ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ ھەققىدە راي سىناپ باقىلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
924
تىللا
564
شۆھرەت
1416
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 11:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈدۈك، ۋاي-ۋۇي، تونۇش، كىم دوست دەمدۇ ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگلارمۇ كۆپىيىپ قاپتۇ، بىر-ئىككىسىگە كىرىپمۇ باقتىم 1-2 قۇر خەتتىن ئارتۇق نەرسە يازغىلى بولمايدىكەن يا مەن ئىقتىدارىنى بىلەلمىدىممىكىن، شۇڭا بۇ ھەقتە بىر راي سىناپ باققۇم كەلدى، باشقا قاراشلار بولسا قالدۇرارسىلەر.
(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار
 
23.08% (3)
 
15.38% (2)
 
15.38% (2)
 
30.77% (4)
 
15.38% (2)
 
ئەجرى قىل،دەرياغا سال

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
389
تىللا
528
شۆھرەت
693

سالاپەت ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 21:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرۇزنى كۆپ ئىشلىتەتتىم ... نىمىشقىكىن بىلمىدىم ئۆزىچىلا ئچىلماس بولدى...بەك جىق كۈندىلىك خاتىرەم باتتى...نەچچە قىتىم بىكەت باشلىقىنىڭ چ چ رىغا خەت يازغان بولساممۇ جاۋاپسىز...
گۈدۈككە قارىغاندا نۇرۇز ياخشىتى بولمىسا
دەي دىسەم تىلىم كۆيىدۇ،دىمەي دىسەم دىلىم
serdar 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
242
تىللا
434
شۆھرەت
458
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 23:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو بلوگ دېگەن سۆزدىن چىقىپ تۇرىدۇ ، مىكرو ـــ كىچىك ، ئەپچىل  ، قوللىنىشچان دېگەن سۆزلەرگە يېقىن ..
مۇنبەرلەردىكى كۆپ يازمىلاردىن كىشىلەر زېرىكىش ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغاچقا ، كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ ۋاقت كۆز قارىشى ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئاز ھەم ساز مەزمۇن يوللاش تۈسىنى ئالغان مىكرو بلوگلار جانلىنىشى مۇمكىن .

مۇشۇ مۇنبەر سېستىمىسىنى مىسالغا ئالساق ،  Discuz سېستىمىسى باشتا چىققاندا بەك چۇۋالچاق ، ئورۇنلاشتۇرۇش زىچ ئىدى ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ، تورچىلارنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ، قوللىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ھازىرقىدەك  سۈزۈك ، مەزمۇن ئىخچام ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەكىلگە كەلدى . يەنە مىسالغا ئالساق windows سېستىمىسى ، ئالما سېستىمىسى ، لىنۇكىس سېستىمىسى ............ھەممىسىنىڭ ھازىرقى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە .

دېمەك بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېچىلغان مىكرو بىلوگلارنىڭ تەرەققى قىلىشىنى قوللايمىز ، ھەم كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە يېقىنلىشىشىنى خالايمىز .
مەن شەخسەن ، 人人网 ، 新浪微博، 腾讯微博.....قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ... چۈنكى ، ئۇ سەھنىدە تور تېخنىكىلىق مەسىلىلەر كۆپ ، يېڭى تېخنىكىلار يوللۇنۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىمىزدا ئېيتىلغان مەدەنىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان ، بىر ئوقۇپلا  چۈشۈنەلەيدىغان مەزمۇنلار بولمىغاچقا قىزىقمايمەن . ( بۇ ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ قارىشى )

ھازىر تور دۇنياسىدا ئېچىلغان بېكەتلەردىن  65933 ،  33591 ، 163888 ،  ifenbei ....قاتارلىقلىرى خۇددى ئۇلىنىش بېكەتلىرىدەك بىر ئۇدۇم بويىچە  ئادەم كۆپەيتىپ ئېلان قويۇپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى ، قويغان ئېلانلىرىدا سېرىق ئېلانلارنىڭ كۆپلەپ كۆرۈنىشى ، مەدەنىيەتلىك يازمىلارنىڭ يوق بولىشى سەۋەبلىك پات ئارىدا تاقىلىش گىرداۋىغا بېرىش ئېھتىمالى بار بولىشى مۇمكىن .
شۇڭا بىز داۋراڭ سېلىۋاتقان مىكرو بلوگ ھەرگىزمۇ چەچى ــ پەچى يازمىلارنى يوللايدىغان جاي بولۇپ قالسا تەرەققىي قىلالمايدۇ .

يۇقارقى ئابزاسنى يىغىنچاقلىسام :   باشقا تىلدىكى بلوگدىن ، ئۆز تىلىمىزدىكى كەسىپلەشكەن بلوگلارنىڭ مۇنتىزىم بىر ياكى ئىككىسى چىقسا ،  بىز شۇ بوگلاردىكى ساپ مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ ئېڭىمىز بىلەن بىرلەشتۈرسەك دېگەن قاراشتىمەن .

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 0   يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 18:51:41
dihanogli  ياخشى: 0
ياخشى پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 18:51:40
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 06:41 , Processed in 0.165101 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش