ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 3

«تەكلىماكان ئوغلى» دا كۆرۈلگەن خاتالىقلاردىن تاللانما   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
290
تىللا
231
شۆھرەت
500
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-24 00:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالدى بىلەن ئىلقۇت ئەپەندىمنىڭ ئىملاغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.


ئەسلى تېما

مەزكۇر يازما كەمىنىنىڭ «ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدا ئۈمىد بارمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدىن تاللىنىپ ئېلىندى. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نەشىردىن چىققان كىتابلاردىن بىر كۆرۈنۈش

ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت (پەنگىيار)


مەن بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ يېڭى رومانى «تەكلىماكان ئوغلى» نى ئوقۇشنى تاماملىدىم. بۈگۈن مەن بۇ يەردە مەزكۇر روماننى ئوقۇغىنىمنى پەش قىلماقچى ئەمەس،  لېكىن بۇ روماننى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كىيىن، ناھايىتى خوشال بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم.

خوشال بولغىنىم: يەنە دېسەم يەنە شۇ، مەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى، تىلىنىڭ تەبئىي، جانلىقلىقى قاتارلىقلار ھەقىقەتەن ھوزۇرلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىدە مەيلى تىل ئىشلىتىش جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىش، زىددىيەت تۇقۇنۇشلىرى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشتە ھەقىقەتەن يۇقىرى ماھارەت ياراتقان.

ئەپسۇسلانغىنىم: مەزكۇر كىتابتا ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىكەن. مەن تۆۋەندە بۇ كىتابتىكى ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن جايلارنى ئەسلى جۈملە بۇيىچە كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

1.ئەسلى جۈملە: ئارقا تەرەپتىن قالايمىقان ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈرىكى قارتتىدا قىلپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 33-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قىلپ

توغرىسى: قىلىپ

2. ئەسلى جۈملە: ھەي دېۋەڭ، چەپىلىقۇش، ئۆتكەندە دېدىمغۇ..... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 54-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: چەپىلىقۇش

توغرىسى: پەپىلىقۇش

3. دۈيجاڭ، - كامال مۇلايىملىق بىلەن بىلىندى،- ...... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 60-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: بىلىندى

توغرىسى: يىلىندى.

4. –ۋاي يۇڭ كەسكىن ئادەم،- دېدى ھاشىم.....(بىرىنچى قىسىم كىتاب 86-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ۋاي يۇڭ

توغرىسى: ۋاڭ يۇڭ

5. .....ئۆرۈك شېخىغا ئېسىلغات سېۋەتكە توكتى...(بىرىنچى قىسىم كىتاب 112-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئېسىلغات

توغرىسى: ئېسىلغان

6. ئەمىسە ئىگەمبەردىكامنىڭ ياتقان-كۆرپىلىرىنى قالدۇرۇپ قويىمىزما؟(بىرىنچى قىسىم كىتاب 119-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ياتقان-كۆرپە

توغرىسى: يوتقان-كۆرپە

7. ئەمدى غېرىچ قالغاندا مەسىلە چىقىرىپ قويمىسىمۇن دەپ تاپىلىدى.(بىرىنچى قىسىم كىتاب 134-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قويمىسىمۇن

توغرىسى: قويمىسۇن

8. ۋاي يۇڭنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 165-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ۋاي يۇڭ

توغرىسى: ۋاڭ يۇڭ

9. چوڭ چاينەك چايدىن بىرنى بۇيرۇتتى. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 168-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: چاينەك

توغرىسى: چەينەك

10. چېيىڭىز كېلەمدۇ ياكى ياكى ئورۇن-يوتقاننى ئېلىپ كېلەيمۇ؟ (بىرىنچى قىسىم كىتاب 169-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: بىر «ياكى» سۆزى ئارتۇق بولۇپ قالغان

توغرىسى: چېيىڭىز كېلەمدۇ ياكى ئورۇن-يوتقاننى ئېلىپ كېلەيمۇ؟

11. ياتاق ئالدىدىكى ئېۋرىقتا يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن......(بىرىنچى قىسىم كىتاب 174-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئېۋرىقتا

توغرىسى: ئېرىقتا ( بۇ سۆزنى مەن يەرلىك شىۋىمىكىن دەپمۇ ئويلىدىم، لېكىن بۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەم ئۇچرىتىپ باقمىغان، شۇڭا خاتا بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.)

12.  ماتىرىيال كۆرىۋاتقان ۋاڭ يۇڭ چۆچۈپ قارىدىم. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 175-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قارىدىم

توغرىسى: قارىدى (چۈنكى كامال ئىشىكنىمۇ چەكمەي كىرگەندە ۋاڭ يۇڭ ماتىرىيال كۆرىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ كامىلغان چۆچۈپ قارىدى.)

13. بىر چاينەك چاي بىلەن بەزىدە زاغرا، بەزىدە گىردە يەپ.....(بىرىنچى قىسىم كىتاب 177-نەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: چاينەك

توغرىسى: چەينەك

13. ئىشكاپقا سالدى-دە، قۇلۇپلاۋەتتى.(بىرىنچى قىسىم كىتاب 194-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قۇلۇپلاۋەتتى

توغرىسى: قۇلۇپلىۋەتتى

14. چاۋار سېنى يوش قويىۋەتمەيدۇ. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 219-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: يوش

توغرىسى: بوش

15. تامغا قۇلاق يېقىپ گۇدۇڭ-گۇدۇڭلاردىن باشقىىسىنى ئاڭلىيالمىغان.... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 244-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: باشقىىسىنى (دىققەت، بىر دىش كۆپ بولۇپ كەتكەن.)

توغرىسى: باشقىسىنى

16. كېسىپ ئېيتىمەنكى ئۇ بىر ئىشپىرۇن! (بىرىنچى قىسىم كىتاب 265-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئىشپىرۇن

توغرىسى: ئىشپىيۇن

17. ئىگەمبەردىگە ئاپىرىپ بەر،.... كۆرگەن بىلگىنىنى قويماي سۆزلە...(بىرىنچى قىسىم كىتاب 295-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: بىلگىنىنى

توغرىسى: بىلگىنىڭنى

18. بۇزۇق ئۇنسۇرنى قانات ئېلىپ.....(بىرىنچى قىسىم كىتاب 297-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: «قانات ئاستىغا ئېلىپ...» دىكى «ئاستىغا» چۈشۈپ قالغان

توغرىسى: بۇزۇن ئۇنسۇرنى قانات ئاستىغا ئېلىپ.....

19. قېرى توغراققا يېقىنلاشقانسېرى دېمى كېسىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى..... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 308-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: كېسىلىپ

توغرىسى: قىسىلىپ

20. قۇمتام كەنتى قاپقاپنى ئېچىش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى.(بىرىنچى قىسىم كىتاب 373-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قاپقاپنى

توغرىسى: قاپقاقنى

21. ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئاستن-ئۈستىن قىلىدىغان...... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 378-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئاستن-ئۈستىن

توغرىسى: ئاستىن-ئۈستىن

22. خەت ۋە خەۋەرلەر ھەمە كۆڭۈل بۆلىدىغان.... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 379-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ھەمە

توغرىسى: ھەممە

23. قارىرىقۇيۇقلا تۇتۇپ سۇلايدۇ.... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 392-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قارىرىقۇيۇقلا

توغرىسى: قاراقۇيۇقلا

24. مەنىمۇ شۇنداق ئويلىغان.... (بىرىنچى قىسىم كىتاب 444-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: مەنىمۇ

توغرىسى: مەنمۇ

25. بۇ چاغقىچە ئۇ چوڭلارنى سەمرىتىپ كەلدىم..... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 550-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئۇ چوڭلارنى

توغرىسى: ئۈچىڭلارنى

26. ھېلى بۇ پۇتىنى، ھېلى پۇتىنى نۆۋەت بىلەن ئېگىز كۆتۈرەتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 567-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: «ھېلى بۇ پۇتىنى، ھېلى ئۇ پۇتىنى...» دىكى «ئۇ» چۈشۈپ قالغان.

توغرىسى: ھېلى بۇ پۇتىنى، ھېلى ئۇ پۇتىنى نۆۋەت بىلەن ئېگىز كۆتۈرەتتى.

27. يىغلىماڭ لەيلى، - لەيلى ئالىقانلىرىدا قىزنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 574-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: لەيلى (لەيلى يىغلاشقا باشلىغاندا، كامال ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ھەم ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا پەقەت كامال بىلەن لەيلىلا بار.)

توغرىسى: كامال

28. يېرىم يولدا گۈپپىدە يىقىلىسا، كىممۇ ئېچىنمىسۇن؟ (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 585-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: يىقىلىسا

توغرىسى: يېقىلسا

29. مەتسىدىق ئىنى، ماڭا تىگىشلىك بۇلنى بېرەي... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 658-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ماڭا (بۇ سۆزنى ئىگەمبەردى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ مەتسىدىققا پۇل بەرمەكچى، شۇڭا «ساڭا» دېيىش كېرەك، ياكى ئەگەر مەتسىدىق ئەگەمبەردىگە پۇل بېرىش شەرت بولسا جۈملە ئارقىسىدىكى «بېرەي» سۆزىنى «بەرگىن» گە ئۆزگەرتىش كېرەك.)

توغرىسى: ساڭا

30. جەۋلان ئاكام شۇ زاماتلا كېلىپ بۇلاتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 685-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: زاماتلا

توغرىسى: زامانلا

31. ئىگەمبەردىنىڭ قېينىنىسى بەردىقۇلنىڭ .... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 688-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قېينىنىسى

توغرىسى: قېيىنئىنىسى

32. كامالەت سىڭىلىللىرىنىڭ قىزى تۇرسا.... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 693-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: سىڭىلىللىرىنىڭ

توغرىسى: سىڭىللىرىنىڭ

33. ئەمدىلا گېزىت قەغىزىنى ئېلىپ ئوراپ دەپ تۇرۇشى..... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 700-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئوراپ (چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھابىل نەشىنى قەغەزگە ئورىماقچى.)

توغرىسى: ئوراي

34. ئۇنىڭ پۇلتىىپ چىققان كۆز قارچۇقلىرى..... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 713-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: پۇلتىىپ

توغرىسى: پۇلتىيىپ

35. پەپىلىقۇش دېۋەك...... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 717-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: دېۋەك

توغرىسى: دېۋەڭ

36. ھازىرغىچە ۋىلايەتلىك بىرىنچى تۈرمىدە تۇرۇۋاتاتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 734-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: تۇرۇۋاتاتتى

توغرىسى: تۇرىۋاتاتتى

37. قاتىللىق قىلىشقا ئاستىرتىن ئىس قويغانمۇ سەن. (ئىككىنچى كىتاب 753-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئاستىرتىن

توغرىسى: ئاستىرتتىن

38. جان قىيىدىغان غالچىلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلەتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 754-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: غالچىلارنىڭ

توغرىسى: غالجىلارنىڭ

39. چاۋار يەنە ئىككى باغلام پۇلنى چىقىرىپ بېرىدۇ... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 788-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: بېرىدۇ (بۇ سۆزنىڭ ئۆزىدە ئىملا خاتالىقى يوق، لېكىن ئەسەر ۋەقەلىكى بويىچە ئويلىساق، بۇ ھەرگىزمۇ «چاۋار ئىككى باغلام پۇلنى بېرىدۇ» ئەمەس بەلكى چاۋار ئىككى باغلام پۇلنى بەرگەندىن كىيىن قالغان بىر باغلام پۇلنى ئىش تۈگىگەندىن كىيىن بەرمەكچى. شۇڭا بىز «چاۋار ئىككى باغلام پۇلنى بەردى» دېيىشىمىز كېرەك.)

توغرىسى: بەردى

40. بىر قانچىلىگەن ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتاتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 802-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: قانچىلىگەن

توغرىسى: قانچىلىغان

41. ئۇنىڭدا يانداق ئات كەتمەيدۇ. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 812-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئۇنىڭدا (مەزكۇر سۆزنىڭ ئۆزىدە ئىملا خاتالىقى يوق، لېكىن جۇملە ئىچىدىكى ئورنىغا نىسبەتەن قۇشۇمچە خاتا قۇشۇلغان.)

توغرىسى: ئۇنىڭغا

42. ئۇنىڭ ئالدىدىن سالام-سەھەتسىز ئۆتمەيتتى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 819-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: سالام-سەھەتسىز

توغرىسى: سالام-سائەتسىز

43. ئەسكى ئىشلارغا سالىۋەردى. (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 837-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: سالىۋەردى

توغرىسى: سېلىۋەردى

44. «ئۇھ» دەپ ينىڭ تىل ئالدى-دە..... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 849-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: تىل («ئۇھ» دەپ يىنىڭ تىن ئالدى، ھەرگىزمۇ تىل ئالدى ئەمەس.)

توغرىسى: تىن

45. ساندۇقتىكى ئاياغنى ھاشىم ئۆزى ئالغان بولىدۇ-ھە! مانا بۇنىڭ .... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 899-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: بولىدۇ-ھە (مەزكۇر سۆزنىڭ ئۆزىدە ئىملا خاتالىقى يوق، ئەمما جۇملىدىكى ئورنىغا نىسبەتەن قۇشۇمچە خاتا قوشۇلغان. )

توغرىسى: بولىدۇ-دە

46. مەتسىدىقنى بېسىم، زورلار، قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۆلىۋېلىشقا مەجبۇرلىغان...... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 902-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: زورلار

توغرىسى: زورلاش

47. چاۋار، ئىگەمبەردى، ئىمىنلار ئىكى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاچقاندا.... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 919-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئىكى

توغرىسى: ئىككى

48. ئۇىڭغا خۇرجۇن شۇنچىلىك ئېغىر يۈك بولدىكى... (ئىككىنچى قىسىم كىتاب 968-بەت)

ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز: ئۇىڭغا

توغرىسى: ئۇنىڭغا

.......................

يۇقىرىدا مەن ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ يېڭى رومانى «تەكلىماكان ئوغلى»نى ئوقۇش جەريانىدا ئۇچراتقان ئىملا خاتالىقلىرىنى كۆرستىپ ئۆتتۈم، ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مېنىڭ بايقىغانلىرىم، يەنە بارمۇ-يوق بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.

مەزكۇر كىتابنى نەشىرىدىن چىقارغان نەشىرىياتلار: شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى ۋە شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن-سىن نەشىرىياتى (نەشىرىيات بىر ئەمەس ئىككى ئىكەن تېخى.) داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومانلىرىنى چىقىرىشتا نەشىرىياتلىرىمىز مۇشۇنداق ئىملا خاتالىقىنى سادىر قىلسا، بۇ زادى كىمنىڭ مەسئولىيىتى؟ ھازىر ئۇيغۇرچە كىتاب چىقىرىش تەس بولۇپ كەتتى دەپ قاقشايمىز-يۇ لېكىن مۇشۇنداق نەشىرىدىن چىققان كىتابلىرىمىزنىڭ ئىملاخاتالىقلىرى بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى.!!!!

مېنىڭ قانداقتۇر نەشىرىياتچىلىقىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ تاپقۇممۇ يوق، بولسىغۇ مەتبۇئات بۇيۇملىرىمىز ئادەمنى خوشال قىلغۇدەك( ئىملا خاتالىقى بىر كىتابتا بەش-ئالتە جايدا كۆرۈلسىغۇ مەيلى، لېكىن ئۈستىگە قارىساق بىر روماندا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆزلەر 45 تىن ئېشىپ كەتسە، مەنغۇ بەزى سۆزلەرنى قىسقارتىۋەتتىم، ئۇلارنىڭ يەرلىك شىۋە ياكى ئەدىبىي تىل ئىكەنلىكىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي ئامالسىز قىسقارتىۋەتتىم، بولمىسا بىرەر يۈزدىن ئېشىپ كېتەركەنتۇق. يەنە بىر سۆزنى كىتابتا ئىككى خىل ئىملادا ئالغان جايلارمۇ كۆپ ئىكەن، مەسىلەن، كىتابنىڭ بېشىدا «ئەيسايۇف» دەپ ئالغان ئىسىم كىتابنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ئەسايۇپ» دەپ ئېلىنغان، يەنە نۇرغۇن سۆزلەردە خاتالىق بار دەپ قارايمەن. مەسىلەن، بىز مۇنۇ بىر جۈملىگە قاراپ باقايلى: « -ماقۇل ئانا، - كامال ئېغىر تىندى،- ھازىر يېزىلىق ھۆكىمەتكە يېغىنغا كەتكەن كەنت كادىرلىرىنى قايتۇرۇپ كەلكىنى قۇمچاقارغا بارىمەن. (بىرىنچى قىسىم كىتاب 138-بەت)» مەن زادى بىلەلمىدىم، بىز بۇ يەردىكى «كەلگىنى» دېگەن سۆزىنى ئېغىز تىلىمىز بۇيىچە «كەلگىلى» دەيتتۇق، لېكىن مەزكۇر روماندا بۇنداق جۈملىلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىكەن. مەن زادى بىلەلمىدىم بىز زادى «كەلگىلى» دەمدۇق ياكى مەزكۇر كىتاب بۇيىچە «كەلگىنى» دەمدۇق؟ بىزنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېغىز تىلىمىز قاچانلاردىن بىر بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنك؟ بۇ سۇئالنى بىز ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ كىتابتا بۇنداق ئىشلەتكەن جۈملىلەر ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، مېنىڭ ئۇلارنى بىرمۇ-بىر قايتا يېزىپ ئولتۇرۇشقا ۋاختىم يار بەرمىدى.)

مەنبە http://ilqut.blogbus.com/logs/64229981.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dostingiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-11 21:54  

ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1120
تىللا
1222
شۆھرەت
1960

شەرەپ تىرىشچان ئاكتىپ پىداكار تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-24 12:13:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى نىمىكىن دەپتىمەن؟ يەنە شۇ ئېملا ئىشىكەندە؟
گەپ  بولسىلا بولىۋېردىكەن..... مەسىلەن يۇقىردىكى يازمىدا ‹ياتقان-كۆرپىلىرىنى....› دىگەننى خاتا دەپتۇ...
ئەگەر ‹ياتقان كۆرپىلىرى...› دىگەن بولسىمۇ توغرا بولاتتىكەن!
ئوبدان يىزىپتۇ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
290
تىللا
231
شۆھرەت
500
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 21:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2011-7-24 12:13
تىخى نىمىكىن دەپتىمەن؟ يەنە شۇ ئېملا ئىشىكەندە؟
گەپ  ب ...


ئىملاغا سەل قارىماڭ دوستۇم، ئىملا دېگەن تىلنىڭ جېنى.
ئەستايىدىل قاراپ بېقىڭ ، توغرىسى «يوتقان-كۆرپىلىرى» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dostingiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-11 21:52  

turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2421
تىللا
2435
شۆھرەت
4515

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 23:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشۇ نەشىرياتتىكىلەرمۇ جانباقتى بولۇپ كەتتى .  ھېچقانداق مەسئولىيەت تۇيغۇسى يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 17:11 , Processed in 0.370196 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش