ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 345 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 8

بالىلار ئۈچۈن دۇردانە توپلايلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇستاز ئالپ سوفت  ياسىغان  بالىلارغا قول مەشقى فونتى - Alp_Elipbe   كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى - ئوماق پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى سوۋغات بولغان. مانا ھازىر يازلىق تەتىل باشلىنىپمۇ قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتە بالىلارنىڭ پۇچۇركىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يۇقارقى خەت نۇسخىسىدا بىر دانە Word  ھۆججىتى تەييارلاپ قويساق دېگەن ئۈمىدتە بۇ يازمىنى يوللىدىم.
بالىلارغا ماس كىلىدىغان ماقال- تەمسىز، ئەقلىيە سۆز، قوشاق، شېئىر، تېپىشماق دېگەنلەرنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە توپلاپ قويساق دەيمەن.
بۇ ئىشنى قوللىسىڭىز يۇقارقىدەك مەزمۇننى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغايسىز.
ۋاقتى: 2011-7-12 15:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ناھايىتى  ئېسىل  تەكلىپ  بولۇپتۇ  ،مەن  ئاز بولسىمۇ  بىر  شېئىر  يوللاپ   تۇراي   ،
شېئىرنىڭ  ئاپتورىنىڭ  كىملىگىنى  بىلمەيدىكەنمەن  ، بىر  چاغلاردا  توردا  ئۇچراپ  قېلىپ
ساقلاپ  قويۇپتىكەنمەن  .

elibpa.jpg

ئۇيغۇرتىلى
«شىئېر»

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ،  ئۈكەر  ئۇيغۇر تىلى
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر  ئۇيغۇر تىلى
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر  ئۇيغۇر تىلى

ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى
ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ - يۆلىكى
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە ، قەلىب ئەينىكى
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى

پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم
تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى

<ئا> بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۇ تەم
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم
تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم
خاسىيەتلىك تىل تۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام
مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى

سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق
ئۇ - چىراق ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق
بىزگە پۇتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا  
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش ، <مىڭ ياشا !>دېگەن سادا
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى
  
شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان   
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان
مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى  
  
مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا
مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھغنەر ئۇيغۇر تىلى

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھاببەت ... ھەممە بار
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى

بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم  
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ئاي ، يىلىم
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى

خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل - يۇرت ئاۋات
كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد
ئۇتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ، باش قاشلىما
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما   
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋە ر ئۇيغۇر تىلى  
  
ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي !  دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lotun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-12 15:23  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-12 15:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانام ئايدەك، دادام كۈندەك، مېنى باقىدۇ ، قىزىل گۈدەك.
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى.  ئەخلاق ئادەم زىننىتى.
بىكى كۈچلۈك بىرنى يىڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يىڭەر.
ياشلىقىڭدا ئۆگەنگىن ، گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،
پۇشايماننىڭ قاچىسى ، قېرىغاندا تېپىلماس.


ئانام مېنى ئاي دەيدۇ،
ئاي ئاسماندا تۇرمامدۇ؟
مەن ئاسماندا چوڭ بولسام،
ئانام يىغلاپ قالمامدۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-12 15:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل ئەخلاق بىباھا گۆھەر .
ئەخلاقسىز  ئادەم  تىرىك مۇردا .
ئابروي ئەخلاختىن  كېلۇر .
نومۇسنى بىلمىگەن ئادەمدە  ئەخلاق بولماس .
ئەدەپكە پۇل كەتمەس ، قممىتىگە ھېچنىمە يەتمەس .
ئەخلاقسىز گۈزەللىك - پۇراقسىز گۈل.
ئادەمدىن ھايا  قاچسا ، بالاسى بىللە .
ۋاقتى: 2011-7-12 15:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ شىجائەتتە، ياشانغاندا قالىسەن نادامەتتە.
بىلىملىك ئەر خار بولماس.
بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز تۇزار.
ۋاقتى: 2011-7-12 18:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانام مېنى ئاي دەيدۇ،
ئاي ئاسماندا تۇرمامدۇ؟
مەن ئاسماندا چوڭ بولسام،
ئانام يىغلاپ قالمامدۇ؟

بۇ شېئىرنىڭ 3-مىسراسىنى تۈزۈتۈپ قويدۇم. ئەسلى تىكىستى مۇنداق:

ئانام مېنى ئاي دەيدۇ،
ئاي ئاسماندا تۇرمامدۇ؟
مەن ئاسماندا ئاي بولسام،
ئانام يىغلاپ قالمامدۇ؟
ۋاقتى: 2011-7-12 18:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. كىلەچەك بالىلارنىڭ قولىدا.
2. بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن.
ۋاقتى: 2011-7-12 19:41:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر تور بىكەتتە بەك جىق كۆرگەن ئىدىم ، شۇ يەردىن كۆچۈرۈپ ئىلىپ كىلەي ھە !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-2 18:18:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-13 04:36 , Processed in 0.140364 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat