ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2915|ئىنكاس: 19

msnنىمۇ جوڭگۇنىڭ نازارەت قىلامدىغاندىمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاڭلىشىمچە بىز ئادەتتە ئىشلىتۋاتقان چ چ نى نازارەت قىلىپ تۇرغۇدەك.بىزنىڭ يازغان ھەربىر ئېغىز سۆزىمىزنى نازارەت قىلغۇدەك.مېنىڭچە بۇ تازا قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ.ئادەم دېگەندەشەخسىي مەخپىيەتلىك دىگەن نەرسىمۇ بارئەمەسمۇ. شۇڭا يېقىندا msnيېڭىدىن ئىشلىتۋاتمەن،ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم جوڭگۇنىڭ بۇنىمۇ نازارەت قىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-8 16:58  

ۋاقتى: 2011-7-7 23:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ، نازرەت قىلىش كۈچى دۆلىتىمىز مۇڭداشقۇلىرىنىڭكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. ئىشقىلىپ گەپ- سۆزدە دىققەت قىلغان ياخشى.
ۋاقتى: 2011-7-8 00:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بىر قىسىم نازارەت ۋاستىلىرى ئاپتوماتىك سۈزۈۋېتىش سىستېمىلىرى تەرىپىدىن تازارەت قىلىنىشى مۇمكىن.
ھەر قانداق ۋاقىتتا گەپ - سۆزگە دىققەت قىلغان ياخشى.
نورمال ئالاقە توسقۇنلۇققا ئۇچىرىمايدۇ.
ۋاقتى: 2011-7-8 01:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز كومپىيوتورنىڭ كەينىگە rj45 تۇشىكىگە تور سىمىنى سالغاندىن باشلاپ  سىز ھەرگىز يالغۇز قالمايسىز.شۇڭا ئۆزىڭىز دىگەن ھەر قانداق سوزگە ئۆزىڭىز ئىگە بۇلىشڭىز كىرەك.مەيلى سىز ھەرقانداق دىتال ئىشلىتىڭ(nsa )نىڭ ياساپ بەرگەن دىتالى بۇنىڭ سىرتىدا.ئەلۋەتتە بۇمۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. بۇنداق سۇئالنى سوراشنىڭ ئوزى بىر ئارتۇقچە ئىش.
ۋاقتى: 2011-7-8 07:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشى ئالاقىلىشىش بولسا ، يۈزتۇرانە تۇرۇپ ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ، ئىككىنچى بىر ئادەمنى كىرگۈزمەي پاراڭلىشىش كېرەك. تام نىپىز بولۇپ قالمىسۇن يەنە. بىزدە تامنىڭمۇ قۇلۇقى بار دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ. يەنە پاراڭلاشقاندا يان تېلېفۇننىمۇ يىراق يەرگە قويۇۇپ قۇيۇپ ئاندىن پاراڭلىشىڭ، ياكى بولمىسا يان تېلېفۇننىڭ مېيىنى چىقىرۋېتىڭ. ئىتىپ قۇيۇش ( گۈئەنجى ) بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ. چۈنكى يانفۇنمۇ جاسۇسلۇق قۇرالىنىڭ بىرى. مەخپى گىپىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى ئادەم بارمايدىغان، يان تېلېفۇننىڭ سىگنالى تارتمايدىغان جاڭگاللىققا بېرىپ پاراڭلاشقان ياخشى. بولمىسا غ+ت= غىت تۇرغان تۇرغان ياخشى.
ۋاقتى: 2011-7-8 10:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن بىزىنى كىمىنىڭ قانداق نازارەت قىلىشى ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، قانونغا خىلاپ بولمىسا  قايسى دىتالدا نىمە دەپ سوزلىششش
ئىختىيارىمىز. لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەككى، بىزىنىڭ بارلىق ياخشى يامان ئىشلىرىمىزىنى كۇرۇپ تۇردىغان، قەلبىمىزدىكى ئۇي-پىكىرلىرىمىنى بىلىپ تۇردىغان ياراتقۇچىمىز ئاللاھىنىڭ بىزىنى ھەر بىر دەقىقە نازارەت قىلىپ تۇردىغانلىقىدۇر!!!

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-7-8 17:45
ياخشى: 5
نەق گەپ  ۋاقتى: 2011-7-8 17:44
ۋاقتى: 2011-7-8 10:13:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heqyol يوللانغان ۋاقتى  2011-7-8 07:18
ئەڭ ياخشى ئالاقىلىشىش بولسا ، يۈزتۇرانە تۇرۇپ ئىشىكنى  ...

توغرا گەپ قوللايمەن ئاشۇنداق قىلىش كىرەك  
ۋاقتى: 2011-7-8 10:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقارقى تورداشلار توغرا دەيدۇ. توردىكى ھەممە پائالىيىتىڭىز خالىغان ۋاقىتتا نازارەت قىلىندۇ. ئې خەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
قانۇنغا، ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئاساستا پاراڭلىشاتتىم دەيدىغانلار بولسا ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرچە MSN توپىغا كىرىڭلار. ئانا تىلنىڭ ھوزۇرنى بىرلىكتە سۈرىمىز. ئادېرس: afrasyap@live.cn
ۋاقتى: 2011-7-8 11:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش توغرىلىق مەن خېلى بۇرۇنلا چۈشەنچە بېرىپ بولغان، شۇنداقتىمۇ بۇ يەرگە قايتا چاپلاپ قوياي:
--------------------------------------
تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلار ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ.


بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تورغا چىقىش ئۇسۇلىغا نەزەر سالايلى. ھازىر دىيارىمىزدا تورغا چىقىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۈچ چوڭ ئالاقە شىركىتى (كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف)دىن بىرەرسىدىن تورغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىسىز. تورخانىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. رەسمىيەت بېجىرگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە، سىزنىڭ مۇناسىپ ئۇچۇرلىرىڭىز ئالاقە شىركىتىنىڭ ساندانىغا خاتىرىلىنىدۇ. ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.

ئەمدى سىزنىڭ ئۇچۇر يوللاش ۋاسىتىڭىزغا نەزەر سالايلى. تور دۇنياسىدا سىز ئۇچۇر يولللىيالايدىغان ۋاسىتىلەر ئاساسەن پاراڭلىشىش دېتاللىرى(QQ, MSN Messenger, Yahoo Messenger...)، ئېلخەت، تور بېكەت(مۇنبەر، سەينا، بلوگ، شەخسىي تور بەت،BBS)لەردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل بولغان، ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ IP ئادرىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئىقتىدارى بار. IP ئادرىسى بار بولدى دېگەنلىك، سىز تۇرۇۋاتقان جاي تېپىلدى دىگەنلىكتۇر.

ئەمدى ئۇچۇرنىڭ يوللىنىش جەريانىغا نەزەر سالايلى. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كونۇپكا تاختىلىرىنى بېسىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئېكراندىكى «يوللاش» كونۇپكىسىنى بېسىش. سىز شۇ كونۇپكىنى باسقان ھامان، ئۇچۇرلىرىڭىز دەرھال ئىككىلىك سىستېمىسى بويىچە كودلىنىپ، كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىدىن ئۆتۈپ، تور سىمى(نۇر كابېل، سىمسىز ئالاقە دولقۇنى) ئارقىلىق، سىزگە تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئالاقە شىركىتىنىڭ باش مۇلازىمېتىرگە بارىدۇ، (دېمەك، ئۇچۇرلىرىڭىزنى مۇشۇ يەردىلا تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ.) ئاندىن تور نام يەشكۈچ مۇلازىمېتىر سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى سىز يوللىغان مەنزىل (تور بەت، ئېلخەت ساندۇقى، پاراڭلىشىش دېتالى)نىڭ مۇلازىمىتېرىگە يوللاپ بېرىدۇ، (مۇشۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ) ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلدىكى مۇلازىمېتىر ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەگەر تور بەت(مۇنبەر،سەينا....) بولسا مۇناسىپ تور بەت كودىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساندانغا ساقلايدۇ، ئەگەر ئېلخەت مۇلازىمېتىرى بولسا ھۆججەت شەكلىدە مۇلازىمېتىرغا ساقلايدۇ، ئەگەر پاراڭلىشىش دېتالى بولسا قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېرىدۇ(مانا بۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قېلىش تامامەن مۇمكىن). بۇ جەريانلار پەقەت نەچچە مىللىسېكۇنتتىلا تاماملانغاچقا، بىزدە خۇددى ئۆيدە ئولتۇرۇپ خەت يازساق، بىۋاسىتە قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىغا يوللىنىپ كۆرۈنگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئالدىنقى يىلى قايسى بىر تور بېكەتتە QQ ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تېما يوللىنىپ، كۆپچىلىك بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ كەتكەن، بەزىلەر ھەتتا QQ دىن ۋاز كېچىپ، باشقا پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى ئىشلەتمەكچىمۇ بولۇشقان ئىدى، ئەمما شۇنىسى ئېنىق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەيلى سىز قانداق پاراڭلىشىش دېتالى ئىشلەتمەڭ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك، سىزنىڭ ھەربىر ئېغىز يوللىغان ئۇچۇرىڭىز ھەر ۋاقىت بىر نەچچە مۇلازىمېتىردىن ئۆتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەگەر سىز بىرەر قالايمىقان سۆز-سۈرەتلەرنى تورغا يوللىسىڭىز، ج خ ئورگانلىرى سىزنى قانداق تاپىدۇ؟ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇچۇرلىرىڭىز ھامان بىرەر جايغا ساقلانغان بولغاندىن كېيىن، سىزنى تېپىش ئىنتايىن ئاسان. ئالدى بىلەن سىز ئۇچۇر يوللىغان تور بەت(مۇنبەر، سەينا...)نىڭ ساندانىدىن سىزنىڭ IP ئادرىسىڭىز ئىزدەپ تېپىلىدۇ. ئاندىن IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ئالاقە شىركىتى تېپىپ چىقىلىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنىڭ رەسمىيەت بېجىرگەن تېلېفون نومۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، تېلېفون نومۇرىڭىزغا ئاساسەن، ئالاقە شىركىتىدىن سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى-ئۈچ ساقچى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئىشىكىڭىز ئالدىغا پەيدا بولىدۇ، بۇ جەريانغا پەقەت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا يېرىم سائەت، بولمىسا بەش-ئون مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ بەزىلەر يەنە، ھەممە نەرسە ئاشۇ IP ئادرىسىغا باغلىق بولغاندىن كېيىن، IP ئادرىسى ئۆزگەرتىدىغان دېتاللار ئارقىلىق IP ئادرىسىمىزنى ئۆزگەرتىپ يوللىساق بولىۋېرىكەنغۇ؟ دەپمۇ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، سىز دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالغان IP ئادرىسى بېكەت پروگراممىلىرىنى ئالدىيالىغىنى بىلەن، ئۇچۇر ئۆتۈۋاتقان مۇلازىمېتىرنى ھەرگىز ئالدىيالمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بۇنداق خام-خىياللاردا بولماڭ.

قىسقىسى، پۇل خەجلەپ تورغا چىقىۋاتقان ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلماي، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-8 11:35  

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 3   ۋاقتى: 2011-7-8 17:00
ياخشى: 3
  ۋاقتى: 2011-7-8 17:00

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-7-8 12:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ يازمىسى

رەھمەت ئۇستام، كۆپ نەرسىنى بىلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2011-7-8 15:22:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا ئەپەندىمىنىڭ سوزىگە بىر مىسال:
تۇرمىدىن قىچىش فىلىمىدە بىر يىرى بارغۇ  قايسى بولىمىنىڭ قايسى قىسمى ئىسىمدە يۇق،مايكوللار ىرلىشىپ سىللانى قولغا چۇشۇرۇش ئۇچۇن 2- كارتنى ئىزدەيدىغان قىسمى. شۇنىڭدا ھىلىقى كوريەلىك خاككىر توردا يوللانغان ھەر قانداق ئىلخەتىنىڭ شۇ يەرلىك مۇلازىمىتردا ۋاقتىلىق توختاپ ئوتىدىغانلىقى، شۇ مۇلازىمىتردىن يوللانغان ئىلخەتلەرىنى كورگىلى بولدىغانلىقىنى دەپ. شۇ مۇلازىمىتىر ئۇيىگە كىرىدىغۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاھاكازا.................
ۋاقتى: 2011-7-8 17:56:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش alip نىڭ يازمىسى

مەسىنجىرنى ھېچ ئىشلىتىدىغانلارنى تاپالمايۋاتقانتىم. باشقا ئىنتىلداشلارمۇ قالدۇرۇپ قويسا بولاركەن.
مېنىڭكى
Murkabir@Live.com
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-8 23:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇداغا شۈكرى تاس قاپتىمە ئۆزۇمگە ئىش تاپقىلى.ئەمدى بۇ ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلسام بولغۇدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat... تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-8 23:12  

ۋاقتى: 2011-7-9 01:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازمىغان مەنلا قاپتقمەنمۇ نىمە مىنىمۇ قۇشۋىلىڭلار  xawkat521@xample.com
ۋاقتى: 2011-7-10 12:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamat... يوللانغان ۋاقتى  2011-7-8 23:10
خۇداغا شۈكرى تاس قاپتىمە ئۆزۇمگە ئىش تاپقىلى.ئەمدى بۇ  ...

مەمەتجان، باش سۈرەتنى يەڭكۈشلەڭ

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 3   ۋاقتى: 2011-7-10 12:39
ياخشى: 3
ئالماشتى  ۋاقتى: 2011-7-10 12:39
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:35 , Processed in 0.162259 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat