ئىنتىل سەيناسى 6 ياشقا كىرگەن كۈنى ( 7- ئاينىڭ 15- كۈنى ) بۇ نەتىجخنى ئېلان قىلىش بىكىتىلگەن بولسىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن 2 كۈن كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمىز.
~~~~~~~~~
ئىنتىل سەيناسى ، ئالپ سوفت شىركىتى، قىياس يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈش تورى ، دىلسىرى تورى ، بىلگۈ تورى رەسىم- سۈرەت لايىھەسىگە قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ قىزقىنلىقىغا مەدەت بىرىش، ئۇلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بىرىش مەقسىتىدە 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى « ماركا- تۇغ لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ» نى يوللاپ مۇسابىقە باشلىغان ئىدۇق.
نەتىجىدە تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن
ماركا- تۇغ مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەرلەر-47 يوللىنىپ (مۇسابىقە ئەسەرلىرى توپلىمى https://uyghur-archive.com/intil/musabiqe/tugh2011/) ئىنتىل سەيناسىدا بەلگۈلۈك بىلىمدە بەستلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش كەيپىياتى پەيدا بولدى.
تورداشلارغا ئايان بولغىنىدەك بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى مەلۇم ماددىي مۇكاپاتنى قوغلۇشۇش بولۇپلا قالماي بەلگۈلۈك مۇنازىرە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولدى. قانداقلا بولسۇن بىز بەلگۈلۈك ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق.
خۇلاسە كالام، بىز بىرقانچە تورداشنى باھالاشقا تەكلىپ قىلىش، تورداشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە راي سىناش نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقاردۇق.
1- دەرىجىگە ئىرىشكۈچى: 1987
2- دەرىجىگە ئىرىشكۈچى:AlpSoft ، rasull
3- دەرىجىگە ئىرىشكۈچى: atash ، Koinlun ، Sezgur ،Yigana.Yigit، serdar ، muhtar
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر
tayir55 ،Ablimit-Tunyaz ، kaplan520 ، gairat1 ،. TUYGHUN ، tanhakalip ، Yeshilnur ، uydown ، elam777، alnuri
تەشۋىقات مۇكاپاتى: روھلان تورى ۋە قىياس تورىغا بېرىلدى ( بىر ئايلىق زىيارەتنىڭ كېلىش يولىغا ئاساسەن بېكىتىلدى)
مۇسابىقەگە ھەمكارلاشقان شىركەت- توربەتلەرگە ئىنتىل سەيناسىنىڭ 3 يىللىقى خاتىرە مايكىسى سوۋغا قىلىنىدۇ.
يۇقارقى نەتىجە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان ھەقىقىي باھا بولالمىسىمۇ بۇ ماھىرلارغا بولغان ئازدۇر- كۆپتۇر مەدەت بولۇپ قالغۇسى.
مۇكاپاتىنى ماركا- تۇغ لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ دىن كۆرۈڭ.
مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى:
1- ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ھۆججىتى ( يەنى Photoshop تا ئىشلىگەن بولسا psd ھۆججىتى) نى، كىملىكتىكى ئىسمى، كىملىك نومۇرى، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالالايدىغان ئېنىق ئادرىسى، تېلېفۇن نومۇرىنى قوشۇپ پىرىسلاپ yolyar@qq.com غا يوللاپ بىرىشى، نەقپۇل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى سودا- سانائەت بانكا ھېساۋات نومۇرى ، ھېساۋاتتىكى ئىسمىنى قوشۇپ يوللاپ سەينادا ئۇچۇر يوللىغان ئېلخەت ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ intil ئەپەندىگە ئۇچۇر يوللىشى لازىم.
2- ئالپ سوفت دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرىمىز
3- قىياس تورى تەمىنلەيدىغان مۇكاپاتنى 502222390 نومۇرلۇق QQ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.
4- دىلسىرى تورىنىڭ ئاتامانى 8-10 كۈن ئىچىدە تورغا چىقالمايدىغان بولغاچقا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ھەققىدە ئايرىم خەۋەر بىرىمىز.
5- بىلگۈ تورى تەمىنلەيدىغان مۇكاپات ھەققىدە ە ئايرىم خەۋەر بىرىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش؛ بۇنداق بىلىم مۇسابىقىسى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، ئىنتىل سەيناسى نورمال مېڭىپلا تۇرسا، تورداشلار قوللاپلا بەرسە بىلىم مۇسابىقەلىرى ھەر ۋاقت ئېلىپ بىرىلىپ تۇرۇدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن تورداشلارنىڭ بىزنىڭ سوۋغىمىزدىن كۆڭلىمىزنى ئۈستۈن بىلىپ، باھالاشتا كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سەرخىل لايىھەلىرىنى تورداشلارغا داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىنتىل سەيناسىدىكى بىلىم مۇسابىقىسى ھەر ۋاقىت مۇشۇ سەھىپىدە ئېلان قىلىنىدۇ، بىلىمىڭىز مول بولسۇن، سىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر ئالدىڭىزدا.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
ئىنتىل سەيناسى ، ئالپ سوفت شىركىتى، قىياس يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈش تورى ، دىلسىرى تورى ، بىلگۈ تورى
2011- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى
|