ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 0

مۇھەببەتنىڭ قاتناش قائىدىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىشلىك ھايات  -مېھىر- شەپقەت ۋە سۆيگۈ - مۇھەببەتتىن  توقولغان رەڭدار لېنتا. ئۇ سامادا  پەرۋاز قىلسا  ھەسەن-ھۈسەن  بولۇپ  زېمىنغا   رەڭ بىرىدۇ، سىزنى ھاياجانغا  سالىدۇ، خوشال  قىلىدۇ،  تومۇرىڭىزدىكى قانلىرىڭىزنى  كۇۋەجىتىدۇ. ئىچ-ئىچىڭىزدىن كۈلدۈرىدۇ،  كىشىلىك  ئالىمىدە  پەرۋاز قىلىشىڭىزغا  قانات  بېرىدۇ. ئۇ سىزنى يەنە  يىغلىتىدۇ  قايغۇ- ھەسرەتكە  مۇپتىلا  قىلىدۇ،  يەرگە چۈشكەندە بولسا، تۈگىمەس داستان، قەسىدە  ياساپ،  سىزنى شائېرلىق  قەسرىگە باشلاپ كىرىدۇ. قەلبىڭىزنى  سۆيگۆ - مۇھاببەتكە پەۋەس  تولدۇرىدۇ.  شىرىن چۈش ئاتلىق ھېسلارغا زايىد   ئەيلەيدۇ،  نەپرەت  يالقۇنىڭىزنى  ئاتەشكە ئايلاندۇرىدۇ،  جاپا- مۇشەققەت ۋە قەبرى -جاپالار ئوچىغىدا  تاۋلايدۇ .............
ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ  مىھرى مۇھاببەت  پويىزى، ئابدوموبىلى، موتسىكىلىتى، ۋەلسىپىتى بىلەن  پايانسىز  كىشىلىك ھايات  يولىدا  كىتىۋاتقاندا، بەزىلەر  دوستلوق ۋە مۇھاببەتنىڭ ئەگرى -توقاي چىغىر  يوللىرىنى  ئوڭوشلۇق  بېسىپ  ئۆتۆپ، سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ  تېز سۈرئەتلىك يولىغا  كىرىدۇ  -دە، ئارقىدىنلا  تۇققان ھەم قىرىنداشلىقنىڭ  سايازى  ۋە دەشتتىكى  سەيياھقا ئايلىنىدۇ.  لېكىن  بەزىلەر تورموز قىلىش  يانداپ ئۆتۈپ  كېتىش  ۋە  سوقوۋېتىشتىن خالى   بولالماي، سۆيگۆ   مۇھەببەت  مۇساپىسىگە   يېرىم يولدىلا   خاتىمە بىرىدۇ. يەنە بەزىلەر  تېخىمۇ  ئېچىنىشلىق  ئاقىۋەتكە  دۇچار  بولىدۇ،   يەنى زور  قاتناش  ۋەقەسىگە ئۇچراپ   سۆيگۈ مۇھەببەتتىن  ۋاقىتسىز  ئايرىلىپ   ھېسياتقا  مەجرۇھ   بولۇپ   مۇھەببەتتە يارىلىنىدۇ. كۆڭۆل  ساخچىسىغا جەرىمانە تۆلەپ  ئىشىق- مۇھاببەت كىنىشكىسىنى تارتقۇزۇپ قويدۇ. ئەمىليەتتە، تولىمۇ  ئۇزۇن بولغان كىشىلىك  ھايات مۇساپىسى  ئۈچ بۆلەك  يولدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ،  ئاساسلىقى  بىزگە  ئىنتايىن  تۆنۇش بولغان  دوستلۇق  يولى،  سۆيگۈ - مۇھەببەت  يولى ۋە ئۇرۇق - تۇققان قېرىنداشلىق  يولىدىن ئىبارەت.

ھەر  بىر يول بۆلىگىنىڭ  ئۆزىگە   خاس  رەڭ  بەلگىلىرى  بولىدۇ.  ھەم قاتناش قائىدىسى بولىدۇ. رەڭ بەلگىلىرىنىڭ  بەلگىسنى پىششىق  بىلىش  ئېنىق  ئايرىش  - قاتناش  قائىدىسىگە   رېئايە قىلىشتىكى  ئىنتايىن  مۇھىم  نۇقتا   ھىساپلىنىدۇ، بۇنى ياخشى ئىگەللىگەندىلا  ئاندىن كىشىلىك  ھايات  مۇساپىڭىزدىكى  سۆيگۆ - مۇھەببەت يولىنى  تېنىچ  ۋە خاتىرجەم  تامالىيالايسىز.

سېرىق  رەڭ   دوستلۇق يولىدۇر،   دوستلۇق يولىدا كېتىۋاتقان   قىز- يېگىتلەرگە   سېرىق   رەڭ   ئارام ئىلىش   تېنىچلىق   خاتىرجەملىك   ۋە بىر  خىل  كۈچلۈك   ئىنتىلىشنى   ئۆزىگە   ھامى قىلغان   ساقلاشنى ئاتا قىلىدۇ. ئالدى  كەينى  ئوڭ  - سولدىكى  ماشىنىلار  كۆزىڭىزنى ئالا - چەكمەن  قىلىىپ، يىنىڭىزدىن   ئۆتكەندە   سىزنى  ئىزتىراپلىق  ھېسلارغا   مەھكۇم قىلىپ  ھاياجانغا  سالىدۇ.   بىراق، يەڭگىلتەكلىك  قىلىپ   ھەرگىزمۇ  قول پۇلاڭلاتماڭ  يوشۇرۇن بىشارەت  بەرمەڭ،   ئىشارەت  قىلماڭ يىقىنلىشىشنى ئىستىمەڭ بولمىسا  سىز باشقىلار تەرىپىدىن  شاللاق  سۇيۇق دېگەن ئاتاققا قالىسىز. سىز بىلەن باشتىن- ئاخىر   بىر يولدا  ماڭغان   ئاشۇ  ماشىنا  ئالدىڭىزدا  ئۈن- تۈنسىز   يول باشلاۋاتقان  ئاشۇ  ماشىنا   ئارقىڭىزدىن   ھېچقانداق   ھېچقانداق  شەپە  چىقارماي   سىزگە ئەگىشىپ كىلىۋاتقان  ماشىنا   كىشىگە ئىشەنچ  تۇيغۇسى   بىغىشلايدۇ،  كۆڭلىڭىزنى  رام قىلىپ  يىقىنلىشىشڭىز ئۈچۈن  جۈرئەت  ئاتا قىلىدۇ.

ئەگەر  مۇشۇ  پەيتنى تۇتالمىسىڭىز   دوستلوق  يولىدا   كىتىۋاتقان   ماشىنا   يەتكىلى  بولمايدىغان سۆيگۈ- مۇھەببەت   يولىغا  كىرىپ قالىسىز.

قىزىل  رەڭ  سۆيگۈ- مۇھەببەت  يولى، تازا يىلىنجاپ    ھارارەتكە تولغان   سۆيگۈ-  مۇھەببەت  يولىدا كىتىۋاتقاندا ئوتقاشتەك  قىپ- قىزىل ماشىنا  ئۇچقۇن چاچرىتىپ، ئۆز  ھەيۋىسىنى  نامەيەن  قىلىش ئۈچۈن   نەچچە مىليون  سىلىتسىيە  گىرادۇسلۇق  قايناق  ھېسيات  مەنزىلىگە  سۈرئەتنى ئەڭ يۇقىرى  چەككە  قويىۋېتىدۇ  شۇ ھامان   ئىششىق  - مۇھەببەت   بوتقىسىغا ئايلىنىدۇ.قىزىل رەڭ كىشىگە  ئاگاھ  بولۇشنى، ئويغاق  تۇرۇشنى   ھەر ۋاقىت  ھوشيار تۇرۇشنى  دەۋەت  قىلىدىغان خىتاب!  بۇ يولنى يۈرگەندە، ھېسياتىڭىز مەيلى قانچىلىك  قايناپ تۇرسۇن،  مەيلى  مۇھابىتىڭىز ۋايىغا يىتىپ  كەتكەن بولسۇن،  ۋە  ياكى  ئورگانىزىملىرىڭىز  سىزنى ئەسسەبىيلەشتۈرۋەتكەن  بولسۇن سىز چوقوم  ئۆزىڭىزنى  بىسىۋىلىشىڭىز لازىم. ھەرگىز  ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ  شاختىن - شاخقا قونۇشنى ئويلىسىڭىز ۋە پۇرسەتپەرەسلىك  قىلىپ باشقا يولغا  كىرىپ  بېقىشقا  قەتئىي  بولمايدۇ. بەزى  ماشىنىلار قىزىل  چىراقنى  بۆسۆپ ئۆتۈپ   باشىقىلارنىڭ   ماشىنىسىنى  سوقوپ  ئۇلارنىڭ  سۆيگۆ  مۇھەببىتىنى  ۋەيران   قىلىپ ئۆز بەختىنى  ۋەيران  قىلىدۇ. ئۆمۈرلۈك   مۇساپىدە   بۇ  بۆلەك يول  ئادەمنى  سۆيدۈرىدۇ   ھاياجانغا سالىدۇ،  خىيالغا   غەرىق  قىلىدۇ  پۈتكۈل  جىسمىڭىزنى ئىنتىلىش، زورىقىش، كۈتۈش،  ئېچىدە  كۆيدۈرۈپ  كۈل قىلىۋىتىدۇ،   دەرتكە  مەھبۇس  ئەيلەيدۇ، يۈرەك  باغرىنى  لەختە  قىلىدۇ.  شۇڭا،  بۇ بۆلەكتە  زور قاتناش  ۋەقەلىرى  كۆپ  بولىدۇ. يىشىل  رەڭ   قىرىنداشلىق  يولىدۇر، بۇ رەڭ   تەبىئىي  ئوچۇق   بولۇپ  كۆڭۈلنى   ئازادىلىك،   كەڭ- كۇشادىلىك،  بىماللالىق، تەمكىنلىك،    ئەركىنلىك   ۋە خۇشخۇيلۇققا   مۇيەسسەر  قىلىدۇ.
بۇ بۆلەكتە   سىز  يېگانە قالمايسىز،   زىرىكىشلىق  ھىس قىلمايسىز.   قىزىل رەڭدىكى  سۆيگۈ مۇھەببەتتەك  جىددىيلەشمەيسىز،  تىت- تىت بولمايسىز   قايسى مەنزىلگە   بارماقچى بولسىڭىز ئۇدۇل  بارالايسىز. ھەمراسىز،   سەپەرداشسىز،   قالمايسىز، پەقەتلا   قالىدىغىنى  بۇرۇنقى ياش چاغلىرىڭىزدىكى  شوخلوق  بەڭۋاشلىقلار،  شۇنداقلا گۈزەل  ئەسلىملەر   ...
شۇ يېشىل  رەڭلىك   يول   سىز بىلەن  قېرىندىشىڭىزنى  ئۆزىڭىز  چىن رىشتىسى بىلەن  مەھكەم باغلاپ، قىرىنداشلىق مېھرىنى يەنىمۇ  يۇقۇرى  كۆتىرىپ  ھاياتلىق  سەپىرىڭىزدىكى، خوشاللىق  قايغۇلارنى بىرلىكتە  بەھرىمان بولوشقا،  يېڭىشكە  يىتەكلەيدۇ. شۇڭا سىز قولىڭىزدىكى  ھاياتلىق   رولى،  پۇتىڭىز ئاستىدىكى  ماي كالاپىىنىنى  توغرا  باشقۇرۇپ ئاستا  ھەم  بىخەتەر   يول  يۈرۈپ   قۇياش  ئەمدىلا  كۆتۈرۈلگەن  كائىنات ۋە مەۋجۇداتلار  ئويغانغان  گۈزەل  ئەتىگە يۈرۈش  قىلىشىڭىز كىرەك.
مانا بۇ ناھايتى  ئاددىي بولغان   قاتناش  قائىدىسىگە   ئاساسەن،  ئۆمۈرلۈك  مۇساپىڭىزنى  ئېھتىياتچانلىق بىلەن   باسقاندا  سۆيگۈ  مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن  ھايات مۇساپىڭىز  ئىچىدىكى ئوتتۇرا يول ئىكەنلىكىنى،  ئالدىنقىسى دوستلوق  كېيىنكىسى  قېرىنداشلىق   يولى  بولىدىغانلىغىنى ھەقىقىي  تۈردە   بىلىۋالالايسىز ....

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
         كىشىلىك ھايات - مىھرى شەپقەت ۋە سويگۇ -مۇھەببەتتىن تۇنۇلغان رەڭدار لىنتا . ئۇ سامادا پەرۋاز قىلسا ھەسەن -ھۇسەن بۇلۇپ زىمىنغا رەڭ بىرڭدۇ ، قەلبىڭىزنى سويگۇ - مۇھەببەتتىكە تولدۇرىدۇ ، شىرىن چۇش ۋە تاتلىق ھىسلارغا چۇمۇلدۇرىدۇ ، جاپا -مۇشەققەت ۋە جەبىر جاپا ئۇچىقىدا تاۋلايدۇ.
         مىھرى -مۇھەببەت سەپىرىدە پايانسىز كىشىلىك ھايات يولىدا ، بەزىلەر دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭ ئەگرى -توقاي خەتەرلىك يوللىرىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ، سويگۇ مۇھەببەت مەنزىلىگە يەتسە بەزىلەر تۇرمۇز قىلىش ، يانداپ ئۇتۇش ۋە سۇقۇشۇپ كىتىشتىن خالى بۇلامايدۇ ،خالى بۇلاماي سۇيگۇ -مۇھەببەت مۇساپاسىگە يېرىم يولدىلا خاتىمە بىرىدۇ.
         ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھايات مۇساپىسى ئوچ بۇلەك يولدىن تەشلىك تاپقان بۇلۇپ ئاساسلىقى بىزگە ئىنتايىن تۇنۇش بولغان دوستلۇق يولى ، سۇيگۇ -مۇھەببەت يولى ۋە ئۇرۇق -تۇققان قېرىنداشلىق يولىدىن ئىبارەت ھەر بىر يول بۇلىكىنىڭ ئوزىگە خاس رەڭ بەلگىلىرى ھەم قاتناش قائىدىسى بۇلۇدۇ، رەڭ بەلگىلىرىنىڭ مەنىسىنى پىششىق بىلىش ، ئېنىق ئايرىش قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشيىكى مۇھىم نوقتا ھىسىپلىنىدۇ. بۇنى ياخشى ئىگەللىگەندىلا ئاندىن كىشىلىك ھايات مۇساپىڭىزنى سۇيگۇ -مۇھەببەت يولىنى تىنىچ ۋە خاتىرجەم تاماملايسىز.
سېرىق رەڭ دوستلۇق بۇلۇدۇ . دوستلار يولىدا كىتىۋاتقان قىز -يىگىتلەر گە سېرىق رەڭ ئارام ئېلىش ، تىنىچلىق ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ . بۇ بۇلەك يولدا ئالدى -كەينىدىكى ، ئوڭ -سولدىكى ئاپتومىبىللار كوزىڭىزنى ئالى چەكمەن قىلىپ يېنىڭىزدىن ئوتكەندە ، سىزنى ئىزتىراپلىق ھېسلارغا مەھكەم باغلاپ ھاياجانغا سالىدۇ سىز يەڭگىلتەكلىك قىلىپ يۇشۇرۇن بىشارەت بەرمەڭ ،ئىشارەت قىلماڭ ۋە يېقىنلىشىشنى ڭزدىمەڭ ،بولمىسا باشقىلار تەرىپىدىن شاللاق ،سۇيۇق لۇكچەك دىگەندەك ئاتاققا قالىسىز . سىز بىلەن باشتىن -ئاخىر ناھايتى ئۇزۇن مۇساپىنى ھەمراھ بۇلۇپ بىرگە باسقان شوپۇرغا ياكى ئالدىڭىزدا مېڭىپ سىزگە ئۇن -تۇنسىز يول باشلاۋاتقان ، يول ئېچىۋاتقانلاتغا رەھمەت ئېيتىڭ. چۇنكى ئۇلار سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، ئۇمۇت بېغىشلايدۇ كورقماي يول ئېچىپ ئالگىرىلىشىڭىز ئۇچۇن ئىھام بىرىدۇ.
قىزىل رەڭ سويگۇ -مۇھەببەت يولىدۇر ، قىزىل رەڭ ئاگاھ بۇلۇشقا ، ئويغاق تۇرۇشقا ، دىققىتىنى يىغىپ ھوشيار تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغان خىتاپ.
         بۇ يولدا يۇرگەندە ھىسىياتىڭىز قانچىلىك قايناپ تاشسۇن ، مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك ئوتلۇق بولسۇن ، پۇتۇن ئورگانىزىملىرىڭىز سىزنى قانچىلىك ئەسەبىلەشتۇرسۇن چۇقۇم ئوزىڭىزنى بېسىۋېلىشىڭىز لازىم .
        ئالا نىيەتلىك قىلىپ شاختىن -شاققا قۇنۇشنى ئويىشىڭىزغا پۇرسەتپەرەزلىك قىلىپ باشقا يولغا كىرىپ بېقىشقا تەمشىلىشىڭىزگە ۋە ياكى قۇۋلىق ، مەككارلىق بىلەن قاتناش قائىدىسىگە جىلاپلىق قىلىدىغان ئوز -ئوزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان شوپۇرلاردەك قىزىل چىراقتىن كوز بوياپ ئۇتۇپ كىتىشكە ،ئۇرۇنىشىڭىزگە قەتئى بولمايدى، پەقەت سەۋرى -تاقەتنى يۇكسەك ئورۇنغا قۇيۇپ ساداقەتمەنلىك ئىچىدە ساقلاپ تۇرۇشىڭىز لازىم . بەزى شوپۇرلار قىزىل چىراقنى بۇسۇپ ئۇتۇپ باشقىلارنى سۇقۇپ ، ئۇلارنىڭ سۇيگۇ- مۇھەببىتىنى ۋەيران قىلىپ ئوز بەختىنى خاراپ قىلىدۇ.

مەنبە: «پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى» دىن
تور دۇنياسىدىن توپلىغان

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-8-14 19:33
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-8-14 19:33
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 15:17 , Processed in 0.118466 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat