بىلىم ۋە ئۆگىنىش توغرىسىدا ئەقلىيە سۆزلەر
قېرى ھاسىغا تايىنىدۇ، ياش بىلىمگە.
- سوۋېت ئىتتىپاقى
قېرىغاندا ئالغان بىلىم كۈل ئۈستىگە خەت يازغاندەك، ياشلىقتا ئالغان بىلىم تاشقا تەقىش سالغاندەك بولىدۇ.
- روسىيە
ئالماسنىمۇ بىلەپ تۇرۇش كېرەك.
- ھىندىستان
ئاقىل ھەر قايسى ساھەدىن خەۋەردار بولىدۇ. لېكىن دۇنيانى بىرەر ساھەگە پىشىش بىلەن بىلىدۇ.
- ھىندىستان
بىلىمنىڭ سانى مۇھىم ئەمەس، ساپاسى مۇھىم.
- روسىيە
بىلىم دېگەن يورۇقلۇق، بىلىمسىزلىك— قاراڭغۇلۇق.
- ئامېرىكا
بىلىم ساڭا بىر جۈپ كۆز قوشار.
- سۈرىيە
مال- مۈلۈك بويۇندىكى تاقاق، بىلىم — كۆڭۈلدىكى گۈلچەمبىرەك.
- ئامېرىكا
بىلىم— كۈچ.
- ئەنگىلىيە
بىلىمنىڭ بۇلىقى كىتاب.
- گرېتسىيە
ئوت، سۇ ياخشى بولسا مال سەمرىيدۇ، بىلىم كۆپ بولسا ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ.
- موڭغۇلىيە
بىلىم خۇددى بېلىق تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ، تور قانچە كەڭ يېيىلسا، قانچە پۇختا بولسا تورغا چۈشكەن بېلىق شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
- مېكسىكا
بىلىم خۇددى شېغىل- تاش ئاستىدىكى بۇلاق سۈيىگە ئوخشايدۇ، بۇلاق چوڭقۇر چېپىلغانچە سۇ شۇنچە سۈزۈلىدۇ.
- دانىيە
بىلىم كەم بولسا پىكىر قىلغىلى بولمايدۇ، پىكىر قىلىش كەم بولسا بىلىممو بولمايدۇ.
- ياپونىيە
بىر ئۈلۈش بىلىمنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئون ئۆلۈش جۇغلانما كېرەك.
- پارس
ئۆزىنىڭ بىلىملىكلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈش ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى تەرغىپ قىلىش بىلەن تەڭ.
- ئەنگىلىيە
ئۆزىنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلىم ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
- لاتېن ئامېرىكىسى
بىلىمسىزلىك گادايلىقتىنمۇ يامان.
- بېرما
بىلىم پادىشاھلىق تاجىدىنمۇ ئەلا.
- ياۋروپا
كىيىم بىلەن ئۆزۈڭنى بېزىگەندىن كۆرە، بىلىم بىلەن مىڭەڭنى لىقلا.
- موڭغۇلىيە
دۇنيادا ئىككى خىل ئادەملەر مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ؛ بۇنىڭ بىر خىلى، بىلىم ئىزدىگۈچىلەر، يەنە بىر خىلى، باي بولۇشقا تەشنالار.
- ئەرەب
تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلار مايسا بىلەن زىرائەتكە ئوخشايدۇ، ئۆگەنمەيدىغانلار قوراي بىلەن ياۋا ئاتقا ئوخشايدۇ.
- فىلىپپىن
بىلىمنىڭ دۈشمىنى دوستىدىن ئاز بولىدۇ.
- تۈركىيە
بىلىمى يوق قىزغىنلىق يالقۇنسىز ئوتقا ئوخشايدۇ.
- ئامېرىكا
ھەقىقىي بىلىمى بار ئادەم ئۆزىنى باشقىلاردىن ئاقىل سانىمايدۇ.
- ئەرەب
بەك ۋاقىرىغانلار ھامان ئەخمەق كېلىدۇ.
- رومىنىيە
ئۇ يەردىن، بۇ يەردىن ئۆگىنىپ قويۇشنىڭ يىغىندىسى نۆلگە باراۋەر.
- گرتسىيە
سىناپ بېقىش گۇناھ ئەمەس، كۆپ سورىغان زىيان كۆرمەس.
- گېرمانىيە
سوراشقا ئامراق بول قىزارما، بىلىمسىزلىك نومۇستۇر دۇنيادا.
- ياپونىيە
ئۆگەنگەنسېرى ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى سەزگىلى بولىدۇ.
- فىرانسىيە
ئەقىللىق ئادەم سوراشقا ئامراق كېلىدۇ.
- ھىندىستان
ئېھتىياج – كەشپىياتنىڭ ئانىسى.
- گرتسىيە
يىراق يول يېقىندىن باشلىنىدۇ.
- ياپونىيە
نىشان قىلساڭ ئىگىز چوققىنى، تاپىسەن ئاخىرى چىقىش يولىنى.
- نېپال
دېڭىزنىڭ تەكتىنى بىلمەك بولساڭ بېلىقچىدىن سورا.
- ياپونىيە
سەككىز ياشلىق ئۇستازمۇ بولىدۇ، سەكسەن ياشلىق شاگىرتمۇ بولىدۇ.
- موڭغۇلىيە
ئەتراپلىق بولۇش- پۇختا بولۇشنىڭ ئاساسى.
- ھىندۇنېزىيە
قايتا- قايتا تەكرارلاش بىلىشنىڭ ئاساسى.
- گېرمانىيە
بىلىم كۈسېرى كۆپىيىپ تۇرمىسا، بارغاسېرى ئازىيىپ بارىدۇ.
- روسىيە
رەتلىك بولۇشنى ياخشى كۆرگەن ئادەم ۋاقتنى، زېھنىنى ئاسرايدۇ ھەر دەم.
- گرېتسىيە
كىتابنىڭ بىر بېتىنى ئوقۇپ ھەزىم قىلىش، پۈتۈن بىر كىتابنى چالا- بۇلا ئوقۇغاندىن ئەلا.
- ئەنگىلىيە
كىتاب بەزى كىشىلەرگە مول بىلىم بېرىدۇ. ئەمما ھەزىم قىلالمايدىغان كىشىلەرنى ساراڭ قىلىدۇ.
- ئىتالىيە
كىتاب - ئىنسانلارنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەشتىكى شوتىسى.
- سوۋېت ئىتتىپاقى
كىتاب - پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوزۇقلۇقى.
- ئەنگىلىيە
كىتاب گويا كېمىگە ئوخشايدۇ، بىزنى پايانسىز ھايات دېڭىزىغا باشلايدۇ.
- شۋېتسارىيە
بىر ياخشى كىتاب ئوقۇش بىر دوست تۇتقاندىن ئەۋزەل.
- ئاسىيا
بىر ياخشى كىتاب ئوقۇش بىر قانچە ئالىيجاناب ئادەم بىلەن مۇڭداشقانغا باراۋەر.
- گېرمانىيە
كىتابنى كۆپ ئوقۇغانسېرى روھىڭ ساغلام ۋە قەيسەرلىشىدۇ.
- سوۋېت ئىتتىپاقى
ھەر قانداق خوشاللىق كىتاب ئوقۇغاندىكى خوشاللىقتەك ئۇزاققا بارمايدۇ.
- ئەنگىلىيە
ھەركەت قىلىش تەنگە پايدىلىق بولغاندەك، كىتاب ئوقۇش روھى جەھەتتىن پايدا.
- ئامېرىكا
مول بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىشنى ئېلىپبەدىن باشلا.
- ياۋروپا
كىتاب خۇددى ئېقىن دەريا، كىشىگە ھەر ياقتىن يول باشلار.
- ئاسىيا
كىتابنى ئوقۇپ قويۇپ پىكىر يۈرگۈزمەسلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ھەزىم قىلماسلىق بىلەن ئوخشاش.
- ئامېرىكا
ياخشى كىتابنى ئاچساڭ ئۈمۈدكە تولىسەن، ياپساڭ خوشاللىقا تولىسەن.
- ياۋروپا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-29 17:46
|