- توردا
- 571 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-23
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 3025
- تىللا
- 1528
- تۆھپە
- 1893
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10177
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 706
- تېما
- 240
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 1893
- تىللا
- 1528
- شۆھرەت
- 3025
|
ھازىر بازاردا ئوخشىمغان باھادىكى كومپىيۇتېرلار كۆپ بولۇشتىن باشقا،قاتتىق دېتال سەپلىملىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.بۇنداق رەڭگارەڭ ماركا ۋە تىپلارنىڭ ئىچىدە كومپىيۇتېر قاتتىق دېتالىنى تولۇق بىلىمەن دېگەن كىشىمۇ خاتالىشىپ قىلىشى ياكى ئالدىنىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭلاشقا كومپىيۇتېر ئېلىشىتىن بۇرۇن چوقۇم بىرىنچى بولۇپ ئېھتىياجنى،يەنى زادى نېمىگە ئىشلىدىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
مەسىلەن :ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېر ئۈچۈن سەپلىمىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان كومپىيۇتېر سېتىۋېلىنسا.ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئىقتىسادمۇ ئارتۇق ئىسراپ بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە زادى نېمىگە ئىشلىتىشنى ئويلىنىۋالساق كومپىيۇتېر ئېلىشتىكى مەقسىتىمىزگە يەتكەندىن باشقا نۇرغۇن ئىقتىسادنىمۇ تېجەپ قالالايمىز.
ئىككىنچى بولۇپ ئويلىشىدىغىنىمىز يانچۇقىمىزدكى پۇلىمىز بولىدۇ.يەنى شۇ قېتىملىق كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشتا زادى قانچىلىك پۇل چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ئويلىشىمىز.
تۆۋەندە كومپىيۇتېرنى3000يۈەندىن4500يۈەنگىچە،4500يۈەندىن6000يۈەنگىچە،6000يۈەندىن7500يۈەنگىچە ۋە 7500يۈەندىن يۇقىرى باھا بويىچە تۆت تۈرگە ئايرىپ،قانداق ئېھتىياجدىكى كىشىگە قايسى خىل باھادىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى پايدىلىنىش سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى.
بىرىنچى:كومپىيۇتېر ئۆگىنىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر سېتىۋالىدىغانلار
بۇ تۈردىكى ئىشلەتكۈچىلەر كۆپىنچە مەشغۇلات سىستېمىسى،ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرى ۋە بەزى قورال يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا،كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس.شۇڭلاشقا3000يۈەندىن4500يۈەنگىچە ئارىلىقتىكى كومپىيۇتېر سېتىۋالسا مۇۋاپىق بولىدۇ.بۇ پىلان ئىقتىسادىي تۆۋەنرەك،لېكىن كومپىيۇتېر ئۆگىنىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارمۇ ماس كېلىدۇ.
ئىككىنچى:خىزمەت ۋە ئوقۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن كومپىيۇتېر سېتىۋالىدىغانلار
بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئاساسەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالماي،سەپلىمىسى يۇقىرىراق كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشنى ئويلاشقانلار بولۇپ،ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ يامان ئەمەس.شۇڭلاشقا بۇلارغا4500يۈەندىن6000يۈەنگىچە كومپىيۇتېر ماس كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيۇتېر كەسىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتلىرىنى تېزدىنلا ئۆگىنىپ بولىدۇ ھەم بىر ئاز يۇقىرى سەپلىمە تەلەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆگىنىش داۋامىدا ئانچە-مۇنچە كومپىيۇتېر ئويۇنى ئويناپ تۇرۇشىمۇ تۇرغانلا گەپ شۇڭلاشقا بۇ تۈردىكى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ4500يۈەندىن6000يۈەنگىچە كومپىيۇتېر سېتىۋالسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى:ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى يۇقىرى سەپلىمە قوغلىشىدىغانلار
بۇ تۈردىكى كىشلەر كومپىيۇتېر جەھەتتىكى بىلىمى مەلۇم باسقۇچقا يەتكەن،كومپىيۇتېر بازار ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردار بولغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا كۆپىنچىسى كومپىيۇتېرلارنى ئۆزى قۇراشتۇرۇۋالىدۇ.
ئەگەر ماركىلىق كومپىيۇتېر سېتىۋالماقچى بولسا6000يۈەندىن7500يۈەنگىچە،ئىقتىسادىي يار بەرسە ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت كومپىيۇتېرلارنى سېىتىۋالسا بولىدۇ.
تۆتىنچى:زاماننىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىماي كومپىيۇتېر سېتىۋالىدىغانلار
بۇ تۈردىكى كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كومپىيۇتېر ساۋاتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.كومپىيۇتېرنى پەقەت ئۆيگە چىرايلىق تىزىپ قويىدۇ.بەزىدە ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىش،كىنو كۆرۈش،تورغا چىقىش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.كۆپىنچىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى.شۇڭلاشقا بۇ تۈردىكى كىشىلەر4500يۈەندىن6000يۈەنگىچە ئارىلىقتىكى كىرىستال ئېكرانلىق كومپىيۇتېر سىېتىۋالسا بولىدۇ.
يۇقىرىدىكىلەر پەقە ئېھتىياج ۋە ئىقتىسادنى تەڭ ئويلاشقان ئاساستا پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن پىلان خالاس.ئەگەر پۇل كۆپ بولسا ئەلۋەتتە قانچە قىممەتنى ئالسا كومپىيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىمۇ شۇنچە ياخشى،سۈرئىتىمۇ تېز بولىدۇ.ئەگەر ئىقتىسادتا قىيىنچىلىق بولسا ئەرزانراقى سېتىۋېلىنسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى3000يۈەن ئەتراپىدىكى كومپيۇتېردىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى بىمالال قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئېھتىياج ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ئويلىشىپ بولغاندىن كېيىن ماركىلىق كومپىيۇتېر سېتىىۋالغان ياخشىمۇ ياكى قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟
ماركىلىق كومپىيۇتېر:سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى،دۆلەت ئىچىدە ئورتاق بولغاچقا ئالدىنىپ قىلىش ئاز ئۇچرايدۇ.قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلىشىشچانلىق ئالاھىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولغاچقا،ماسلاشماسلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خاتالىق چىقىش ياكى كۆيۈپ كېتىش نىسىبىتى تۆۋەن.لېكىن قاتتىق دېتاللارنى تاللىغىلى بولمايدۇ(DELLدىن باشقىسى).بۇنداق كومپىيۇتېرنى ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى تىپتىكى كىشىلەر سېتىۋالسا بولىدۇ.
قۇراشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر:باھاسى مۇۋاپىق،ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ھەر قايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماركىسىنى،تىپىنى تاللىيالايمىز.لېكىن ماسلاشماسلىق تۈپەيلىدىن خاتالىق كېلىپ چىقىش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ(بۇ ئەھۋال ھازىر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ).سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئانچە ياخشى ئەمەس.بۇ تۈردىكى كومپىيۇتېر بىرىنچى،ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئەلۋەتتە،يۇقىرىدىكىسى پەقەتلا بىر پايدىلىنىش كۆرسەتمىسى خالاس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-11 00:10
|
-
2
باھا خاتىرىسى
-
|