ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 5

شەرەپ قۇچقان تۆمۈرچى ئەخمەد تۇردى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەرەپ قۇچقان تۆمۈرچى ئەخمەد تۇردى

مۇساجان تۇردى


تارىخىي كىتاپلاردا‹‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق قورالى كەتمەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە،ئۇنىڭ يۇرتىمىزدا ئىشلىتىلگىنىگە كەم دىگەندىمۇ 3500- 5000 يىل بولغان. ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كەتمەنلىرى  2500، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تۆمۈر كەتمەنلەرگە ئاساس سالغۇچى تاش كەتمەنلەر يۇقىرىقى يىل دەۋرىدىن1500-2000يىل بۇرۇن يۇرتىمىز بوستانلىقلىرىدا خېلى كەڭ دائىردە ئىشلىتىلگەن›› دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن كەتمەننىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەنلىگىنى بىلىۋالايمىز.

قاراشەھەر ناھىيە يوڭنىڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەخمەد تۇردى ئەنە شۇنداق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەئەنىۋىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى بولغان تۆمۈرچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېڭى كەشپىياتلارنى يارىتىپ، قاراشەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قوللىشى، ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بىرى.

ئەخمەد تۇردى ئۆز دۇكىنىدا

باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە 54 ياشلىق، تۆمۈرچى ئەخمەد تۇردى، 1970-يىلى يوڭنىڭ بازارلىق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يوڭنىڭ بازارلىق تىراكتۇر پونكىتىغا بۆلۈندى. 1975-يىلى، تىراكتۇر پونكىتىنىڭ رېمونتخانىسىدا تىراكتۇر رېمۇنت قىلىش ،تۆمۈرچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. 1975-يىلى11-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ، 1979-يىلىغىچە ھەربى ۋەزىپە ئۆتىدى. ئۇ ھەربىي سەپكە قاتناشقان4 يىل جەرياندا ئىزچىل تۈردە قىسىمنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى. 1980-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كىيىن، ئۆز ئورنىغا خىزمەتكە چۈشتى. 1983-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات تۈرتكىسدە تېراكتۇر پونكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەخمەد تۇردىمۇ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلدى. تەشكىلنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خالىمىغان ئەخمەد تۇردى رېمۇنتخانىنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنى ھۆددىگە ئېلىپ، تۆمۈرچىلىك كەسپىنى ئۆز ئالدىغا باشلىۋەتتى. ئۇ كەتمەن، ئوغراق ،پالتا تىرنا،ئارا گۈرجەك،ئىگەر جاپدۇق،زەنجىر ھالقا، قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساپ، يېقىن يىراقتىكى ھەر مىللەت دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى.

ئەخمەد تۇردىنىڭ ياسىغان ھەر خىل دېھقانچىلىق سايمانلىرى

‹‹ تۆمۇرچى ئۇستام››دىگەن نامى يېقىن يىراقلارغا تارالدى. 1997-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،ئەخمەد تۇردى دۇكىنىنى ئەمدىلا ئېچىپ تۇرۇشىغا،بىر دېھقان ئۇنىڭ دۇكۇنىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئوت تۇغراش ماشىنىسىنىڭ پىچىقىنىڭ گاللىشىپ كەسمەس بۇلۇپ قالغانبلىقىنى، بىر نەچچە قېتىم پىچىقىنى ئالماشتۇرغان بولساممۇ يەنىلا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەخمەد تۇردىدىن ئامال قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئەخمەد تۇردى دېھقان ئەكەلگەن ئوت توغراش ماشىنىسىنىڭ پىچىقىنىغىنى قۇلىغا ئېلىپ، ياساشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەسلىدىكى پىچاقنىڭ بىس قىسمىدىن  3سانتىمېتر ئەتراپىدا كېسىپ ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا پولاتتىن بىس باغلاپ ياساپ، ئۇ دېھقاننىڭ ھاجىتىدىن چىقتى.بۇ ئىش چاقماق تېزلىگىدە ئەتراپقا تارقىلىپ، پىچاق ياسىتىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچىنىڭ ئوت توغراش ماشىنىسىنىڭ پىچىقىنى يېڭىلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۆزىمۇ خېلى ئوبدان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولدى.


« كەيدۇ دەرياسى» نامىدىكى تاۋار ماركىسىنىڭ گۇۋاھنامىسى

ئۇ بىر تۆمۈرچى بولۇپ قالماستىن، ئىجتىھاتلىق كەشپىياتچى. ئۇ 2006-يىلدىن باشلاپ بوش ۋاقىتلىرىدا ئىلگىرى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بېيىتىش، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ،قوش باشلىق كەتمەن، ئارا، پالتا قاتارلىق يۈرۈشلۈك دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كەشىپ قىلىپ، شۇ ئەتراپتىكى دېھقان چارۋىچى، كەسىپداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2010- يىل 6-ئايدىن باشلاپ، چىم قىرقىش ماشىنىسىنىڭ پىچىقىنى بىسلىق قىلىپ ياساپ، بۇ خىل ماشىنىلارنى ئىشلىتىدىغان ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قىيىنچىلىغىنى ھەل قىلىپ بەردى. 2008-يىلى8-ئايدا پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 2008 - يىل، بەش قىتئە، مەشئەلنىڭ ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئولىمپىك بەلگىسىنى ياساپ، ئولىمپىك يىغىنىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ،چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان، دۆلىتىمىزنىڭ 60 يىللىق تەرەقىيات مۇساپىسىغا سىمۋول قىلىنغان 60 دانە كەتمەننى ياساپ، 2009-يىلى10-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 60 يىللىق تويىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. 2008-، 2009- يىللىرى، كەتمەن، ئوتۇغۇچ ،چانا،  ھەر خىل تىپتىكى چوڭ كىچىك ئارا قاتارلىق كەشپىياتلىرى دۆلەت ئەقلى مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 2010-يىلى 8-ئايدا ناھىيە بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن، قول ھۈنەرۋەن، كەشتىچىلىك،گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىسىدا ئۇنىڭ بىر يۇرۇش دېھقانچىلىق سايمانلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ھەر خىل كەتمەن قاتارلىق7 خىل دېھقانچىلىق سايمانلىرىغا ‹‹كەيدۇ دەرياسى›› ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، 2010-يىل8-ئايدا، دۆلەت سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ توۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن، رويخەتكە ئېلىندى. ناھىيىلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەخمەت تۇردىغا ھەقسىز تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىپ،ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ قولاي، يېزا ئىگىلىك قوراللىرىنى كەشپ قىلىشىغا مەدەت بەردى.

ئەخمەد تۇردى ئېرىشكەن شەرەپلەر

كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى
http://www.radioxj.com/show.aspx?id=3320&cid=3


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-29 18:07  

ۋاقتى: 2011-7-29 20:00:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا......
دىمەك يىزىلاردىمۇ نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەنغۇ؟
ۋاقتى: 2011-7-29 22:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىسمى خەنزۇچىدىن ئۆزگىرىپ كەيدۇ بولۇپ قاپتۇ-دە!

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-7-31 22:38
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-7-31 22:38
ۋاقتى: 2011-7-29 23:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بىر چىرايلىق « قايدۇ دەرياسى » دىگەن ئىسمى تۇرسا خەنچە تەلەپپۇز قىلساق قانداق بولغىنى
ۋاقتى: 2011-7-31 12:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخنىكىنىڭ چوڭ كىچىكى يوق پەقەت قوللىنىشچانلىقى بولسىلا بولدى.
ۋاقتى: 2011-7-31 20:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايدۇ دىگەنمۇ ئۇيغۇرچىما؟ قانداق مەنىسى بار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 15:40 , Processed in 0.123064 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat