ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 2

[پەندى-نەسىھەت] زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى

.1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سىتىۋال-ئىقتىسادى ئەھۋالىڭ يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا.
2.دوستلىرىڭنى تاشلىۋەتمە.
3.قىز دوست تاللىغاندا قاتتىق ئىھتىياتچان بول،چۈنكى  ئۇ  سېنىڭ بۇندىن كىيىن بەخىتلىك -بولماسلىغىڭدا 90 پېرسەنت رول ئوينايدۇ.
4. ھەر كۈنى 30مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ پىيادە يول يۈر.  
5.بىرەر دوستۈڭغا بىرەر مەخپىيەتلىكىڭنى دەپ بىرىشتىن ئاۋۋال تەكرار ئويلان.
6.ئىش ھەققىڭنى بېرىدىغان كىشىنىڭ ھەرگىز يامان گىپىنى قىلما.  
7.ئەبەدىي ھۆل يەرگە دەسسىمەيدىغانلاردىن كۆپ ئېھتىيات قىل.   
8.بالىلىرىڭ ئادىللىق، ھەققانىلىق،گۈزەللىك ،ئېسىل پەزىلەت ئۈستىدە ئويلانغىنىدا دەرھال سىنى ئېسىگە ئالالايدىغان بولسۇن         
  9. ئىنسانىيەتت دۇنياسىدىكى راستچىللىق ،گۈزەللىك پاكلىقنى پەرق .ئېتىشنى بىلىۋال.
10.ئۆزۈڭنى ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈشنى بىلىۋال.
11.بىر يىل ۋاختىڭنى سەرپ قىلىپ ،بىرەر پارچە كىلاسسىك ئەسەرنى ئوقۇپ چىق.  
12.جىددى قۇتۇلدۇرۇش چارىلىرىنى ئۆگىنىۋال.
13.بېرەر كىشى سىنى ئۆزقوينىغا ئالاي دېگىنىدە،ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ھەرگىز يەردە قويما.
14. ھەر كۈنى ئالتە ئېستاكان سۇ ئېچىپ تۇر.
15.سىنى قەدىرلەيدەغان كىشىلەرنىڭ غېمىنى يېيېشنى بىلىۋال.
16.ھەرقانچە زور قېيىنچىلىققا دۇچ كەلسەڭمۇ،ھېيىت -بايراملاردا  ئامال قىلىپ ئائېلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە بول.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ،بۇ خىل ئەسلىمە بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ.   
17.سىرىتقا ساياھەتكە چىققنىڭدا ،ھەميانىڭغا ئىسىم فامىلەڭ ، تېلىفۇن نومۇرۈڭ ،دوستلۇرۇڭنىڭ تېلىفۇن نومۇرى ۋە سالامەەتلىك .ئەھۋالىڭ پۈتۈلگەن  
بېرەر كارتۇشكا سىلىۋېلىشنى ئۇنتۇما.
18.مۇۋاپپىقىيەتكە    ئېرىشكىنىڭدە ،تېنچ ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭنى بىسىۋالالىغىنىڭ - بېسىۋالامىغىنىڭ ئۈستىدە،سالامەتلىكىڭ ئۈستىدە ۋە قىزغىنلىقىڭنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۈان -تۇرمىغانلىغى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆر.
19..ھەر يىلى باھاردا بېرەر تۈپتىن جىرىم تېكىپ قوي.
20.ئېسىڭدە بولسۇنكى ،نىكاھ ئاساسىنىڭ ياخشى بولۇشى مۇنداق ئىككى تەرەپكە باغلىق:(1)ياخشى ھەمراھ تېپىش:  (2) ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇش.
21.، تۇققانلىرىڭ،   ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭنى ئەيىپلىمەكچى بولغىنىڭدا، ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىش ئېسىڭدە بلسۇن.
22.ئۆتكەن ئېشلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ پۇشايمان يېمەكچى بولغىنىڭدا، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىڭدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىل.  
23.ئۆزۈڭچە بېرەر بۈيۈك ئەقىل تاپتىم دەپ قارىغىنىڭدا ،ئۇنى ھەرگەىز باشقا پارچە -پۇرات ئېشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتما.
24..ھېسسىياتىڭنى بىسىۋېلىشقا ماھىر بول.
25.  ئائىلە ئاساسىڭنى ھەر -كۈنى ئاز -تولا ئەمەلى ئىش قىلىش يولى بىلەن مۇستەھكەملە ۋە ياخشىلاپ بار.      
26.كىشىلەرنى قارىسىغا تەنقىت قىلما ،ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگۈنۈڭ بۇنىڭ سىرتىدا .   
27.بىرەر جۈملە دوستانە سۆزنىڭ ياكى بىرەر ياخشى ئىشنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىما .
28. باشقىلارغا ياخشى گەپ قىلغىنىڭدا ،بالىلىرىڭمۇ ئۇنى ئاڭلىسۇن.
29.بىلىشىڭ كېرەككى ،بەخت  بايلىققا ، ھوقۇققا ۋە چېراي شەكىلگە ئەمەس ،ئەتراپىڭدىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلىشىڭگە باغلىق.  
30. كىشىلەر بىلەن تۇنجى كۆرۈشكىنىڭدە ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول بىرىپ ،ئېسىم -فامىلەڭنى ئېيتىپ بەر.  قارشى تەرەپ سىنى ئۇنتۇپ  قالمايدىغان  بولسۇن  
  31.كارۋېتىڭنىڭ بىشىغا خاتىرە ۋە جەلەم قويۇپ قوي.،ياخشى ئەقىل چارە كۆپ ھاللاردا ساھەر سائەت ئۈچتە كاللاڭغا كېلىدۇ.   
32. جاپالىق ئىشلەش بەدىلىگە ئارزۇ قىلغان نەرسەڭگە ئېرىشكىنىڭدە ،ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىۋال.  
33.تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بىرەر ئىش قىلىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.   
34. مۇھەببەت ئاساسىڭ بولمىسا توي قىلما.


مەنبە:« جەزبىدار گۈلدەستىلەر» ناملىق  توپلامدىن
ۋاقتى: 2011-8-8 23:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل گەپلەركەن.
مەن تېلېفونۇمغا ساقلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2011-8-9 13:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كومپىيوتىرىمغا ساقلىۋالدىم  ....  دادام ماڭا نەسىھەت قىلغاندەك تۇيغادا بولىۋاتىمەن ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 15:39 , Processed in 0.101607 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat