- توردا
- 10 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-24
- تىزىملاتقان
- 2011-2-21
- شۆھرەت
- 269
- تىللا
- 127
- تۆھپە
- 163
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 884
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 56
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1693
- تۆھپە
- 163
- تىللا
- 127
- شۆھرەت
- 269
|
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەلقئارالىق تور نامىنىڭ تىزىم ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەسىلەن: cn com.cn دىن باشقا ناملار.
تور نامىنىڭ ئىگىدارلىق ئۇچۇرىنى دەلىللەش ئەسلىدە ئېلىپ بېرىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمما بىر قىسىم تور نامى تىزىملاتقۇچىلار تور نامىنى تىزىملاتقاندا شەخسىي ئۇچۇرىنى توغرا تولدۇرمىغان ياكى كەم تولدۇرغان ئەھۋال بولغاچقا دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى خەلقارالىق تور نامىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تور نامى ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ خىزمەتنى باشلاپتۇ. بۇمۇ بىر ھېساپتا تور نامى ئىگىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش دەپ قارىساق بولىدۇ.
تور نامى ئۇچۇرىنى دەلىللەش ئۈچۈن مۇنداق قىلىڭ:
1- تور نامى ئىگىسىنىڭ ( بۇ يەردە شەخس مىسال قىلىنىدۇ، شىركەت- ئورۇن بولسا ئۇنىڭ قانۇنىي ئىگەلىك كىنىشكىسىنى ) پۇخرالىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ ئالدى ۋە كەينىنى سايىلاپ بىر پارچە رەسىم تەييارلاڭ، بۇ رەسىمنىڭ سىغىمى 300kb دىن ئاشمىسۇن.
2- تور نامى تىزىملاتقان ( ئالغان ) بەتكە كىرىپ تور نامىڭىزنى تېپىپ شۇنى بېسىڭ ( شۇنىڭ يېنىدىكى 管理 نى بېسىڭ). بۇ چاغدا 英文域名自主管理دەيدىغان يەر چىقىدۇ. سىز تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 登陆 نى باسسىڭىز 域名管理 بېتى ئېچىلىدۇ.
3- يېڭى بەتتە 修改个人信息 ، 修改域名DNS، MyDNS功能.... دېگەندەك 9-10 رەسىملىك كۆزنەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. سىز ئەڭ ئاخرىدىكى 上传域名资料 نى باسسىڭىز يېڭى بەت چىقىدۇ.
4- بۇ يەرنىڭ ئۈستىدە خەنزۇچە ئىزاھاتلار بار ، ئاستىدىراق بىرىنچىسى؛ شىركەت- ئورۇن (单位 ) نىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى چىقىرىش ئورنى بولىشى مۇمكىن ئىككىنچىسى؛ شەخس ( 个人 ) نىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ( كىملىكى) نى چىقىرىش ئورنى بولىشى مۇمكىن. سىز شۇ يەردىكى 浏览 نى بېسىپ كىملىكىڭىزنىڭ سايىلانغان نۇسخىسى( رەسىمى دېمەك) نى تاللاپ 上传 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
ھەرقايسى تورنامى شىركەتلىرىنىڭ يۇقارقى بېتى ئوخشىماسلىقىمۇ مۇمكىن لېكىن مەشغۇلات تەرتىۋى يۇقارقىدەك بولىدۇ.
5- مەشغۇلات قىلىشقا كۆزىڭىز يەتمىسە سىزگە تور نامى ساتقان ۋاكالەتچى شەخستىن ياردەم سورىسىڭىز سىزگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ.
يۇقارقىلارنى توردىكى ماتېرىياللاردىن رەتلەپ قويدۇم. ئۇتۇق تىلەيمەن. |
|