- توردا
- 83 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-31
- تىزىملاتقان
- 2010-8-13
- شۆھرەت
- 718
- تىللا
- 555
- تۆھپە
- 377
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2491
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 118
- تېما
- 20
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 225
- تۆھپە
- 377
- تىللا
- 555
- شۆھرەت
- 718
|
مەخپى ماتىرىياللارنى ساقلاشنىڭ ئۇسۇلى بىر قەدەر كۆپ ، قۇراللارمۇ كۆپ، بىراق مەن قۇرال ئىشلەتمەي، يۇشۇرۇن قىلماي مەخپى ماتىرىياللارنى ساقلاشنىڭ يەنە بىرخىل ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ باقاي.
بىز بەزىدە بەزىبىر ھۆججەت قىسقۇچلار ۋە ھۆججەتلەرنى يا ئاچالمايمىز، يا كۆزدىن يوق قىلالماي ۋىروسلانغان ئوخشايدۇ دەپ دىئاگنۇز قۇيىمىز. ئۇنداقتا بىزمۇ يۇشۇرۇن ماتىرىياللىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلىپ قۇيۇپ، باشقىلارنى ۋىروسكەن دىگەن خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويساق قانداق بۇلار؟
باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.باشلاش(开始)- ئىجرا قىلىش(运行) چىققان كۆزنەككە CMDنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز.
2.قوزغالغان dosھالەتتىكى قارا رەڭلىك كۆزنەككە مۇنداق كىرگۈزىمىز: md d:\aa..\1 (ئاخىرىدىكى 1 كىرگۈزمىسەكمۇ بۇلىدۇ، مەن يازغاندا 1نى كىرگۈزمىسەم تەرتىپى قالايمىقان بۇلۇپ كەتكەچكە، تەڭشىيەلمەي قۇشۇپ قويغان، مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يېزىق ئارىلاش بولسا قانداق كىرگۈزسەك ياخشى بۇلاركىن!) بۇ يەردىكى :dبولسا d دىسكىنى كۆرسىتىدۇ، aa بولسا بىز قۇرماقچى بولغان ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى كۆرسىتىدۇ.
3.بۇ چاغدا دىسكىنى ئېچىپ قارىسىڭىز aaنىڭ كەينىگە بىر چىكىت قۇيۇلغان بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمدى سىز بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ بېقىڭ، ئۆچۈرۈپ بېقىڭ، كۈچۈرۈپ بېقىڭ،كىسىپ چاپلاپ بېقىڭ. مانا ۋىروس دىگەن مانا شۇ!
4. بىزنىڭ مەخپى ھۆججەت قىسقۇچىمىز پۈتتى، ئەمدى ئۇنى مۇنداق ئاچىمىز:باشلاش(开始)- ئىجرا قىلىش(运行) چىققان كۆزنەككەd:\aa..\1(ئاخىردىكى 1نى كىرگۈزمەڭ) نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز. قاراڭ ئېچىلىپ كەتتى. ئەمدى خالىغانچە مەخپى ماتىرىياللىرىمىزنى ساقلىۋالساق بۇلىدۇ.
5.يەنە بىر مەسىلە بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئەمدى ئۆزىمىز قانداق ئۆچۈرىمىز. ئۇسۇلى مۇنداق:
باشلاش(开始)- ئىجرا قىلىش(运行) چىققان كۆزنەككە CMDنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز
قوزغالغانdos ھالەتتىكى قارا رەڭلىك كۆزنەككە مۇنداق كىرگۈزىمىز: rd d:\aa..\1(ئاخىردىكى 1نى كىرگۈزمەڭ) . مانا تامام بولدى.
ئەسكەرتىش: ئەگەر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدە ماتىرىيال بولسا ، ئاۋال ئىچىدىكىنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئاندىن 5-باسقۇچتىكى مەشغۇلاتنى قىلىڭ!
|
|