- توردا
- 86 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-26
- تىزىملاتقان
- 2010-11-13
- شۆھرەت
- 249
- تىللا
- 231
- تۆھپە
- 121
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 872
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 22
- تېما
- 8
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 801
- تۆھپە
- 121
- تىللا
- 231
- شۆھرەت
- 249
|
ئىنگلىز تىلى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان مۇھىم بىر خەلقئارا ئالاقە تىلى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاسان بىر تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئالىملار ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە ۋە قوللىنىشقا ئاسان بولغان بىر تىل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى سىناپ كۆردى، ئەمما بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيەتتە كەڭ تارقىلالمىدى.
1930-يىلى، كامبرېج ئۇنىۋېرستېتى پروفېسورى ئوگدېن (C.K. Ogden) ئىنگلىز تىلى ئاساسىدا Basic English دەپ ئاتالغان يېڭى بىر تىل ئىجاد قىلدى. بۇ تىل ئەمەلىيەتتە ئىنگلىز تىلىنىڭ ئالاھىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان، قىسقارتىلغان شەكلى بولۇپ، بۇ «يېڭى تىل»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدا 850 دانە سۆز بار ئىدى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 18 دانىسىلا پېئىل ئىدى! ئوگدېننىڭ قارىشىچە، بۇ تىلنى پەقەت 30 سائەت ئىچىدىلا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدىغان بولسىمۇ، بۇ تىلنى ئۆگەنگۈچىلەر ئەلۋەتتە بىر مەسىلىگە ئۇچرايتتى: ئۇلار گەرچە بۇ تىل ئارقىلىق ئاددىي ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلالىسىمۇ، ھەقىيقى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر بىلەن قەتئىي نورمال ئالاقە قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، Basic English نىڭ بۇ ئاددىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر ئارقىلىق بۇ تىلدا بولمىغان بىرەر نەرسىنى تەسۋىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بېرىش ناھايىتى قىيىن. مەسىلەن، سىز تاۋۇز سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، باققالغا: «ماڭا ئۆزى يوغان، پوستى يېشىل رەڭلىك، شەكلى تۇخۇمغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئىچى قىزىل ۋە سۇلۇق، تاتلىق بىر مېۋە بېرىڭ...» دەپ سورىشىڭىز كېرەك.
شۋېتىسىيىلىك ئالىي مەكتەپ پروفېسورى زەكرىسسون (R.E. Zachrisson)، ئىنگلىز تىلىنىڭ ئۆگىنىشكە ئەڭ تەس يېرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن يېزىلىشىنىڭ پەرقىنىڭ چوڭلۇقى، دەپ ھۆكۈم قىلدى ۋە بۇ قارىشىغا ئاساسەن، ئۇ يېڭىچە بىر تىل ئىجاد قىلدى. ئۇ ئىجاد قىلغان بۇ تىل Anglic دەپ ئاتالدى. بۇ تىل ئەمەلىيەتتە ئىنگلىز تىلىنىڭ ئۆزى بولۇپ، پەقەت ئىنگلىز تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ يېزىلىشى بىلەن تەلەپپۇزى ماسلاشتۇرۇلغانىدى. «Father» سۆزى بۇ تىلدا «Faadher» دەپ، «New» سۆزى «Nue» دەپ، «Years» سۆزى بولسا «Yeerz» دەپ يېزىلاتتى... ئەپسۇسلىنارلىقى، Anglic ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان قوللىنىلمىدى.
ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئىنگلىز تىلى بەلكىم دېڭىزچىلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل بولۇشى مۇمكىن. بۇ تىل ئادەتتە Seaspeak (دېڭىز تىلى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىلدا ئەمەلىيەتتە ھەقىيقى تولۇق جۈملە يوق. سىز پەقەت سۆز بىرىكمىلىرى ياكى سۆزلەرنىلا ئىشلىتىپ، مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلەيسىز. مەسىلەن، بۇ تىلدا سىزنىڭ «كەچۈرۈڭ، بايا نېمە دېدىڭىز؟» ياكى «مەن چۈشەنمىدىم، قايتا دېسىڭىزچۇ؟» دېيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز پەقەت «قايتا دە!» دېسىڭىزلا بولىدۇ. گرامماتىكىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!
بۈگۈنكى كۈندە كومپيوتېر ۋە خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنگلىز تىلىنىڭ يېڭى بىر شەكلى مەيدانغا كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئېلخەت ئالاقىسى ۋە تور پاراڭلىرى ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئالاقە جەريانىدا O I C (ھە، چۈشەندىم)، T T Y L (كېيىن پاراڭلىشايلى)... دېگەندەك Netlingo (تور تىلى) سۆزلىرى كەڭ قوللىنىلماقتا. كىم بىلىدۇ، كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل دۇنياۋىي تىل سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالماسلىقى، بىز ھەممىمىز يېڭى بىر Internetish تىلىدا راۋان ئالاقە قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kimse تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-9 04:54
|
|