( مەلۇم بىر مۇنبەردىكى بەزىبىر تورداشلىرىمىزنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ بۇنى يازدىم. ئۇ يەرگە يوللىسام بۇنى تەستىقلىماسلىقى ئېنىق ، شۇڭا يەنىلا قەدىناس ئىنتىلغا يوللىدىم)
بىر توربەتتۇر ماكانى،
بىلمەس ئەدەب- ھايانى.
ئىسمى ئۇنىڭ پالانى،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
ئەزالارنى مارايدۇ،
گېپى چوڭنى يالايدۇ،
ياۋاشلارنى تالايدۇ.
مۇنبەردىكى لالمىلار.
ئامراق بولغاچ قاۋاشقا،
ئۇنى- بۇنى تالاشقا.
ئامراق يېڭى- ياۋاشقا،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
مۇستەقىل ئوي- گېپى يوق،
ياخشى كۈيلۈك دېپى يوق.
ئەركىشىدەك بېلى يوق،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
كوچا توسار ئىت كەبى،
پۇشقاقتىكى پىت كەبى.
چىدامى يوق چىت كەبى،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
چاچما بىزگە نىزانى،
تارتىپ قويغىن ئىزانى،
يىمە ھەلەق «غىزا» نى،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
ياشاپ باققىن ئادەمدەك،
ساخاۋەتچى ھاتەمدەك.
بولۇپ قالما پاتەمدەك،
مۇنبەردىكى لالمىلار.
2011- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى
( باشقا يەرگە تەۋسىيە قىلسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ) |