاقىۋەتتە بۇ ئازاپلارغا چىدىمىغان قېينى ئاتا(سابىق ئايالى ) بالىى دادىسىغا بەرگەن.
ئەمدىكى مەسىلە دادىنىڭ قانداق يەڭگەنلىكى ئەمەس،بەلكى بىچارە،بىر ھىساپتا دۇنياغا زىيادە ،بىقارار تۇغۇلۇپ قالغان شۇ بالىدا.بىچارە بالا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىشنىڭ ئالدىدا بۇنداق جىدەلنى تولا كۆرۈپ يۈرىگى لەختە بولۇپ كەتكەن،كىچىككىنە تۇرۇپ كۆزلىرىدىن تۈگىمەس غەم تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.ئاتىسى يېنىغا ئەكىلىۋالغاندىن كىيىنكى تۇرىدىغان جايى دادىسىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئويى،يىتىمنىڭ ئورنى بۇلۇڭ بولۇپ قالغان.بۇ ئارىدا ئانا نەچچە تېلىفۇن قىلىپ ،مەكتەپتە بالا بىلەن بىر كورۈشىۋالسام دەپ يىغلاپ كەتتى،ماقۇل بولدۇم...كورۈشتى...ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە ئانا يەنە تېلىفۇن قىلىپ بولسا بالىسىنى تېلىفۇنغا چاقىرىپ بەرسە بىر سوزلىشىۋېلىش تەلىۋىنى ئېيتتى(بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ،ئالدىنقى قېتىم مەكتەپكە كەلگىنىنى سابىق ئېرى ئۇقۇپ قېلىپ،يولدا تۇتىۋالغان يېرىدە ئۇرۇپ،قېينى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياقىلىرىنى يىرتىپ...بىر مالىماتاڭ قىلىۋېتىپ كەپتۇ)...تېلىفۇننى ئۇلاپ بېرىپ مەن سۇ ئالغىلى چىقىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتتىم،قايتىپ كىرىپ ئىشىك تۈۋىگە كەلسەم تېلىفۇندىن ئانىنىڭ يىغا ئاۋازى غۇۋا ئاڭلىنىۋاتىدۇ.بالا ئانىغا تەسەللى بىرىۋاتىدۇ.تەسەللى بىرىۋاتقان شۇ بالىنىڭ ئەشۇ دەقىقىدىكى تۇرقى 8ياشلىق بالا ئەمەس،بەلكى يۈرىكى قېتىپ قالغان،ياشلىق دەۋرىدىن ئۆتكەن يىگىتنى ئەسلىتىدۇ...يۈرۈگۈم ئېچىشىپ ،تاس قالدىم بالىنىڭ ئالدىدا كۆزۈمدىن چىققان ياشنى ئاشكارلاپ قويغىلى...بۇ نارسىسىدە نىمە گۇناھ،دادىسى تاپقان،ئاپىسى باققانلىغى ئۈچۈنلا ئەشۇنداق تارتىشماقتا قىينىلىپ،پۇچۇلۇنۇپ ئۆتسە كىشىنىڭ يۈرىگى ئېچىشماسمۇ دەيمەن-دە !...
مەن بىرەر پىكرىنى ئوتتۇرغا تاشلىماقچى ئەمەسمەن،پەقەت مۇشۇنداق ئىشنى بىرتەرەپ قىلغاندا بالىنىڭ بىر تىرىك جان ئىكەنلىگىنى،ئۇنىڭ سەبى يۈرىگىنى بۇنداق شەپقەتسىز جازالار بىلەن داغلىۋەتسە بۇ داغ بالىنىڭ بىر ئۆۈرلۈك مۇساپىسىغا سايە چۈشۈرۈپ قالارمۇ دەيدىغان ئەندىشىدە خالاس...ھالال تاپقان بالا،يۈرەك پارە ئەمەسمۇ ئۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-16 00:45
|
|