- توردا
- 65 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-20
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- شۆھرەت
- 1209
- تىللا
- 446
- تۆھپە
- 787
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 3968
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 317
- تېما
- 72
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1431
- تۆھپە
- 787
- تىللا
- 446
- شۆھرەت
- 1209
|
بانكا قەرزى ئۈزمەي تۇرۇپ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالسا بولمايدۇ.
ئۈرۈمچىدىن ئوقۇرمىنىمىز ئابدۇۋەلى گېزىتخانىمىزغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالماي، بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى،بانكا قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇشقا يەنە ئىككى يىل ۋاقىت قالغانلىقىنى، بىراق ئۇ ھازىر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ، بىزدىن بۇ قېتىم ئۆي سېتىۋالسام ئىككىنچى قېتىم ئۆي سېتىۋالغان ھېسابلىنامدىم؟ ئالدىن تاپشۇرىدىغان ئۆي پۇلى ئۈچۈن قانچە پىرسەنت پۇل تاپشۇرىمەن؟ دېگەن مەسلە ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن تۇرغۇنجان ئەپەندى ئوقۇرمىنىمىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز سىياسىتى تۇغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا:
شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى پەقەت شۇ خىزمەتچىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ئاساسىي ئولتۇراق ئۆي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدۇ. تۇنجى قېتىم شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئىشلىتىپ تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى %20تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، سېتىۋېلىنىدىغان نىمكەش ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا 15 يىل بولمىغان بولسا، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى %30، 15يىلدىن 30 يىلغىچە بولغان بولسا، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى%40 بولىدۇ. 30 يىلدىن ئاشقان ئۆي بولسا، قەرز بېرىلمەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئىشلىتىپ ئۆي سېتىۋېلىشتا پەقەت تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلايدىغان ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. قەرز پۇلنىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئەسلىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 1.1 ھەسسىسىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئۈچىنچى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆي سېتىۋالىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى تارقىتىلمايدۇ. شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئىلتىماس سۇنغۇچى ساختا ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا ئېرىشكەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىلتىماس سۇنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەمدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئىلتىماس سۇنغۇچى چوقۇم قەرز توختامىدىكى پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە قەرزنى تۆلەپ قايتۇرۇشى كېرەك. ئۇدا ئۈچ قېتىم . مۆھلەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى يىغىندىسى ئالتە قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇ قىلمىش شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا خاتىرلىنىپ، قەرز ئالغۇچى يەنە بىر قېتىم تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلغاندا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئەھۋال ھەقىقەتەن ئوقۇرمىنىڭلار ئىنكاس قىلغاندەك بولۇپ، بىرىنچى قېتىم ئۆي سېتىۋالغاندا بانكىدىن قەرز ئېلىپ تۇرالغۇ جامائەت قەرز فوندى ئىشلەتمەي ئۆي سېتىۋالغان بولسا، بۇ قېتىم ئۆي سېتىۋالغاندا بىرىنچى قېتىم شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغان ھېسابلىنىدۇ، ئەگر ئۇ تېخى بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بولمىغان بولسا، چوقۇم قەرزنى ئۈزۈشى كېرەك. قەرزنى ئۈزمەي تۇرۇپ شەخىسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى
|
|