ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 3

بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

baxtax 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
165
تىللا
337
شۆھرەت
230

تىرىشچان سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 21:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس




بەشتاش بالىلارمائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئالى ئەزالىرى ئارىسىدا -ماۋسۇملۇق دەرس تەييارلىقلىرىنى تۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدۇق. نۆۋەتتە ئادەتتىكى يىللىقلارنىڭ 1- يىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان بارلىق پەن دەرسلىكلىرىنىڭ دەرس تەييارلىقلىرى ياخشى قىلىنغان دەرس تەييارلىقلىرى ئاساسىدا كومپىيۇتىرغا كىرگۇزۇش ئاخىرلىشىپ، تەھرىرلەش خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. لىكىن ئادەم كۇچى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئۇچ يىللىقنىڭ 1-ماۋسۇملۇق دەرس تەييارلىقىنى تۇزۇشكە ئادەم كۇچى يىتىشمەي قالغان بولغاچقا كەڭ ئۇستازلاردىن بىزگە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۇچۇن 1-ماسۇملۇق دەرس تەييارلىقلىرىنى تۇزۇش ۋە تەييارلاش تەشەببۇسىنى چىقىرىشنى توغرا تاپتۇق.

    كەڭ ئۇستازلارنىڭ بىزنى قوللىشى ۋە قىزغىن قاتنىشىپ بىرىشىنى سورايمىز.

    بۇ قىتىملىق دەرس تەييارلىقى تەييارلاشتا كومپىيۇتىردا خەت ئۇرۇشنى بىلىدىغان بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار قاتناشسا بولىدۇ.

   دەرس تەييارلاش دائىرىسى: ئادەتتىكى يىللىقلارنىڭ 4-،5-،6-يىللىقلىرىدىكى بارلىق دەرسلەر، قوش تىل 3-يىللىقتىن باشلاپ يۇقىرى يىللىقلار

   بۇ قىتىملىق دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا بىردەك ئۇچ ئۆلچەملىك دەرس تەييارلىق ئەندىزىسى كومپىيۇتىر نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.WORD  ۋە EXEL  دا تۇزۇلگەن ئىككى خىل ئەندىزىنىڭ بىرىنى تاللاپ تەييارلىسا بولىدۇ.. دەرس تەييارلىقنى 18 ھەپتە بويىچە تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ ( مۇنتىزىم ئوقۇش ۋاقتى 18 ھەپتە بولىدۇ).

   دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆزى مۇستەقىل ھالدا 8-ئاينىڭ 25-كۇنىگىچە بىر ياكى بىردىن يۇقىرى پەننىڭ دەرس تەييارلىقىنى تۇزۇپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.ئالدىن دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تەييارلايدىغان پەن تۇرىنى ، يىللىقنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. ئاخىرىدا قاتنىشمەن دىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ ، ۋەزىپە ئىلىپ بولۇپ ئىشىپ قالغان پەن ۋە يىللىق دەرسلىرىنى ئاساس قىلىپ دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدۇ.

   دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى كىرك:

  1) چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى دەل ۋاقتىدا تەلەپ بويىچە تۇگىتىشى

  2) تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنى ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ۋاستە بىلەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدىن باشقا توربەت ۋە بىلوگ قاتارلىقلاردا تارقاتماسلىقى  ( شەخسى بىلوگ ۋە تور بەت بۇنىڭ سىرتىدا،بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھەقلىق سىتىش قىلمىشى كۆرۇلۇپ، تور بىتىمىزگە بىرقانچە قىتىم ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلگەچكە يۇقارقىدەك تەلەپ قويۇلدى. توغرا چۇشەنگەيسىلەر)

  3) ھەرقانداق باھانە سەۋەپ بىلەن ھەقلىق سىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماسلىقى

  4) تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنىڭ ئەتراپلىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

   دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ:

  1) بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ مەڭگۇلۇك ئىچكى ئەزالىق ھوقۇقى ( توربەت يۇزىدە ئاشكارە تارقىتىلمىغان ياكى تارقىتىلمايدىغان بىرقىسىم دەرس تەييارلىقلىرى ۋە باشقا ماتىرياللاردىن بەھرىمان بولالايدۇ)

  2) بەشتاش  بالىلار مائارىپ تورىنىڭ مەڭگۇلۇك ئالى ئەزالىق ھوقۇقى ( بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىدا تارقىتىلغان بارلىق ماتىرياللاردىن شەرتسىز بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى

  3) بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى ئىچكى چ چ توپىدا پىكىرلىشىش ھوقۇقى

  4) توربەت ياكى بىلوگ ئاچىدىغانلار بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى تەمىنلىگەن 200mb ھەقسىز بوشلۇق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تورنامىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولىدۇ.

  5) دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %5تى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ 50 يۇەندىن رەھمەت نەخ پۇل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيدۇ.( مۇكاپات ۋەزىپىنى دەل ۋاقتىدا تۇگەتكەن ئەزالارنىڭ تەييارلىغان دەرس تەييارلىقى دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ئوبىيىكتى تاللىنىدۇ.مۇكاپات پۇلى ھەقىقەتەن ئاز،لىكىن بۇ بىزنىڭ كەڭ دەرس تەييارلاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئازغىنە كۆڭلىمىز)

قاتنىشىش ئۇسۇلى: دەرس تەييارلاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئەسلى تىما ئاستىغا ئىسمى،تىلفۇن نومۇرى، تەييارلايدىغان پەن نامى، يىللىق ئايرىمىسىنى ئىنكاس قىلىپ قالدۇرسا ياكى پىكىر بىرىش ئورنىغا يازسىمۇ ۋە ياكى قول تىلفۇندا 13899107420 نومۇرلۇق تىلفۇنغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسىمۇ بولىدۇ.

ئەسلى تىما ئادرىسى :http://baxtax.cn/jiaoyan/cankao/2011/0728/2799.html

------------------------------------------------------------------------------

ئاخىرىدا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن كەڭ دوسلارنىڭ ھەرقايسى توربەت ۋە بىلوگلارغا كۆچۇرۇپ قويىشىنى ھەمدە چ چ توپى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەڭ دوسلارغا خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ئۇۇد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baxtax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-28 21:45  

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
293
تىللا
609
شۆھرەت
590

ئاكتىپ داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 00:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپات پۇلى ئاز بولسىمۇ ،ساز خىزمەت ئىكەن!!!!1 .
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1122
تىللا
1229
شۆھرەت
1965

شەرەپ تىرىشچان ئاكتىپ پىداكار تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 01:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇيمۇ ئوبدان ئىش بوپتۇ...... بۇنىڭغا مەنچە چوقۇم ئادەم كۆپ چىقىدۇ...... ئەگەر پەقەت چىقمىسا 408980097 نومۇرلۇق پىىنگىۋېىن ياردەمگە تەييار................ لىكىن مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس جۇمۇ..........
baxtax 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
165
تىللا
337
شۆھرەت
230

تىرىشچان سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 11:17:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللانغان ۋاقتى  2011-7-29 01:44
خۇيمۇ ئوبدان ئىش بوپتۇ...... بۇنىڭغا مەنچە چوقۇم ئادەم كۆ ...

سىزنىڭ قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-29 00:11 , Processed in 0.226949 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش