يۇقىرىقىسى يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسىي كۆرۈنمە يۈزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ پروگرامما «شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى يازما يېتەكچىسى 1.0» دېگەن دېتالنىڭ كېيىنكى نۇسخىسى «شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 2.0» غا ئازىراق ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن «شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 3.0» نۇسخىسى بولۇپ، بۇ پروگرامما ئارقىلىق خېلى كۆپلىگەن مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ھازىر دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەتقان بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېر - ئۇچۇر بىلىملىرىنى ئۆگىنىش دولقۇنىمۇ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش ۋە كۈندىلىك ئىشلىرىدا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر مۇشۇنداق بىر خىل ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قىسىم كومپيۇتېر تور بىكەتلىرىنىڭ يازمىلىرىنى توپلاپ كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن سىز ئىشلىتىۋاتقان مەزكۇر <<شاھدىيارسوفت يازما يېتەكچىسى 3.0>> ناملىق بۇ يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقتۇق.
بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق <<شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى>> نىڭ 12 تۈرلۈك ئەڭ يېڭى 20 تېمىلىرىنى تېزلا كۆرەلەيسىز. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئەڭ يېڭى تېمىلار، ئىنكاسلىق تېمىلار، نادىر تېمىلار، شاھدىيارسوفت سەھىپىسى، كومپيۇتېر دۇنياسى، يۇمشاق دېتال پروگرامما رايونى، تور پروگرامما رايونى، مېدىيا تېخنىكىسى رايونى، كومپيۇتېر دەرسخانىسى، يۇمشاق دېتال رايونى، قاتتىق دېتال رايونى، مۇلازىمېتىر رايونى قاتارلىق 12 تۈرلەر بويىچە 240 تېمىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
«شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى» تور بېكىتىدىن باشقا يەنە 6 تور بىكەتنىڭ 20 دانە ئەڭ يېڭى تېمىلىرى ۋە 20 دانە نادىر تېمىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گورۇپپىسى، ئىنتىل سەيناسى، نۇرقۇت ئەترىتى، ئالىپ تورى، روھلان تورى، بۇلاقجان تورى قاتارلىق 6 تور بىكەتلەرمۇ قوشۇلغان.
<<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن ئورۇنغا يەنە داۋاملىق تور بىكەت قوشۇشقا بولىدۇ.، <<باشقا بىكەتلەر>> دېگەن يەر بىۋاستە توردىن ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا بۇ دېتال سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا بولسىمۇ بىز <<باشقا بىكەتلەر>> نىڭ تېمىلىرىنى تور يۈزىدە قوشۇپ قويساقلا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى <<باشقا بىكەتلەر>> رايونىغىمۇ قوشۇلۇپ چىقىدۇ.
<<ھەمكارلىق>> دېگەن ئورۇن بولسا تور بېكىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئورۇن ۋە تور بىكەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئېلانلىرى قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنمۇ تور يۈزىدە يېڭىلىنىدۇ.
تور بېكىتىمىزدە ساپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئانا تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ بېقىشنى خالىسىڭىز تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغايسىز.
تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ يازما يوللاپ تۇرسىڭىز جۇغلانمىڭىزغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولالايسىز. بىلگەنلىرىڭىزنى يوللاڭ، باشقىلار پايدىلانسۇن. بىلمىگەنلىرىڭىزنى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن .
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، بايقىمىسا نېمە پايدا!
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى!
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت ئىشخانىسى
شاھدىيار تور بېكىتى بېكەت ئىشخانىسى
يېڭىلانغان ۋاقىت 2011- يىل 7- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=4206 |