نىمانداق قىلىشىپ كەتتىڭلار؟ ئىككىلىڭلار ئاغىزىڭلارنى يۇمۇپ ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار، سەينا بىلمىگەننى سوراپ بىلگەننى يوللايدىغان سورۇن، ھەرگىزمۇ تالاش تارتىش قىلىپ جىدەل چىقىرىدىغان سورۇن ئەمەس.
بىر ماركا ئۈچۈن مۇشۇنداق جىدەللىشىپ كىتىش كىتەمدا؟ tamghu دىققەت قىلىڭ، ھەق سۆزلەيمەن دەپ جىدەلگە ئۇرۇق چېچىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق، بىر بىرىمىزنى قوللايمىز دەپلا جىدەل چىقىرىش بىھاجەت.
Sezgur سىزمۇ دىققەت قىلىڭ، بىڭسىڭلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چىقارماي ئەمدىلىكتە مۇسابىقە ئاياقلاشقاندا بۇنداق قايتا قىلىمىز دىسىڭىز قاملاشمايدۇ، ئۇچۇر تورى بىلەن ئىنتىل بىرلەشمە مۇسابىقە قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇچۇر تورى ئۆز ئالدىغا مۇسابىقىمۇ ئۆتكۈزگىنى يوق، كىمنىڭ يارىسا پۇلنى شۇنىڭغا بىرىمىز دىگىنى ئۈچۈنلا سەيناغا يوللانغان نەرسە، ئارتۇق جىدەللىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.
تېما ئىگىسى ۋە بارلىق تېما ئىشتىراكچىلىرى
تېما مەزمۇنىنى جىدەلگە ئايلاندۇرماڭلار، سەينا باشلىقلىرى ھازىر باھالىغۇچىلارنى تەكلىپ قىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن تېما يوللاپ جىدەللىشىش بىھاجەت، سەينا باشلىقلىرى چوقۇم سىلەر رازى بولغۇدەك جاۋاپ بىرىدۇ.
ئەمدى كىم ئارتۇقچە جىدەل باشلىسا تېمىنى تاقاپ كۆرۈش چەكلىنىدۇ،مۇنازىرلىشىشكە بولىدۇ، جىدەللىشىشكە بولمايدۇ. |