ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3190|ئىنكاس: 10

ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى1.1

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى1.1  نەشرى تارقىتىلدى .
بۇ دىتال گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىتالچىلىقى ۋە مائارىپ ماتىماتىكا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىدتە  ( ھەقلىق ) تارقىتىلدى .
دىتالنىڭ بۇنەشرى تورداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ، مەدەت - ئىلھاملىرى نەتىجىسىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشتى.
دىتالغا ھازىرچە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان مەزمۇنلار  كىرگۈزىلدى .
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتال يىشىل دىتال بۇلۇپ بىۋاستە قوزغاتساق بولىدۇ . ئىكراننى مۇمكىن قەدەر 1024-768 قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ دىتالغا كىرىشكە بولىدۇ . مەسىلەن : ئىسمى : dihanogli 1- يىللىق 1- سىنىپ okuguqi دىگەندەك .
ئۇچۇرلار تولدۇرۇلۇپ ‹‹ مەرھەمەت›› نى چىكىپ مۇندەرىجىگە كىرىمىز . مۇندەرىجىدە سانلارنى تونۇشۇش ، قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى ، قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش  ، تەقلىدى ئىمتىھان ، ‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› ، قىزىقارلىق ئويۇن ، قاتارلىق سەھىپىلەرنى خالىغانچە ئاچساق بولىدۇ .
سانلارنى تونۇشۇش سەھىپىسىدە

سانلارنى تونۇش ، 1 دىن 5 كىچە سانلارنى تونۇش ،  1دىن 5 كىچە سانلارنى ساناش ،1 دىن 5 كىچە سانلارنى يېزىش ،  6دىن 10 غىچە سانلارنى تونۇش ، 6دىن 10 غىچە سانلارنى  ساناش، 6دىن 10 غىچە سانلارنى   يېزىش ، . . . .   قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .مەزمۇنلار ئاممىباب ، ئىخچام ، چۈشىنىشلىك  قىزىقارلىق بولۇپ مەىشق قىلغۇچى ھەرگىز زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ.

قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى  سەھىپىسىدە ماتىماتىكىنى ( 1 دىن 9 غىچە بولغان سانلارنى )رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىشكە ،  بولىدۇ .

قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش  سەھىپىسىدە  رەسىمگە قاراپ قوشۇشنى ئۆگىنىڭ ، رەسىمگە قاراپ ئېلىشنى ئۆگىنىڭ ،  قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش  ، ئىكرانغا قاراپ ئۆگىنەي ، قىزىقارلىق قوشۇش ، مۇسابىقە مەيدانى ، قوشۇش ۋە ئېلىش . . . قاتارلىق تۈرلەر بار.

خالىغان تۈرگە كىرىپ مەشىق قىلساق بولىدۇ  مەسىلەن:

تەقلىدى ئىمتىھان سەھىپىسىدە 1 دىن 20 گىچە بولغان سانلاردىن  ئىمتىھان ئىلىنىدىغان بۇلۇپ ،
ئۇمۇمى 6بەت ئىمتىھانغا 103 نۇمۇر بىرىلىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ( نەتىجەمنى كۆرۈپباقاي ) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ ، نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتىرسىڭىز بولىدۇ.


‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› سەھىپىسى 2 گۇرۇپپىغا ماسكىلىدىغان بۇلۇپ ، 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايسى گۇرۇپپىنىىڭ ئالغان نۇمۇرى كۆپ بولسا غەلبەقىلغانلىق ئۇچۇرى بىرىلىدۇ .

قىزىقارلىق ئويۇن   سەھىپىسىدە سانلارنى تونۇش ،  قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ۋە ئارىلاش ئەمەللەر نى  ئاساس قىلغان قىزىقارلىق  ماتىماتىكا مەشىق ئويۇنلىرى سىز گە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە  بىلىم ئاتا قىلىدۇ . بۇ سەھىپىگە  قىزىقارلىق ئويۇن، سان زاۋۇتى ،  5قوي ،     2-سان زاۋۇتى ، مۆكۈشمەك ،  باي بولۇش ، سۇدىن ئۆتۈش ،  سان ئۇلاش ، سان ئېتىش . . .  قاتارلىق ئويۇنلار كىرگۈزىلدى .


‹‹سان زاۋۇتى ››  ۋە  ‹‹قىزىقارلىق ئويۇن››   دىن بىر كۆرىنىش





دىتال بار مۇندەرىجىگە 125-138 چوڭلۇقتىكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى dihanogli.jpg نامىدا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .
دىتالغا داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار تولۇقلىنىدۇ.   (اللە خالىسا )
تەئەسكەرتىش:  دىتالنىڭ بۇ نەشرى ھەقلىق تارقىتىلدى . ئىشلىتىپ سىز گە يارىغاندىن كىيىن ، شۇنداقلا  پايدىلىنىش قىممىتى باركەن  دەپ قارىسىڭىز ، ياكى ئوماق پەرزەنتىڭىزنى مەشىقلەندۈرۈپ  تاتلىق كۈلكىسىنى  ئاڭلىغىنىڭىزدا  پۇل تاپشۇر سىڭىز بولىدۇ.   يىغىلغان پۇللار مۇشۇ دىتالنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ( بۇندىن كىيىنكى نەشرىلىرىمۇ مۇشۇ ھەقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ) پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇللىرى دىتالدا تەمىنلەندى. تەكلىپ - پىكىر لىرىڭىز بولسا :
چ چ 1438163277 تېلفۇن : 18799865714
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
?㻷??Ԙ??matimatika_1.1.rar

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-7-19 20:53
ياخشى: 5
تېخىمۇ مۇكەممەلىشىپ كەتكۈسى !  ۋاقتى: 2011-7-19 20:53
ۋاقتى: 2011-7-19 21:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانچىلىق قىلماي ئوقۇتقۇچىلىق قىلسىڭىز بولغىدەك جۇمۇ .
ۋاقتى: 2011-7-19 23:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن سىزدەك كومپىيوتىرغا ھىرسىمەن بولسا ئىش بار ئوخشايدۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭ ! دوستۇم كومپىيوتىر ساھەسىدىكى بىلىمىڭزگە قايىلىمەن
ۋاقتى: 2011-7-19 23:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى چىقىپتۇغۇ؟ ھەقسىز ھالىتىىنىڭ ئۆزى بۇنچىلىك بولغان يەردە ھەقلىق ھالىتى تېخىمۇ ياخشىدۇ؟
پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن قانداق دىتال ئىقتىدارىدا ئۆزگۈرۈش بولىدىغىنى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2011-7-20 14:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئوقۇتقۇچىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكۈدەكسىز .........................
ۋاقتى: 2011-7-20 19:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقلىق بىلەن ھەقسىزىنىڭ پەرقىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2011-7-20 23:37:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆت ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئوغلۇم بار ئىدى. «سانلارنى تونۇش»، «سانلارنى يېزىش» قاتارلىق دەسلەپكى ئىقتىدارلىرى ئۇنۇڭغىمۇ ماس كەلگۈدەك. ھازىر چۈشۈرىۋاتىمەن، سىناپ بولۇپلا چوقۇم سېتىۋالىدىغاندەكلا قىلىمەن.
ۋاقتى: 2011-7-20 23:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەپسىلى سىناپ باقتىم. كارامەت ياخشى دېتال ياساپ چىقىپسىز. ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بىر - بىرىدىن ئەقىللىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن قوشقان بۇ ئۆچمەس تۆھپىڭىزگە باركاللا!
سەمىمى تەكلىۋىم: دېتالنى سىناش جەريانىدا مۇنداق ئويلاپ قالدىم، يەنى، بىر خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا بىر ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، دېتالنى چىكىنىۋىتىپ يەنە قايتا قوزغىتىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا، دېتال قوزغالغاندىكى دەسلەپكى كۆرۈنمە يۈزگە قايتىش كونۇپكىسى باشتىن ئاخىرى چىقىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىنسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
يەنە بىر مەسىلە: دېتالنى قوزغۇتۇپ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ كۆردۈم. ھەق تاپشۇرمىسىڭىز مەشغۇلات قىلالمايسىز دىگەن ئۇچۇر چىقىپ باقمىدى. ھەقلىق دىگىنىڭىز دېتالنى ئىشلىتىپ بېقىپ يارىسا، خالىسىڭىز پۇل تاپشۇرارسىز دىگەنلىكمۇ قانداق؟ ياكى بولمىسا ھەق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭى ئىقتىدارلىرى قوشۇلامدۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-21 23:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ  دىتالغا  كۆڭىل بۆلگەنلىكى  ئۈچۈن رەھمەت .

مىنىڭ بۇ دىتالنى   ھەقلىق  (20 يۈئەن ) قىلىپ تارقىتىشىمدىكى  مەقسىدىم : دىتالنى تېخىمۇ  مۇكەممەللشەتۈرۈشتىن ئىبارەت.
بۇدىتال ھازىر  يەسلى بالىلىرىدىن   باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى  بالىلارنىڭ مەشىق قىلىشىغا ماس كىلىدىغان ھالەتتە تارقىتىلدى.
مەن بىر دېھقان بولغانلىقىم  ، ماتىماتىكا سەۋىيەمنىڭ  يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى  بۇنى تېخىمۇ  تاكامۇللاشتۇرۇش ،   يەنى  باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ، ھەتتا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ  ماس كەلگۈدك ،  ئوتتۇرا مەكتەپ ،  ئالى مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ   تەقلىدى ئىمتىھان  ياردەمچىسى  قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئىقتىسادقا تايانمىسام بولمىغۇدەك.  بۇنى تورداشلار تەھلىل قىلىپ چىقالايدۇ .

دىتالدا ‹‹ ھەق تاپشۇرمىسىڭىز مەشغۇلات قىلالمايسىز›› دىگەن ئۇچۇرچىقمايدۇ  ، لىكىن ، ‹‹  ئىشلىتىپ سىز گە يارىغاندىن كىيىن ، شۇنداقلا  پايدىلىنىش قىممىتى باركەن  دەپ قارىسىڭىز ، ياكى ئوماق پەرزەنتىڭىزنى مەشىقلەندۈرۈپ  تاتلىق كۈلكىسىنى  ئاڭلىغىنىڭىزدا  پۇل تاپشۇر سىڭىز بولىدۇ، يىغىلغان پۇللار مۇشۇ دىتالنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ( بۇندىن كىيىنكى نەشرىلىرىمۇ مۇشۇ ھەقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ›› دىگەن ئەسكەرتىشلا چىقىدۇ . دېمەك بۇ ‹‹ ئېچىۋېتىلگەن  ھەقلىق ›› دىتال بۇلۇپ ، 20 يۈئەن پۇلغا سېتىۋلىش ياكى  ‹‹ كۆزنى يۇمۇپ ›› ئىشلىتىۋېرىش  -  تورداشلارنىڭ  ئىنسابىغا  شۇنداقلا ھەقلىق دىتاللارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش ، پروگراممىرلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش .  .   .   .  ئاڭ سەۋىيىمىزگە باغلىق ، ئەلۋەتتە.
alnuri ئەپەندىنىڭ تەكلىپ بەرگەن لىكى ئۈچۈن تەشەككۈر . دىتالدا بىر خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا بىر ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئوڭتەرەپ ئۈستىدە مۇندەرىجە  كۇنۇپكىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى ،  مۇندەرىجە  كۇنۇپكىسى چىكىلسە   باش مۇندەرىجىگە قايتىدۇ ، باش مۇندەرىجىدىن تۈر مۇندەرىجىگە كىرىشكە بولىدۇ ، تۈرلەرگە كىرگەندىن كىيىن بەت ئاستىدىكى  ‹ كىيىنكى ،  ئالدىنقى › كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق  شۇ تۈر مۇندەرىجىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ‹بەت› لەرگە خالىغانچە كىرىپ   مەشىق قىلىشقا بولىدۇ مەسىلەن:  باش مۇندەرىجىدىن ‹‹ سانلارنى تونۇش ›› تۈر مۇندەرىجىگە كىرىپ  ‹‹ 1 دىن 5 كىچە سانلارنى تونۇش ››  كۇنپكىسىنى چىكىپ كىرىپ  ،   ‹ كىيىنكى ،  ئالدىنقى › كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق  سانلارنى تونۇش قا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارغا كىرىشكە بولىدۇ .  
  تەقلىدى ئىمتىھان  دا  جاۋابنى توغرا يازمىسا  كۆزنەك قۇۇلۇپلانمايدۇ  قايتا- قايتا ئويلىنىپ ئىشلەشكە بولىدۇ  لىكىن ، جاۋابنى توغرا يازسا  كۆزنەك قۇلۇپلىنىپ   دىتالنى قايتا قوزغاتمىسا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
تورداشلارنىڭ   ئەھمىيەت بەرەەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-4-19 22:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم.چىيەنناۋنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلدىغانلار ياردەم قىلساڭلار.
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
425916047       بۇ dighar  چ چ    توپىغا كىرىپ  چۈشۈرۋىلىڭ،  چۈشۈرۋىلىپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-27 21:58 , Processed in 0.168748 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat