ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 6

QQدا پارڭلىشىش

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ دا پاراڭلىشىش
  





    _ قىزچاق ، ئىككەيلەن توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ ئەمما ئىككىمىزنىڭ يېشى ماس كەلمەيدىغان تۇرسا ؟
    _ ھىچقىسى يوق . مەن سىزنىڭ چوڭ بۇلۇشىڭىزنى ساقلاشقا رازى .
    _ ئەمما، مەن سىزنىڭ چوڭ بۇلۇشىڭىزنى ساقلاپ بولالمايمەن . مەن ئاللىقاچان 68 ياشقا كىردىم .
    _ نىم نىمە......؟ ئاناڭنى ، 68ياش تۇرۇپ تېخى ئۆزىگە << شوخ مەلىكە >> دەپ ئىسىم قۇيۇۋالغىنىنى قارا.....
**************************************************
    _ قىزچاق ، ئىككىمىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ ھا...ھا...ھا...سىز يەنە ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىسىز.
    _ ياق ، مەن چاقچاق قىلمىدىم .....راستىنلا .....
    _ بولدىلا ، چاقچاق قىلمىسىڭىزچۇ؟
    _ يەنە بىر قېتىم سىزدىن چوڭقۇر ئۆتۈنەي . بىز راستىنلا توردا يۈرۈپ قالايلى .
    _ ئەمما مەن سىزنىڭ ئۆز سىڭلىڭىز ئاكا.
    _ ھە...ۋۇي شۇم . نىمە بار ساڭا توردا .
**********************************************
    _ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ بولىدۇ . ناۋادا سىزنى كۆرگۈم كەلسە سىز كىلىپ ماڭا ھەمرا بولامسىز ؟
    _ ئەلۋەتتە . مەيلى سىز شىمالدا بۇلۇڭ ياكى ئۈرۈمچىدە بۇلۇڭ ياكى قەشقەردە بۇلۇڭ  ، سىزنىڭ مىنى كۆرگىڭىز كەلسىلا مەن يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارىمەن . ھە راست.....سىز ھازىر قەيەردە...؟
    _ مەن ھازىر ئامىرىكىدا .
___ ........
***************************************************
    _ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ بولىدۇ . سىزنىڭ تەقى- تۇرقىڭىز قانداقراق ؟ رەسىمىڭىز بارمۇ ؟
    _ ئەلۋەتتە . توردا مۇھەببەتلەشكەندىكىن تەقى - تۇرقى ئانچە مۇھىم ئەمەستۇ ؟
    _ ئەلۋەتتە مۇھىم . مەن سىزنىڭ توردا يۈرىۋاتقان 108 يىگىتنىڭ قانچىنچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسەم بولمايدۇ .
    _ ھە....108 ؟؟؟؟ ۋۇ ئاناڭنى .......
******************************************************
    _ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ سىز پارتىيە ئەزاسىمۇ ؟
    _ ياق ، بۇ مۇھىممۇ ؟
    _ ئۇنداقتا سىز ئىتتىپاق ئەزاسىمۇ ؟
    _ ھە ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس . بۇنىڭ توردا مۇھەببەتلىشىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
    - ئۇنداقتا سىز پىئونېرمۇ ؟
    _ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا ئەمەستىم . بۇنى سوراپ نىمە قىلىسىز .؟
    _ ناھايىتى ئەپسۇس ...سىز يا پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ، يا ئىتتىپاق ئەزاسى ئەمەس، ئەڭ ئاددىسى پىئونېرمۇ ئەمەس تۇرۇپ ماڭا قانداق ماس كېلىسىز...
    - ئۇنداقتا سىز نىمىش قىلىسىز ........
    - مەن سىنىپنىڭ گۇرۇپ باشلىقى ....
.......
******************************************
    - قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    - بولمىسا مىنى ئاۋارە قىلماڭ .
    _ مەن راست دەۋاتىمەن . بىز توردا يۈرۈپ قالايلى .
    _ ئىش بولمىسا مىنى ئاۋارە قىلماڭ .
    _ مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن .
    _ ئىش بولمىسا ىئاۋارە قىلماڭ .
    _ خەپ !!!..... مەن مۇشۇنداق QQ سىنى ئاپتۇماتىك جاۋاب قايتۇرىدىغان قىلىپ قويىدىغانلارغا نەپرەتلىنىمەن .
********************************************************
    _ قىزچاق . بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ ھە ، سىز مىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشالامسىز ؟
    _ ھە . مەن رازى .
    _ ئۇنداقتا سىز مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ قورساق باقىدىغانغا پۇل تېپىپ بېرەلەمسىز ؟
    _ مەن كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم . بولدى بىز يۈرمەيلى .
***********************************************
    _ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ سىز ئۇرۇشۇشنى بىلەمسىز ؟
    _ ھە . بەزىدە ئۇرۇشىمەن . ئۇرۇشالايمەن ......باشلانغۇچنىڭ 6 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 1 - يىللىقتىكى بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېپ ئۇنى دوختۇرخانىغا كىرگۇزۇپ قويغان . دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن ياتقان ئۇ .
    _ ۋاھ....سىز نىمە دىگەن قالتىس .....؟ سىزچۇ ؟ سىز ھىچنىمە بولمىدىڭىزمۇ ؟
    _ مەنما ؟ مەن تۆت كۈن ياتقان .
    _ ۋاي ، كۆزۇمدىن يوقىلە ۋاي ....كارغا كەلمەس غىتمەك .
___ .................................
***********************************************
    _ قىزچاق ، بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ بولىدۇ . بىراق ئاۋۋال دادام قوشۇلىشى كېرەك .
    _ ئاللا . ما ئىشنى . تېخى دادىڭىزدىن سورايدىغان ئىشما.....؟ قېنى دادىڭىز ؟
    _ ئۇ ھازىر ماڭا ياردەملىشىپ QQ دا خەت بېسىشىپ بىرىۋاتىدۇ ، مەن تېخى تۆت يېرىم ياشقا كىردىم .
خەت بېسىشنى ئۇقمايمەن .  
    - ھەي ئاكاش . نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟
    _ تاغا ، ياخشىمۇسىز ........
*****************************************************
    _ قىزچاق بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ ئاھ ، تەڭرىم . مەن ئاخىرى مۇھەببەتلەشتىم .
    _ سىز تېخى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ ؟
    _ شۇنداق ، مەن تېخى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىدىم . كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مىنى دىنوزاۋېر دەيدۇ . ئەمما سىز بەكلا ياخشىكەنسىز . سىز ماڭا تۇنجى سۆيگۇ ئاتا قىلدىڭىز .
    - سىز راستىنلا دىنوزاۋېرما ؟
    _ مەن ئۇنداق ھىس قىلمىدىمغۇ ؟ ئەمەلىيەتتە مىنىڭ تەقى - تۇرقىم خېلى جايىدا . ئەمما  48 ئادەم ئىچىدە 47 ئادەم ماڭا دىنوزاۋېر دەپ بېلەت تاشلىدى .
    _ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى . ھازىرلا.......
    _ يا يا يا يا يا ياق.....مە مە مە مە مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .......
    _ ماڭ ، بېرىپ ئوتتۇرا ئىرا دەۋرىگە بېرىپ ياشا .
**************************************************************
    _ بىز توردا مۇھەببەتلىشەيلى .
    _ جىنىسىڭىز ؟
    _ سىز قىز بولغاندىكىن مەن ئەلۋەتتە ئوغۇل بولىمەندە ؟
    _ يوقال !!!
    _ ؟؟؟
    _ مەن ئوغۇل بالا .
    _ !!!!

مەنبە : ئىنتىرنېت     پادىشاھ تورىدىكى ئازاد ئەپەندىنىڭ يوللانمىسى ئىكەن   .تەڭ بەھىرلىنەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم .خۇشۋاق بولۇڭلار .   

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 4   ۋاقتى: 2011-7-29 13:51
ياخشى: 4
  ۋاقتى: 2011-7-29 13:51
ۋاقتى: 2011-7-28 21:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دۇنياسىدىكى ئىشلار نىمە دىگەن قىزىقارلىق!؟
ۋاقتى: 2011-7-29 00:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت كۇلكىلىك پاراڭ خاتىرسى ئىكەنغۇ بۇ دوستلار ھە تازا كۈلۇپتىمەن
ۋاقتى: 2011-7-29 00:26:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق ئاسان .ئىش يوقتۇ ھە !!!!!!
ۋاقتى: 2011-7-29 16:23:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      راسىتنلا قىزىقكەن ھە !  ئەشۇنداقلار ............................ھەي.....
ۋاقتى: 2011-7-30 00:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستېنلا ياخشې پاراڭكەن مەنمۇ تازا كۇلۇپتېمەن
ۋاقتى: 2011-7-30 17:29:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى  مەن ئاجەپ كۈلىۋالدىم جۇمۇ ...   يالغان كۇلمىدىم راست كۇلدۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-30 17:30  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 13:33 , Processed in 0.102895 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat