ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 496|ئىنكاس: 0

دولان مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى — ئادىل مۇھەممەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ئادىل مۇھەممەت 1967 – يىلى 8 – ئايدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986 – يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1995 – يىلىغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەن. 1995 – يىلى 9 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2003 – يىلى 8 – ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2003 – يىلى 8 – ئايدىن تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش – تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مۇدىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .

ئادىل مۇھەممەت تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى 1990 – يىلى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مەدەنىيەت – سەنئەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .

ئادىل مۇھەممەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىشى ، ۋارىسلىق قىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» (2001 — 2003 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەكىت ناھىيىسى ھەمكارلاشقان تەتقىقات تېمىسى «شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىش توغرىسىدا تەتقىقات» (2005 — 2006 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك (غەربىي قىسىم) نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدا تەتقىقات» (2005 — 2006 – يىللىرى) قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى-قەدىمكى ئىزلار ئومۇمىي مەجمۇئەسى» ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى ئىشلەش ئىلمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «ئاپاق خوجا مازىرى» ناملىق تارىخىي، سۈرەتلىك مەخسۇس ئەسەرنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي ساھەسىدىكى بىر قاتار خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن 2000 – يىلى مەملىكەت بويىچە «مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

ئادىل مۇھەممەتنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «قەشقەردىكى قەدىمكى ئىزلار»، «مەكىت تارىخىدىن تېزىسلار»، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ – جۇغراپىيىسى» (1) ، «باياۋاندىكى مەڭگۈلۈك ناخشا — دولان»، «مەكىت تارىخ – مەدەنىيىتى» (ئۈچ قىسىم) ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى خوتەن»، «قەدىمكى قەشقەر»، «قەدىمكى كۈسەن»، «قەدىمكى كروران»، «قەدىمكى ئىلى›› قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى . «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى» (ئىككى قىسىم)، «جۇڭگو ۋە چەت ئەل سەيياھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى خاتىرىلىرى»، «مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر»، «شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىياتچىلىقى»، «قەشقەر» (بۇ 12 قىسىملىق ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز قىسىمىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن) قاتارلىق تارىخ – جۇغراپىيە، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەجمۇئەسى» (بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق – ئارخېئولوگىيە ۋە مۇزېي ساھەسىگە ئالاقىدار بولغان 41 قىسىملىق مەجمۇئە بولۇپ، ئاپتور بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 قىسىمنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىگەندىن سىرت، قالغان قىسىملىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن) ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى نەشرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا.

ئادىل مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى

مەنبە:http://www.radioxj.com/show.aspx?id=7288&cid=3
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 21:36 , Processed in 0.127418 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat