- توردا
- 288 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-12
- تىزىملاتقان
- 2010-10-23
- شۆھرەت
- 700
- تىللا
- 2378
- تۆھپە
- 203
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4053
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 72
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 635
- تۆھپە
- 203
- تىللا
- 2378
- شۆھرەت
- 700
|
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون قۇرۇق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا، قايتا قوزغاتسا، يانفون ئىچىدىكى بارلىق سىرلار بەلكىم باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
«دۇنيا خەۋەر ژۇرنىلى» خەۋىرى، يانفوندىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتەڭ سەت قىلىق بەلكىم ئويلىمىغان ماجىرالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شياڭگاڭ ۋېنخۈي ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، توردا تىغ ئۇچىنى iPhone ۋە Android سىستېمىسىغا قاراتقان ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى مەخپىي تىڭشايدىغان ۋىرۇس كۆرۈلگەن. بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق كومپيۇتېردىن يانفونغا ئۇنىۋېرسال شەكىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، يانفون قايتا قوزغالغان ھامان ۋىرۇس دەرھال قاچىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇچۇر ئەۋەتكۈچى پروگراممىنى قوزغاتسىلا نىشاننىڭ سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇر، رەسىم، سۈرەتلىك فىلىم، ۋە ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. ھەتتا بۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن خاتىرىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىكەن. بۇنىڭغا پەقەت بىر نەچچە سېكۇنتلا كېتىدىكەن. بۇ ۋىرۇستىن ھېچقانداق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.
نۇرغۇن ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتا قۇلايلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە بولغان خەتەرمۇ كۈنسېرى كۆپەيدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ۋىرۇسنى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قانداقلا بىر نومۇرغا ئۇچۇر يوللىسا، يانفونغا قۇرۇق ھالەتتە ياكى ئېچىلالمايدىغان شەكىلدە قوبۇل قىلىنىدىكەن. يانفون ئىگىسى ئۆچۈرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ ۋىرۇس يەنىلا يانفوندا ساقلىنىپ قالىدىكەن. يانفوننى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىنلا ئىجرا بولۇشقا باشلايدىكەن.
«مەن ئىككى iPhone يانفونىنى ئىشلىتىپ 500 دىن كۆپرەك تېلېفون نومۇرىنى پەقەت نەچچە سېكۇنتتىلا قوبۇل قىلىپ بولدۇم،» بىر كەسپى خادىمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە ئۇ بۇ ۋىرۇسنى توردا تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان بولۇپ، ئۆزىمۇ يۇمشاق دېتال ياساش ئىشلىرىنى قىلغانلىقتىن بۇنى سىناق قىلىپ باققان ئىكەن.
مەنبە؛ http://www.65933.com/news/html/27218.shtml
ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن ئىشىلتىدىغانلار دىققەت قىلارسىلەر. |
|