ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 0

قەشقەر ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تارىختا ئەنە شۇنداق داڭلىق ۋە ئاۋات - كۆركەم دىيار دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ يۇرتنىڭ ( قەشقەر ) تۈرلۈك ناملىرى ۋە بۇ ناملارنىڭ ئېتمولوگىيىسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تەخمىنىي يەكۈنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن ؛
     ھەر زاماندا ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە تۈرلۈكچە قەيت قىلىنغان ناملارنى ئۇچرىتىمىز . ئالدىنقى ۋە كېيىنكى "خەننامە" لەردە "ۋېينامە" ، "سۈينامە" كونا - يېڭى "تاڭنامە" لەردە ، "سۇڭ تارىخى" دا <<شۇلې>> ؛ "ۋېي ئەھۋالاتى" دا "گاشى" ، "بۇددا ئېلى خاتىرىسى" دە " گا - چا " ۋە " گاشى چىلى " ، بۇددا نوملىرىدىن "گارانامە" ، "پازىل راھىبلار تەزكىرىسى" ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا "شۇلې" (Sole) ؛ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "چۈشا" ۋە "شىلى چىسۇ دودى" ؛ "يۇەن مەخپىي تارىخى" دا "كەش خار" ، مىڭ دەۋرىدە "خاشاخار" ؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەۋرىدە "كاشى گار" دەپ يېزىلغان .
     سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەھمۇد "دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك" قامۇسىدا ، "ئوردۇ" سۆزىنى "خان شەھىرى" دەپ ئىزاھلاپ ، "كاشىغەر --- ئوردۇ كەنت دېيىلىدۇ" دېگەن ئىبارىسىدە ، "كاشىغىر" دەپ قەيت قىلىنغان .
بۇ ئەزىز يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە يۇقۇرىقىدەك قەيت قىلىنغان تۈرلۈك ناملىرىنى ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۈمكىن : بىرى ، "شۇلې" ياكى "سولې" ؛ يەنە بىرى ، "كاشىغەر" .


     "شۇلې" ( سۇلې)
     ئاۋۋال "شۇلې" ئېلى دېگەن نام توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن "تارىم مەدىنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە" دېگەن ماقالەمدىن بەزى ئۈزۈندىلەرنى كەلتۈرەي .
     شۇلې --- قەشقەر ئۆلكىزارلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يۇرت . قەشقەر ئۆلكىزارلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە توغرا كېلىدۇ . شۇلې ناھايىتى بۇرۇندىنلا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانغا قاتنايدىغان مۇھىم يول ئۈستى ئىدى . قەدىمكى دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ماۋەرائۈننەھىر ۋە ھىندىستاندىن بۇ يەرگە كېلىدىغان سودىگەرلەر ناھايىتى تولا ئىدى . بۇ شەھەر مەملىكىتىمىز جوڭگونىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سودا پورتلىرىدىن خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئىدى . بۇ يەردىن ئۆتىدىغان كارۋان يولى يىراقلارغا قاتنايدىغان ئۇزۇن سودا لىنىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن . ئۆز زامانىسىدا بۇ لىنىيە بىلەن توختىماي مال ئالماشتۇرۇلغان ۋە مەدىنىيەت تارقىتىلغان ، مىلادىيىدىن 6 -- 7 ئەسىرلەر ئىلگىرىكى گرېك ( يۇنان) سودىگەرلىرى ، ئاندىن كېيىن روما سودىگەرلىرى كېلىشكە باشلىغان . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسىردە گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغان تۇنجى سەيياھ ئارىستان ئىدى ، " ئاسىپايا" دېگەن قەدىمكى داستانىدا ، ئۇنىڭ ساياھىتى قەيت قىلىنغان ئىكەن . ھىرودوت بۇ داستانى مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن . گرېك جۇغراپىيونى ماىنوس فرات دەرياسىنىڭ كېچىكىدىن تاش تۇراغىچە ۋە بۇ يەردىن سېل دەرياسىنىڭ پايتەختى سىلاغىچە بولغان يولنى ھەم ئۇنىڭ مۇساپىسىنى خاتىرلەپ يازغان ؛ غەرب سودىگەرلىرى ئەنە شۇ شەھەردىن يىپەك ماللار ، كۆن - خۇرۇملارنى يۆتكەپ تۇراتتى دەپ قەيت قىلىنغان ئىكەن . شۇڭا ، قەدىمكى زاماندا غەرب كىشىلىرى "شۇلې" نى "شايى مەملىكىتى" دەپ ئاتىغانىكەن .
     روما جۇغراپىيونى پتولېمى گرېتسىيىنىڭ جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان "جۇغراپىيە" دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئاسىيانىڭ ئەڭ راھەت - پاراغەتلىك جايلىرى سىلىيا بىلەن سىنا ئەللىرىدۇر دەپ سانىغان . "سىنا" بولسا ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 400 - يىللىرى ئۆتكەن تارىخچى كىتىفوسنىڭ "ئېترىيە" دېگەن ئەسىرىدە "سېرىس" دەپ يېزىلغان . گرېك تارىخچىلىرىدىن ئونىكرىدوس بىلەن نېئار كوس "قىرغاقنى بويلاپ دېڭىز ساياھىتى" دېگەن ئەسەردە : غەرب ئەللىرىدە ئىشلىتىدىغان يىپەك ۋە تۆمۈرلەر سېرستىن كېلىدۇ دېيىلگەن . شۇنىڭدەك ھومېرنىڭ "ئودىسسا" داستانىدىمۇ سېرىستىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئارىسىدا تۆمۈر ۋە كۆن - خۇرۇملار بارلىقى تەسۋىرلەنگەن .
     "شۇلې" / "سولې" ، ئېھتىمال يەرلىك ئاھالە تىلىدا قويۇلغان يەر نامىنىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپىيىيلىنىشى بولسا كېرەك . بۇ نام غەرب ئەللىرىنىڭ تىللىرىدا "سىلىيا" ياكى "سېرىيا" دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان . بۇ نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئاساسەن ئىككى خىل كۆز قاراش بار : بىرى ، بەزى ئالىملار بۇ سۆز قەدىمكى كاشىغەر تىلىدا Sullakh (سۇللاق) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، "سۇلۇق جاي" ، "سۇ ماكانى" دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ ."دىۋانۇلۇتىت تۈرك" تە ، "سۇۋلاغ" سۆزىگە : << 1. سۇلاق -- مال سۇغىرىلىدىغان يەر ؛ 2 . سۇللاغ -- كاشىغەردىكى بىر يېزىنىڭ نامى >> دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكىنى دەلىل قىلىدۇ . شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ئوغراغ" سۆزىگە بېرىلگەن ئالتە خىل ئىزاھنىڭ بىرى --- "ئېقىن سۇ" دېگەن مەنىنى ئاساس قىلىپ ، بۇ سۆزگە ئاھاڭداش ھەم جۈپلۈك سۆز "سۇمراغ" ترانسىكپىسىيىسى بولسا كېرەك . چۈنكى ، "سۇغراق" ياكى "سۇغراغ" دەپ ئاتىلىدىغان يەر ناملىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ ؛ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "راغ/راق" بىلەن ياسالغان تولا . مەسىلەن ، ئوغراق ، دىغراق ، ئازغىراق ، ساغراق ، قاززاق . توغراغ ۋە باشقىلار . خاقانىيە تىلىدا ۋە باشقا قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ساغراق/سوغراق" نىڭ كۆچمە مەنىسى "كاسا" ( كوزا) ، يەنە بىر كۆچمە مەنىسى "ئويمانلىق" ، "داشمانلىق" دۇر . شۇ ئۇسۇلدا ياسالغان "سوزاغ "/ "سۇراغ" ۋە ئۇنىڭ ئىنچىكە تۈرى "سۈرەگ" سكزىمۇ "توپ" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم . يۇقۇرىدىكى چۈشەنچىلەر بويىچە ، "شۇلې"/"سۇلى" ---- "سۇۋلاغ" ۋە "سۇغراق" نىڭ ترانكرىپىسىيىسى بولسا ، "سۇلۇق جاي" ، "تاغ ئېتىكىدىكى ساي" ، "ئويمانلىق" / "كاسا" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "يۇرت" ، "مەھەللە" ، "توپ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
     يەنە بىر قاراش بويىچە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، ياۋروپا تىللىرىنىڭ شايىنى --- silk ( رۇس تىلىدا "شولكا" ) دەيدۇ . قەدىمكى گرېك - روما مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنغان "سىليا" ياكى "سېرىيە" / "سېرىس" خەنزۇچە ترانسىكرىپىيىسە قىلىنغان "شۇلې" / "سۇلې" غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ "يىپەك " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "شۇلېننىڭ ئەمىلىي نامى شىلۇ چىسۇ دو دى ، بۇ شۇلې بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن " دەپ ئېنىق يازغان . "شېلى چىسۇ دو دى " --- دەل "سىلىك - كەز " ----- "شايى - دۇردۇن" يەنى تاۋار - تۇرقا دېگەن سۆز بولىدۇ . "دودە" --- "خانىدان" ، "يۇرت" ، "ئەل" دېگەنلىك بولىدۇ . دېمەك ، "يىپەك ئېلى" ياكى "پىللە خاندانى" دېگەن چۈشەنچە چىقىدۇ .


     "كاشىغەر" / ""قەشقەر"
     ئەمدى ، "كاشىغەر" دېگەن نامغا كەلسەك ، جانلىق تىلدا "قەشقەر" دەپ ئومۇملاشقان بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ئېتېمولوگىيىسى ھەققىدە ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىدە تۈرلۈك ئىزاھلانغان .
     "لۇغەر دېڭىزى" (سىخەي) دە ، "شۇلې" سۆزلىمىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن : < شۇلې -- تاڭ دەۋرىدە چۈشا ، گاشى چىلى دەپ ئاتالغان . ؛ "چۈشا" سۆزلىمىگە بېرىلگەن ئىزاھتا : <چۈشا --- 1. يەنى شىگو ، يەنە بىر نامى گۇشانا ... ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى شەھىرى سەبزىگە توغرا كېلىدۇ ؛ 2. "شۇلې" سۆزلىمىگە قاراڭ دېيىلگەن .>
     شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ 12 - جىلتىدە "چۈشا ئېلى --- كونا ئاتىلىشى شۇلې " دېيىلگەن .
"بۇددا ئېلى خاتىرىسى" نىڭ "شۇلې" ماددىسىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن " " بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى گاشى چىلى ، بۇنىڭدىكى چىلى سانكرىت تىلىدا تاغ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، گاشى -- قاشتاشتۇر " .
     ياۋروپا ئالىملىرىدىن گرانادنىڭ تەتقىقاتى بويىچە ، گاش / قاش -- قاشتاش ؛ گىر/گار بولسا ، بالوت تىلىدا ghar (غار) نىڭ ترانسكرىپىيىسى بولسا كېرەك . (ياپون) شىراتورى كوراكى جىننىڭ پىكرىچە ، چاخان ۋە ئەفغان تىللىرىدا "غار" --- تاغ دېگەن ، "كاش غار" / "قاش غار " -- قاشتاش تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن .
     بەزى تىلشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە ، قەدىمكى ھۇن - ئالتاي تىللىرىدا "غار" ---"يەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن . مەسىلەن ، ئالتاي تىللىرىدىن دۇڭ - غۇر گۇرۇپپىسىدىكى داغۇر تىلىدا "غار" --"يەر" دېگەن مەنىدە بولۇپ ، ھازىرقى "چىچىخار" ئەسلىدە داغۇرچە "كېچىغار" ( كېچ/كۆچ --- چەر غار يەر ) --- "چەت يەر " مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن .
     "غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى" دە: "مۇسۇلمان (ئوغۇز) تىلىدا ، رەڭدار خىشنى كاشى ، خىشتا سېلىنغان ئىمارەتنى گار دەيدۇ . يېرى باي مۇنبەت ، كاشىدا سېلىنغان ئىمارەتلىرى تولا بولغاچقا ئاشۇنداق ئاتالغان " دەپ يېزىلغان .
     دېمەك ، "كاشىغەر" نىڭ مەنىسىنى ئىككى خىل پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ؛ بىرى ، "قاش غار " --- قاشتاش تاغ ياكى قاشتاشلىق يەر ؛ جۈملىدىن قاش يەر ، يەنى دەريا قېتىدىكى يەر . يەنە بىرى ، "كاشىنكار / كاشىكار" --- كاشنىلىق يۇرت - شەھەر . كېيىنچە ، يورچى - كۈسەن - تۇخار تىلىدا "كاشگار" ، ئەرەب - ئەجەم تىللىرىدا "كاشىغەر" بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .
     قەشقەر --- ناھايىتى قەدىمكى دىيار ، مىلادىيىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا غەرب ۋە شەرققە تونۇلغان سودا - سانائەت مەركىزى .
سالنامىچى خۈي دۇڭ "كېيىنكى خەننامە" نىڭ "بەنچاۋ تەزكىرىسى" دىن نەقىل كەلتۈرۈپ دەيدۇكى ، شۇلې پادىشاھى سۇنجۇڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ ؛ شۇلې ئېلىدە پەنتۇ شەھىرى ، ۋۇ جى شەھىرى ، سۇنجۇڭ شەھىرى بار . سۇنجۇڭ شەھىرىنى جېنجۇڭ ، دۇنجۇڭ دەپمۇ ئاتايدۇ .
     "شىمالىي سۇلالە تارىخى" نىڭ "غەربىي دىيار" بابىدا يېزىلىشىچە ، شۇلې پايتەختىنىڭ سېپىلى بەش چاقىرىم كېلىدۇ . بۇ ئەلدە 12 چوڭ شەھەر ، بىرقانچە ئون كىچىك شەھەر بار" . "ئۇنىڭ پادىشاھى ئالتۇن ئارسلان (شىر) نەقىشلىك تاج كىيىدۇ" ، "زېمىنىدىن شال ، قوناق ، كەندىر ، بۇغداي ، مىس ، تۆمۈر ، قەلەي ، رەۋەن ، كىمخاب تاۋار كۆپ چىقىدۇ . ھەر يىلى كۆك تۈركلەرگە يوللاپ تۇرىدۇ " .
     شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ "چۈشا" ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن : "چۈشا ئېلىنىڭ دائىرىسى 5000 چاقىرىم كېلىدىكەن . سايىلىرى تولا ، مۇنبەت يەرلىرى ئازراق ؛ زىرائەتچىلىك راۋاجلانغان ، گۈل - گىياھلىرى كۆپ ، مېۋە - چىۋە مولچىلىق ئىكەن ؛ سۈپتە ، گۈل - نەقىشلىرى چىرايلىق زىلچا - پالاس ، چەكمەن - تۇرقا قاتارلىق توقۇلمىلار كۆپ چىقىدىكەن ؛ ھۈنەرۋەنچىلىك گۈللەنگەن ئىكەن ........ يېزىقى ھىندى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان ئىكەن ... بۇددا ئەقىدىسىگە ئىشىنىدىكەن ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن . گرامادىن بىرقانچە يۈزى بار ئىكەن . راھىبلىرى ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن " .
     ھەزرىتى مەھمۇد كاشىغەرىمۇ "دىۋان" دا : "كاشىغەر --- ئوردۇكەنت دېيىلىدۇ ، يەنى خانلار تۇرىدىغان شەھەر دېمەكتۇر" . " بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئوبدان بولغىنى ئۈچۈن ، ئافراسىياپ شۇ يەردە تۇراتتى" دەپ يازغان . ( "تارىخ تەبەرى" دە بايان قىلىنىشىچە ، ئافراسىياپ يەنى خانلار خانى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ياشىغان ۋاقتى مۇسا پەيغامبەرنىڭ زامانىسىغا توغرا كېلىدىكەن ) .
     مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز يۇرتىنى "قىزىل سۇ" دېگەن سۆزلەمگە بىر كۇبلېت شېئىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق تەسۋىرلىگەن :
قىزىل - سېرىق (چېچەكلەر) يۆلىنىپ ،
يېشىل رەيھانلار (باش) كۆتۈرۈشۈپ ،
بىر - بىرىگە يۆگىشىپ تۇرغان ،
ئىنسان ئۇنى داڭلىشىدۇ .


     كاشىغەر ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ ، ئەنە شۇ قىزىل سۈيى بويىغا بىنا بولۇپ كەلگەن . قىزىل بويلىرى خۇددى 1500 يىل ئىلگىرى شۇئەنزاڭ ماختىغىنىدەك ، مەھمۇد كاشىغەرى زامانىدىمۇ بۈەۈنكى كۈندىمۇ ھەقىقەتەن گۈل - گۈلىستان ، باغۋارانلىق قۇتلۇق ئەشيادۇر . ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغۇن - بوغۇنلىرىنىڭ گۈلدەك قولى بىلەن جەننەت مەسەل ئېسىل دىيارغا ئايلانغان .


     مۇتائىلە


     1. مەيلى "سۇلې" ئاتالسۇن ياكى "كاشىغەر" ، بۇ ناملارنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ ، ناھايىتى قەدىمكى ناملار ئىكەنلىكى مەلۇم ؛ "سۇلى" دېگەن نامنىڭ تارىخى 2500 يىلدىن ئاشىدۇ ؛ "كاشىغەر" مۇ 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە . دەرۋەقە ، بىرەر شەھەر ياكى ئەلنىڭ نامى كېيىنكى مۇئەللىپلەر تۈزگەن كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ۋاقتىدا پەيدا بولغان ئىكەن دېگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شەھەر ياكى ئەل بىنا ۋە ئاپىرىدە بولغانلىقى ئاددىي ساۋات ئىگىسىگىمۇ مەلۇمدۇر .


     2. كاشىغەرنىڭ قەدىمكى شەھەر تۈزۈلۈشى شەرق ۋە غەرب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ئۆزگىچە بولغان . ئكي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە يەر شارائىتى ھەم ھاۋا - كېلىماتىغا ماس بولغاندىن تاشقىرى ، يۇرت ئەھلىنىڭ ئادەت ۋە روھى ھالەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى خۇسسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن . شەھەر كوچىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بالدۇرقى رەستە ۋە كوچا - كويلىرىنىڭ ئۆتۈشكەن جايلىرى كۆپىنچە "ئۈچ كوچا" ئىدى ، خۇددى "تاپچان" يېقىلمايدىغانلىقىغا ئوخشاش ، ئۈچ كوچا ئات -ئۇلاغ ، ھارۋا قاتارلىق قاتناش قوراللىرى دوقۇرۇشماي ، تىقىلىنچ بولماي راۋان بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغۇن ئەجدادلىرى شەھەر كوچىلىرىنى ( قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن شەھەرلىرىدە ) "ئۈچكۈل" يەنى ئۈچ كوچا قىلىپ ياساش تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلغان .


     3. قەشقەردە قەدىمدىن "32 خىل ھۈنەر - كەسىپ" تەل - تۆكۈس راۋاجلانغان . نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە جەڭگە - جېدەل مالىمانچىلىقلارنىڭ كاساپىتىدىن ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلىلا ۋەيران بولغىنىغا قارىماي ، كېيىنكى چاغلاردىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى مەلۇم . شۇ سەۋەبتىن ، قەشقەردىن چىققان سانائەت مەھسۇلاتلىرى قوشنا ئەللەردە بازار تاپقان داڭلىق مەھسۇلاتلار سانالغان . مەسىلەن ، ئون ئالتىنچى ئەسىردە ، ئىۋان گروزىن زامانىسىدا موسكىۋانىڭ بازىرىنى قەشقەرنىڭ مىش بويۇملىرى قاپلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم . يەنە كېلىپ قەشقەردىن ئۆزگىچە توقۇلما بويۇملار مۇ ئىشلەنەەن . مەسىلەن ، مەھمۇد كاشىغەرى "دىۋان" دا : "كىشمىشكە --- قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز" دەپ ئالاھىدە قەيت قىلغان .


     4. شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە ، "كاشىغەردە مېۋە - چېۋە تولا ئىكەن " دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يازغان . راست ، قەشقەردە مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تولا ، سورتلىرى ئاندىن تولا .
مانا ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، پەقەت قول سانائىتىنى ئالساق ، ئاجايىپ راۋاج تېپىپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى - يېڭى مەھسۇلاتلار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلدى ؛ ئىچكى - تاشقى خېرىدارلارنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ كەلدى . شەرق مۇزىكا مەدىنىيىتىدە پارلاپ تۇرغان گۆھەر --- ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قەشقەردە ساقلىنىپ ، قەشقەرىيە مۇقام ئۇستازلىرى ئارقىلىق كۈنىمىزگە يېتىپ كەلدى .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:46 , Processed in 0.114316 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat