تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

[چاقىرىق] كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى يىغىپ لۇغەت تۈزسەك !

يوللىغۇچى: turan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-24 12:20| كۆرۈلۈشى: 524| ئىنكاس سانى: 30


كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىپ،لۇغەت قىلىپ تۈزسەك~~~~~~!

ھازىرقى دەۋر ئۇچۇر دەۋرى بولغاچقا كومپىيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك بولماقتا،شۇنداقلا ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىز چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك~~~~~!شۇنداق بولغاچقا كومپىيۇتېر ئۆگىنىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك خەنزۇچە سەۋىيسى ياخشى تورداشلارغۇ ئاسان ئۆگىنىپ كىتەلەيدىكەن،ماۋۇ خەنزۇچە سەۋىيسى ياخشى ئەمەس،بەزى تورداشلىرىمىز كومپىيۇتېر ئۆگىنشىتە سەل قىيىنىلىپ قالىدىكەن،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىقىر ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ يازمىنى يوللىدىم.يەنى كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى كەڭ تۈردە يىغىپ ئاتالغۇلىرىنى ئىمكانقەدەر ساپ ئۇيغۇرچە ئېلىپ،ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشساق بولاتتى~~~~~!بولۇپمۇ ھازىر مۇشۇ ئالىپ ئەپەندى باشلاپ مېڭىۋاتقان يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىدە بۇ خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى گەۋدىلىك~~~~~!نېمىشقا دېگەندە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرى بىرلىككە كەلگىنى يوق~~~~~!شۇڭا كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى يىغىپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئېلىكتاب ئىشلەپ توردا تارقاتساق دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن~~~~!
بۇ ئىشقا ئىنتىل ئاكام(ئىنتىل ئەپەندى)باش بولۇپ بەرسە~~~~~~~!!!

ئەسكەرتىش:بەزى تورداشلار بۇ دېگەن تىل-يېزىق كومىتېتىكىلەر قىلىدىغان ئىش بۇ دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن،ئۇنداق ئىش يوق~~~~~!چۈنكى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-ېيزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شۇ تىل-يېزىقنىڭ ھەقدارلىرى بولغان شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇرچى بار~~~~~!شۇنىڭغا بۇ ئىشنى بىر ئويلىشىپ كۆرسەك~~~~~~!

يېڭى ئىنكاسلار

turan 2010-8-24 12:25
كەچۈرۈڭلار ماۋۇ تىل-يېزىقىنى دېگننى  تىل-ېيزىقىنى  مۇنداق خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن~~~~~~!
Ozhan 2010-8-24 12:32
ئىنكاس قايتۇرۇش turan نىڭ تېمىسى
pdf ياكى باشقا تۈردىكى ھۆججەت قىلغاندىن كۆرە ، تور لۇغىتى قىلساق چۇ ؟
   
turan 2010-8-24 13:00
تور لۇغىتى قىلساق شۇ توردىلا پايدىلانغىلى بولىدىغان،تور بولمىسا پايدىلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ شۇ~~~~~~!
Intil 2010-8-24 13:14
مېنىڭچە ئاۋال بىر توربەت شەكلىدە قىلىپ ئۇچۇر توپلاپ، كېيىن ئۇنى يۇمشاق دىتال شەكلىدە تارقاتسا ياخشىراق بولىدۇ.
turan 2010-8-24 13:25
مېنىڭچە ئىنتىل ئەپەندىنىڭ دېگىنى مۇۋاپىقراق تۇرىدۇ~~~~~~~!شۇنداق قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ~~~~~~!
abral33 2010-8-24 15:14
مېنىڭچە ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېنتىل تورىدا بىر بەت ئاجرىتىپ، ئاتالغۇلارنى توپلايلى . ئاندىن ئۇنى ئاناتىلىم لوغىتىنىڭ سۆزلۈكىگە ئايلاندۇرۇپ تارقاتساق ئەڭ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.
Al-ak 2010-8-24 16:45
ئەگەردە تور لوغىتى بولسا پەقەت تورغا چىققان كىشلەرنىڭلا بۇ لوغەتتىن پايدىلىنىش ئىمانىيىتى بولىدۇ. بۇنىداق بولغاندا ئانچە مۇۋاپىق بولماس. بولسا ئامال بار سېستىما قىلىپ تۈزۈپ تارقىتىلسا.
Sezgurboy 2010-8-24 18:18
مەن ئاۋال تور لۇغىتى قىلىشنى قوللايمەن. بۇنىڭدا مۇھىمى ئۇچۇر توپلاش.
ئۇچۇر توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن دىتاللىسىمۇ بولىدۇ.
cukkunt 2010-8-24 20:56
مېنىڭچە ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېنتىل تورىدا بىر بەت ئاجرىتى ...
abral33 يوللانغان ۋاقتى  2010-8-24 15:14

مېنىڭچە بۇ تورداشنىڭ پىكرى بىرقەدەر توغرا.
شۇنداق قىلىپ باقمايلىمۇ؟
turpan 2010-8-24 22:54
مىنىڭچىمۇ ئاۋۋال كەڭ -كۆلەمدە ئاتالغۇلارنى توپلايلى (تور ئارقىلىق بولىدۇ،ئەلۋەتتە ) كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بەك كۆپ .بەزىلىرىنى چوقۇم كېلىشىپ بىرلىككە كەلتۇرۇشكە توغرا كىلىدۇ.ئاندىن لوغەت قىلامدۇق ،دىتال قىلامدۇق كېچىكمەيمىز .  قانداق دىدىم كۆپچىلىك ؟!!
Ozhan 2010-8-24 23:19
ئىنكاس قايتۇرۇش turpan نىڭ تېمىسى
ياخشى گەپ ، ئىسىمدە قىلىشچە مەخسۇس كومپىيوتېر خەنزۇ تىلى كىتابى بولىدىغان ، شۇنىڭدىن پايدىلانساقمۇ بولاتتى .
   
Intil 2010-8-25 00:06
مەن بۇلتۇر phpred دېگەن توردىشىمىزغا مۇشۇنداق ئويۇمنى ئېيتقان، ھەم توربەتلايىھەسىنىمۇ تۈزۈپ باققان ئىدىم. ئاڭغىچە تور توختاپ شۇ پېتى قالدى.
eloghli 2010-8-25 00:14
مىنىڭچە ئاۋال بۇنى توردا تور لۇغىتى شەكىلىدە تۈزۈپ سۆزلۈپ ئامبىرى توپلىساق (مۇشۇ ئاساستا بىر يۇمشاق دېتال تۈزۈپ چىقىپ سۆزلۈم ئامبىرىنى تور ئۇلانغان كومپيۇتېر بولسا تور ئارقىلىق تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېر بولسا تورسىز يېڭىلاش بولىقى ئارقىلىق)ئاندىن مۇشۇ لۇغەتنى بارا بارا مۇكەممەلەشتۈرسەك
turan 2010-8-25 09:58
مۇشۇ ئىشقا قاتنىشىدىغان بالىلار ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېما ئاستىغا يېزىپ قويساڭلار ياكى چ چ توپى قۇرامدۇق؟

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-12 01:30.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.