ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى ـ پاپۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى ـ پاپۇز

ئوبۇل ياسىن

پاپۇز ئەجداتلىرمىز ياراتقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زامانىۋى توپ ئۇيۇنلىرى دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشتىن ئاللا بۇرۇن ، خەلقىمىز ئارسىغا كەڭ تارقالغان. مەكىت خەلقى ئۇنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆڭىل ئېچىش سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
  پاپۇز ئۇيۇنى ئاممىباپ، قىزىقارلىق، جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا كۆپ ئادەم قاتنىشالايدىغان، سايمانلىرى ئاددى مەيدان شارائىتىغا  يۇقۇرى تەلەپ قۇيۇلمايدىغان ، پەسىل ئايرىمايدىغان يېزا قىشلاقلارغا باپ كېلىدىغان ، ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ، ھەممە ئادەمنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ قاتناشچىسى 70ــ80 سانتېمىتىر ئۇزۇنلىقتىكى بىر ئۇچى 15ــ 20 سانتېمىتىر ئىگىلگەن « 7 » شەكلىدىكى ئىلمەك كالتەك تەييارلايدۇ . ئاندىن يېرىلىپ كەتمەيدىغان ، ئاسان ئۇپرىمايدىغان ئۈجمە ، ئۈرۈك دەرىخىدىن كىچىك توپ ياسايدۇ. پاپۇز مەيدانىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئۇيۇنغا قاتناشقان ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكى ياكى شۇ ئۇرۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۇزۇنلۇقى ۋە توغرىسىنى بەلگۈلەپ ياكى ئۆلچەملىك مەيدان تەييارلاپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلچەملىك مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 80ــ 100 مېتىر ، كەڭلىكى 40ــ 50 مېتىر ئەتراپىدا بۇلۇپ ، مەيداننىڭ ئىككى باش سىزىقىغا توپ كىرگۈزۈش قاپقا ( دەرۋازسى ) ياسىلىدۇ . مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەڭلىك ئايلانمىسى 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلىقى 10 سانتىمېتىر چەمبەر سىزىلىپ،توپ باشلاش نوحتىسى قىلىنىدۇ.
  پاپۇز ئۇيۇنى مۇسابىقە شەكلىدە ئوينىلىدىغان بۇلۇپ ، مۇسابىقىگە ئون ،يىگىرمە  ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ قاتناشسىمۇ بۇلىدۇ. مۇسابىقە باشلاشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى ئايرىلىپ، مۇسابىقە قائىدىسى ئۇختۇرۇلىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچىسى ياغاچ توپنى باشلاش نوختىسىغا قۇيۇپ، توپ باشلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئىككى گۇرۇپپىدىن بىردىن كىشى چەمبەر ئىچىدىكى توپنى پاپۇز تايىقى بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا ئېلىپ ماڭىدۇ، قارشى تەرەپ تۇسىدۇ. مۇسابىقە مۇشۇ شەكىلدە جىددى داۋاملىشىدۇ.  
  پاپۇز ئوينىغاندا قاتناشقۇچى پاپۇز تايىقىنى ئوڭ قۇلى بىلەن تۇتۇپ، توپنى ئوڭدىن سولغا ئۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا توپ ئۇرۇشقا كۈتىرىلگەن تاياق شۇ كىشىنىڭ بەل قىسمىدىن ئېشىپ، قارشى تەرەپكە تىگىپ كەتمەسلىكى ، توپنى بەدىنى بىلەن توسماسلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئۇرماسلىقى لازىم. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا توپ ئۇرۇش نۆۋىتى قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرلىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا توپ يان سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە شۇ ئۇرۇندىن قايتا توپ باشلايدۇ. ( بۇتەرەپلىرى ھازىرقى پۇتبول مۇسابىقىسى تەرتىپلىرىگە ئوخشايدۇ) قاپقا ( دەرۋازىغا ) توپ كىرگەندىن كىيىن ، ئۇيۇن مەيدان ئوتتۇرسىدىكى توپ باشلاش نوختىسىدىن قايتا باشلىنىدۇ. ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش قاپقىغا كىرگەن توپنىڭ ئاز ـ كۆپلىكىگە قاراپ بەلگۈلىنىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتىنى مەلۇم توپ سانىنى ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ  بېكىتسىمۇ بۇلىدۇ. تەڭ چىقىپ قالغاندا مۇسابىقە ۋاقتىنى ئۇزارتسىمۇ بولىدۇ.

مەنبە:مىسرانىم تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 11:47 , Processed in 0.099865 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat