+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا Photoshop Photoshopنىڭ تارىخى

كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 1
go

Photoshopنىڭ تارىخى  

Rank: 4

[?]
تۆھپە
163  
تىللا
127  
شۆھرەت
269  
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 00:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Photoshopنىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىسى Thomas Knollنىڭ دادىسى Glenn Knoll مىچاگېن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسورى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇنىڭ گەمىسى رەسىم يۇيۇش ئۆيى ئىدى. ئۇنىڭ Thomas ۋە John دېگەن ئوغۇللىرى كىچىكىدىنلا دادىشىنىڭ بۇ ئويىگە كىرىۋالاتتى. بولۇپمۇ Johnنىڭ يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان كومپيۇتېرغا بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە Thomasنىڭمۇ ئىشتىياقى قوزغالدى ۋە 1987-يىلى «ئالما» ماركىلىق MAC Plusدىن بىرنى سېتىۋالدى ھەمدە بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دووكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىشقا ئىشلەتتى.
شۇ چاغلاردا Thomas كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ كۈلرەڭ رەڭدىكى ئاق-قارا رەسىم (كونىچە ئاتىساق رەڭسىز رەسىم)نى توغرا كۆرسۈتەلمەيدىغىنىنى ھېس قىلىپ ئۆزى بىر Display ئىسىملىك يۇمتالنى ياساپ چىقىپ ئىشلەتتى. بۇ چاغا ئۇنىڭ قېرىندىشى John «پلانېتلار ئارا ئۇرۇش» فىلىمىنىڭ رېجىسورى Lucasنىڭ كىنو-فىلىملەرگە ئالاھىيدە ئۈنۈم ئىشلەش شىركتى Industry Light Magicتە خىزمەت قىلاتتى،Johnنىڭ بۇ پېروگراممېغا كۆزى چۈشتى ۋە قېردىناش ئىككەيلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق Display پروگراممىسىنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولغان سۈرەت تەھرىرلەش پروگراممېسىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار كۆپ قېتىملىق ئىسىم قويۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن كېيىن بىر قېتىملىق كۆرگەزمىدە ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن Photoshop دېگەن بۇ ئىسىمنى قارارلاپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ چاغدىكى Display/Photoshopتا رەڭلەر دەرىجىسى(Level) ، رەڭلەر تەڭپۇڭلىقى (Color blance)، تويۇنۇش دەرىجىسى قاتارلىق تەڭشەش ئىتىدارلىرى ۋۇجۇتقا چىققان ئىدى. بۇندىن سىرت John يەنە مەخۇسۇس پروگرامما يېزىپ ئېسىلمىلار (Plug-in) ئۈچۈن ئاساس سالغان ئىدى.
سودا ساھەسىدە بۇلار Photoshopنى مەخسۇس سكانېر سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ سكانېرىغا قوشۇپ ساتتى، بۇ چاغدىكى پوروگرامما ئىسى Barneyscan XP بولۇپ ، نەشىر نۇسقىسى 0.87 ئىدى . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا John يەنە باشقا سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان بولسىمۇ مۇۋاپىقيەت قازىنالمىدى. ئاخرىدا ئۇلار Adobe شىركتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت رېۋىزورى Russel Brown بىلەن ئۈچرىشىپ قالدى. بۇ چاغدا Russel Brown باشقا بىر شىركەتنىڭ ColorStudio ناملىق يۇمتالىنى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، Photoshopنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ ئاكا-ئۇكا Knollنىڭ پروگراممىسىنى تېخىمۇ ئىستىقباللىق دەپ قارىدى ھەمدە 1988-يىلى ئاۋغۇستتا ئاغزاكى كېلىشىپ ئىككىنچى يىلى ئاپىرىلدا ئاندىن رەسمىي قانۇنلۇق توختام تۈزۈشتى.
توختامدىكى مۇھىم بىر نوقتا Adobe شىركىتى Photoshopنىڭ «license to distribute» ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دېگەنلىك تارقىتىش ھوقىقىلا بولۇپ باشقا ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارغا توختام تۈزۈلمىگەن ئىدى. بۇ ئىش ئاكا-ئۇكا Knollلارنىڭ باي بولىشىغا زور ئاساس بولدى. چۈنكى، بۇ چاغدا Adobe شىركىتى Photoshopنىڭ بۇنداق مىسلىسىز دەرىجىدە تەرققىقي قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئاكا-ئۇكىلار دەسلەپكى ئىككى يىلدا 250مىڭ دوللارلىق نەشىر ھوقۇقى پۇلىغا ئېرىشكەن ئىدى.
Thomas ۋە Adobeنىڭ باشقا ئىنجىنېرلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ۋە تىرىشىشى نەتىجىسىدە 1990-يىلى فېۋرالدا Photoshopنىڭ 1.0.9 نۇسقىسى رەسمىي تارقىتىلدى. John Knollمۇ بەزى ئېسىلمىلارنىڭ ئىشلىنىشىگە قاتناشتى. بۇ نۇسقىنىڭ ھەجىمى 800 كىلوبايتىس بولۇپ، MAC سېستىمىسىدكى بىر يۇمشاق دېسكىغا سىغاتتى.
90-يىللاردا ئامېرىكا باسما سانائىتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىپ ،بېسىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرلاشتۇرۇش (pre-press) ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. Photoshopنىڭ 2.0 نۇىسقسىغا CYMK ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق بېسىشتىن بۇرۇنقى رەڭ ئايرىش ئىشلىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىختىيارى تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر ساھە_ئۈستەل يۈزى باسمىچىلىقى(Desptop Publishing) مەيدانغا كەلدى.
2.0نۇسقىنىڭ يەنە باشقا ئالاھىيدىلىكلىرى بولۇپ ، ئۇ Adobe شىركىتىنىڭ Illustrator، Doutones،Pen tool قاتارلىق ھۆججەت ۋە قورللىرىنى قوللايتتى. ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىۋى 2 مېگابايتىستىن 4 مېگاباتىسقا ئاشقان بولۇپ، يۇمتالنىڭ مۇقىم ئىشلەش ئىقتىدارى زور دارىجىدە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. مۇشۇ نۇسقىدىن باشلاپ Adobe شىركىتى Photoshopقا ئىچكى جەھەتتىن نام بېرىشنى باشلىغان بولۇپ،2.0 نۇسقىسىنىڭ ئىچكى نامى Fast Eddy ئىدى. بۇ نۇسقا 1991-يىلى ئىيۇندا بازارغا سېلىنغان.
ئەمدى نۆۋەتتىكى نۇسقىدا Photoshopنى Windows مۇھىتىدا ئىشلىتىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچكى ئاتىلىشى BrimStone دەپ بېكىتىلگەن ، MAC نۇسقىسى بولسا Merlin دەپ ئاتالغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى رەسمىي بازارغا سېلىغان يۇمتالنىڭ نۇسقا نومۇرى 2.5 بولۇپ باشقا يۇمتاللارغا ئوخشاش چېكىتتىن كېيىنكى خانىلەرنى نۇسقىنى داۋاملىق ئۆزەرتىشكە قالدۇرمىغان ئىدى. بۇ نۇسقىغا رەڭ تاختىسى (Platte) ۋە 16-bit لىق ھۆججەتنى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىدى.
بۇ چاغدا Photoshopنىڭ MACتىكى ئاسالىق رېقابەتچىسى Fractal Design شىركتىنىڭ ColorStudio يۇمتالى، Windowsتىكى رېقابەتچىسى بولسا Aldus شىركىتىنىڭ PhotoStyler يۇمتالى ئىدى. Photoshop دەسلىۋىدىلا ColorStudioنى ئارقىغا تاشلىۋەتكەن بولۇپ، Windowsمۇھىتىدا بولسا يەنە بىر مەھەل تىرىشىش ئارقىلىق رېقابەتچىسىگە يېتىشكەن ئىدى.
3.0 نۇسقىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىيدىلىكلىرىدن بىرى Layer(قەۋەت) ئقىتىدارى بولۇپ، MAC نۇسقىسى 1994-يىلى سېنتەبىردە تارقىتىلغان،Windows نەشىرى بولسا نويابىردا بازارغا سېلىنغان. ئاشۇ چاغدا يەنە بىر يۇمتال Live Pictureدا ئوخشاشلا layer ئىقتىدارى بولۇپ ، ساھەدىكىلەر Adobeنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دىيىشكەن، ئەمما Thomasنىڭ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغان.
4.0 نۇسقىسىدن باشلاپ Photoshopنىڭ ئىشلىتىش يۈزلىكىدە يۈكسىلىش بارلىققا كەلگەن. Adobe شىركىتى Photoshopنىڭ يۈزلىكىنى ئۆزىنىڭ باشقا مەھشۇلاتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشقا ھەمدە پروگراممىنىڭ ئىشلەش ئېقىمىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. دەسلىۋىدە بۇ ئىشقا كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر قارشى تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا تېزلىكتە يېڭى نەرسىگە كۆنۈپ قالغان.
مۇشۇ چاغدىلا Adobe شىركىتى Photoshopنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنى پۈتۈنلەت سېتىۋېلىشقا بەل باغلىغان. 1995-يىلى Adobe شىركىتى ئاكا-ئۇكىلار بىلەن بولغان كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 3مڭليارد 450مىڭ دوللار بىلەن بۇ يۇمتالنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.
5.0دى باشلاپ Photoshopقا History(تارخ) ئۇقۇمى قوشۇلدى، بۇ ئۇقۇم بۇرۇنقى پۇشايمان قاچىسى Undo بىلەن ئوخشىمىغان بىر ئىقتىدار بولۇپ، پۈتۈن ساھەنىڭ زور دەرىجىدە ئالقىشىغا ئېرىشتى. رەڭ باشقۇرۇشمۇ 5.0 نۇسقىسىنىڭ يېڭى ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئىقتىدار دەسلەپتە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ئىقتىدارنىڭ Photoshop تارىخىدىكى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆزەۈرۈش ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى . (مەسەلەن : باشقا كومپيۇتېردا نورمال ئېچىلغان ۋە كۆرۈنگەن رەسىم يەنە بىر كومپيۇتېردا بەلكىم باشقا بىر رەڭدە كۆرۈنىشى مۇمكىن، بۇ دەل ئاشۇ رەڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىشى. تەشنادىن). بىر يىلدىن كېيىن Photoshopنىڭ 5.5 نۇسقىسى تارقىتىلىپ Web ئىقتىدارى ۋە ImageReady دىگەن قورال قوشۇلدى.
2000-يىلى سېنتەبىردە تارقىتىلغان 6.0 نۇسقىسىغا ئاساسەن باشقا قورالللار (يۇمتاللار) بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلدى، ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدار 2002-يىلى مارتتا تارقىتىلغان 7.0 نۇسقىسىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
Photoshop سودا ساھەسىدە زور مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، 21-ئەسىرنىڭ دەشلەپكى يىللىرىدا خىرىسقا دۇچ كەلدى، بولۇپمۇ سىفىرلىق رەسىملەرنىڭ دەسلەپكى نۇسقىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە باشقا شىركەتلەر قاتتىق دېتال بىلەن بىرلىكتە تەمىنلىەگەن Phasa Oneغا ئوخشاش يۇمتاللار Photoshopقا زور رىقابەت ۋە تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەن Thomas Knoll ئۆزى بىر گروپپا ئادەمگە يېتەكچىلىك قىلىپ PS RAW 7.0 دېگەن ئېسلمىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.
2003-يىلى سېنتەبىردە ،Adobe شىركىتى كوپچىلىككە يەنە بىر خۇشاللىق، Photoshop 8.0 دىيىلمەي Photoshop Creative Suite دېگەن ئىسىم بىلەن بازارغا كىرىدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپلىگەن سىفىرلىق رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، رەڭ دەرىجىسىنى ئەقلىي بىر تەرەپ قىلىش، يورۇق رايونلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن رەسىملەرنى تۈزەش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن ئېسىلمىلارنى CSنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋە ئېسىلمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.
Thomas Knoll بولسا بۇ پۈتۈكنىڭ باش قىسمىدا ئېيتىلغان دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيىسىنى تاماملىيالمىدى، ھازىر ئۇنىڭ Adobe بىلەن پەقەت توختام مۇناسىۋىتىلا بار بولۇپ، مىچاگېن شىشتاتىدىكى 1000 نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىدە خوتۇن بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇرماقتا. John بولسا يېنىلا ILM دا ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ بۇ جەريادا نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىنولارنىڭ ئىشلىنىشىگە قاتناشتى، مەسەلەن :«Mission Imposible»،«Star War Episode I-The Phantom Menace». گەرچە ILM ئىنتايىن كەسپىيلەشكەن يۇمتاللارنى ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ ، Thomas Knoll يەنىلا ئاسالىقى Photoshopنى ئىشلىتەرمىش. دادىسى Glenn Knoll يېنىلا ئالىي مەكتەپتە، ئۇ پات-پات گەمىسىگە چۈشۈپ رەسىم بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەمما گمىسى ھازىر بۇۇرنقى قاراڭغۇ ئۆي بولماستىن، پۈتۈنلەي كومپيۇتېرلاشتۇرلغان قاراڭغۇ ئۆي.
مەنبە ئىزدىيارى تورى  

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
522  
تىللا
785  
شۆھرەت
1393  
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 09:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پايدىلىق تېمىكەن.
ئەگەر ئىملادا خاتالىق بولمىغان بولسا تېخىمۇ ئېسىل بوپ كېتەركەن.  پايدىلىق تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
نىشانىم ئۈچۈن مەن پەقەت بىر يولۇچى بولساملا بولدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-9-15 04:42 , Processed in 0.226777 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.