ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1709|ئىنكاس: 1

ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. تەلەپپۇز مەسىلىسى
بىزدە ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر تىلنى تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدۇ دىگەن خاتا قاراش بار، تىل ئۈگىنىشتىن بۇرۇن بۇنىڭ خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كېرەك. دۇنيادا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق تىل بار، تاۋۇشلار تىخىمۇ كۆپ. ئەمەلىيەتتە باشقا بىر تىلدىكى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ئا تاۋۇشىغا ئوخشاش ئاڭلانغان تاۋۇشمۇ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ئا بىلەن يەنىلا پەرىقلىق بولىدۇ. لىكىن بۇ خىل يىقىن تاۋۇشلارغا بولغان پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىمىز بوۋاقلىقىمىزدىن كىيىن ئاجىزلىشىپ، يەنى رۇدمىتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. كانادادىكى تىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، بالا تۇغۇلۇپ تەخمىنەن 4 ئايلىق بولغۇچە دۇنيادىكى ھەرقانداق تاۋۇشنى پەرىق ئىتەلەيدىكەن. كىيىنچە بالىنىڭ كاللىسىدا، ئىنىقىراقى ئاڭلاش سېزىمى قىسمىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلەشكەن تىلىدىكى تاۋۇشلار مۇقىملىشىپ، ئەسلى بولغان كۈچلۈك پەرىق قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ بارىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بالىلارغا تاۋۇشنى توغرا ئۈگىتىش كۆپ ئاسان بولىدۇ. گەرچە يىشىمىزغا ئەگىشىپ بۇ خىل پەرىق ئىقتىدارىمىز ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ مەشىق قىلىش ئارقىلىق تەلەپپۇزنى يەنىلا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. توغرا تەلەپپۇز قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل: بىرى مۇناسۋەتلىك فونتېكا كىتابلىرىنى تېپىپ، ھەر بىر تاۋۇشنى چىقارغاندىكى تىل ۋە لەۋ ھالەتلىرى بار رەسىملەرنى ياخشى كۆرۋىلىش. مىسالەن: ئىنگىلىز تىلىدىكى s ھەرىپىدە چىش جىپسىلاشقان، تىل ئاست-ئۈستى چىشلار ئۇچراشقان يەرگە تىگىدۇ. thank سۆزىدىكى th بولسا، تىل ئۇچى ئىككى چىش ئارىسىغا قىسىلىپ سۈركىلىپ چىقىدۇ (بۇ تاۋۇش ئۇيغۇر تىلىدا يوق!!!). [v] دا لىۋىمىزنى چىشلەيمىز، [w] دا لەۋ چىشلەنمەيدۇ، بەلكى يۇملاق ھالەتتە بولىدۇ دىگەندەك. ئىككىنچىسى، يۇقارىقى ئۇقۇمنى ئىنىق قىلغان ئاساستا مەخسۇس ئەسلى تىلىدىكى كىشىلەر سۆزلىگەن لىنتىلارنى ئىلىپ، دوراش ئارقىلىق مەشىق قىلىش. كاللىمىزدا ئامال بار شۇ تىلدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى ئۆز تىلىمىزغا ئوخشىمايدىغان تاۋۇش دەپ قارايلى.

2. تىلنى سىستىمىلىق ئۈگىنىش

ھەر ئادەمنىڭ كاللىسى ئوخشاش بولمايدۇ، تىلنى ئۈنۈملۈك ئۈگىنىشتە قايسى ئۇسسۇل سىزگە ئەڭ ياخشى ماس كىلىدۇ بۇنى تىپىپ چىقىش كېرەك. لىكىن بۇنى بىر دەمدىلا بىلگىلى بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈپ تىپىپ چىقىش كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراق ماتېريال كۆرۈش لازىم بولىدۇ، ھەم خىلى ۋاقىت كىتىدۇ. لىكىن بىر تىل ئۈگەنگەندىكى ياخشى ئۇسۇلىڭىز باشقا تىللارنى ئۈگەنگەنگىمۇ خىلىلا ماس كىلىدۇ. شەخسەن بىر تىلنى يىڭى ئۈگەنگەندە بەك ئەركىن ئۈگىنىشنى تازا قۇۋۋەتلەپ كەتمەيمەن. ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا، ياخشىسى بىر مۇقىم كىتابنى چىڭ تۇتۇپ پىششىق ئۈگىنىپ، ئاساسى بىلىمنى ياخشى تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇسۇلنى ئۈزگەرتىپ ئەركىن ئۈگىنىشكە يۈزلەنسىمۇ بولىدىكەن. بۇ يەردە ئەڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئەنگىليەلىك تىلشۇناس ئالېكساندىر تۈزگەن يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى (new concept english). ھازىرغىچە بۇنىڭدەك ئىسىل ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش دەرىسلىكى ئۇچىرتىپ باقمىدىم. بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساس: 4 قىسىملىق بۇ توپلامدا دەرىسلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايتى سىلىق ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ، سىزدىن “چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش” نى تەلەپ قىلمايدۇ. تېكىستلەرنىڭ سانى كۆپ، تىلى شۇنداق ياخشى تاللانغان (بولوپمۇ 4-قىسمىدا جورج ئورۋەل، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى بىرتراند رۇسسىل غا ئوخشاش مەشھور يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئارىيە ئىلىنغان، ئۇ تېكىستلەر ھازىرقى زامان ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئەڭ يېتۈك نەمۇنىلىرى ھىسابلىنىدۇ، تازا يادلىۋىلىشقا ئەرزىگۈدەك تېكىستلەر). ھەم دەسلەپتە ئۈگەنگەن سۆزلەرنىڭ كىيىن تەكرارلىنىشىمۇ ياخشى، بۇنداق بولغاندا شۇ سۆزلەرنىڭ ئەستە تۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. يەنە بىر يىرى، مەشىقلەرنىڭ سانى كۆپ، ھەم پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەگەر ھەر بىر دەرىس ئاخىرىدىكى مەشىقلەر تەلەپ بويىچە تولۇق ئورۇندىلىپ مىڭىلغان ئەھۋالدا، دەرىسكە بولغان چۈشىنىش ناھايتىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرىراق بولغان كىيىنكى دەرىسلەردە ئۈگەنگۈچى قىيىنلىق ھىس قىلمايدۇ. ياخشى بىر پايدىلنىش قوللانمىسى بولغان ئەھۋالدا، ئۈزلۈكىدىن ئۈگىنىشكە تولىمۇ ماس كىلىدۇ. كۆپىنچە ئۈگەنگۈچىلەر ئارقىسىدىكى مەشىق تەلەپلىرىگە تازا ئىتبار بەرمەيدۇ، لىكىن ئەڭ مۇھىم پىششىقلاش شۇ مەشىقلەردىن كىلىدۇ.

3. شەخسى تەجىربىلەر

دەسلىپىدە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئاغىنەمدىن تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۈگىنىۋالدىم. ئاندىن يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن باشلاپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۈگەندىم. پىلاستىنكىسىدىن ھەر بىر دەرىسنى ئۈگىنىشتىن بۇرۇن 3 قىتىم ئۈگەنمەكچى بولغان تېكىستنى ئاڭلىدىم. تېكىستنى بىر قۇر ئوقۇپ، ئاندىن سۆزلەرنى ئۈگەندىم، ئاندىن پىلاستىنكىنى يەنە 3 قىتىم ئاڭلىدىم، ئاڭلاپ چۈشىنىشكە تىرىشىپ باقتىم. ئاندىن تېكىستنى پىششىق چۈشەنگىچە ئوقۇدۇم، قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش كىتابىنى كۆردۈم. ئاندىن ئاخىرىدا يەنە ئاز دىگەندە پىلاستىنكىنى 3 قىتىم ئاڭلىدىم، ئامال بار ئاھاڭى ۋە ئورغۇسىنى ئۆزلەشتۈرۋىلىشقا تىرىشىپ، تىكىستنى يادلاش جەريانىدا ئاۋازىنى دوراشقا تىرىشىتىم. ئاندىن دەرىس ئاخىرىدىكى ھەر بىر مەشىقنى تەلىپى بويىچە تولۇقى بىلەن ئورۇنداپ ماڭدىم، چۈشەنمىگەن يەرلەرنى پايدىلنىش كىتابلىرىدىن كۆردۈم. ھەر بىر قىسىمنى تۈگەتكەندە بىر ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەكرارلاپ چىقتىم. شۇ تەرىقىدە 4 قىسىم كىتابنى تۈگەتتىم، بۇ جەرياندا بەزى ئوقۇشلۇقلارنى ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ تۇردۇم، ئىنگىلىزچە ناخشا تىكىستلىرىنى ئۈگىنىش، كىنو كۆرۈشلەرنى ھەم قوشۇمچە قىلدىم، لىكىن شارائىت تۈپەيلى ئاساس بولمىدى . بەزىلەر بۇ كىتابتا گرامماتىكا سۆزلەنمىگەن، ئۈگىنىش تەس دەيدۇ، لىكىن ئاپتور سىزگە قائىدە سىلىپ بەرمەستىن، گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ بايقاپ چىقىشىغا قالدۇرىدۇ، يەنى تەبئى ئۈگىنىشكە يىتەكلەيدۇ.

كىيىنچە تىكلىگەن ئاساسىم بىلەن جۇرنال-كىتابلارنى كۆرۈپ يۈردۈم، داۋاملىق يىڭى سۆز ئۈگىنىپ تۇردۇم. ئىنگىلىز تىلىدىكى فىلىملارنى كۆپىرەك كۆرىدىغان بولدۇم. CET-4، -6 ئىمتىھانلىرى ئۈچۈن ئاساسلىقى سۇئال ئىشلىدىم. TOEFL ئۈچۈن، دوستۇمدىن يىڭى شەرىق تىل تەربىيلەش مەركىزى تارقاتقان مەشىق توپلىمىنى ئىلىپ ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىق مەشىق ئىشلىدىم ھەم مەشىق ئىشلەش جەريانىدا پايدىلنىش كىتابى ئارقىلىق ئاساسى قائىدىلەرنى بىلۋالدىم. بۇ يەردە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى،TOEFL گرامماتىكىسى مەشىقىنى ئىشلەش جەريانىدا گرامماتىكىغا خىلىلا پىششىق بولوپ قالدىم، TOEFL نىڭ گرامماتىكىسى بەك ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. شۇندا گرامماتىكا ئاساسىڭىز ئاجىز بولسا، توفېل گرامماتىكىسنىڭ چۈشەندۈرمىسى بار مەشىق كىتابىدىن ئۈگىنىشىڭىزنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىدىكى مەشىقلەرنى ياخشى ئىشلەپ ماڭغان بولسىڭىز، TOEFL نىڭ يىزىق قىسمىدىن ھەرگىز قىينالمايسىز. ئىمتىھاندىن بۇرۇن يىزىق قىسمىڭ شەكلىنى چىقىرىشتىكى ئاساسلىق ھالقىلارغا دىققەت قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى.

4. سۆزلۈك يادلاش ھەققىدە

ئەلۋەتتە، سۆزلۈك تىل ئۈگىنىشىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس، لىكىن بۇ ھەم ئادەمنى ئەڭ زىرىكتۈرىدىغان قىسىم. تولا بالىلار ئىسىمدە قالمايۋاتىدۇ دەپ بەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئۇنتۇپ قىلىش ناھايتى نورمال ئىش. ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ كاللىسىغا بىكىتىۋىتىلگەن دەرىجە ئەمەس. ئەگەر ئۇسۇل توغرا بولسا ھەر قانداق ئادەم كۈچەيتەلەيدۇ. بۇ مۇتەخەسىسلەر ئىسپاتلاپ چىققان نەرسە. ھەرقانداق ئادەم ھەتتا ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندىمۇ، ئەستە ساقلاشنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى تەكرارلاشتىن ئىبارەت. ئۈگەنگەن نەرسە ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا ئەسلىنىپ تۇرغاندا، ھەم بۇ خىل ئەسلەش ئادىتىنى تاشلىمىغاندا ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى ئىشىپ ماڭىدۇ. ئاددى مىسالى: قۇرئان يادلىۋالغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىغا دىققەت قىلغان بولوشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ياخشى بولوشى ناتايىن، لىكىن بىر پۈتۈن قۇرئاننى يادلاپ بولغاندىن كىيىن، ئەستە ساقلاش قابىليىتى بىر قاتتىق چىنىقىشتىن ئۆتكەن بولىدۇ.

بۇ يەردىكى ئەسلەشنى ئوقۇغۇچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىش مۇمكىن: بىر سۆزنى دەرىس ۋاقتىدا ئۈگەندىڭىز دەيلى، تەنەپۇستا شۇ سۆزنى ئەسلەيسىز، ئىسڭىزگە كەلگىچە تىرىشىپ ئەسلەيسىز. شەيئىلەر بىلەن باغلاشتۇرۇپ دىگەندەك. ئاندىن چۈشلۈك دەم ئىلىشتا يەنە بىر قىتىم، كەچتە يەنە بىر قىتىم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قىتىم، ئەتىسى ئەتىگەن يەنە بىر قىتىم. بۇ ئۇسلۇنى ئىشلەتكەندە ناھايتىمۇ ئۇزۇن جۈملىلەرنى، مۇرەككەپ سانلارنىمۇ ئىسىدە چىڭ تۇتۋالغىلى بولىدۇ. شەخسەن تەجىربەمدىن ئۆتكەن، ھورۇنلىق قىلمىسىڭىزلا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.

بەزىدە بىر كۈندىلا 100 گە يىقىن يىڭى سۆزلۈك ئۈگىنىش توغرا كىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىتابتىن ئۈگىنىۋالغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇراي:
كىچىك قىلىپ 32 پارچە كارتا ياسىۋالىسىز، ھەم ھەر بىرىگە بىردىن 32 گىچە كارتا نومۇرى يىزىپ چىقىسىز. ھەر بىر كارتىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچتىن سۆز يازىسىز، كارتا ئارقىسىغا شۇ ئۈچ سۆزنىڭ مەنىسى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىزىپ قويىسىز. ئەمدى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كارتىدىكى سۆزلەرنى ئۈگىنىۋالىسىز. سۆزلەرنىڭ مەنىلىرگە بىر قارۋىلىپ دەررۇ سۆز ئۆزىلا يىزىلغان يۈزىگە قاراپ مەنىسنى ئەسلەيسىز، تولۇق ئەسلىگىچە شۇنداق قىلىپ ئىككى كارتىدىكى سۆزنى پىششىق بىلىۋالىسىز. ئاندىن 3- ۋە 4- كارتىدىكى سۆزلەرنى شۇ تەرىقىدە ئۈگىنىسىز. 4-كارتىنى ئۈتگەتكەندىن كىيىن 1 دىن 4كىچە بولغان كارتىلاردىكى سۆزلەرنى مەنىسىگە قارىماستىن ئەسلەپ چىقىسىز. ئەمدى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە 5 تىن 8 گىچە بولغان كارتىلارنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۈگىنىپ، ئاندىن 1-دىن 8-كارتىدىكى سۆزلەرنى يەنە بىر تەكرارلايسىز. ئاندىن يەنە ئوخشاش ئۇسۇلدا 8 دىن 16 گىچە، 16 تۈگىگەندە دە بىرىنچىدىن باشلاپ 16 گىچە بىر چوڭ تەكرارلاش. ئاندىن 16 دىن 32 گىچە بولغان گۇرۇپپىلارنى ئۈگىنىپ  ئەڭ ئاخىرىدا 1 دىن 32 گىچە بىر ئەسلەپ چىقىسىز. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر سۆز بىلەن 7 قىتىم ئۇچراشقان بولىسىز. يەنى تەكرارلاش ئۆلچەملىرى، ھەر 2 كارتا، ھەر تۆت كارتا، ھەر سەككىز كارتا، ھەر 16 كارتا، ئاخىرىدا ھەممە كارتا. ئەسلەش جەريانىدا ئىمكان بولسا ھەم ئاۋازلىق قىلىڭ، يەنى شۇ سۆزلەرنى ئاۋازىڭىزنى چىقىرىپ، بولمىسا ئىچىڭىزدە ئوقۇش، شەكلىنى ھەم ئىسىڭىزدە ساقلاشقا، باشقا شەيئىلەر بىلەن باغلاشقا تىرىشىڭ. ئەستە ساقلاش جەريانىغا قاتناشقان ئەزالىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا ئەستە ساقلاشقا شۇنچە ياخشى. بۇ ئۇسۇلنى چىداپ مەشىق قىلسىڭىز سىزدىن ھورۇنلۇقنى يوقىتىدۇ، ھەم ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزنى بەكلا شۇرىدۇ، ھەتتا كىيىن كوچىدا بىرەر نۇمۇرنى بىرلا قىتىم كۆرۋالسىڭىز، ياكى بىرەر ئادەمنى بىرلا قىتىم كۆرۈپ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن قايتا كۆرسىڭىزمۇ ئىسڭىزدە تۇرىدىغان قىلۋىتىدۇ. ھىسابتا كاللىڭىز بىر نەرسىلەرنى ئەسلەشكە ئۇستا بولوپ كىتىدۇ. ئىشقىلىپ ياخشى كەيپىيات بىلەن، ياخشى پىسخىكا بىلەن قىلىنغان تىرىشچانلىقلا بولىدىكەن، ئەقىللىق بولىمەن دەپ بولالايسىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، مىڭىنىڭ ھەققى قۇدرىتى سىز ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستۈن، شۇڭلاشقىمۇ بەزى جۇرناللاردا ئىينىشتىيىنمۇ كاللىسىنىڭ ئاران 5 پىرسەتنتىدىن پايدىلنالىغان دىيىلىشى بىكار ئەمەس. مىڭىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ھەرگىز سەل قارىمايلى، ئەگەر ئىزچىل بولوپ، داۋاملىق كاللا ئىشلىتىپ، ئۈگىنىپلا تۇرساق چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز ھامان ئىشىپ ماڭىدۇ، ھەر تەس نەرسىلەرمۇ قىيىن تۇيۇلمايدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئالىي مەكتەپ قورقۇنۇچلۇق بىلىنەتتى، يەنى ئۈگىنەلەرمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم، مانا ھازىر دوكتۇرلۇق تەتقىقاتىم بىلەن يۈرۈپتىمەن، بۇ جەريانىدا ھەممە نەرسە شۇنداق تەبئىلا ماڭغاندەك بىلىنىدۇ. ھازىرقى ئىشىمدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىپبە ئۈگەنگەندىكى قىيىنلىق دەرجىسى بىلەن ئوخشاش ھىسابتا.

كاللىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرغاندا يەنە قىرىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنى  شوتلاندىيەلىك ئالىملار “ئىسپاتلاپ” چىقىپتىكەن. ئۇلارنىڭ ئىسپاتىچە، ئادەم ئورگانىزىمىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ قېرىشى مىڭىنىڭ قېرىشى بىلەن باشلىنىدىكەن، مىڭە قېرىغاندا باشقا ئەزالارغا قېرلىق سىگنالى يەتكۈزۈپ، باشقا ئەزالارنىڭ تىزدىن قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مىڭىنىڭ قېرىشنى پەقەت ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتپ تۇرغاندىلا ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

قوشۇمچە: ئەستە ساقلاش ھەم مىڭە ساغلاملىقى ئۈچۈن شاھمات ئويناش، بىرەر مۇزىكا چالغۇ ئۈگىنىش ياكى ناخشا بولمىغان مۇزىكا ئاڭلاش، تەنھەركەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، قىسىملىق كىنو كۆرۈشلەر ھەم تەۋسىيە قىلىنغان. شەخسەن ئۈزەم تىل ئۈگىنىشنى ھەققى ئۈگىنىشتەك قارىمىدىم، ماتېماتېكا، فىزىكا دەرىسلىرىگە قارىغاندا، ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش مەن ئۈچۈن كاللامنى دەم ئالدۇرۇش بولدى. فىزىكا مەسىلىلىرىنى ئىشلەپ، ياكى كىتاب كۆرۈپ ھىرىپ قالغاندا دەم ئىلىش يۈزىسىدىن ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنەتتىم، كەيپىياتىممۇ خوشال تۇراتتى. ھەم كاللامدىكى قانمۇ ئوڭ يىرىم شارىدن سول يىرىم شارغا ئۆتۈپ مىڭە يۈكۈمنى يەڭگىللىتىدۇ دەپ بىلەتتىم. تىلنى چوقۇم خوشال كەيپىياتتا ئۈگىنىڭ، چۈنكى سىز شۇ تىلنى ئۈگىنىۋالغاندا، سىز دە بىر جۈپ قۇلاق، بىر جۈپ كۆز ۋە بىر ئىغىز ئارتۇق بولىدۇ، ھوزۇرلىنىدىغان نەرسىلرىڭىز بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ، نىمىشقا خوشال بولمىغۇدەكسىز:-)



2010-يىل، كۆنەك ئىيىنىڭ 6-كۈنى

oghuzkb, شەھرى ئۇلم

مەنبە http://achinuq.blogbus.com/logs/87134256.html
ۋاقتى: 2012-11-19 22:32:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل ئەپەندى تېمىڭىزنى كۆرۈپ بىر كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتكەندەك تۇيغۇغا كەپقالدىم مىنىڭمۇ ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگۈم بار ئىدى شۇ نەدىن قايسى كىتاپتىن قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم ، ئەمدى ئازراق بولسىمۇ كاللامدا نىشان بار بولدى
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-11685-1-1.html
ماۋۇ مىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىنگىلىز تىلى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ يازغان تىمام ،
قايسى مەكتەپتە ئوقۇش قايسى كىتاپنى ئوقۇش ، قانداق ئوقۇش توغرۇلۇق مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . رەخمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 22:56 , Processed in 0.383252 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat