ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
دوست نامراتلىقتا بىلىنەر.
كۆرۈش: 5211|ئىنكاس: 40

excelدا لايىھەلەنگەن ئىسىم تەرجىمە قىلىش قورالى(ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قۇش يۈنىلىشلىك تەرجىمە قىلىش قۇرالى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىلى 3-4ئاي بولغان بولسىمۇ، بىراق ۋاقتىمنىڭ قىس بۇلۇش سەۋەبىدىن، ھازىرغا قەدەر سۇزۇلۇپ كەتتى. بۈگۈن دەسلەپكى نۇسخىسىنى تورداشلارغا يوللىدىم.  گەرچە بۇتېخى مۇكەممەل بۇلۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكچىمەن. ھازىرقى ئاساسلىق مەسىلە بىر خەت ياكى ھەرپنىڭ كۆپخىل تەرجىمىگە ئىگە بۇلۇش مەسىلىسى بۇلۇپ، ئاللاھ خالىسا بۇنىمۇ پات ئارىدا ھەل قىلىپ بۇلىمەن. (مەسىلەن: «阿»خېتى تەرجىمە قىلىنغاندا ئا، ھا، غا قاتارلىق تەرجىمىگە ئىگە بۇلىدۇ دىگەندەك مەسىلىلەر) كۆپچىلىكنىڭ پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ   维吾尔人名字翻译工具.rar (246.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3457)

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-8-2 14:31
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-8-2 14:31
ۋاقتى: 2011-8-10 01:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahankizar يوللانغان ۋاقتى  2011-8-3 14:33
پىروگراممىلارنىڭ مۇشۇ قۇرالنى مەلۇم بىر دىتال شەكلىگە ...

بۇ خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمەن
1.ھەر قېتىم قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، بىراقلا office نىڭ AddIns مۇندەرجىسىگە قويۇپ قويسا بولىدۇ.
2. تېخىمۇ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، تىز بۇيرۇق كونۇپكىسى لايھىلەنسە بولىدۇ.(Ctrl+T گە ئوخشاش)
3. ماكرو بىخەتەرلىك تەڭشىكى ئەڭ يۇقۇرى بولسىمۇ، ئىجرا بولىۋىرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
4.يۈكلەنگەندە، Excel غا نىسبەتەن ئېغىزغا ئالغۇسىزلا(كىچىككىنە جۈملىنى ئىجرا قىلىدۇ)، ھىچقانداق يۈك كەلتۈرمەيدۇ دىيىشكە بولىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغاندا  يۈكلەش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.
5. يۇمتال ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئورتاق بولىشى ئۈچۈن، VB دا تۈزۈش كىرەك.
      بۇ خىل تەۋسىيە مىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىم، باشقىلارمۇ بىر نىمە دەپ باقسۇن!

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-9-23 18:57
ياخشى: 5
پايدىلىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-9-23 18:57
ۋاقتى: 2011-8-2 15:05:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىس بوپتۇ، بۇنچىلىك قىلماق ئاسان ئەمەس .
ساقچىخانىنىڭ ئىسىمدا قوللىنىدىغان دەپتىرىنى كۆرۈپ چىقمىدىم، مېنىڭچە سىز چوقۇم شۇنى ئاساس قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبلىك بۇرۇن كىملىككە ئىسىم قوللانغاندىكى ئەھمىيەت بەرمەسلىك، شۇ كىملىك يوق بولغىچە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مەسىلەن: مۇھەممەد نى 买买提 دەپ ئالغان، ھازىر ئۇ كىتاپقا ئاساسەن 麦麦提 دەپ ئالسا كېرەك، مەسىلە، بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تەرجىمە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا يوللىغاندا، كىملىكتىكى ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولماي قالىدىكەن، بۇ مەسىلىنى پىروگرامما ئارقىلىق ھەل قىلغىنى بولمايدۇ، ئىككى خىل پىروگرامما تۈزۈپ، تەرجىمە قىلىدىغان ئىسىمنى بۇرۇنقى ئىسىم، ھازىرقى ئىسىم دەپ ئەسكەرتكەن تەقدىردىمۇ، بۇرۇنقى ئوخشاش ئىسىملارغا ئوخشىمىغان خەنزۇچە خەت ئىشلىتىلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن،  تەرجىمە قىلغاندا يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.(مەن بەك ئىنچىكىلەپ كەتكەندىمەن، ئۈزۈمگىمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەك بىلىندى، بىراق بۇ ئەمەلىيەت)
پەقەت كىملىككە سېلىشتۇرمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، پىروگىراممىنىڭ %99 تەرجىمە قىلىشىدا مەسىلە يوق.
1% تى: 艾合塔尔 نى ئەختار ئەمەس، ئەختەر دەپ ئاتايتتۇق، مەممەت ئەمەس مۇھەممەد ئىدى، ... .
阿布都苏普尔، 依马木، 木合塔尔 马木提 ...، بۇلارنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ!
   مۇكەممەللىككە كىچىككىنە قاپتۇ، ... ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Atush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-2 15:17  

ۋاقتى: 2011-8-2 15:27:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كومپيۇتېرغا چۇشۇرۇپ ، ھۆججەتنى ئىجرا قىلسام پەقەت ئەسكەرتىش ئۈچۇرى چىقىۋالدى . باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر كۈرۈنمىدى . بۇنى قانداق ئىشلىتىمىز ؟ خاپا بولماي تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ۋاقتى: 2011-8-2 16:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش robot نىڭ يازمىسى

   ئاۋال excel نىڭ ماكرو بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تۆۋەن قىلىپ تەڭشەپ(سەينادا بار)، ھۆججەتنى ئىجرا قىلغاندا يەنە خاتالىق كۆرۈلسە، خاتالىق مەزمۇنىنى قالدۇرۇڭ!
ۋاقتى: 2011-8-2 16:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرەي دېسەم پەقەتلا چۈشمىدى ، بۇ ماڭا بەك لازىم ئىدى . خاپا بوللاي چ چ رىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . 1139465880
ۋاقتى: 2011-8-2 16:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش robot نىڭ يازمىسى

شۇ چىققان ئەسكەرتىشتە قانداق قىلىش ھەققىدە رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بار. ئەستايىدىل قاراڭ.
ۋاقتى: 2011-8-2 16:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ئېكسېل 2007 بولغاچقىمۇ ۋەياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم . ئۇستازلار كۆرسەتمە بەرگەن بولساڭلار
ۋاقتى: 2011-8-2 17:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئېكسېل 2007 دە ئىشلىمەيدىغاندەك قىلىدۇ . مۇمكىن بولسا پىروگىرامما تۈزۈشنى بىلىدىغان ئۇستازلار مۇشۇنى ئاددى بىر قۇرال قىلىپ ياساپ قويسا . ئۇنىڭدا خەت شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ . ھەر قانداق كومپيۇتېردا ئاچقىلى بۇلاتتى دىمەكچى ئىدىم . تەكىلىۋىمنى ئويلىشىپ كۆرسەڭلار
ۋاقتى: 2011-8-2 18:09:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرەي دېسەم تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك چۈشۇۋاتىدۇ . ھۆججەتنى ئاچسام ئىچى قۇرۇق .
ۋاقتى: 2011-8-2 18:22:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش پاۋىل نىڭ يازمىسى

维吾尔人名字翻译工具.rar غا ئوڭنى بېسىپ چۈشۈرمەي، شۇ خەتنى بېسىڭ.
ۋاقتى: 2011-8-2 18:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
维吾尔人名字翻译工具.rar مۇشۇ خەتنى بېسىپ چۈشۈرگەن نەتىجىدە يەنىلا ئوخشاش . چۈشمەيۋاتىدۇ . خاپا بوللاي چ چ غا يوللاپ بېرىپ 1139465880
ۋاقتى: 2011-8-2 18:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۇ يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشكە بەك ئاددىيكەن ، ئۆلچەملىك ئىسىم تەرجىمە يۇمشاق دېتالى بولۇپ قالغۇسى!! رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2011-8-2 18:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش پاۋىل نىڭ يازمىسى

维吾尔人名字翻译工具.rar نى چەكسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىدۇ، 确定 نى باسسىڭىز چۈشىدۇ.
ۋاقتى: 2011-8-2 21:20:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيىنچىلىق بولسا ئوتتۇرغا قۇيارسىز،تەڭ ھەل قىلىمىز!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-3 13:45:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىۋالغان بولسا، شۇ يەردە كۆرسەتكەندەك مەشغۇلات قىلىڭ.(ئاستىدىكى رەسىم شۇ)

excel2007دىمۇ نۇرمال ئىشلەيدۇ. ماكرو بىخەتەرلىكىگە تەڭشەش ئېلىپ بارماپسىز. بۇ تىمىنى كۆرۈڭ

https://uyghur-archive.com/intil/home/forum. ... amp;page=1#pid29777
بۇ قۇرالنىڭ تەرجىمە قىلىش توغرىلىق دەرىجىسى %60گە يىتىدۇ، ھازىرچە كۆپچىلىكنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللىدىم. ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغىنىنى يوللايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jahankizar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-3 18:03  

图片1.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2014-3-27 22:20 , Processed in 0.244435 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش