ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 0

[بىلىم] كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل ئەھۋال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1 . تىزىملاتقاندا غەيرىي ئەھۋل كۆرۈلىدۇ. سىز دائىم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا QQ غا چىقسىڭىزمۇ ‹‹ سىز ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭدا QQ غا چىققان ›› ياكى ‹‹ گۇاڭجۇدا QQ غا چىققان ›› دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. MSN (بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى)دا دوستلىرىڭىز سىزنىڭ بايا نېمە يوللىغانلىقىڭىزنى سورىسا، سىزدىن سادا كەلمەيدۇ.
2 . قوراللار يوقاپ كېتىدۇ. تور ئويۇنىدىكى قوراللار يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئالدىنقى قېتىم توردىن چۈشكەن ۋاقتىدىكى ئورۇن توغرا چىقمايدۇ، ھەتتا توغرا بولغان مەخپى شىپىر بىلەن تىزىملاتقىلى بولمايدۇ.
3 . مائۇس تۇيۇقسىز باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنماي، تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقلا كۇنۇپكىلارنى خالىغانچە بېسىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.
4 . تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلايدۇ. نورمال تورغا چىقىۋاتقاندا، تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلىغاندەك تۇيۇلىدۇ، قاتتىق دىسكا چىرىغى ماتېرىيال كۆچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش يېنىۋالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خاككېرلار بەلكىم ماتېرىيالىڭىزنى كۆچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز ئىككىلەنمەستىن تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ۋە دەرھال كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈڭ.
5 . تېلېكامېرا ئاپتوماتىك ئىشلەيدۇ. تېلېكامېرا ئىشلىتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىستېمىدا ‹‹ بۇ قورال ھازىر ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ›› ، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېلېكامېرايىڭىزنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تېلېكامېرانى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا كامېرا لىنزىسىنى ياپقۇچى بىلەن ئېتىپ قويۇش ياكى تېلېكامېرانىڭ سىمىنى كومپيۇتېردىن ئاجرىتىۋېتىش كېرەك.
6 . تور كارتىسى چىرىغى قالايمىقان يانىدۇ. تور بايلىقىدىن پايدىلانمىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ تور كارتىسى چىرىغىنىڭ توختىماي يېنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئەگەر ئۇلانغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان ھالەتكە لايىھەلەپ قويسىڭىز، ئېكراننىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە تور كارتىسى دىئافراگمىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، نورمال ئەھۋالدا تور كارتىسى چىرىغىنىڭ يېنىشى ئانچە ئېنىق بولمايدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېقىش مىقدارىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.
بىخەتەر تورغا چىقىشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل: .1 ھازىر تور بەتلەردە ھەر خىل جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ ھەر خىل تور بەتلەرگە، مۇنبەرلەرگە كىرگەن ۋاقتىدا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇسۇسىي كومپيۇتېر تارىخىي خاتىرىلەرنى ساقلايدۇ، خاككېرلار تارىخىي ئارخىپىڭىز، كۆز يۈگۈرتكۈچتىكى تارىخىي خاتىرىلىرىڭىز، پاراڭلىشىش خاتىرىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىۋالىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر تۇرمۇش مەخپىيەتلىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىمكانقەدەر تولدۇرۇپ بەرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ .2 كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىگەن ۋاقتىڭىزدا تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ياكى كومپيۇتېرنى قۇلۇپلاپ قويۇڭ، كومپيۇتېردىكى تارىخىي خاتىرىلەرنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تازىلاپ تۇرۇڭ، بەزى تور بەتلەرگە خالىغانچە كىرمەڭ، كومپيۇتېر ۋىرۇسخورىنى ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇڭ ۋە قەرەللىك ۋىرۇس تازىلاپ تۇرۇڭ؛ .3 ئابۇنتچىلار تور بانكىسىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلغاندا، ۋىرۇسخورنى يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن، ‹‹ ئاكتىپ مۇداپىئە ›› ۋە ‹‹ رېئال ۋاقىتلىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش ›› ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇشى كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-27 23:21 , Processed in 0.116772 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat