ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 384|ئىنكاس: 1

[ياردەم]خالىسانە ياردەم كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
254
تىللا
385
شۆھرەت
481
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 13:32:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،بۇرادەرلەر.
كومپىيۇتېر نامىلىق بۇ ئاجايىبات دۇنياغا كەلگەندىن بىرى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.جۈملىدىن كومپىيۇتېردا مۇزىكا ئىشلەشمۇ بۇ مەخلۇقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەقسەتكە كەلسەك:مەن بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 15يىل ئەتراپىدا چالغان رويالنىڭ ئورنىغا كومپىيوتېر مۇزىكىسىنى دەسسەتكىلى ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە 4يىل بولۇپتۇ.بۇ جەرياندا<<ماكان مۇزىكا مۇنازىرىسى>>،<<ئەلى مۇزىكا تورى>>،<<شىنجاڭ مىدى مۇزىكا تورى>>قاتارلىق توربەتلەردىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە بەلگىلىك ئۇقۇمغا ئىگە بولغاندىن كىيىن،ئۈزۈممۇ ئۈگەنگەچ شۇنداقلا ئۈگەنگەنلىرىمنى كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا قىزىقىدىغان تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشش مەقسىتىدە بۇلتۇر بىلوگباس سۇپىسىدا <<مەرھابا بلوگى>>نى قۇرغان ئىدىم. كۆرۈش ئادرېسى:http://marhaba11.blogbus.com/
بلوگدا ئاساسلىق كومپيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش توغرۇلۇق دەرسى ئىشلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن،(بۇيىل 3-ئاي مەزگىلىدە بىركۈنلۈك زىيارەت مىقدارى1800دىن ئېشىپ كەتكەن بۇلۇپ بلوگباس سۇپىسدا قۇرۇلغان كەسپى بلوگلارنىڭ كۈنلۈك زىيارەت مىقدارىغا سېلشتۇرغاندا بۇ نوقتنى تېخمۇ تولۇق چۈشىنىشكە بولىدۇ).لىكىن بلوگباسنىڭ مۇلازىمىتىرىدا تولا مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا مەن قىياس ئەپەندى ھەقسىز تەمنىلەپ بەرگەن بوشلۇققا ھەقسىز ئىلتىماس قىلغان ئىسمنى ئۇلاپ ۋوردپەرەس سۇپىسىدا بىلوگ ئېچىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان جاپالارنى تارىتتىم.لىكىن سەۋىيەم يىتەرلىك بولمىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەردىنمۇ ئۈزۈمنىڭ كومپىيوتېرىمدا نورمال قاچىلانغان ۋوردپەرەس نىمىشقىدۇر بوشلۇقتا ئۇڭۇشلۇق ئېچىلمىدى.ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن تورداشلاردىن ياردەم سوردۇم.لىكىن...
بەزىلەر مىنى ھەقلىق بوشلۇق ۋە ھەقلىق ئىسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلدى.شۇنداق قىلايمۇ دېگەن لېكىن بىر دوستۇم<<سەن قىينلىپ دەرسىلىك تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتقاننى ئاز دەپ يانچۇقتىن دەسمى سېلىپ كەتمىسەڭمۇ بولار!>>(چۈنكى بلوگدا ئېلان بولمىغاچقا 1 پۇڭمۇ كىرىم يوق)دەپ تاپا قىلغاچقا،يەنىلا بلوگباستا ياشاپ تۇرۇش نىيتىدە ۋوردپەرستىن ۋاز كەچكەن ئىدىم.
يېقىندىن بۇيان بىلوگباستا بىردەم رەسىم يۇقاپ كىتىپ بارغان،بىردەم نەچچە سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەييارلىغان تىما يوقاپ كىتىپ بارغان،ياردەم سۇراپ كىرگەنلەر بىلوگباستا بىلوگ قۇرمىغان بولسا ياردەم سورالماي قىينىلىۋاتقان...شۇنىڭ بىلەن بىلوگ يېزىش ئۇيۇمدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولدۇم.لىكىن نۇرغۇنلىغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى مىنى تور  ئالاقىسى ئارقىلىق ئىزدەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەمدىلا بىر ئىشلارنى بىلىۋاتقىنىنى،داۋاملىق يىتەكلەپ مېڭىشىمغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقاچقا بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
گەپنىڭ پوسكاللىسى:ۋوردپەرەس ئىشلىتىشتە بەلگىلىك سەۋىيىسى بار،ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىسانە تۆھپە قۇشۇشنى خالايدىغان(كومپىيوتېر مۇزىكىسى كومپىيوتېر دۇنياسىدا چوڭ تۈر بولغان بىلەن رايونىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس تور بەتتىن مىنڭكىنى قوشقاندا ئارانلا تۆتى بار.بۇ تۆتنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە ياردەم قىلغانلىق ئەلىۋەتتە ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىغا تۆھپە قوشقانلىق دەپ قارايمەن) ئوغلانىمىزدىن بىرسى 1-2سائەت ۋاقتنى چىقىرىپ ھەقسىز بوشلۇق (ئەلىۋەتتە كىيىنچە ئېلان قۇيۇپ قالسام ھەق تۆلەيمەن)ۋە ھەقسىز ئىسىم بىلەن(مەرھابا نامىدا بولسا تېخى ياخشى)ۋوردپەرەس سۇپىسىدا بىر بىلوگ قۇرۇپ بەرسە ياكى مىنىڭ شۇنداق قىلىشىمغا ياردەم قىلسا؟
(سىنىڭچە بولسا تەييار قىلىپ بەرسە ئاندىن يازىدىغان ئوخشىمامسەن؟ دەپ كەتمەڭلار،ئۈزۈم قاملاشتۇرالىغان بولسام بۇ تىمىنى يازمايتىم)
بۇنىڭ بەدىلىگە ئۈزۈم بىلىدىغان 100گە يېقىن مۇقۇم زىيارەتچىم نامىدىن چەكسىز رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،ئەگەر تور بىتىڭىز بولسا تور بىتىڭىزنىڭ ئىلاننى،ياكى مەسھۇلاتىڭىزنىڭ ئېلاننى مەڭگۈ ھەقسىز قۇيۇپ بىرىشكە ياكى مۇبارەك نامىڭىزنى بىلوگنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا<<****نىڭ خالىسانە ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلدى>>دەپ يېزىپ ئىشلىتشكە كاپالەتلىك قىلغان بولاتتىم.
ئالدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرگەچ تۇراي...
ئالاقىلىشش ئۈچۈن:تېلېفون  18999644201   چ چ :840898229
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-28 14:23  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
233
تىللا
529
شۆھرەت
428

ئاكتىپ ھەمكارلىق تۆھپە پىداكار داڭدار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 11:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياردەم قىلاي قېتىپ قويدۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 09:56 , Processed in 0.102601 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش