ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 6

ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

taylak   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1052
تىللا
2116
شۆھرەت
1873

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 00:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھەر بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى بولىدۇ. مەرھۇم ئاتاقلىق شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ بىر كۇپلىت شېئىرىدا

ئۇيغۇرتىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇرتىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليۇن بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇرتىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى ھەقداسى.



دىگەندەك ئۇيغۇر تىلى ئانا تىلىمىز. مەقسەتكە كەلسەم بىرقىسىم تورداشلىرىمىز تىما ئىنكاسلارنى يوللىغاندا ئىملا خاتالىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم. يېزىقىمىزنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن. تىما ئىنكاسلىنى يوللىغاندا يېزىق ئىملاسىغا دىققەت قىلساق. ياكى تەھرىرلىگۈچتىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ.  تۆۋەندە ئىملا خاتالىقىغا ئائىت بىر مىسال بىرىلدى.

ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتى


مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى بولۇپ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا، كۆپ پۇل كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا ـ كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ. ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار !

شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى. بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشى پوقتا. كۆرۈنىشى كۆركەم  ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان. ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ. پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ  ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ . كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !
xx قۇرۇلۇش شىركىتى


مەنبە : « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2006 – يىلى 22- ماي سانىدىن

توردا ئىملا تەكشۈرۈش:يولغۇن تور ئىملا تەكشۈرگۈچ

توردا ئىملا تەكشۈرۈش:تور ئىملاچىسى

كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:ئىلغار تەھرىرلىگۈچ

كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:كەنجى كوررىكتورى

كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ

VB6.0 ياشار ئىملا تەكشۈرگۈچ 1.0 نى قۇشۇمچە ھۆججەتتىن چۈشۈرۈڭ.
点击进入下载-yashar_imla1.0_tor.rar بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taylak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-6 14:49  

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 4   يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:05:35
alnuri  ياخشى: 4
قوللايمەن. ئىملاغا ۋە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا دىققەت قىلايلى!  يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:05:34
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3344
تىللا
3289
شۆھرەت
8839

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۈگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش، ئىشەك بولما.» دىگەن جۈملىدىكى «،» نى چۈشۈرۈپ قويۇپ، «ئۈگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش ئىشەك بولما.» دەپ يېزىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقتەك بىر ئىش بوپتۇ دە؟
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
416
تىللا
866
شۆھرەت
792

ئاكتىپ داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 01:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە مۇنداقمۇ بولغانىكەن «كەچۇرۇم يوق، ئۆلۇم»نى ،«كەچۇرۇم،يوق ئۆلۇم»گە ئۆزگەرتىپ بىر جاننى قۇتقۇزۋالغان ئىكەن.
بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،سورماسلىق ئەيىپ ~

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
326
تىللا
328
شۆھرەت
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 03:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىم   .  ئاۋۇ تەھرىرلىگۈچنى ئىشلىگەنلەر بىر توربەت تەھرىرلىگۈچ تارقاتسا... بىز ئىنكاس يازىدىغان تىما يازىدىغان جايلارغا شۇ تەھرىرلىگۈچنى ئىشلەتسەك . مەسلەن ئالىي ئىنكاس | يازما يوللاش | ئىملاتەكشۈرۈش     دىگەندەك...
بۇنداق بولغاندا مىنىڭچە پايدىسى كۆپ ئىدى...
wahed 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
210
تىللا
1007
شۆھرەت
783
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 08:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى توغرا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغاندا ‹‹ياخشى›› سۆزىنى مىسال قىلىپ ئالىدىغان. يەنى ‹‹ياخشى››  دىكى ‹‹ي›› نىڭ بىر چىكىتى كۆپەيسە ‹‹پاخشى››،   ‹‹ي››  نىڭ چىكىتى ئازايسا ‹باخشى›› دىگەندەك. ئىملا خاتالىقىغا قەتئى يول قويۇشقا بولمايدۇ. ھەتتا بەزىدە بىر چىكىتنىڭ ئاستىن ئۈستۈن بولۇشى بىركىشىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۈمكىن. مەلۇم بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان بىر  خەت ئۇرغىچى بىر ئۇقتۇرۇشقا ‹‹بارلىق جايلار›› نى ‹‹بارلىق خايلار›› دەپ ئۇرۇپ قويۇپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاننى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wahed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-20 08:32  

taylak   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1052
تىللا
2116
شۆھرەت
1873

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى بولىدۇ. مەرھۇم ئاتاقلىق شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ بىر كۇپلىت شېئىرىدا

ئۇيغۇرتىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇرتىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليۇن بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇرتىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى ھەقداسى.



دىگەندەك ئۇيغۇر تىلى ئانا تىلىمىز. مەقسەتكە كەلسەم بىرقىسىم تورداشلىرىمىز تىما ئىنكاسلارنى يوللىغاندا ئىملا خاتالىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم. يېزىقىمىزنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن. تىما ئىنكاسلىنى يوللىغاندا يېزىق ئىملاسىغا دىققەت قىلساق.

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1163
تىللا
6403
شۆھرەت
1929

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 16:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 03:19 , Processed in 0.135128 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش