قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ھەمىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى
يول دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە بار، سىز مەيلى قايسى دۆلەتتىن بولۇڭ شۇ يول يۈرگەندە ئۆزىڭىز مېڭىۋاتقان يولنىڭ قاتناش بەلگۈلىرىگە دىققەت قىلىپ يول يۈرۈشىڭىز كېرەك بولمىسا ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قېلىشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا قاتناش قورالى ھەيدەۋاتقان بولسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك، بىرەر قاتناش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ قويسىڭىز ھايات قالدىم دېگەندىمۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز.
مەيلى پىيادە بولۇڭ ۋە مەيلى ئاتلىق بولۇڭ ۋە ياكى باشقا قاتناش قورالىدا يول يۈرۈۋاتقان بولۇڭ نوقۇل ھالدا ئالدىڭىزغىلا قاراپ ماڭماي، ئانچە- مۇنچە ئىككى ياققىمۇ دىققەت قىلىپ مېڭىڭ.
ئۆز يولىڭىزدا توغرا مېڭىڭ، قائىدىلىك مېڭىڭ، باشقىلار بىلەن يول تالاشماڭ، بىرنەچچە سېكۇنتنىڭ مېھرىدىن كەچسىڭىز يولىڭىزنى بىخەتەر- خاتىرجەم داۋاملاشتۇرالايسىز. پىيادىلەر يولىدا پىيادىلەرگە يول بىرىڭ، ماشىنا يولىدا ماشىنىغا يول بىرىڭ، كوچا ئاغزىدىن ئۆتكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ماشىنا ھەيدىگەندە بەستلەشمەڭ، ئويناشماڭ.
دۇنيادا ياپونىيە، ئەنگىلىيە، شاڭگاڭ قاتارلىق بىر ئاز بىر قىسىم دۆلەتتە يولنىڭ سول تەرىپىدە ماڭىدىغان ئادەت بولغاندىن باشقا دۆلەتتە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ماڭىدۇ.
ئەمدى بۇلارنى كۆرۈڭ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەك ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنۇشلۇق، مەقسەت سىزنى قورقۇتۇش ئەمەس تەربىيەگە ئىگە قىلىش
1- چەتئەلنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈش تەشۋىقات فىلىمى
مەنبە http://www.tudou.com/programs/view/dM_LSChV0TU/
2- دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق قاتناش ھادىسىسى
http://v.youku.com/v_show/id_XMTYzMTg3ODE2.html
3- پىيادىلەر يولىدىكى قاتناش ھادىسىسى
http://www.tudou.com/programs/view/8_ezewMOgUo
4- تۆت كوچا ئېغىزىدىكى قاتناش ۋەقەسى كۆرۈنۈشى
http://www.tudou.com/programs/view/nzzbREShCAc
5- ئەسەبىلىكتىن چىققان قاتناش ھادىسىسى
http://www.tudou.com/programs/view/VZLcVM5SrxY
6- كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
http://www.tudou.com/programs/view/UkCSjEtOBHc
7- بۇ 1955- يىلى شاڭگاڭ ئىشلىگەن تەربىيە فىلىمى ئىكەن
http://www.tudou.com/programs/view/6Xj6LB1DuCE
8- بۇ 2011- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاسىيا قىتئەسىدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى
http://v.youku.com/v_show/id_XMjkyNzYxODE2.html
9- يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا توختىسىڭىز ئەگاھلاندۇرۇش بەلگۈسى قويۇپ قويۇڭ
http://v.youku.com/v_show/id_XMjQ4ODY1NTcy.html
10- ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشتىن 108 پارچە
http://v.youku.com/v_show/id_XMjU0NDI3OTk2.html
11- دۇنيادا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەر سانى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەر سانىدىن كۆپ
http://v.youku.com/v_show/id_XMTI3NzY0OTg0.html
12- ماۋۇ دۆت شوپۇردەك قىلىقنى قىلىپ يۈرمەڭ
http://v.youku.com/v_show/id_XMjY4NzYyOTA4.html
13- ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىڭ. ( دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىدىن تاللانما)
http://v.youku.com/v_show/id_XMjYwMTc3MjA4.html
14- رۇسىيەدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىدىن
http://v.youku.com/v_show/id_XMTg5NTIzODk2.html
15- يوۋ كۇ توپلىغان كۆرۈنۈش
16- شەندوڭ قاتناش ساقچىلىرى رەتلەپ چىققان كۆرۈنۈشلەر
http://www.tudou.com/programs/view/Hq3cvS0j3iM
ھاياتلىق ھەقىقەتەن ئەلا!
بۇ دۇنيادا ھاياتلىقتىن ئەلا ھېچقانداق نەرسە مەۋجۈت ئەمەس، شۇل ۋەجىدىن ھاياتلىقنى ئاسرايلى!
قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلايلى! بىخەتەر يول يۈرەيلى! بىگۇناھ كىشىلەرنى نابۇت قىلمايلى! سۈزۈمگە قۇلاق سېلىڭ!
سىز ماشىنىىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى 100 كىلومىتىردىن ئاشۇرغان ۋاختىڭىز ئەزراھىلنىڭ سىزگە 200 كىلومىتېرلىق سۈرئەت بىلەن يېقىنلىشىۋاتقان ۋاختى بولىدۇ.
قىزىل چىراقنىڭ يېنىشىغا 2 سېكونىت قالغاندا ئوقتەك ئۈتۈپ كەتمەكچى بولغان ۋاختىڭىز ئەزراھىلنىڭ قوينىغا ئۈزىڭىزنى ئاتقان ۋاختىڭىز بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.
ھاراق پۇراپ تۇرغان گەۋدىڭىزنى ماشىنا رولىغا تاشلىغان ۋاختىڭىز ئۈلۈم خېتىگە ئىمزا قويغان ۋاختىڭىزدۇر.
سىنى تاشلاپ يانداپ ئۈتۈپ كەتكەن ماشىنىنىڭ سىزدىن تېز ماڭغانلىغىنى كۈرۈپ ئىچىڭىز ئېچىشمىسۇن، چۈنكى ئۇ سىزدىن ئاۋالراق ئاللانىڭ دەرگاھىغا بارغۇسى بار ئوخشايدۇ، يول قويۇڭ. بۇ ئادىمىگەرچىلىك جۈملىسىدىندۇر.
ئالدىڭىزدا ئاستا كېتىۋاتقان يۈك ماشىنىسىنىڭ يېنىدىن يانداپ ئۈتۈپ كەتمەكچى بولغاندا يېنىڭىزدىكى ئۇرۇندۇقتا تاتلىق ئۇخلاپ قالغان ھەمرايىڭىزغا قاراپ قۇيۇڭ، چۈنكى يانداپ چىققاندا بىرەر چوڭراق يەنە بىر يۈك ماشىنىسى سىزنى قۇچاقلايمەن دەپ تۇرغان بولسا بەلكىم بۇ ھەمرايىڭىزغا ئاخىرقى قېتىم قارىۋېلىشىڭىز بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.
رول تۇتقان قۇلىڭىزنىڭ بىرەرسىنىڭ رولدىن ئاجرىشى ماشىنىدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ بۇلۇپمۇ ئۈزىڭىزنىڭ بوينىغا پىچاق سۈركەش ئۈچۈندۇر.
ماشىنا ( ماتۇرلۇق قاتناش) ھەيدەپ يولدا كېتىۋاتقاندا سىزگە كەلگەن تېلفوننى ئامال بار قۇبۇل قىلماڭ. چىرايلىق ئلاڭلانغان مۇزىكا ئەسلى ئەجەل پۇشتىگىنىڭ ئاۋازىدۇر.
كېچىدە ماشىنا ھەيدىگەندە چىراق ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە يول بەرمىگەن بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ پوچى، نوچى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكىم قارغىشقا ئۇچراپ تېزراق دۇنيادىن يۇقىلىشقا ئاز قالغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.
قاتناش ساقچىسىدىن قورقۇپ ئاندىن بىخەتەر قالپاق كىيەمسىز؟ سۆرەتكە چۈشۈپ قېلىپ جازاغا ئۇچراشتىن قورقۇپ ئاندىن قىزىل چىراققا توختامسىز؟ چىراق يوق، ئاپارات يوق دوقمۇشلاردا بۇلۇشىغىچەھەيدەپ ئۈتۈپ كىتەمسىز ؟ ئەگەر شۇنداق ئويلىسىڭىز « سىز دۇنيادىكى ئەڭ ھاماقەت ئىنسان ئىكەنسىز! ھامان بىر كۈن بىئەجەل ئۈلۈم سىزگە قۇچاق ئاچقۇدەك» ............ مېڭىسى سەگەك ئىنسان بۇلىدىكەن بۇنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.
تۈۋەندىكى فىلىمنى تۇلۇق كۈرۈپ چىقىڭ! بۇ كۈرۈنۈشلەر ئىچىدە قاتناش بخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى سۆرەتكە ئېلىۋالغان نەخ مەيدان كۈرۈنۈشلەر كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۇرۋېتىدۇ. يۈرەكنى مۇجۇپ كىشىنى شۈركەندۇرىدۇ.
يەنىلا بىخەتەرلىك بىرىنچى! |