ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1676|ئىنكاس: 21

جايى پاچچامغا ساياھەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز بۇ يەرنىڭ نامىنى جايا پاچچام دەيمىز، شۇڭا مەنمۇ شۇنداق ئالدىم، يازغان بايانلار ئۆزەمنىڭ ئاڭلىغىنى ۋە ھېس قىلغىنى.

خىزمەت، توربەت دەپ يۈرۈپ قەشقەر شەھرى  ئىچىدىن سىرتقا چىقماي ياشاپ يۈرۈپتۇق. بۇ قېتىم 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ئىنىمنىڭ « ئۆيدە ئولتۇرۇۋىرەمسەن؟ ، ئەتە رامىزان ئىكەن، يەرە.  بىر ئوينۇتۇپ كىلەي» دېيىشىنى يەنە رەت قىلالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر پىكاپ ۋە بىر كىچىك يۈك ماشىنىسى بىلەن بىر كۈنلۈك ساياھەتنى باشلىدۇق. يولدا ماڭغۇچە كىچىك زىرەكنى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ يانفۇنىغا بۇراپ قويدۇم  ۋە بىرقانچە باشقۇرغۇچىغا توربەت ۋە QQ دا خەۋەر ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تاپىلاپ تېلېفۇن ئۇرۇۋەتتىم . ( ئادەتتە مۇشۇ توربەت ۋە QQ توپتا يوللىنىدىغان سەزگۈر ئۇچۇرلاردىن ئەنسىرەپ بىكار بولساملا سەيناغا قاراپ ئولتۇراتتىم).
جايى پاچچام ھەققىدە ئاڭلىغىنىم:  سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان پادىشاھىمىز شىكارغا چىققاندا تاغ ئىچىدە بىر كىشىنى بىرنەچچە رەت ئۇچرۇتۇپتۇ، كېيىن ئۇ كىشى بىلەن سىردىشىپتۇ، دائىم شۇ تاغ ئىچىدە شۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇدىغان بوپتۇ،  شۇ كىشىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىپتۇ...
بىز ئاتۇش ئىچىگە كىرمەيلا سول ( شىمال) تەرەپتىكى تاغقا قاراپ ماڭدۇق. يولدىكى بىر دۇككاندىن ئۇسسۇلۇق ئېلىپ پىكاپنى شۇ دۇككاندارغا ھاۋالە قىلىپ كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسى بىلەن يولغا چىقتۇق.

ساياھەتتىكى بارلىق رەسىمنى ئالبۇملاپ قويدۇم.
ناخشا دىققىتىڭىزنى چاچسا مۇشۇ ئالبۇم كۆزنىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ پەس بۇرجەكتىكى كاناينى بېسىپ ئاۋازنى پەسەيتىۋىتىڭ.

ئازراق مېڭىپلا كىملىكنى تىىملاتتۇق ۋە  ھەق تۆلىدى ، خېلى ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر چازا باركەن، بۇ يەردە بىر مىنبىڭ يەنە تىزىملىدى، بىراز مېڭىپلا بىر ماشىنا ئاران ماڭغۇدەك يولدا تاغقا ياماشتۇق. بۇ يولنىڭ بىر تەرىپى تىك تاغ بىر تەرىپى تىك يار ئىكەن. گەرچە بۇ تاغ قاقاس بولسىمۇ بۇ تاغ ۋە ئەتراپىدىكى مەنزىرەنى كۆرۈپ « يۇرتىمىزدا مۇشۇنداق ھەيۋەت جايلار باركەنغۇ؟» دېدىم ئىچىمدە. يول بويى ئىچىمدە « خۇدايىم بىزنى نىشانىمىزغا تېنچ- ئامان يەتكۈزگەي، سەپىرىمىزنى خەيرلىك قىلغاي » دەپ كەلدىم.
بۇ تىك يولنى تۈگۈتۈپ ئىككى تاغ ئارىسىدىكى كەڭ دەريا قېنىغا چۈشتۇق.
بۇ يولنى ماشىنىلىق ماڭمىسا پىيادە مېڭىپ بولغىلى بولمىغۇدەك. بۇ يولدىن دالا ماشىنىسى ۋە موتو ئوبدان ماڭالايدىكەن، باشقا ماشىنىا ئىشقىلىپ دەريادىكى شېغىلغا پېتىپ قالىدىغان ئىش بولۇپ تۇرۇدىكەن، بۇ چاغدا ئادەم كۈچى ۋە ھەپەرداش ماشىنىدىكى سەپەرداشلار ھە-پە دېيىشىپ ماشىنىنى نورمال يولغا چىقارمىسا بولمايدىكەن.
IMG0060A.jpg
بىز 5- قېتىمچە شۇنداق قىلىپ «جايى پاچچام» تېغى ئاغزىغا كەلدۇق، بۇ يەردە ماشىنا ساقلاش، ئاشخانا ئېچىش ئىشلىرىنى قىرغىز قېرىنداشلار قىلىدىكەن.
بەزىلەر پۈتۈن بىر ئوغلاقنى سېتىۋېلىپ سويدۇرۇۋالىدىكەن.
IMG0061A.jpg
بەزىلەر ئاشخانىدىلا غىزالاندى
IMG0064A.jpg
بىز ساياھەتنى رەسمى باشلىدۇق
IMG0066A.jpg
ئاۋۇ بۇلاق سۈيى تاغنىڭ قوينىدىن سىرغىپ چىقىدىكەن.
IMG0067A.jpg
بەزىلەر ماشىنىسىنى بۇ يەرگىچە ئەكىلىپتۇ
IMG0071A.jpg
بىز مەنزىلگە مۇشۇنداق ئىككى تەرىپى تىك ، ئۆزى ئانچە كەڭ بولغان شېغىللىق سۇنى كېچىپ ماڭدۇق.
IMG0072A.jpg
لىنىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىشىلەر تەرىپىنى قىلغان خىسلەتلىك بۇلاق باركەن. بۇمۇ تاغنىڭ قوينىدىن سىرغىپ چۈشىدىكەن  ، بۇ ئامىڭىز بوۋىيى بىلەن مۇشۇ سۇغا بويىنى سېلىش ئۈچۈن چىققان بولسا كېرەك.
IMG0075A.jpg
بۇ ئانىمىزنى دوراپ مەنمۇ چوققىسىنىڭ ئالقاندىن چوڭراق يىرى پارقىراپ كەتكەن  بېشىمنى يۇدۇم، بايىنىڭزى ھېلى يېغىپ ھېلى توختىغان يامغۇرنىڭ تىنجىق ھاۋاسىدا بۇ مۇزدەك سۇ ئاجايىپ ياقتى.
بىز ھېلى يامغۇردىن قورقۇپ ھېلى تەۋەككۇل دەپ يۈرۈپ ئاخىرى مەنزىلگە يەتتۇق
IMG0079A.jpg
بۇ جاي 4 تەرەپ تىك تاغلىك سەينا ئىكەن، بىر تۆپىلىك بار بولۇپ ، قارىسام 3 نەپەر ياش بالا شەرق تەرەپتىكى تاغنىڭ چوققىسىغىچە يامىشىپ چىقىپ- چۈشۈۋىتىپتۇ.  بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر بىرتالدىن تاش ئالغاچ چىقىپ تام قىلىپ كاندۇك-كاندۇك  ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىپ قويۇپتۇ، پەمىمچە بۇ يەردىكى بىر كىشىلىك گىلەم جەينامازنىڭ سانى 50 دىن كەم ئەمەس.
بىز يەنە ئىچكىرىلەپ ماڭدۇق
IMG0090A.jpg
IMG0093A.jpg
ئىشقىلىپ تاغ ئىچىدىكى يولنىڭ ئاخىرىغىچە باردۇق، ئەمدى بايىقى سەيناغا قايتىپ كەلگەن يولغا چۈشتۇق
IMG0103A.jpg
قايتقۇچە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھاياخانلاندىم، بىز ئاياق، كىپىش ئىچىگە كىرىۋىلىۋاتقان تاشنى تولا چىقىرىپ، يوتىمىزغىچە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىشتان بىلەن شېغىللىق سۇ كېچىپ ئاران مېڭىۋاتقان بۇ يولدا بىر يىگىت ئانىسىنى يۈدۈپ كىتىۋاتاتتى.
بىز ئاخىرى ماشىنا قويۇلغان جايغا كىلىپ ، قايتتۇق.
IMG0107A.jpg
بارغۇچە يانفۇنۇمدا رەسىمگە تارتىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، قايتقۇچە بولسىمۇ بىرنەچچە پارچە رەسىمگە تارتتىم.
راست، بۇ رەسىملەرنى OKWAP688 دە تارتتىم ، تاغ ئىچىدىكى دەريا يولىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ كىچىك زىرەك تۈگۈل كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 138، 139 لىرىمۇ ئىشتىن توختايدىكەن.
2 يىل بۇرۇن رەھمەتلىك سەرتۇغنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىش يۈزىسىدىن يەكەنگە سەپەر قىلغاندسىن بۇيان رەسىمگە تارتقۇدەك قىلغان سەپىرىم مۇشۇ بوپتۇ.  مۇشۇ ياشقۇچە قىلغان ئاتىغۇدەك سەپىرىممۇ مۇشۇ ئىكەن.
باشقىلار قانداق ئويلىسۇن ئىشقىلىپ بۇ ئاددىي ساياھەتتە  ئۆز يۇرتۇمدىكى بۇ سەپەر شېئىرلاردا كۈيلەنگەن ۋەتەننىڭ تاغ- دەريالىرى، سۈزۈك سۇلىرى دېگەنلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ، يۇرت مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيدى.
IMG0105A.jpg
IMG0118A.jpg
ۋاقتى: 2011-8-6 16:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىزنىڭ يۇرتتا پۇلۇ دىيىلىدىغان كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر تاغلىق كەنىت بولىدىغان، ئاۋۇ يول شۇ يەرنىڭ يولىدەكلا قورقۇتىدىغان يولكەن ھە...

ماۋۇ رەسىمدىكىسى بولسا كۆك بۇلاق دەپ بىر يەر بار، يەرلىك تىلدا كۆكئۇلاق دەۋالىمىز، شۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە ئوخشايدىكەن.
ۋاقتى: 2011-8-6 16:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ يەردە ھىچقانداق تىلىفۇن سىگىنال قوبۇل قىلالمايدۇ.
مەنمۇ 2 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىتىم چىققان،ئەينى ۋاقىتتا بىر تال تىكلەپ قويغان خادىنىڭ يىنىغا كەلسە تىلگىراف ئىدارىسىنىڭ CDMA لىرىلا تارتىدىغان ئىدى ، مىنىڭچە ھازىرمۇ تارتىدىغۇ دەيمان، خادىدىن سەل چەتنىگەن ھامان ئۇمۇ يوق، ئىشقىلىپ قەشقەر ، ئاتۇش تەۋەسىدىكى دوستلار بىر بىرىپ قويغۇدەك جاي بۇ ، يۇقارقىلىرى تىلىفۇندا تارتىلغان رەسىملەر ئىكەن ، ئەمما رەسمىي فوتو-ئاپراتىدا (فوتوگرافلار) تارتسا مەنزىرىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-6 18:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Jasur0998 نىڭ يازمىسى

ئاشۇ تىك قىيالىق يولدىن دەريا قېنىغا چۈشكەندىن باشلاپلا تېلېفۇن سىگنالى ئۈزۈلدى.
مەن بۇ سەپەرگە تۇيۇقسىز چىقىپ قالغاچقا رەسىم ئاپاراتى ئېلىشنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمىدىم، ھەنىم بولسا سىگنالى يوق بولسىمۇ رەسىم تارتىشقا ئەسقاتتى بۇ تېلېفۇنۇم.
ۋاقتى: 2011-8-6 19:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil ئەپەندىم ئۆزىڭىز يوققۇ؟
مەنزىرنىلا تارتىپ ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2011-8-6 19:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ،بىلمەپتىمەن ،   ئۆزلىرىمۇ قەشقەردىن  دىسىلە  مانداق!~~~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lotun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-6 23:44  

ۋاقتى: 2011-8-6 22:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-8-6 18:14
ئىنكاس قايتۇرۇش Jasur0998 نىڭ يازمىسى

ئاشۇ تىك قىيالىق يول ...

تىلغۇن  سىگىنالى   سىز  سۇغا كىچىشنى  باشلىغان يەردە  ئۇزۇلىدۇ     سۇغا كەچكۇچە بولغان يەردە كوچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىگىنىالى بار     .  كىرىشكە ھەق ئالمايتى  سىلەرنى  ئالداپتۇدە ئۇلار    ...  ساياھىتىڭلار  كوڭىللىك بولدىمۇ      .    ۋاقتىڭلار چىقسا  پەلەك دەرۋازىسىغا چىقىپ كۇرۇپ كىلىڭلار  
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-6 23:25:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intilish يوللانغان ۋاقتى  2011-8-6 19:18
Intil ئەپەندىم ئۆزىڭىز يوققۇ؟
مەنزىرنىلا تارتىپ ئۆزىڭىز ...

مۇخبىر دېگەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتمايدۇ ئەمەسمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-6 23:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش suyup نىڭ يازمىسى

بىر ئاي بۇرۇن « مايمۇنتاش» قا چىقىپ ھاۋالىنىپ كىرىپمۇ شۇنداق يىنىكلەپ قالغانتىم.
بۇ ساياھەتتىن   كىنولاردا كۆرگەن ھەيۋەتلىك تاغ-جىرالار، مەنزىرىلەردىن قېلىشمىغۇدەك جايلارنىڭمۇ يۇرتۇمدا بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھاياجانلاندىم، پەخىرلەندىم. بۇ ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن.
خوتەن، غۇلجا تەرەپلەرگە ساياھەتكە چىقىپ نەزەر دائىرەمنى ئېچىش ئارزۇيۇم بار.
راست، سىز دەۋاتقان «پەلەك دەرۋازىسى» قەيەردە؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-6 23:55:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالبۇمنى قايتا ياساپ قويدۇم .
ۋاقتى: 2011-8-7 01:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-8-6 23:32
ئىنكاس قايتۇرۇش suyup نىڭ يازمىسى

بىر ئاي بۇرۇن « مايمۇن ...


«پەلەك دەرۋازىسى»           ئۇستۇن ئاتۇشتىن ئۇتۇپ   تۇپىغا چىقىش يۇلىدا  . تۇپىغا  تەخمىنەن 4 كىلومىتىر قالغاندا   سولقول تەرەپكە بۇرۇلۇپ  10كىلومىتىردىن  كوپرەك يولباسىسىز  شىخللىقتا      .    تاغ قاپتىلىغا كەلگەندىن  كىيىن    30 مىنۇت ئىپچورىسىدە   تاققا  يامىشىسىز  بىرقانچە       شۇتا  ئارقىلىق     .      كوز ئالدىڭىزدا   تەبى شەكىللەنگەن ھەيۋەت  مەنزىرە پەيدا بۇلىدۇ   .      ھەراس    ھەق ئالىدىغان    ئىش يوق       ئۇيەردە         ساياھەتچىلەردىن        باشقا  ئادەممۇ يوق        .    يىمەك  ئىچمەكنى ئىلىپ چىقڭلار       .   «پەلەك دەرۋازىسى»      دۇنيادىكى   20 ساياھەت نوقتىسىنىڭ بىرسى   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   suyup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-7 01:17  

ۋاقتى: 2011-8-7 02:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-8-6 23:32
ئىنكاس قايتۇرۇش suyup نىڭ يازمىسى

بىر ئاي بۇرۇن « مايمۇن ...

‹خوتەن، غۇلجا تەرەپلەرگە ساياھەتكە چىقىپ نەزەر دائىرەمنى ئېچىش ئارزۇيۇم بار. ›
    بۇ ئويىڭىزنى مەن قوللايمەن .ئۆز يۇرتىمىزنى ھىچبولمىسا بىر  كۆرمىسەك بولمىغۇدەك .مەنمۇ بۇ قېتىم ئىلى رايونىدىن كىرىپ بالغۇنتاي ئارقىلىق كورلىغا چۈشۈپ كورلا-لوپنۇر-چاقىلىق-چەرچەن-نىيە-كىرىيە-خوتەن- قارقاش-قاغىلىق -يېڭىسار-قەشقەر- ئاتۇش-ئاقسۇ-باي ناھىيىسى(مىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم)- باي-كۇچا ئارىسىدىكى 零公里 دىگەن يەردىن تاغ ئىچىگە كىرىپ تەلەمەت دەۋىنى ئارقىلىق بايىنبۇلاققا چۈشۈپ ،ئۇ يەردىن ناراتقا ئۆتىدىغان يول پۈتمىگەنلىكى سەۋەپلىك يەنە بالغۇنتاي-خېجىڭ-قارىشەھەر ئارقىلىق يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولغا چۈشۈپ  ئۈرۈمچىگە قايتىپتىمەن.جەمئى 5700كىلومېتىر يول بېسىپتىمەن.جەنۇپ-شىمالنىڭ پەرىقلىق يەرلىرى،گۈزەل مەنزىرىلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدىكەن.گەرچە 15كۈن جاپاكەش شوپۇر بولغان بولساممۇ،ئەمما يۇرتۇمىزنىڭ گۈزەل تاغ -دەريالىرىنى كۆرۈپ كىلىشكە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن سۆيۈندۈم.خۇدا خالىسا نەچچە كۈنگىچە تارتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان نەچچە پارچە رەسىمنى يوللاپ قويىمەن.
ۋاقتى: 2011-8-7 11:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئاي بۇرۇن ساۋاقداشلار بىلەن ماناس تېغىغا دالا ساياھىتىگە چىققان بىر كۈندە ئىكى پەسىلنى كۆرۈپ قانغىدەك ئويناپتۇق.مەنزىرسى گۈزەلكەن ،رەسمىنى سەيناغا  چىقارسام  بولامۇ؟ئەلۋەتتە سەينانىڭ بوشلىقىنى ئىگەللىمەيمەن.قۇرۇق رەسىملا ئەمەس ئانچە-مۇنچە تەسىرات ھېكايىلەرمۇ بار.
تەكلىپىم:سەيناغا ساياھەت خاتىرسى دەپ بىر سەھىپە قۇرۇپ بارغان كۆرگەن جايلىرمىزنىڭ رەسىملىرنى ۋە تەسىراتلىمىزنى يوللايلى!،شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىردىكى ساياھەت نۇقتىلىرى تۇلۇق بولغاندا بىر رەتلەپ توپلام قىلىپ 5 تەڭگە ساتمامدۇق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-7 11:38  

ۋاقتى: 2011-8-7 11:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-8-6 16:13
بىز بۇ يەرنىڭ نامىنى جايا پاچچام دەيمىز، شۇڭا مەنمۇ شۇ ...

ھۆرمەتلىك ئاتامان ئالبومغا كىرىشتۈرگەن ناخشىنى ماڭا يوللاپ بېرەلەمسىز،149093850
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-7 13:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش aksu نىڭ يازمىسى

بۇنىڭغا ئوڭنى بېسىپ ساقلىۋېلىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-23 12:35 , Processed in 0.217053 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat