- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4619
- تىللا
- 2490
- تۆھپە
- 2843
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 15583
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1012
- تېما
- 430
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2843
- تىللا
- 2490
- شۆھرەت
- 4619
|
ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ «ئېلىپبە»ئوقۇتۇشى قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋات چىقىرىش ياكى «ئېلىپبە»دىن ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى ھەرپلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى بېسىپ چىقىرىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.بۇنىwordدا بىۋاسىتە باسساق ھەرپلەر ئاپتوماتىك ئۇلىنىپ كېتىپ ھەر خىل شەكىللەرنى يازالمايمىز.بىراق،بىزwordدىكى خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلالايمىز.
مەسىلەن:«ئا»ھەرپىنىڭ باش(ئا)ۋە يالغۇز(ا)شەكلىنى بىۋاسىتە بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
ئوتتۇرىدىكى شەكلىنى بېسىپ ئۈچۈنhكۇنۇپكىسى بىلەنfكۇنۇپكىسىنى بىېسىپ«ىـا»شەكلىنى چىقىرىمىز.ئاندىن«ىـ»قىسمىنى تاللاپ رەڭ تاللاش قورالى ئارقىلىق ئاق رەڭنى تاللاپ قويساق پەقەت«ـا»قىسمىلا قالىدۇ.«ىـئا»نى كىرگۈزۈپ ئالدىدىكى«ىـ»قىسمىنى تاللاپ ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىپ قويساقلا«ـئا»غا ئېرىشىدۇ.
يەنە«ل»ھەرپىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى يېزىپ كۆرەيلى.ئالدى بىلەن«لى»نى بېسىپ كىرگۈزگەندىن كېيىن كەينىدىكى«ى»نى تاللاپ ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىۋەتسەك باش ھەرپ«لـ».
«ىلى»نى بېسىپ كىرگۈزۈپ بېشى ۋە ئاخىرىدىكى«ى»ھەرپىنى تاللاپ ئاق رەڭگە ئۆزگەتىۋەتسەك ئوتتۇرا ھەرپ«ـلـ»قالىدۇ.«ىل»نى كىرگۈزۈپ بېشىدىكى«ىـ»قىسمىنى تاللاپ ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاخىرى ھەرپ«ـل»ھەرپىنى چىقىرالايمىز.
مۇشۇ قانۇنىيە بويىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق ھەرپلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى wordدا بىمالال كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.مەسىلەن:
ئا ـا ا ـئا ئو و ـو ـئو
ق قـ ـقـ ـق ش شـ ـشـ ـش
ج جـ ـجـ ـج
......
يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق ھەرپلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى يېزىش مەسىلىسى ناھايىتى ئەپچىل ھەل قىلىنغان.بۇ بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلە بولغاچقا ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ى بولغان«wordدىكى ھەرپ ئۇزاتىش بەلگىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى»نىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.
Unicodeدا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇزارتىپ كۆرستىش ئۈچۈن(مەسىلەن:«كــىتاب»دېگەندەك)مەخسۇس ھەرپ ئۇزارتىش بەلگىسى كىرگۈزۈلگەن.بۇ بەلگىنىwordقا قول بىلەن قىستۇرۇش ئۈچۈن بىلەن بىر كۇنۇپكىدا Tكۇنۇپكىسى بىلەنshiftكۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ باسساق بولىدۇ.بۇ بەلگىنىڭ رولى قىستۇرۇلغان ئورۇننىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى ھەرپنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمەيدۇ..ئەگەر يالغۇز ھەرپ بولۇپ قالسا كەينىدە يەنە باشقا ھەرپ بولغان ھالەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.مەسىلەن:
«ئا»ھەرپىنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇلىنىدىغان شەكلىنى كىرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىدىن«T»نى كىرگۈزگەندىن كېيىنfكۇنۇپكىسىنى باسساق ئېكراندا«ـا» ھەرپى كۆرۈنىدۇ.
«ل»ھەرپىنىڭ باشتا كېلىدىغان شەكلى«لـ»نىlكۇنۇپكىسى بىلەن«shit+t»بېسىش ئارقىلىق ئېرىشىمىز.ئوتتۇرىدا كېلىدىغان شەكلى«ـلـ»نى تەرتىپ بويىچە«shit+t»نى ۋە lكۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېرىشىمىز.ئاخىرىدا كېلىدىغان شەكلى«ـل»نى تەرتىپ بويىچە«shit+t»نى ۋە lكۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېرىشىمىز.
مەسىلەن:
ئا ـا ا ـئا ئو و ـو ـئو
ق قـ ـقـ ـق ش شـ ـشـ ـش
ج جـ ـجـ ـج
......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-9 21:59
|
|