+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا دىسكا ئويۇش- ياساش ئوپتىك(نۇر) دىسكادىكى ئۇچۇرن ...

كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 6
go

ئوپتىك(نۇر) دىسكادىكى ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش    

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1365  
تىللا
1093  
شۆھرەت
2277  
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
umud

ئوپتىك دېسكا سۇلياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان بولغاچقا ياخشى ساقلانمىسا ئىگىلىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئوپتىك دېسكىنى قوزغاتقۇچقا سالغاندا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشى فوكۇس توغرىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئوپتىك دېسكىنىڭ ئايلىنىش سۆرئىتى تېز سۆرئەتتە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆچلۆك شاۋقۇن ئاۋازى چىقىدۇ. ئەگەر ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆز ئۆزگىرىپ كېتىش دەرىجىسى ئېغىر بولسا سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇپ چىقىرالمىغاندىن باشقا دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشىنى بۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا مۇھىم ئۇچۇر ساقلانغان ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر ئوپتىك دېسكا قاتلىشىپ ياكى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا قۇتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىگىلىپ كەتكەن دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۆرۆش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

ئوپتىك دېسكىنى چوڭ كىچىكلىكى پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىككى پارچە ئەينەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ سۇغا سالىمىز. ئاندىن سۇنى ئاستا - ئاستا قىزدۇرۇپ 80دىن 90 گرادۇسقىچە ئارىلىقتا كونترول قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قىزدۇرۇش جەريانىدا ئەينەكنى قىسقان قىسقۇچنى بارغانسىرى چىڭىتىمىز. ئوپتىك دېسكىنى قىزىق سۇدا ئۆچ مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قىزىق سۇدىن چىقىرىپ ئاستا - ئاستا سۇۋۇتۇپ ئاندىن قىسقۇچنى ئېلىۋەتسەك ئوپتىك دېسكا ئەسلىگە كېلىدۇ.

دىققەت: ئەينەكنى ئىككى دانە ئامبۇر بىلەن قىسىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەينەكنى سۇندۇرۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۆچۆن لاتىغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسە قىستۇرۇپ قىسش كېرەك.

ئوپتىك دېسكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يۆزىنىڭ سىزىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. گەرچە يۆزى سىزىلىپ كەتكەن دېسكىلارنى نورمال ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، سىزىلىش دەرىجىسى ئېغىرراق بولغانلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇتۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇھىم ئۇچۇر بار ئوپتىك دېسكا مۇشۇنداق سىزىلىپ كەتكەندە قانداق قىلىمىز؟ ئوپتىك دېسكىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئارقىلىق پاكىزە يۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىپ كۆرۆڭ. ئەگەر يەنىلا نورمال ئوقۇپ چىققىلى بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ بېقىڭ.





ئوپتىك دېسكىنى ھۆل قىلىپ تەكشى يۆزلۆك ئورۇنغا قويغاندىن كېيىن يۆزىگە بىرقانچە تامچە قاچا يۇيۇش سويۇقلىقى تېمىتىمىز. ئاندىن ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئورايدىغان ئاق رەڭلىك كۆپۆك سۇلياۋدىن كىچىك بىر پارچە تەييارلاپ يۆزىگە بىرئاز چىش پاستىسى سۆرىمىز. ئاندىن كۆپۆكچە سۇلياۋ ئارقىلىق ئوپتىك دېسكىنىڭ يۆزىدىكى سىزىلغان ئورۇننى ئىچىدىن - سىرتىغا، سىرتىدىن- ئىچىگە يۆنىلىشتە قايتىلاپ تاكى سىزىلغان ئورۇن يوقىغىچە سۆركەيمىز.

دىققەت: كۆپۆكچە سۇلياۋنى سۆركىگەندە چوقۇم ئوپتىك دېسكىنىڭ مەركىزىدىن سىرتىغا، سىرتتىن مەركىزىگە قارىتىپ سۆركەش كېرەك. ئەگەر ئايلانما شەكلىدە سۆركىسەك سىزىقچە يۇقىماستىن باشقا تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆرتۆش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بولمىسا دېسكا يۆزىدىكى سىزىقچە ئوڭايلىقچە يوقىمايدۇ.

ئوپتىك دېسكا يۆزىدىنى سىزىقچە يوقىغاندىن كېيىن ئوپتىك دېسكىنى پاكىزە چايقاپ قۇرتقاندىن كېيىن قوزغاتقۇچقا سالساق ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىمالال ئوقۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.

مەنبە: ئىنال تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-5 20:52  

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1861  
تىللا
1955  
شۆھرەت
3034  

ئاكتىپ

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 22:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن رەھمەت دوستۇم بەزى ۋاقتىلاردا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانساق بولغۇدەك

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
56  
تىللا
77  
شۆھرەت
81  
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز دىگەن ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئورايدىغان ئاق رەڭلىك كۆپۆك سۇلياۋ دىگەن قانداق نەرسە تەپسىلەرەك چۇشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭز بوپتىكەن ؟

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
10102  
تىللا
15304  
شۆھرەت
19668  

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 00:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xayar0997 نىڭ يازمىسى

泡沫 ، بىز ئۇنى «پومو» دەپ قوياتتۇق.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
262  
تىللا
233  
شۆھرەت
452  
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 15:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ خىلى بولىدىغان ئۇسۇلكەن ئەمدى جىلە بولمايلا نىشانغا يىتىدىغان بولدۇق

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1593  
تىللا
1710  
شۆھرەت
3072  

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-8-22 23:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەندە بىر cdدېسكىسى بار . ئىچىدە بەك مۇھىم سۆرەتلەر بارتى .  بۇ دېسكا شەكلى ئۆزگىرەپ كەتمىگەن . بىراق دسكىنىڭ يۈزى ئەمەس بەلكى كەينى تەرىپىگە ماي قەلەم بىلەن نەچچە تال خەت يېزىپ قويغانلىق بىلەن چىقماس بولۇپ قالدى .

كۆپچىلىك بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلىڭلار

Rank: 2

تۆھپە
23  
تىللا
34  
شۆھرەت
25  
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-8 16:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت دوستۇم   ياخشى تېمىكەن ؟!!!!     بولسا بىلگىنىڭىزنى ئېيتىپ بىرىشىگىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .  رەخمەت ؟
ئەلقۇت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-9-25 03:34 , Processed in 0.301401 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.