ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 1

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن، كۈمۈش، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان. ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلار خوتۇن-قىزلارنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن. تۆۋەندە بۇ زىننەت بويۇملىرى ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:  

بىرىنچى: بارماققا ئالتۇندىن ئۈزۈك ياساپ، ئۇنىڭغا ياقۇت ۋە قاشتېشىلاردىن كۆز سالدۇرۇپ، بۇنى: «يۈزۈك» دەپ ئاتىشاتتى. كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا ، سۈزۈك ئاق قاشتېشىدىن كۆز قويۇلغان ئۈزۈكنى ئەرلەرمۇ بارماقلىرىغا سېلىۋالاتتى . ئەرلەرنىڭ بۇ ئۈزۈكنى تاقىشى زىننەتلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . قاشتېشىنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا بۆزمۇ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ، ئۇسسىغان ئادەم ئۇنى ئاغزىغا سالسا ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ .

 

ئىككىنچى، ئەرلەر ئۈزۈكتىن باشقا زىننەت بويۇمى تاقىمايدىغان بولۇپ ، كەمەرلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان توقىلارنى بېكىتەتتى، خانلارنىڭ كەمەرلىرى تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى . ھەتتا گۆھەردىن كۆز قويۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقار ۋە ئېگەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساپلىرىمۇ ئېسىل تاشلار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن زىننەتلىنەتتى، بۇنداق زىننەتلەش ئۇسۇلى - «ئۇستەم» دېيىلەتتى.



ئۈچىنچى، «بوز مۇنچاق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى بولۇپ، بۇ ئىپار سۆكتىن ياسىلىپ، قىز-ئاياللار تاقىشىدۇ.

تۆتىنچى، خوتۇنلار قۇلىقىغا سالىدىغان بىر خىل زىرە بولۇپ، بۇ ھالقا زەنجىرلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى «كۈپە» دەپ ئاتىشاتتى. خۇددى زەنجىرلىك ساۋۇتنى «كۈپە يارىق» دېگەنگە ئوخشاش .  

بەشىنچى، نىكاھ كېچىسى كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمى بولۇپ ، ئۇ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش ۋە مەرۋايىت ئورنىتىلىدۇ. بۇ «بوغماق» دەپ ئاتالغان .  

ئالتىنچى، قۇلاققا سېلىنىدىغان ھالقىنىڭ «تولغاق» سۆكە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرقانچە خىلى بار بولۇپ، ئۇنى «يىنچۇ تولغاق» (ئۈنچە ھالقا) دەپ ئاتاشقان.

يەتتىنچى، قىزلار دوپپىلىرىغا ئالتۇن قاداق تۇتىدۇ . بۇنى «بۆرك بورتىلاندى» دەپ ئاتىلاتتى، بۇنىڭ مەنىسى بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتتى دېگەننى بىلدۈرەتتى .

سەككىزىنچى، يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل ياقۇت ۋە تاشلاردىن بوينىغا مارجان ئاسىدىغان ۋە ئالتۇندىن بۇلاپكا تاقايدىغان ئادەتلىرىمۇ بار . مەسىلەن، «باقان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىننەت بويۇمى بار ئىدى. بۇ ئالتۇن ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان بويۇن ھالقا ياكى ئالتۇن چەمبەر. بۇنى «ئالتۇن باقان» دەپ ئاتىشاتتى . مارجاننى بولسا «ساتا» دەپ، قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغىنىنى «مۇنچۇق» دەپ ئاتاشقان .ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن. ېۇلارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى. قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىدىن:

1. ئەڭلىك. بۇ ئاياللار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق. يەنە ئۇپىمۇ بار.  

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدە قەدىمدىن تارتىپ ماڭىزنىڭ قىزىل بولۇشى ساغلاملىق، گۈزەللىك، نومۇسلۇق ۋە ئۇياتلىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ. يۈزىدە قېنى بولمىغان ئادەملەر يامان خاراكتېرلىك ياكى كېسەل، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، يۈزىنى قىزارتىدىغان كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلاتتى .

2. ئۇلاش ۋە كۆپتۈرۈش شەكلىدىكى پەرداز .

ئۇيغۇرلار چاچنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلغان ھەم چاچنى قەدىرلىگەن. ھەممە كىشىنىڭ چېچى كۆڭۈلدىكىدەك قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، بۇنداق كەملىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چاچنى كۆپتۈرۈش ۋە چاچقا سۈنئىي چاچ ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىغان. بۇنداق چاچ ئۇلاش ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، چېچىغا چۇپۇردىن چاچ ياساپ ئۇلاپ ، چېچىنى ئۇزۇن ھەم توم كۆرسىتەتتى . بۇنداق يالغان چاچ "ئۆڭىك" دېيىلىدىكەن . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بولسا «ئۆرگۈچ» دەپ ئاتايدىكەن. ئەگەر چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭلار ئۆچكە چۇپۇرىدىن ماڭلاي چاچ ياساپ، ئاز چاچنى كۆپتۈرۈپ كۆپ قىلىپ كۆرسىتىدىكەن .  

3. سىلىقلاش شەكلىدىكى پەرداز  

ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى ۋە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلاپ سىلىقلاشقا قەدىمدىن تارتىپ ئادەتلەنگەن. قاشلىرىنى موچىن بىلەن تېرىپ ئىنچىكلەشتۈرۈش، يۈزىدىكى تۈكلەرگە يىپ سېلىپ سىلىقلاپ تۇرۇشنى ئۇلار «مەڭدەشتى» دەپ ئاتىغان . يۈزىگە يىپ سېلىپ تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى، يۈزلىرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان . بەدەندىكى مويلارنى چۈشۈرۈشكە بولسا، «ئودۇتال» دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارلاشمىسى بولۇپ، شۇنى ئىشلەتكەن .  

ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، چاچلىرىغا جىگدە يېلىمى سۈرتۈپ چاچلىرىنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمقى گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇلاردىكى گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئېنىق بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئۆزلىرىدىكى چاچنىڭ توم ۋا قارا بولىشىغا ، ئۇزۇن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى گرىم بويۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ . ئۇزۇن چاچلىقلاردىن قىسقا چاچلىقلار كۆپ . قارا چاچلىقلاردىن رەڭلىك چاچلىقلار كۆپ.

مەنبە-جوڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
ۋاقتى: 2011-7-9 22:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۋاتسىز ... رەھمەت سىزگە  ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:53 , Processed in 0.103789 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat