تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

[ياردەم]ئۇيغۇر كىنو تورىدىكى كىنولارنى كۆرەلمىدىم(ئادىل)

يوللىغۇچى: Adil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-23 18:36| كۆرۈلۈشى: 340| ئىنكاس سانى: 15

ئۇيغۇر كىنو تورى (www.uyghurkino.com )دىكى ئۇيغۇرچە كىنولاردىن بىر قانچىنى كۆمەكچى بولۇپ شۇنچە ھەپىلەشسەممۇ پەقەتلا قۇيۇلمايۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم .

مەن قوللانغان ئاماللار:
1. windows 7 مەشخۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باقتىم .
2. ghost xp ئىشلىتىپ باقتىم.
3. قولدا قاچىلايدىغان 安装 xp  ئىشلىتىپ باقتىم .
4. قويغۇچلاردىن mediya player نىڭ 9.0، 10.0، 11.0  نەشىرلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم، real player نى ئىشلىتىپ باقتىم ، web player نىمۇ قاچىلاپ باقتىم .
5. تور كۆرگۈلەردىن IE6, IE7, IE8 لەرنى ئىشلىتىپ باقتىم .

نەتىجىدە يەنىلا كىنو قۇيۇلماي تۇرىۋالدى . قويۇش كۇنۇپكىسىنى باسساممۇ 准备就绪 مۇشۇ خەت چىقىپلا تۇرىدۇ .

تورداشلارنىڭ بىرەر ئامال-چارە كۆرسىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا شۇنداق نورمال قۇيۇلىدىكەن .

يېڭى ئىنكاسلار

Sezgurboy 2010-8-23 19:55
بەزى كىنونى ئەزالارلا كۆرەلەيدىغان ئوخشايدۇ.
مەن ھازىر كۆرەلىگەن كىنو
كىنو ئىسمى: ئانامنىڭ خاتىرىسى
بىرىنچى بېكەت  (تىزىملاتمىغان ئەزالارغا مەخسۇس ئېچىۋېتىلگەن)
ئىككىنچى  بېكەت  (تىزىملاتقان ئەزالارغا مەخسۇس ئېچىۋېتىلگەن)
Adil 2010-8-23 20:30
مەنمۇ تىزىملىتىپ باقتىم، 3 خىل بېكەتنىڭ ھەممىسىدە سىنىدىم، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش .
svkvt 2010-8-23 21:27
مەن تىزىملاتمىدىم. كورگەن كىنولار ئانامنىڭ خاتىسى ، ئىشپىيۇن دىگەن كىنولارنى نورمال كوردۈم . ھېچقانداق كۈرۈش دېتالى قاچلىمىدىم. كومپيۇتىدا بار قويغۇچلاردىن Qvod , Gomplayer,Stormplayer  مۇشۇنداق قويغۇچلار بار.







مانا بۇ ئىشپىيۇن دىگەن كىنىونىڭ رەسىملىرى.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
Intil 2010-8-23 23:26
سىز قايسىنى كۆرەلمىدىڭىز؟
Adil 2010-8-24 00:29
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ تېمىسى


    مەن تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلىۋاتقان ئاچچىق ھايات، ئانادالىق، دىل يۈرەك، ئەزەل دېگەن كىنولىرىنى كۆرەي دېگەن (ئايالىم بەك ئامراق بولۇپ كەتتى بۇ كىنولارغا، قۇيۇپ بەرمىسەم ...) لېكىن بۇ كىنولارلا ئەمەس، مۇشۇ بېكەتتىكى بارلىق كىنولار قۇيۇلمايۋاتىدۇ .
مەسىلەن مەن كۆرەكچى بولغان كىنولارنىڭ ئادرىسى:
ئاچىق ھايات: http://www.uyghurkino.com/gqmovie/gqbflist.aspx?id=1600
ئانادالىق: http://www.uyghurkino.com/gqmovie/gqbflist.aspx?id=1616
ئەزال: http://www.uyghurkino.com/gqmovie/gqbflist.aspx?id=1654
دىل يۈرەك: http://www.uyghurkino.com/gqmovie/gqbflist.aspx?id=1607
Intil 2010-8-24 00:59
ئاچىق ھايات: مېنىڭكىدە قويۇلدى.  ئادانالى مۇ قويۇلدى.   كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ ئىسىمۇ يا؟

ئەمدى بۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ باقىلى:
realplayer نى قاچىلىدىڭىز دەپ تۇرايلى.  ئۇنى قوزغىتىپ点工具--->首选项--->连接--->带宽 دىن  正常带宽,最高带宽  نى تاللاپ  10Mdps LAN نى تاللاپ بېقىڭ.
2-  سىستېما قاچىلانغان دىسكىنىڭ بوش سىغىمى 500 م ب دىن كىچىكمۇ قانداق؟
3- سىز توردىكى ئۈن-سىنغا قارىتا مۇداپىئەسى بار بىرەر دىتال قاچىلىغانمۇ يوق؟
4- ئاشۇ بەتنى ئاچقاندا سىستېما مەنبەسىنى كۆپ ئىگىلەيدىغان قوللىنىشچان پروگرامما قوزغىتىغلىق بولسا ئۇنى تاقىۋىتىپ سىناپ بېقىڭ.
5-  باسقا توردىكى كىنولارنى نومار كۆرەلەمسىز؟  سەھەردە ياكى يېرىم كېچىدە سىناپ كۆرۈڭ. ھە راست تور كۆرگۈلەردىن IE دىن باشقىسىنى يوقۇتۇۋېتىپ سىناپ بېقىڭ.  IE نى ئىگە تەرەپ تورىدىن چۈشۈرۈب قايتا قاچىلاپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
arwah 2010-8-24 15:55
ئادىل ئەپەندىم قالدۇرغان يۇقىرىدىكى ئادرىسلاردىن كۆرمەكچى بولغان كىنولارنى  پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە ياكى چوڭراق ئېكران ھالىتىدە كۆرۈشنىڭ ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟خېلى جېدەللەششەممۇ يەنىلا شۇ كىچىك ئېكران،كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىن سەللا يىراقلاپ كەتسە تازا ئوچۇق كۆرگىلى بولمايدىكىنا ئۇنى....ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن.
Adil 2010-8-24 16:42
ئىنتىلكامنىڭ كۆپ ئىزدەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن .
كومپيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتى ۋە تور سۈرئىتىدە مەسىلە يوق، كومپيۇتېرىمنى ئالغىلى 2 ئايچە بولدى، DELL ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر، تور سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكى تور سۈرئىتىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى قىلىپ ئاچقۇزغان(2g دەمدىكەنمۇ بۇنى)
1. ئۇيغۇر كىنو تورىدىكى مەن كۆرمەكچى بولغان كىنولارنىڭ ھەممىسى mediya player نى ئاساس قىلىدىكەن، شۇڭا real player غا قارىتا سىز دېگەندەك تەڭشەش ئېلىپ بارمىغان ئىدىم .(بۇنىمۇ بىر سىناپ كۆرەي)
2. سىستېما دېسكىسى 20گىگا بولۇپ، بوش ئورۇن 15گىگادىن ئاشىدۇ(xp ھالەتتە شۇنداق، win7 ئىشلەتكەندە 13 گىگا ئەتراپىدا بوشلۇق بار ئىدى)
3. سىز دېگەندەك دېتاللارنى قاچىلىمىغان ئىدىم، ھەتتا 安装 xp   ۋە ghost xp نى ئۇياقتىن قاچىلاپلا بۇ ياقتىن كىنونىى ئېچىپمۇ باقتىم .
4. ھېچقانداق بىر پروگراممىنى ئىجرا قىلماي ئاچساممۇ يەنىلا ئوخشاش .
5. 56، شىنلاڭ،... لارغا ئوخشاش فىلاش فىلىملەر نورمال قۇيۇلىدۇ، قۇتياردىكى فىلىملەرمۇ نورمال قۇيۇلىدۇ .

شۇنداق قىلىپ يەنىلا قۇيۇلمىدى.
مەن يەنە ئامال ئىزدەپ باقاي.
ئۇستىلارنىڭ يەنە قانداق ئامالى باردۇ؟
Adil 2010-8-24 18:56
ئىنكاس قايتۇرۇش arwah نىڭ تېمىسى


    مەن ئىلگىرى مۇشۇ توردا كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا قۇيۇلىۋاتقاندا ئىكراننى قوش چېكىش ئارقىلىقلا چوڭايتىپ كۆرەتتىم، ھازىر قۇيۇلمىغاچقا سىناشقا ئامالسىزمەن .
زادى مۇشۇ تور بىكەتتە كىنو كۆرەلمەي ئۆتۈپ كىتەرمەنمۇ مەن ھە .
ئىلگىرىكى دېسكتوپ كومپيۇتېرىمدا شۇنداق نورمال كىنو كۆرەتتىم بۇ تور بىكەتتىن، خاتىرە كومپيۇتېر ئالغاندىن باشلاپلا كىنو قۇيۇلماي تۇرىۋالدى .
Intil 2010-8-24 20:46
خاتىرە كومپيۇتېر ئالغاندىن باشلاپلا كىنو قۇيۇلماي تۇرىۋالدى .

گەپنىڭ راستىنى ئەمدى دەۋاتىسىز.  سىز باشتىلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قانداقلىقى، سەپلىنىش ئەھۋالى دېگەنلەرنى دېگگن بولسىڭىز ياردەم قىلىشمۇ ئاسانراق بولىتى.   ئەمدى مەن سوراي، جاۋاپ بىرىڭ:
1- لەپتەپنىڭ ماركىسى نېمە؟ تىپىچۇ؟
2- تور سۈرئىتىڭىز قانداق؟ سىملىقمۇ؟ سىمسىزمۇ؟
3- قايسى توردكى كىنولارنى نورمال كۆرەلىدىڭىز؟
Adil 2010-8-25 00:57
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ تېمىسى


    سىز سورىغان 1-2- سۇئالنىڭ جاۋابىنى 9-قەۋەتتە قالدۇرغان ئىدىم
كومپيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتى ۋە تور سۈرئىتىدە مەسىلە يوق، كومپيۇتېرىمنى ئالغىلى 2 ئايچە بولدى، DELL ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر، تور سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكى تور سۈرئىتىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى قىلىپ ئاچقۇزغان(2g دەمدىكەنمۇ بۇنى)

تېلىگىرافنىڭ سىملىق تور (ئىلگىرىكى دېسكتوپقا ئىشلەتكەن تورنىڭ ئۆزى شۇ)
مەن مۇشۇ ئۇيغۇر كىنو تورىدىن باشقا توردىكى كىنولارنى نورمال كۆرەلىدىم . قۇتياردىكى فىلىملەرنىمۇ نورمال كۆرگەن.
Adil 2010-8-25 01:04
بۈگۈن يەنە مۇنداق بىر سىناق ئېلىپ باردىم.
خىزمەتدىشغىمۇ مېنىڭ كومپيۇتېرىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ماركىدىكى، ئوخشاش سەپلىمىدىكى، ئوخشاش باھادىكى، ئوخشاش بىر دۇكاندىكى كومپيۇتېردىن بىرنى ئالغان ئىدۇق، شۇ كومپيۇتېرنى ئۆيگە ئەكىلىپ، مېنىڭ كومپيۇتېرىمنى ئېلىۋېتىپ تور سىمىنى ئۇنىڭغا چاتتۇق، كىنو بېتىنى ئېچىشىمىزغا كىنو شۇنداق نورمال قۇيۇلدى، ئۇنىڭغا مەن win7 نى قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئالدىنقى قېتىم win7 نى قاچىلىغاندا بىرەر يەرلىرىنى تەڭشىۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن دەپ، ئۇنى قايتا قاچىلىدىم، ئەمما كىنو قۇيۇلمىدى . (ئۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە تور يوچ ئىدى، كومپيۇتېر سەۋىيسىمۇ ئادەتتىكىچىلا، مەن قاچىلاپ بەرگەن سىستېما پېتىدا ئىزلەتكەن ئىدى)
شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىممۇ يەنە يوققا چىقتى.
يەنە بىر دوستۇم بىر قېتىم ئاچقاندا قۇيۇلمىسا قايتا-قايتا يېڭىلىساڭ چوقۇم قۇيۇلىدۇ دەپتى، نەچچە 10 قېتىم يېڭىلىدىم، ئەپسۇس ، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش .
بۇ ئۇيغۇر كىنو تورىدىكى كىنولارنىڭ نورمال قۇيۇلىشى يەنە نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدىم .
Adil 2010-8-25 01:11
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ تېمىسى


    سىز سورىغان 1-2- سۇئالنىڭ جاۋابىنى 9-قەۋەتتە قالدۇرغان ئىدىم
كومپيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتى ۋە تور سۈرئىتىدە مەسىلە يوق، كومپيۇتېرىمنى ئالغىلى 2 ئايچە بولدى، DELL ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر، تور سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكى تور سۈرئىتىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى قىلىپ ئاچقۇزغان(2g دەمدىكەنمۇ بۇنى)

تېلىگىرافنىڭ سىملىق تور (ئىلگىرىكى دېسكتوپقا ئىشلەتكەن تورنىڭ ئۆزى شۇ)
مەن مۇشۇ ئۇيغۇر كىنو تورىدىن باشقا توردىكى كىنولارنى نورمال كۆرەلىدىم . قۇتياردىكى فىلىملەرنىمۇ نورمال كۆرگەن.
Adil 2010-8-25 01:12
ئادىل ئەپەندىم قالدۇرغان يۇقىرىدىكى ئادرىسلاردىن كۆر ...
arwah يوللانغان ۋاقتى  2010-8-24 15:55



بۈگۈن يەنە دوستۇمنىڭ كومپيۇتېرىدا كىنو كۆرۈش جەريانىدا پۈتۈن ئېكران ھالەاتتە كۆرۈپ باقتىم، ئاستىنقى ئىنكاسىمدا دېگەندەك ئىكراننى قوش چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى بولمىسا كىنۇ قۇيلىۋاتقان قويغۇچ يۈزىدە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى باسسىڭىزمۇ بىر تۈردىكى قىسمى تۈردە پۈتۈن ئىكران دەپ بار ئىكەن، ھازىر مەن كىنو كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا ئۇ رەسىمنى ساقلىۋالالمىدىم .

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-12 01:27.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.