تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

[EXCEL VBA] مۇندەرىجە قۇرۇش ۋە ھۆججەت ئىزدەش

يوللىغۇچى: Atush| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-22 22:42| كۆرۈلۈشى: 95| ئىنكاس سانى: 3

خىزمەتتە ئارخىپقا مۇندەرىجىنى قوشۇپ سېلىشقا ياكى كومپىيوتېردا ساقلاشقا شۇنداقلا مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى  كومپىيوتېردىن ئېچىشقا توغرا كىلىدۇ، بولۇپمۇ <ئىككى ئاساسەن>نىڭ ئوخشىمىغان ھۆججەت شەكلىدە يېزىلغان، ئوخشاش بولمىغان مۇندەرىجىلەر ئىچىگە قويۇلغان ھۆججەتلىرىگە تىزلىكتە مۇندەرىجە قۇرۇش ۋە شۇ ھۆججەتلەرنى خالىغان ۋاقىتتا ئېچىشقا توغرا كىلىدۇ.
بۇنداق مەسىللەرنى ھەممىمىز ئىشلىتىشنى بىلىدىغان excel ھەل قىلالايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللىرىنى بۇرۇن كۆرگەن بولىشىڭلار مومكىن.
تۆۋەندىكىسى يەنە بىرخىل ئوسۇلى( كۇد يازغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە تورئادرىسى ئىچىدە بار) بولۇپ ئورتاق پايدىلىنايلى.

قوشۇمچە: 1. مۇندەرىجە قۇرۇش ئىقتىدارى تىزىملىك(菜单)ئىستونىدىكى قىستۇرۇش(插入) تۈرىگە قېتىلغان.
2. بۇنى بىۋاستە ئىجرا قىلسىڭىز excel نىڭ ئاساسى پىروگىراممىسى قوزغۇلۇپ، خىزمەت دەپتىرى ئېچىلمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، سول ئۈستى تەرەپتىكى كىچىك ئاق قەغەز (يېڭى دەپتەر قۇرۇش بۇيرۇقى) رەسىمىنى چىكىپ ئاندىن مۇندەرىجە قۇرۇشنى باشلاڭ !
3. ئەگەر خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا كۇد يېزىش كۆزنىكىنى ئېچىپ، on error resume next (خاتالىقتىن ئۈتۈپ كەت) دىگەن خەتنى يېزىپ قويسىڭىزلا بولدى(ئازراقلا خەۋىرىڭىز بولسا، نەگە يېزىشنى چوقۇم بىلىسىز)، ئاختۇرۇش جەريانىدا پەقەت زىيارەت قىلىش چەكلەنگەن سېستىما ۋە يۇمتال ھۆججەتلىرىگە يولۇققاندا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.
باشقۇرغۇچىغا(تەستىقلىغۇچىغا): مۇشۇ سەھىپىگە ياكى چۈشۈرۈش سەھىپىسىنىڭ قايسىسىغا يوللاشنى بىلەلمىدىم، تەستىقلاش جەريانىدا بۇ قۇرنى ئۆچۈرۈۋىتەرسىز!
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

يېڭى ئىنكاسلار

jahankizar 2010-8-23 12:25
ئاتۇش ئەپەندىنىڭ EXCEL ماھارىتىگە قايىلمەن!!!!!!!
ئاتۇش ئەپەندىنىڭ EXCEL ماھارىتىگە قايىلمەن!!!!!!!
Sezgurboy 2010-8-23 12:51
ئاتۇش ئەپەندى بۇ ساھەدە  ھەقىقەتەن قابىل. ئۈن-تىنسىز ھالدا ياخشى نەرسىلەرنى سۇنۇۋاتىدۇ.
Atush 2010-8-23 15:31
مەنمۇ كۈرۈپ ھەيران قالدىم ، شۇڭا باشقىلارنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشىغا ۋە پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-12 01:26.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.