ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 5

ئاياللار _ شىپالىق دورا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوماق ئايال _ دولانە كۇمىلىچى . ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى  ئاشۇرىدۇ .
   جەزبىدار ئايال  _ روھلاندۇرغۇچى دورا .  تىنىچ تۇرغان نىرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ .
   ئەقىللىق ئايال  _ ئاسپىرىن  . ساغلام بولمىغان ئوي پىكىرىڭىزدىن خالاس قىلىپ ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
   مۇلايىم ئايال _ ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ .
   سىرداش ئايال _ ئاغرىق توختىتىش دورىسى . گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ ، لىكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ .  
   ئاقكۆڭۈل ئايال _ ئىسپىرت . قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ ، روھىڭىزنى ئۇرغىتىدۇ . گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى دۇنيانى دىزىنفىكسىيە قىلىدۇ .
   كەڭ قورساق ئايال  _ تىز ئۈنۈم بىرىدىغان يۈرەك دورىسى . چۈشكۈنلەشكەن ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ .
  ياسالما ئايال _ سۇيۇق دورا . ئېغىزنىڭ ئۇچچىدىلاتەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ساختا تەسەللى بىرىدۇ .
  ئىمانلىق،    دىيانەتلىك ، شەرمى ھايالىق ئايال _ ئەرلەرنىڭ ئىككى دۇنيادىكى بەختى.

مەنبەسى:پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى
ۋاقتى: 2011-7-8 11:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكمەتلەركەن رەھمەت سىزگە نادىر تىمللىرىڭز ئۈزۇلۇپ قالمىغاي
ۋاقتى: 2011-7-8 12:14:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ قانداق بولۇشى ئائىلىگىلا ئەمەس ،ئەرلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئاقكۆڭۈل ئاياللار : بۇنداق ئاياللار ئېرىنى ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ يېقىن ئادىمىم دەپ قارايدۇ .ئۇ ئېرىگىلا ئەمەس، قوشنىلىرى، خىزمەتداشلىرىغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشكە ماھىر كېلىدۇ، بىرەر ئىشنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قالسىلا، مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ. خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، بىرەر پېشكەللىككە يولۇققانلىقىڭىزنى سۆز-ھەركىتىڭىز ، يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزغا قاراپلا بىلىۋالالايدۇ ۋە سىزگە تەسەللىي بېرىپ،كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

ئەقىللىق ئاياللار : بۇنداق ئاياللار ئەدەپلىك ، كەم سۆز، پەزىلەتلىك كېلىدۇ . بىرەر ئىشتا دەرھال بىر قارارغا كېلەلمىسىڭىز ، ئۇ سىزگە بۇ ئىشنى قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بېرەلەيدۇ، بۇنداق ئاياللار كەسپتە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا ئىشىنىدۇ ھەم سىزنى قوللايدۇ. ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ۋە ئىقتىدارىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقتىڭىزدا ھەرگىز ئارىسالدى بولمايدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشىڭىزغا مەدەت بېرىدۇ.

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۈمىدۋار ئاياللار :  بۇنداق ئاياللار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى قەدىرلەيدۇ. بۇنداق ئاياللار ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئاياللاردۇر. ئۇلار ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلايدۇ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يېتىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، تۇرمۇشتا سىزنى تەڭلىكتە قويمايدۇ، ئائىلىنىڭ كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، يولدىشىنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىدۇ، بۇنداق ئاياللار ئائىلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خىزمەت ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇليەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، ئائىلە خىراجىتىنى تەڭشەپ جايىدا باشقۇرۇشنى بىلىدۇ.

مۇستەقىللىق قارىشى كۈچلۈك ئاياللار : بۇنداق ئاياللار بىرەر ئىشنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىغىغا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. ھەمىشە ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، ئۆز ئىشلىرىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق ئاياللار تىرىشچان كېلىدۇ. ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى، ئىدارىسىنىڭ، كوللىكتىپنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئويلايدۇ، ھەركەتچان بولۇپ، ئۆز ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆزىتىدۇ، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ئاسان ھېس قىلالايدۇ، تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

زامانىۋى ئاڭغا ۋە سۆز سەنئىتىگە ئىگە ئاياللار : بۇنداق ئاياللار كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.  يېڭى بىلىملەرنى، يېڭىلىقلارنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلىلەرنى بېجىرىش جەھەتلەردە زامانغا لايىق ئىش كۆرىدۇ، سۆز سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. قارىشىنى ئىپادىلەشكىمۇ ماھىر كېلىدۇ . ئۇ سىزنى تېخىمۇ يېڭى بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە، يېڭى شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى چۈشىنشكە يېتەكلەيدۇ .

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 3   ۋاقتى: 2011-7-9 01:13
ياخشى: 3
  ۋاقتى: 2011-7-9 01:13
ياخشى: 3
  ۋاقتى: 2011-7-8 16:46
ۋاقتى: 2011-7-8 18:54:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار توغرۇلۇق ئويلاشقا باشلىغىنىمدا ئۇچرىغىنى ياخشى بولدى بۇ ھىكمەتلەرنىڭ
ۋاقتى: 2011-7-9 12:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا « مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ كەينىدە چوقۇم بىر ياخشى ئايال بولىدۇ »دەپتىكەن بۇرۇنقىلار ...............
بىراق نۇرغۇن ماتىرياللاردىن ئۇچراتتىم .خېلى كۆپ ساندىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئۆيلەنمىگەن ياكى جۆرىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلەرمىش
ۋاقتى: 2011-7-12 18:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار تۇغۇرسىدا ماقال تەمسىل

ئانا كۆرۈپ قىز ئال،قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ياخشى خوتۇن تۇل ئەمەس، تۇل بولسىمۇ يىل ئەمەس.
تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى ياخشى خوتۇن بىلەن.
ياخشى خوتۇن ئەرگە دۆلەت.
ئۆيدە خوتۇن بولمىسا ئۆيدىن بوران چىقىدۇ.
خوتۇنسىز ئەر قىرسىز يەر.
خوتۇن كىشىنڭ تۇللىقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
خوتۇنلۇق روزىغارگۈلدۇر،خوتۇنسىز روزىغار چۆلدۇر.
خوتۇنىڭ ئوبدان بولسا قازىنىڭ ياغ،خوتۇنۇڭ ئەسكى بولسا يۇرىكىڭ داغ.
خوتۇنۇڭ ئۆلدى قامچاڭ سۇندى.
ياخشى خوتۇن ئەرنى شۈمشەيتمەس.
چىرايلىقنىڭ چىقىمى كۆپ.
خوتۇنسىز كۈنۈڭ، چىراقسىز ئۆيۈڭ.
ياخشى خوتۇن ئەرگە يۆلەك.
چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس كۆيگەن چىرايلىق.
ئۆيۈڭدە خوتۇن بولسا ياقاڭ كىر بولماس،خەق بەرگەن ئاش ساڭا ئاش بولماس


ئانا ھەققىدە ئەڭ ئېسىل ھىكمەتلەر

   ئانا بالىغا ئاتىدىن كۆپرەك كۆيۈنىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ بىر پارچىسى بىلىدۇ، ئاتا بولسا ئۇنى پەرزەنتىملا دەپ قارايدۇ.
                                                      -مىنارد
   ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭلىق شەخس بولسۇن، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر.
                                          -ئامچىيوس
    ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر ئىللىق تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
                                                -چوڭ ديۇما
   ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسياتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم-ئەندىشىسىنى ئۇنتۇيدۇ.
                                           -ماۋدۇن
  بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئانا بولسۇن.
                                  -خۇ گو
  ساغلام، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك.
                              -گومورو
دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق.
                             -گور كې
ئانا بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيىچىسى ۋە مۇئەللىمى.
                        -سۇخوملىنىسكىي
مېھرىبان ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويغان گۈلگە ئوخشايدۇ. رەڭگى پۇرۇقى بولسىمۇ، يىلتىزى يوق.
                              -لاۋشى
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى      2010-يىلى14-سىنتەبىر

  ※ ئاتا – ئانا — پەرزەنتلەرنىڭ قابىل، ئىقتىدارلىق ئۇستازىدۇر.
   ※ ئاتا – ئانا — مەسۇم بالىلارنىڭ قەلبىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكتۇر.
   ※ ئاتا – ئانا — پەرزەنتلەرنىڭ سۆيۈملۈك مەدەتكارىدۇر.
   ※ ئاتا – ئانا ھېكمىتى — پەرزەنتلەرنىڭ قىسمىتىدۇر.
   ※ ئاتا – ئانا — پەرزەنتلەرنىڭ ئىپتىخارىدۇر.
   ※ ئاتا – ئانا — پەرزەنتلەرنىڭ ئۈمىد شامىنى ياندۇرغۇچىدۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 13:33 , Processed in 0.122848 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat