ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2568|ئىنكاس: 17

تور رادىئو 2.0 تارقىتىلدى (تەۋسىيە)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال مەركىزى <<تور رادىئوسى 1.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىققان ئىدۇق. يۇمشاق دېتالغا قارىتا تورداشلىرىمىز قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى ۋە كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكار دوستلىرىمىزنىڭ ياىشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىز تورداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ - پىكىرىگە ئاساسەن مۇكەممەل بولغان <<شاھدىيارسوفت تور رادىئوسى 2.0>> يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىقتۇق. مەزكۇر يۇمشاق دېتال تورداشلىرىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان دېتال بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمىز.
ئەمدى 1.0 گە كەلسەك، بۇ دېتالدا ئۆزىمىز بەلگىلەپ قويغان رادىئو قانىلى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلىپ لايىھىلەپ چىققان ئىدۇق.
ھازىر 2.0 نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە رادىئو قانىلى قوشۇش، كومپيۇتېردىكى ۋە توردىكى سۈرەتلىك - سۈرەتسىز فىلىم ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈش، قوشۇلۇپ بولغان رادىئو قانىلىنى خالىغانچە كۆرۈش، تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش ۋە قانال قوشماي تۇرۇپ سىناپ كۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
يۇمشاق دېتالغا كىرگۈزۈلگەن مۇقىم كىرگۈزۈلگەن رادىئو قاناللىرى:
ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
شىنجاڭ سەنئەت رادىئوسى
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
ئىلى خەلق رادىئو ئىستانىسسى
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسى
قاتارلىق رادىئو قاناللىرى كىرگۈزۈلگەن.
مۇقىم كىرگۈزۈلگەن تېلېۋېزۇر قاناللىرىدىن:
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى 2- قانىلى، 5- قانىلى، 9- قانىلى، قازاق 3- قانىلى، قازاق 8- قانىلى، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى قاتارلىق TV قاناللىرى كىرگۈزۈلدى.
دېتالنىڭ ئەڭ قولايلىق ئىقتىدارى، QQ غا ئوخشاش ئېكراننىڭ خالىغان ئورنىدا يۇشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. رادىئو قاناللىرىنى ۋە بىر قىسىم پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويدۇق.
دېتال پەقەت 3 دانە ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان. باش ئىجرا exe ھۆججىتى، ساندان ھۆججىتى، خەت نۇسخىسى ھۆججىتى قاتارلىق ھۆججەتلەردىن باشقا ھېچقانداق ھۆججەتكە تايانمايدۇ. دېتالنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پروگرامما يېنىدىكى ىەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ۋە ساندان ھۆججىتىگە قالايمىقان چېقىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇ 3 دانە ھۆججەت بولسىلا دېتالنى نورمال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز. پروگرامما ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ساندان زاپاسلاش ئىقتىدارىنى قوشمىدۇق. پروگرامما يېنىدىكى data.db ساندانىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە زاپاسلاپ ئېلىۋېلىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن rar ھۆججىتىنى يەشسىڭىز ئىچىدە 3 دانە ھۆججەت بار. بىرسى خەت نۇسخىسى. يەنە بىرسى ساندان ھۆججىتى. مەزكۇر دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى. مۇندەرىجە ئىچىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەڭ. يۇمشاق دېتال مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى مۇشۇ يەردىن ئىشلىتىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدا Fonts ئىچىدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتى بولمىسىمۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىزلا دېتال يېنىدىكى خەت نۇسخىسىدىن ئۆزى تونۇيدۇ.(ئەگەرخەت نورمال بولمىسا دېتالنى ئۆچۈرۋېتىپ قايتا قوزغاتسىڭىز خەت نورمال كۆرۈنىدۇ )
دېتالدا بىر قىسىم خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى بولسا www.shahdiyar.com غا تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە پىكىر قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
[ئاگاھلاندۇرۇش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە ياسالدى ھەم ھەقسىز تارقىتىلدى. دېتالغا مۇقىم قوشۇلغان قاناللار توردا نورمال قويۇلۇۋاتقان قاناللاردۇر. دېتالغا قانۇنسىز، كۆرۈش چەكلەنگەن قاناللارنى قوشۇپ قويسىڭىز كېلىپ چىققان ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئېگە!  دېتال ياسىغۇچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شاھدىيارسوفت مەسئۇلىيەتنى بىردەك ئۈستىگە ئالمايدۇ! سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىلدى.

شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشخانىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Office

radio.png

چۈشۈرۈش

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-7-22 22:01
ياخشى: 5
جاپار تارتىڭلار  ۋاقتى: 2011-7-22 22:01
ياخشى: 5
رەھمەت سىلەرگە .  ۋاقتى: 2011-7-19 16:46
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-7-19 14:24

باھالاش

3

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-7-19 10:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىتال تەكلىپ پىكىر:
مەن تور رادىئو يۇمشاق دىتالىنىڭ 1.0 نۇسخسىنى تارقاتقاندا ناھايتى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم. بۇگۇن 2.0 نەشىرىنى چۇشۇرۇپ كوردۇم.
ئەمدى بۇ ئىككى نەشىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمىنى دەپ باقاي:
يىڭى نەشىرىدە كونا نەشىردىكى بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلار قوشولماپتۇ.مەسىلەن مۇقام قىتىلماپتۇ بەلكىم مۇقام قۇيۇلغان بوشلۇقتىن مەسىلەن چىققان بولسا كىرەك.ئنىتىل كىنوخانىسى قىتىلماپتۇ.كونا نەشىردە ۋاقىتنى كورسۇتۇپ تۇراتتى.يىڭى نەشردە ئۇمۇ قىتىلماپتۇ.يىڭى نەشرىدە بىر قىسىم ئىقتىدارلار قىتىلغان بولسىمۇ لكىن كونا نەشردىكىدەك دىتالىنى ئىجرا قىلغاندا ئىكراندا دىتالىنى قوزغۇتۇش ئايكۇنى چىقمايدىكەن.
يىڭى نەشردىكى ئۇنئالغۇ ئىقتىدارىنى ئىشلەتسەم دىتال پۇتۇنلەي قىتىپ قالدى. نەچچە سىنىدىم ئوخشاش.بەلكىم win7نۇرمال ئىشلىمەمدۇ بىلمىدىم.ئومومەن مەن يەنىلا كونا نەشرىنى ياقتۇردۇم. ئەلۋەتتە بۇلار مىنىڭ شەخسى قارشىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-19 11:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش tanhakalip نىڭ يازمىسى

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزدېگەندەك دېتالغا مۇقام ئاڭلاش،ۋە ئنتىل كىنوخانىسى قېتىلمىدى.12 مۇقامنى نورمال ئاڭلاش ئۈچۈن قىياس تورىدىكى 12 مۇقامغا ئۇلاپ قويغان ئىدۇق،بىرمەزگىل نورمال قۇيىلىۋاتاتتى .تۇيۇقسىزلارچىقماس بۇلۇپ قالدى .قارىسام بىزئۇلاپ قويغان ئادرېسنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ. يەنە قوشۇپ قويساق قويساق يەنە ئۆزگىرىپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ.شۇڭا كىرگۈزمىدۇق.ئىنتىل كىنوخانىسىغا كەلسەك.ئۇنىمۇ ئۇلاپ قويساق .ئادرېس يەنە ئۆزگىرىپ كەتسە 2ئىقتىدارنىڭ يەنىلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمىدۇق .
دېتالنى قوزغاتقاندا ئايكون بەلگىسى QQ دېتالغا ئوخشاش ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەت تىزىملىك سىتونىغا چىقىدۇ.سىزدېققەت قىلمىغان ئوخشايسىز.يەنە ئاۋۇ ئاۋازغا ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئۈنئالغۇ نورمال ئاۋازغا ئالىدۇ.ئۈنئالغۇنى قوزغاتسىڭىز .كۆزنەك ئو تەرەپتە ، ئاۋازغا ئېلىۋاتىدۇ دېگەن خەتنى كۆردىڭىزمۇ .بەلكىم ئوتتۇرسىدىكى سائەتنىڭ نورمال ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ.سىزگە قېتىۋالغاندەك .تۇيغۇ بېرىپ قويۇپتۇ.سائەت سىكونتى ھەر 10 سىكۇتتا بىر ئۆزگىرىدۇ. (2.5 ئىككى يېرىم سائەت ئاۋازغا ئېلىشقا بۇلىدۇ)دېتالنى يەنە تەھرىرلەپ پاخاللاشتۇرۇپ قويمايلى .دېتالنى تەپسىلى ئالدىرىماي سىناپ قىلىپ كۆرۈپ .دېتالنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرى بار. (1.0 يارىغان بولسا شۇنى ئىشلىتىۋېرىڭ كۆنگەن ياخشى ئەمەسمۇ )قالغان ئىقتىدارلارنى 3.0 دە تۈزىتىشكە تىرىشىمىز . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gairat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-19 11:07  

ۋاقتى: 2011-7-19 12:41:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېۋېزىيە قاناللىرىنى قۇشقىلى بۇلىدىغان قىلغىلى بۇلامدۇ ؟؟
ۋاقتى: 2011-7-19 13:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ھەم تورداشلارنىڭ تەقەززاسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ دېتالنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قىلىپ تۇرالىدۇق. تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۈر.
بىز بۇ دېتالنىڭ Win7 دە ئۈنئالغۇ پروگراممىسىدىن خاتالىق چىقىۋېلىپ نورمال بولماسلىقتەك خاتالىقىنى بايقىدۇق. بۇ پروگرامما جەھەتتىكى خاتالىق ياكى قوللاش جەھەتتىكى خاتالىق بولۇشى مۇمكىن.
ئۈنئالغۇ دېتالىنى ئايرىم Form ھۆججەتتە ياساپ ئاندىن مەزكۇر دېتالغا Form دىن بىرنى قىستۇرۇپ شۇنىڭغا قىستۇرۇۋەتكەن ئىدۇق. ئۈنئالغۇ يۇمشاق دېتالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ مەنبە تېمىسىغا ئىنكاس شەكلىدە چىقىرىپ قويايلى.
بۇ سەۋەبتىن تورداشلارغا كەلتۈرگەن ئاۋارچىلىقتىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز.
بىز داۋاملىق ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز.
ۋاقتى: 2011-7-19 13:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
halid1987 يوللانغان ۋاقتى  2011-7-19 12:41
تېلېۋېزىيە قاناللىرىنى قۇشقىلى بۇلىدىغان قىلغىلى بۇل ...

ردىئو قاناللىرى قوشامسىز ياكى تېلېۋېزىيە قاناللىرى قوشامسىز بۇلىۋېرىدۇ.
ۋاقتى: 2011-7-19 16:36:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ، جاپا چەكتىڭىز !
ۋاقتى: 2011-7-19 16:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قوشىمىز؟ ئۈگىتىپ قويمامسىز؟
ۋاقتى: 2011-7-19 18:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى يېشىل قىلىپ ئىشلەپسىلەر دە؟ رەھمەت چۈشۈرۈۋالدىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-19 21:15:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش ibrat نىڭ يازمىسى

دېتال پۈتۈنلەي ئەسكەرتمە كۆزنەكلىردىن تارتىپ ئويغۇرچە لايىھەلەنگەن ، بۇ سۇئالىڭىزغا نېمە دەپ جاۋاپ بەرسەم بۇلا ؟
ۋاقتى: 2011-7-20 03:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرۈنىشى ياخشى چىقىپتۇ يەنىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن رادىيو ئىستانىسسى دىگەن لەر دىكى قىزىل سېرىق رەڭلەر نى ئىشلەتمەي مائۇسنى ئەكەلسە كۈرۈنىدىغان ۋەڭگە ئەكەلسە مىنىڭچە بەك كۆركەم چىقارمىكىن تاللانغاننى رەڭلىك چىقىدىغان قىلساڭلارچۇ... ھازىرقى رەڭلەر دىتال كۈرۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇدەك..
ۋاقتى: 2011-7-20 03:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئاۋۇ ك3 ك8 دىگەنلەرنى چىقىرىۋېتىپ ئۇيغۇرچە2-قانىلى ياكى ئىقتىساد قانىلى سەنئەت قانىلى  دىگەندەك 3 ئۇيغۇرچە قانالنى چىقارساڭلار   تەكلىۋېمنى ئويلىنىپ كۆرگەيسىلەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-20 12:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش tayir55 نىڭ يازمىسى

دېتالنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ ،جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇقارقى رەڭلەرنى ئىشلەتكەن ئىدۇق.رەڭلار ئاساسەن ياخشى تاللانغان رەڭلەر كۆزگە زىيىنى يوق .رەڭلەر شۇنداق يېقىملىق قىلىپ تەڭشەلدى . دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەتكۈچىلەرگەبىرخىل يىنىڭ دېتالدەك تويغۇ بىرەلەيدۇ . سەۋەب مۇشۇ .ھەممە جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش ،ئۇنۋېرساللاشتۇرۇش ئۈچۈن .ياشلارغىمۇ ،چوڭلارغىمۇ خاس .لايىھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gairat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-20 12:55  

ۋاقتى: 2011-7-20 15:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  بۇدىتالنىڭ رەڭلىرى بەك قاملىشىپتۇغۇ شۇ ئۇن ئىلىشنى چەكسەم ئوچىۋالدىنىمە ئىشبۇ ھەم باشقاقاناللارنىمۇقوشالمىدىم مەندىكى مەسىلى مۇ ياكى دىتالدىكىمچاتاق مۇ بىلمىدىم  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2011-7-20 17:01:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  بۇدىتالنىڭ رەڭلىرى بەك قاملىشىپتۇغۇ شۇ ئۇن ئىلىشنى چەكسەم ئوچىۋالدىنىمە ئىشبۇ ھەم باشقاقاناللارنىمۇقوشالمىدىم مەندىكى مەسىلى مۇ ياكى دىتالدىكىمچاتاق مۇ بىلمىدىم  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟




بۇمو ئىنكاسمو ئەمدى مىنىڭچە ئاۋال ئۈزىمىز زادى قانچىلىك ئىش قىلدۇق ...ئويلوشوپ ئاندىن مۇنداق ئىنكاس يازساق بۇلارمىكىن دەيمەن.
مۇشۇنداق ئويلىغان بۇلساقمۇ لىكىن گەپ سۆزلەرنى سېلغايتىپمو قىلغىلىمۇ بۇلدىغۇ دۇسلار ...ئارتۇقچە گەپ قىلىپ قۇيدۇم كەچۈرسىزلەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-7 21:23 , Processed in 0.231022 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat