ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 711|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
437
تىللا
443
شۆھرەت
728
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-30 00:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
ئاتا-ئانا ھايات مازار.

ئاتا-ئانا دۇئاسى ئوتقا ،سۇغا پاتۇرماس.

ئاتا بىلەن دادا يوق
لاۋا سالغان پاشا يوق.

ئاتا-ئاناڭنى ياخشى باقساڭ ،
باللىرىڭدىن ياخشىلىق كۆرىسەن .

ئاتاڭنىڭ دۈشمىنى ساڭا دۈشمەن .

ئاتاڭ ¬_____ئاسمان ،
ئاناڭ______يەر  .

قار ياغماي قىش بولمىسۇن،
ئىچى سۈرمەي چىش چىقماس.

دادىسىنى خارلىغان داردا ئۆلەر،
ئانىسىنى خارلىغان ياردا [ئۆلەر].

ئاسان ئىشنىڭ بېشىغا ،
ھەركىم بارار  قېشىغا .

يالغۇز يۈرۈپ پۇل تاپقۇچە ،چىشىڭ تۆكۈلەر.

ياڭاق ئالساڭ چېقىپ ئال،
يىپ ئالساڭ بېقىپ ئال.

ياخشىغا بەرسەڭ نەپ تېگەر ،
يامانغا بەرسەڭ گەپ تېگەر.

يول چاققاننىڭ ،
پۇل تاپقاننىڭ .

توشقاندەك يۈز يىل ياشىشۇچە ،
يولۋاستاك بىر يىل ياشا .


مەنبە :{{ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى }} ناملىق كىتاپتىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنئەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-30 00:15  

قەلەندەر بولساممۇ چىن ۋىژدانىم بىلەن ياشايمەن !
بۈگۈنكى ئىسراپچىلىق--ئەتىكى ئاچارچىلىقنىڭ باشلىنىشى!!!
alogli001   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
659
تىللا
1063
شۆھرەت
1335

ئاكتىپ تۆھپە ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-30 15:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل سەيناسىغا ئەدەبىي ئەسەر يوللانمايتىغۇ.
natwan 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
128
تىللا
247
شۆھرەت
170

ئاكتىپ تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 18:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alogli001 يوللانغان ۋاقتى  2011-6-30 15:05
ئىنتىل سەيناسىغا ئەدەبىي ئەسەر يوللانمايتىغۇ.{:chushenmidim: ...

پايدىلنىش قىمىتى بولسا،ئەلۋەتتە يولسا بۇلىدۇ. بىزمۇ تۇرمۇشتا ماقال-تەمسىللەردىن ئايرلالمايمىزغۇ.

Intil ئەپەندى تەستىقلىغان تىما بولغاندىن كىيىن ئەدەبىي ئەسەر  بۇلامدۇ،كومپىيوتېر بىلىملىرى بۇلامدۇ،  ھەممسىى
بۇلىدۇ.
Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
787
تىللا
446
شۆھرەت
1209
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 18:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەندى نەسىھەت توغرىسىدا ماقال تەمسىل

ئادەمنىڭ تېشىغا باققىچە ،ئىچىگە باق.

ئاشنى سىڭگەندە ماختا،
خوتۇننى ئۆلگەندە (ماختا).

ئاۋال ئۆزۇڭنى تۇزە،
ئاندىن ئۆزگىنى(تۇزە).

ئالدىمغا كەلدى دەپ يىمە،
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دىمە.

ئاچ كۆزگە ئىش بەرمە،
ۋاپاسىزغا ئاش (بەرمە).

ئالدىراپ ئىشىك ئاچما،
ئاچقاندىن كېيىن قاچما.

ئالتۇننىڭ رەڭگى سېرىق،
قىزىتما جانغا قېرىق

ئامات كەلگەندە ھۇشيار بول،
ئامەت كەتكەندە قەيسەر بول.

ئاتاڭنىڭ بارىدا دوست ئىزدە
ئېتىڭنىڭ بارىدا يول ئىزدە

ئاش كەلدى ئاغزىڭنى ئاچ،
غەيۋەتتىن نېرى قاچ.

ئادەمنى سىناپ بىل،
تاۋۇزنى چېكىپ بىل.

مەنبە ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىل كىتاۋىدىن
ئەجرى قىل،دەرياغا سال
Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
787
تىللا
446
شۆھرەت
1209
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 18:45:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىڭىزدە تۇتىدىغان ماقال -تەمسىللەر

بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن،  ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
*  تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس....

مەنبە. ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى .بۇلاق ژۇرنىلى
ئەجرى قىل،دەرياغا سال
Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
787
تىللا
446
شۆھرەت
1209
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 18:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜگە ئائىت  ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ
ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﺎﻥ ,ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻗﻼﺵ, ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭘﻪﻧﺪﻯ - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ,ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﭖ , ﺋﻪﯞﻻﺩﺗﯩﻦ - ﺋﻪﯞﻻﺗﻘﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ,ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺭﯗﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ .

1) ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ:
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ << ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻰ - ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﮬﯩﺘﻰ >><<ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ - ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ >>,<<ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ - ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ>>,<<ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﺪﯨﻦ ﺳﺎﻕ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ>>ﺩﯨﮕﮕﺪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .
2)ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﻩﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ :
<<ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﻩﺭ>>,<<ﭼﯩﯟﯨﻦ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ,ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻣﺎﻱ ﻳﯩﻤﻪ>>,<<ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭺ , ﺗﯩﻨﺠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﭺ>>,<<ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻛﯧﭙﯩﻞ>>ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ,ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ,ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪﺋﺎﺋﯩﺖ<<ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﺘﻪ ﭼﯧﻜﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻠﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻼﺭ>>,<<ﭼﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ,ﻗﯩﺰﯨﻠﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻰ(ﻳﺎﻣﺎﻥ)>>,<<ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺗﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺯﺍﻱ ﭘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﭘﺘﯘ>>ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﯘ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﻪﻛﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ -<<ﻛﯜﺯﯛﯓ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎﻗﯘﻟﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﺭﺕ ,ﻗﯘﺭﺳﯩﻘﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻨﻰ (ﺗﺎﺭﺕ)>>,<<ﻗﻮﺗﯘﺭﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ , ﺗﺎﺯ ﺩﻭﭘﭙﯩﺪﯨﻦ (ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ)>>ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺧﺘﯩﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
3) ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﻪﻟﻠﻪﺭ:
<<ﺋﺎﺵ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﻳﻮﻕ>>,<<ﻗﯘﺭﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯩﻨﻰ , ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﻘﯩﻨﻰ>>,<<ﮬﻪﺳﻪﻟﻨﻰ ﺟﯧﻖ ﻳﯩﺴﻪﯓ ,ﺋﻪﻣﻪﻥ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯗ>>,<<ﻗﺎﻏﺎ ﺟﯩﮕﺪﯨﻨﻰ ﻳﯩﻤﻪﯓ , ﻣﻪﻳﺪﻩﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﺪﻯ ﺩﯨﻤﻪﯓ>>ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﯩﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .<<ﭼﺎﻳﻨﯩﻤﺎﻱ ﻳﯩﮕﻪﻥ, ﻛﯚﺷﯩﻤﻪﻱ ﺋﯜﻟﻪﺭ>>,<<ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯘﺭﯗﻕ>>,<<ﺳﯩﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻘﺎ ﻧﻴﯜﻙ>>,<<ﺋﺎﺯ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭ>> ﺑﯘﻻﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺗﯘﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .
4)ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺋﻪﺕ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ:
<<ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﺳﺎﯓ ﺋﯜﻟﯜﻣﯜﯓ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ>> ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ,ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. << ﺗﺎﺯﺩﯨﻦ ﺩﯨﯟﻩﯓ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ,ﭘﯘﺧﺎﻗﺘﯩﻦ ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ(ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ)>>ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﯘﺩ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﻠﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﺴﻪ<<ﺋﻪﻣﻪﻧﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ , ﺋﯧﺮﻩﻧﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺕ>>,<<ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﻨﻰ ﻳﯩﺴﻪﯓ ﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻕ>>,<<ﭼﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﻣﺒﯘﺭ, ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ>> ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
5)ﻣﯩﺰﺍﺝ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ:
<<ﺳﯘﻏﯘﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻩﺭ , ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﺱ>>ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻪﯗﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . <<ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺗﻮﯕﻤﺎﺱ, ﭼﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻛﯚﻳﻤﻪﺱ>>ﺑﯘ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ
ئەجرى قىل،دەرياغا سال
Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
787
تىللا
446
شۆھرەت
1209
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 19:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر مىللەت ماقال – تەمسىللىرىدىن تاللانمىلار

* دوستلۇقنىڭ تۆلىمى — دوستلۇق.
* ئۆمۈر ئۈزۈلمىگىچە ئۈمىد ئۈزۈلمەس.
* ئەقىل — كېڭەش، پەرمان ئەمەس.
* بايقۇشنىڭ بايلىقى — بالىسى.
* تازىلىق — تەقۋالىق بىلەن بىر تۇغقان.
* ئەخمەققە ئارغامچا كۆرسەتسەڭ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالار.
* چېھرى ئىسسىق — چىرايلىق.  
* يالغان يالغاننى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ.
* ئوغرىنى ئوغرىغا تۇتقۇز.
* بۈگۈن ئويلاپ، ئەتە ئېيىت.
* ئىچى تار ئۆزگىنى قەستلەيدۇ ، ئۆزىگە يېنىشىنى بىلمەيدۇ.
* جىنىڭ تۇتسا يۈزگىچە ساناپ چىق.
* تىلەكلا بولسا ، بىلەك تېپىلىدۇ.
* قەلەم قىلىچتىن ئۆتكۈر.
* پۇلنىڭ قىممىتى قەرز ئالغاندا بىلىنەر.
* ئەتىكى توخۇدىن بۈگۈنكى تۇخۇم ئەۋزەل.
* ياخشى ئاشپەزگە ئىشەنگىچە ، ياخشى ئاشقازىنىڭغا ئىشەن.
* ئىشىغا قاراپ يۈرەرسەن،
ئىچ سىرىنىمۇ بىلەرسەن.
* تېيىز پىكىرلىك شائىر تېتىقسىز قاپىيەگە ئامراق.
* ئىخچاملىق — ئىختىرانىڭ جېنى.
* ئالۋاستىغىمۇ ئادىل بول.
* ئىتى تۇرۇپ ئۆزى ھاۋشىغان يامان.
ئەجرى قىل،دەرياغا سال

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
437
تىللا
443
شۆھرەت
728
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 19:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Segek نىڭ يازمىسى

بۇنى بەك ياخشى يېزىپسىز ...
قەلەندەر بولساممۇ چىن ۋىژدانىم بىلەن ياشايمەن !
بۈگۈنكى ئىسراپچىلىق--ئەتىكى ئاچارچىلىقنىڭ باشلىنىشى!!!
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەن،ئەل-يۇرت توغرىسىدا

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى-رويىڭ سامان بولماس.

ئاتاڭنىڭ بالسى بولغىچە ،
ئەلنىڭ بالىسى بول.

ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن،
ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن.

ئالتۇن-كۈمۈش چىققان يەردىن،
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۈرت ياخشى.

ئەركىڭنى ئەل ئارىسىدىن ئىزدە،
يارىڭنى گۈل ئارىسىدىن.

ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا،
گۈلنىڭ سەر خىلى گۈل ئارىسىدا.

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە.

ئەل ئارىلىغان ـــ سىنچى،تۇقاي ئارىلىغان ـــ ئوۋچى.

ئەل ئامان شەھرىڭ ئامان.

ئەل ئامانلىقنى تېلەر،
دۈشمەن يامانلىقنى.

ئەل بار يەردە ئەر بار.

ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە،

ئەل بىلەن ئۈلۈم ــــ بەجايىكى توي.

ئەل پۇھ دېسە، بوران چىقىدۇ.

ئەل جېنى بىلەن ئاۋارە،
ئاغىچا ئېرى بىلەن.

ئەلدىن ئايرىلغىچە،جاندىن ئايرىل.

ئال قارغىغاننى خۇدا قارماپتۇ.

ئەل قايان،سەن شۇ يان.

ئەل قوزغالسا،تەخت قوزغىلار.

ئەل قېرىماس،تاش چىرىماس.

ئەلگە قوشۇلساڭ،ئەر بولىسەن،
ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.

ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،
سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.

ئەلگە ياققان خار ئەمەس.

ئەللىك يىلدا ئەل يېڭىلىنار،
يۈز يىلدا قازان.

ئەلنىڭ جېنى چىقسا،گالزاڭنىڭ كۈلگىسى كېلەر.

ئەلنىڭ قولىقى ئەللىك.

ئەلنىڭ ھۆكمى لىللا.

ئەل ھىممىتى دەريا.

ئەل ئۈمىدىنى ئەل ئاقلار ،ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار.

ئەل ئىچى ـــ ئالتۈن بۆشۈك.

باتۇرنى ئۆستۈرگەن ئەل.

بىزنىڭ يەرلەر خاۋ يەرلەر،
پولا بىلەن نان يەرلەر.

پادىشاھلىق ئەل بىلەن،تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.

تەۋرەپ كەتكەن ئەلدىن قورق،
يامراپ كەلگەن سەلدىن قورق.

تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۈھەر، سۈيى كەۋسەر.

خەلقنى ئالدايمەن دېگىنىڭ ـــ ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ.

خەلق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا ئېيتماس.

خەلق ياندۇرغان چىراقنى پۈۋلىگننىڭ ساقىلى كۈيەر.

دەريانى توسقىلى بۇلار،ئەلنىڭ ئاغزىنى توسقىلى بولماس.

دىلى ئۇچۇقنىڭ قۇلى ئۇچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يۇلى ئۇچۇق.

سەن تاش سانىساڭ،خەلق قۇم سانار.

قۇلۇڭدىن كەلسە،ئەلدىن ئايىما.

كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە،ئۆز ئېلىڭدە ئۇلتاڭ بول.

ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن،يۈرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.

ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە ،كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە.

ئىللەت تۈزەلمىسە،مىللەت تۈزەلمەس.

يات يۈرتتا تورغاي سايرىماس.
يۇلىدىن ئازسىمۇ ،يۇرتتىن ئازماپتۇ.

يۈرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن،قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن.

يۇرت ئېتىكى كەڭ.

يۇرتىنى تاشلاپ ئارمان يەپتۇ،ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ.

يېتىمنىڭ ئىگىسى ئەل-يۇرت.

يېرى باينىڭ ئېلى باي.

يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار،
ئېلىدىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.

يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە تارتىدۇ،
ئۇلاق تويغان يېرىگە ( تارتىدۇ.)

ئىتتىپاقلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق توغرىسىدا

ئاداشساڭمۇ كۆپ بىلەن ئاداش.

ئارىسالدى ئىشەكنى بۆرە يەر.

ئايرىلغاننى قار باسار،
بۆلۈنگەننى بوران.

باش قەيەردە بولسا،پۇت شۇ يەردە.

بىرلىك بولماي تىرىكلىك بولماس.

تىرناق ئەتتىن ئايرىلماس.

پىتنىخور تىرناقتىن تۈك ئۈندۈرەر.

پىتنىخور شەيتاننىڭ شىرىكى.

توپ توپقا يىقىلار،يالغۇز ئازگالغا.

توپقا قاراپ تاش ئاتما.

توپ بولدۇق توق بولدۇق.

دەرەخ غولىدىن سۇنماس،شېخىدىن سۇنار.

دىلى بىرنىڭ تىلى بىر.

دىلى بىرنىڭ غېمى بىر.

سېنىڭ، مېنىڭ دېگەن كۆڭۈل تارلىقى،
نېرى يات، بېرى يات دېگەن ئورۇن تارلىقى.

غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس، ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى كەس.

غەيۋەت-شىكايەت ــــ جېدەلگە دالالەت.


قوشۇلغاننىڭ تورى بار،
ئايرىلغاننىڭ سورى بار.

قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر،ئەل يىغىلسا باغ بولۇر.

كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولۇر.

قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.

كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.

كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرەر.

كۆپنىڭ كۈچى كۆپ.

كۆپنىڭ مېلىنى ئوغرى ئالماس.

كۆپ ياققان ئوت كۆككە يېتەر.

كۆپ يىلقا ئارىسىدا توكۇر قۇلان بىلىنمەس.

كۆككە بەقماي كۆپكە باق.

گاس دەپ غەيۋەت قىلما،قارىغۇ دەپ خىيانەت قىلما.

ھەر كىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان.

ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ.

ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۈرۈپتۇ.

ئۆمەكلىك ئىتىڭ قۇيرۇقى دىڭ.

ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
ئىتنىڭ قارغىشى پىتقا كار قىلماس.

ئىش ئۈملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.

ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس.

ئىككى قوشقار ئۈسۇشكەندە بۆرىنىڭ قۇرسىقى ئاچىدۇ.

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،
چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.

يالغۇز چاۋاكنىڭ ئۈنى چىقماس.

يالغۇز خىش تام بولماس.

يالغۇز دەرەختىن قۇش قېچىپتۇ.

يالغۇز قىر ئاشقۇچە ،
كۆپ داۋان ئېشىپتۇ.

يالغۇزنىڭ سۆزى ئۆتمەس.

يالغۇزنىڭ يارى ـــــ خۇدا.

يالغۇز يىگىت بەگ بولماس،
يالغۇز ياغاچ ئۆي بولماس.

يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس.

يەككە-يىگانە ـــــ ھېلىم دىۋانە.

دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك توغرىسىدا

ئاتا دۈشمىنىنى دوست تۇتما.

ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە،
ئېتىڭ باردا يول ئىزدە.

ئارقاڭدىكى ــ دۈشمەن،ئالدىڭدىكى ـــ دوست.

ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.

ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ،دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.

ئەيىپسىز دوست ئىزدىگەن دوستسىز قالار.

بۆرىمۇ دوستىغا قەست قىلماس.

بۆرە ھۇۋلاپ ئۆزىنى ئاشكارىلار.

بۆرىنىڭ بالىسى بۆرە.

بۈگۈنكى دوستلىرىڭدىن،ئەتىكى دۈمەنلىرىڭ زىرەك.

بىلىكىڭ توم بولسا،دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر.

پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.

تاينى باقسا ئات بولۇر،بۆرىنى باقسا يات بولۇر.

تۇڭگۇزى قوي بولماس،دۈشمەن ئۆز بولماس.

تېگى دۈشمەن دوست ئەمەس، ئۆپكە قېرىن ەۆش ئەمەس.

جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.

دوست بول سىرىنى بىلىپ.

دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى،
تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنىڭ توقلۇقى.

دوست چىللىسا قالما،دۈشمەن چىللىسا بارما.

دوستقا زار،دۈشمەنگە خار،نامەرتكە ئىنتىزار بولما.

دوستقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.

دوستقا ئىناق بول، دۇشمەندىن يىراق بول.

دوست كەينىڭدە ماختار،دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.

دوست كېڭەشتە بىلىنەر.

دوستلار ئارا ئاداۋەت،دۈشمەن ئۈچۈن تاپاۋەت.

دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.

دوستنىڭ دوستلۇقىنى ئۈچ كۈندە بىلمىسەڭ،ئۈچ يىلدا بىلەرسەن.

دوستنىڭ كونىسى ياخشى،چاپاننىڭ يېڭىسى.

دوستۇڭ دوست بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.

دوستۇڭغا خار بولغۇچە،دۈشمىنىڭگە ئارتىلىۋال.

دوستۇڭغا دەرت كەلسە،دۈشمىنىڭگە توي بولار.

دوستىڭنىڭكىنى يە،كۆڭلى قالمىسۇن،
دۈشمىنىڭكىنى يە ئۆزىگە قالمىسۇن.

دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.

دوست ياخشى يېرىڭنى كۆرەر،
دۈشمەن يامان يېرىڭنى كۆرەر.

دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.

دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ،دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ.

دۈشمەن قەست قىلار،دوست قۇتۇلدۇرار.

دۈشمەنگە شەپقەت ـــ ئۆزۈڭگە كۈلپەت.

دۈشمەننى شىكەر بىلەن ئۆلتۈر.

دۈشمەننى كۈندۇزى ئويلا،كېچىسى پايلا.

دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغىنى يوق،قۇشنىڭ سايرىمايدىغىنى يوق.

دۈشمىنىڭ بىلەن بەسلەشسەڭ،قارا ئاش تەر.

دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما،كۈلگىسى كېلەر،
دوستۇڭدىن سىر ئايىما بىلگۈسى كېلەر.

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۇر تىلە.

دۈشمىنىڭنىڭ كۈلگىنى ــــ سىرىڭنى بىلگىنى.

ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.

سىناشقان دوست مۇڭداشقىلى ياخشى،
سۆيۈشكەن يار ئويناشقىلى ياخشى.

قەست قىلغاننى پەست قىل.

مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە ،
دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.

ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.

ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.

ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.

ئىشەككە باش بولساڭمۇ،
دۈشمىنىڭگە تاش بول.

ئېقىن سۇ ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس.

ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا،
سامان تىقار پوستۇڭغا.

ئىلپەت تاپ،قۇدرەت تاپ.

ئىلپىتىڭ قاغا بولسا،يىيىشىڭ پوق.

ياخشى دوستۇڭ تاشلىماس،يامان يولغا باشلىماس.

يۈز دوست ئاز،بىر دۈشمەن كۆپ.

يېغى ياندىن،بالا قېرىنداشتىن.

يېغى ياندىن قۇپار،دۈشمەن تاپاندىن.

يىراقتىكى دۈشمەندىن،ئاينىپ كەتكەن دوست يامان.



باتۇرلۇق،مەرتلىك ۋە قورقۇنچاقلىق توغرىسىدا

ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسار.

ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم سىغار.

باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر،قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلەر،پالۋان ئۆكتەم.

باتۇر جەڭدە،ھۇرۇن كاڭدا.

باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.

باتۇر دۈشمەنسىز بولماس.

باتۇر ساراڭدىن قورقار،ساراڭ مۇتتەھەمدىن.

باتۇرغا بىلەك كېرەك،يالغانغا يۈرەك.

باتۇرغا ئوق كار قىلماس.

باتۇرلۇق بىلەكتە ئەمەس،يۈرەكتە.

باتۇرنى مەيداندا سىنا،سۆزمەننى دەۋادا.

باشقا كەلگەندە باتۇر.

بۆرىدىن قورققان قوي باقماس.

پالۋان دەرت يەيدۇ، بالىلىرى گۆش (يەيدۇ).

پەمسىز باتۇرلۇق، قۇرۇلسىز مىلتىق.

پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ،
چاشقان مۈشۈكتىن.

تۇخۇنى ئۆلتۈرمىگىچە،يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.

توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە،
يولۋاستەك بىر يىل ياشا.

تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان،گۈلدۈرمامىدىن قورقماس.

جانغا جان كەلگەندە باتۇر.

جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس،
قۇرسىقى ئاچقان نان تاللىماس.

جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى،
ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.

جېنىمنى ئويلىسام ئۇيقۇم قاچىدۇ.

جىننىڭ گېپى چىقسا جېنى چىقار.

رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ.

ساردىن لاچىن تۇغۇلۇپتۇ.

سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.

سۇ كىچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس،
قان كىچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.

شەڭگىنىڭدىن قورقمايمەن،
قۇناقلىقتىن چىقمايمەن.

قاچقانمۇ خۇدا دەيدۇ،قوغلىغانمۇ.

قاچقۇنغا شەپقەت يوق،ئازغۇنغا ھۆرمەت (يوق).

قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرەر.

قورققانغا قوش كۆرۈنەر،
كۆلەڭگۈسى بەش كۆرۈنەر.

قورققان مۈشۈككە چاشقاننىڭ ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنەر.

قورققاننى ئەجەل قوغلار.

قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.

قورققان يەردە جىن بار.

قورقۇنچاق بار يەردە شەرمەندىچىلىك بار.

قورقۇنچاقتا نۇمۇس يوق.

قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە،
باتۇرنىڭ چۇمىقى بول.

قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار،
نامەرت قەسەمخور (بولار).

قۇشقاچتىن قورققان بۇغداي تېرىماس.

قېچىپ كەتكەن،چېچىپ كېتەر.

قىيىنچىلىق ـــــــ قورقۇنچاقنىڭ يۈكى،
باتۇر ئۈچۈن تۇخۇنىڭ تۈكى.

قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا،باتۇر كېلەر قېشىغا.

كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماس،
ئەرگە تەگكەن دەرەڭگىدىن.

كۆپ ئاتقانغا مەرگەن بولماس،
كۆپ سۆزلىگەنگە چېچەن بولماس.

كۆز قورقاق،قول باتۇر.

كۈچ ئاتىسىنى ئايىماس.

لەۋزىدە تۇرمىغان يىگىت ئەمەس.

مەرد باتۇر يىقىتىدۇ،ئۆلتۈرمەيدۇ.

مەرد بولساڭ مەيدانغا چىق.

مەرد سۆزىدىن قايتماس،
يولۋاس ئىزىدىن.

مەرد نامەردكە باش ئەگمەس.

مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.

مەردنىڭ سۆزى بىر.

مەردنى مەيداندا سىنا.

مەردنى مەيداندا كۆر،
سېخىنى جەننەتتە كۆر.

مەرد يوقلۇقنى بىلىندۈرمەس،تۇلپار ئاچلىقنى.

مەرد يېڭىلسە مەيداندا قالار.

مۈدۈرىمەس ئات يوق،يېڭىلمەس ئادەم (يوق).
نامەردكە سوزساڭ بوينۇڭنى،
پۈچەك ياڭاققا تولدۇرار قوينۇڭنى.

نېمىدىن قورقساڭ،شۇنىڭغا يولۇقىسەن.

ئوتتۇز يېشىدا ئەر ئاتالغان،قىرىق يېشىدا شىر ئاتىلار.

ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە،ئىچىدە كۆي.

ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغانغا،سول كاچىتىڭنى تۇتۇپ بەر.

ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.

ئۆزى قىلغان ئەر ئۆزى يىغلىماس.

ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپتۇ.

ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل،يىقىلساڭ ناردىن يىقىل.

ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.

ئىت گادايدىن قورقىدۇ،
گاداي ئىتتىن.

يارغۇنچاقتا يارما بولغۇچە،تۈگمەندە ئۇن بولۇپ كەت.

يالىڭاياق سۇدىن قورقماس.

يانتاقتىن قورققان ئوتۇنچى ئەمەس.

يەڭگەن ـــــ سۇلتان،
يېڭىلگەن ــــــ ئۇلتاڭ.

يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەڭ،
يولۋاس ئۇۋىسىغا كىر.

يولۋاسقا يولۇقما،يولۇقساڭ ھۇدۇقما.

يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،
ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.

يېتىپ ئۆلگۈچە، ئېتىپ ئۆل.

يېڭىلمەكنىڭ يەڭمىكى بار.
يەڭمەكنىڭ يېڭىلمىكى.

يىقىتقان پالۋان يۆلەپ قويىدۇ.

يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.

يىقىلغاننى تەپمە،قاچقاننى قوغلىما.

يىقىلغاننى يەر كۆتۈرەر.
يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن،ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ.

بىلىم،ھۈنەر ۋە نادانلىق توغرىسىدا

ئەقىل-ئىدراك ۋە ئەخمەقلىق توغرىسىدا


ئىش-ئەمگەك ۋە ھۇرۇنلۇق توغرىسىدا
ئىشچان ئېشىنى يەر،ھۇرۇن بېشىنى يەر.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر.
قېيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
ئەمگەكنىڭ تېگى راھەت.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك توغرىسىدا

ئاتاڭ كۆكبېشى بولغىچە،
ئۆيۈڭ سۇ بېشى بولسۇن.

ئاتاڭمۇ يەر،ئاناڭمۇ يەر.

ئادەمنىڭ ھەققىنى يەر قايتۇرار.

ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە،
دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.

ئاسمان ئەركەك،يەر چىشى.

ئاق لەيلى بار يەرگە ئاش تېرىما.

ئالا زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر،
قېلىن زىرائەت قىرغا.
ئالما چېچىكى ۋاقتىدا ئالتۇن بېرىپ بۇغداي سۇغار.

ئانار ئۇرۇقى بىلەن،
گۈل پۇرىقى بىلەن.

ئاۋۋال تام ئەت،ئاندىن باغ.

ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت.

ئەجىر قىلساڭ تاشقا،ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا.

ئەلدىن سورىغىچە،يەردىن سورا.

ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي.

باشاق سانىماي،چاناق سانا.

باغ قىلساڭ چىت قىل،مال قىلساڭ ئىت(قىل).

بالدۇر تېرىغان ئاش ئالار،كېيىن تېرىغان شاخ.

بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم،
ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى.
بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.

بۇغداي تېرىساڭ كۈزگى تەر،ئارپا تېرىساڭ بوزغا.

بۇغداي قويۇقلۇقتىن بولار،
قوناق سۇيۇقلۇقتىن.
بۇيىدىن قاچ،كەكرىگە چاچ.

بېغى بارنىڭ تېغى بار.

بېغىنى سورىماي ئۈزۈمىنى يە.

بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل،
يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل.

بىر كۈن ئاۋۋال تېرىساڭ،
ئون كۈن ئاۋۋال يىغىسەن.

بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك.

پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر،
سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.

تاشقا چاچ،بەختىڭدىن كۆر.

تامچە سۇدا تال كۆكىرەر.

تامغىلىق مال يوقالماس.

تاينى ئايىغان ئات مىنەر.

تەخەيلىك ئېشەك،پايخانغا يارىماس.

تەر تۈكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق،
يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

تەكشى چاچساڭ تاختىدەك ئۈنەر،
ئالا چاچساڭ لەخمىدەك.

تۆگە تاپىنىدا خامان يۇمشىماس.
تېرىساڭ ئورارسەن،
ئىزدىسەڭ تاپارسەن.

تېرىغان خامان قىلار،
تېرىمىغان ئارمان(قىلار).

تېرىغانغا يەر قېرىماس،
ئىشلىگەنگە ئەر قېرىماس.

تېرىغان ئۆزىدىن سورايدۇ،
تېرىمىغان كىشىدىن.

تېرىغان ئوراپ يەر،
تېرىمىغان سوراپ يەر.

تېرىقمۇ تېرىمايمەن،
قۇشقاچمۇ قورىمايمەن.

تېرىق ئورىماق ___ قىز قۇچاقلىماق،
ئارپا ئورىماق __ خۇن چىقارماق.
تېرىمىساڭ ئۈنمەيدۇ.

تېرىيدىغان يېرىڭ نەم بولسۇن،
كىرىدىغان يېرىڭ كەڭ بولسۇن.

چارۋا مال __ باراڭ.

چارۋىچىلىق كۆچە-كۆچە،
دېھقانچىلىق كۈندۈز كېچە.
چىلانغا چۆل ياخشى،
ياڭاققا كۆل (ياخشى).
ۋاقىت،مەزگىل ۋە تەبىئەت ھادىسلىرى توغرىسىدا
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان كېيىپتۇ،
ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.

ئانام بارغۇچە، لەيلىقازاق توزۇپتۇ.

ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار،
كۈن قوتانلىسا كۈندە.

ئاي كۆردى، كۈن ئالدى.

ئاينىڭ بېشىدىن قورققۇچە،
بەشىدىن قورق.

ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا.

ئەتىيازدا توخۇ تويماس.

بارات ئېيىدا قۇيماق يەپ،
سەپەر ئېيىدا كېكىرىپتۇ.

پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە.

تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق.

تاڭ ئاتمايدىغان كېچە يوق،
ياغ چىقمايدىغان قىچا يوق.

تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا.

توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.

توققۇز قىزنىڭ تولغىقى بىر كۈندە تۇتۇپتۇ.

تويدىن كېيىن ناغرا چاپتۇ.

جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى ئاسرا.

چۈلگە يامغۇر ياخشى،
يوبدانغاچامغۇر.

چىشى چىققان بالىغا چايناپ بەرگەن ئاش بولماس.


چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە،
كۆزۈڭنىڭ ئوچۇقىدا شەھەر كۆر.

دەلۋىنىڭ ئاپتىپىغا ئالدانما،
دۈشمەننىڭ كۈلكىسىگە (ئالدانما).

سوغۇق كۆك ماڭقىدىن قورقىدۇ.

سېرىقتال چاغدا ئەر سارغىيار.

شارقىراپ ياغقان يامغۇر ياندىن ئۆتەر،
سىمىلداپ ياغقان يامغۇر جاندىن ئۆتەر.

شامال تۆۋەندىن كېلىدۇ،
ئاپتاپ يۇقىرىدىن.

شەنبە شىكار، ئازنا بىكار.

غاز كەلدى ـ ياز كەلدى،
غاز كەتتى ـ ياز كەتتى.


قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق.

قاردا پولا، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ ياخشى.

قارلىغاچ پەس ئۇچتى ـ يەرگە يامغۇر چۇشتى.

قەدىرلىگىن ۋاقتىنىڭنى،
ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.

قەشقەرنىڭ قىشى ئاز، سوغۇقى ئەتىياز.

قوغۇن پىشسا، ساپىقىدا تۇرماس.

قىش غېمىنى يازدا يە.
ياز غېمىنى قىشتا.

قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلگىنىچە بار.

قىشنىڭ سوغۇقىدا توڭغاندىن،
يازنىڭ ئىسسىقىدا كۆيگەن ياخشى.


قىشنىڭ قىش بولغىنى ياخشى،
يازنىڭ ياز بولغىنى.

قىشنىڭ كۆزى قارغۇ.

قىشنىڭ گۈلى-ـ ئوت.

كالىنى ساتقاندا ماختا،
سۈتنى ساغقاندا.

كەچ بولدى ـ يات،
سەھەر بولدى ـ كەت.

كەلكۈن سۇ ـ يىرتقۇچ ھايۋان.

كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى.

كۈزدە توي تولا،
ئەتىيازدا ئۆلۈم.

كۈزنىڭ ئاپتىپى چىرايقا ياقار.

كۈن چىقسا ھەپىرەڭ،
كۈن چىقمىسا زەپىرەڭ.

كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ.

كۈندىن قالدىڭ ـ ئايدىن قالدىڭ،
ئايدىن قالدىڭ ـ يىلدىن قالدىڭ.

كۈنگە باققىنى قىزاردى،
باقمىغىنى قارايدى.

كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا،
يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.

كۈننى توسۇۋالغىلى بولماس،
ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى (بولماس).

كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر،
بۆكىنى كىيگەندە.

گاھى خۇدا بىلەن روسۇل،
گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل.

مۇزنىڭ ئۆمرى باھارغىچە.

ناننى تونۇرنىڭ قىزىقىدا ياق.

ھوت ـ كەتمەن سېپىنى تۇت.

ھېيتتا قويمىغان ئوسماڭنى
ھېيتتىن كېيىن كاساڭغا قوي.

ئوت بىلەن سۇ ـ تىلسىز يېغى.

ئوت كۆيدۈرۈپ قورۇيدۇ،
شامال چېچىپ سورۇيدۇ.

ئۆتكەل ئۆتسەڭ ئاۋۋال ئۆت،
كېيىن ئۆتسەڭ يول تايغاق.

ئۆتكەن ۋاقىت ـ ئۆچكەن ئوت.

ئۆلگەندىن كېيىن «ياسىن» نىڭ نېمە پايدىسى!

ئۈجمە تۈگىگەندە سوپسوپىياڭ كەپتۇ.

ۋاقتىڭ كەتتى ـ بەختىڭ كەتتى.

ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ.

ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.

ئېسىڭ باردا ئېتەك ياپ.

ئىلگىرى باغداتتىن كەلسە،
ھازىر قازناقتىن چىقار.

ياخشى كەلسە ھوت،
يامان كەلسە جۇت.

ياخشى كۈن ـ جەننەت،
يامان كۈن ـ دوزاخ.

يازدا چاناڭنى تەييارلا،
قىشتا ھاراۋاڭنى.

يازدا يېپىنچاڭنى ئېلىپ يۈر،
قىشتا ئوزۇقۇڭنى.

يازدا يېيىل ،قىشتا قىسىل.

ياز ـ دۆلەت، قىش ـ مەينەت.

يازنىڭ تېزىكى قىشقا دورا.

يازنىڭ كېلىشىنى باھاردىن بىل.

ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.

يامغۇردا يەپ يات،
بوراندا دۈم يات.

يامغۇر ياغدى ـــ ياغ ياغدى،
قار ياغدى ـــ نان ياغدى.

يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستچىللىق،يالغانچىلىق ۋە ھېيلە-مىكىر توغرىسىدا

ئات ئايلىخانغا،
يول سارىخانغا.

ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ،
قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ.

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە،
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.

ئادەمنىڭ توغرىسى ياخشى،
ئورغاقنىڭ ئەگرىسى.

ئادىل ئادەمنىڭ تارازا.

ئاغرىقنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا.

ئاق بولسۇن،پاك بولسۇن.

ئالدامچىنىڭ گېپى چىرايلىق،
سىم قامچىنىڭ سېپى چىرايلىق.

ئەر كىشى تۇڭلۇك ياپقۇچ.

ئەگرى كۆڭۈلدە ئەگمە تولا.

ئەگرى كىشى ئازار،
توغرا كىشى ئۇزار.

ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى.

بېشىڭغا قېلىچ كەلسىمۇ راست گەپ قىل.

بېلىق سازاڭغا،كەكلىك دانغا ئالدىنار.

توغرا ئادەم سايىسىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قورقماس.

توغرا سۆز تاشنى يارار،ئەگرى سۆز باشنى (يارار).

توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.

توغرا ئېيتقان تۇغقىنىغا يارىماس.

تۇرغان تامغا ئۈسسەڭ بېشىڭ يېرىلار.

تۆھمەت تاشنى يارىدۇ،
بايقىمىساڭ،باشنى يارىدۇ.

تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.

تۆھمەتخور تىرناق ئارىسىدىن كىر ئىزدەر.

تۆھمەتنىڭ يۈزى يوق.

تۆھمىتىڭگە تۆھمەت قىلاي،
تۆھمىتىڭ ھەيران قالسۇن.

تۈلكە بۆرىنى ئالداپتۇ.

خۇتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.

دەججالنىڭ تۇقۇمى پۈتمەس.

دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.

راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز.

راستنى كۆرسە، يالغان قاچىدۇ،
يولۋاسنى كۆرسە تايغان(قاچىدۇ).
رەمچىنىڭ رېمىدىن ئۆزۆڭنىڭ خىيالى دۇرۇس.

سادىق دەپ ئىسىم قويسا،
تۈلكە دەپ لەقەم ئالدى.

قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.

قاشقا سانىساڭ كۆزگە،
كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.

قەسەمخورنىڭ ئۆمرى قىسقا.

قورساق گول، ئېغىز ھارامزادە.

قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.

قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپتۇ.

قوۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.

قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىپتۇ.

قېيىن ئاتىسىنى كۆرسە، كەتمەن چاپار.

قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي،
ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.

قىىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.

كۆرگەن ئاڭلىغاننى يېڭىپتۇ.

كۆزۈڭ بىلەن كۆردۇڭمۇ،
قۇلاق ئاڭلىغان يالغان.

كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس.

گەپ ــ سۆز قەغەزدە،
كەپتەر پەغەزدە.

گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس.

لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۇسسە ساق چىقماس.

لولى قولىدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولىدىن.

مەن سۆرىگەن بولاي،
سەن داقىرغان بول.
مەن ئۇرغان بولاي،
سەن ۋاقىرىغان بول.

مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە، روزى تۇتتۇم دەر.

مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن،
مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.

ھارام ھارامغا كېتەر،
ھالالنى زايا ئېتەر.

ھالاللىقنىڭ يولى بىر،
ھاراملىقنىڭ يولى مىڭ.

ھەسەلنىڭ قىلىنى ئىلغايدۇ،
پاختەكنى يۇڭدىماي يەيدۇ.

ھەق سۆز ــ ئاچچىق سۆز.

ھەقنىڭ رىزقى نەق.
ھىيلە قىلغان تۇتۇلار،
توۋا قىلغان قۇتۇلار.

ھىيلىدىن ھالۋا ياساپتۇ.

ھىيلىگەر بۆكۈڭگە جىگدە سالار.

ھىيلىگەر دەرياغا ئاپىرىپ، سۇغارماي ئەكىلىدۇ.

ھىييلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

ھىيلىگەر ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرىتىدۇ.

ھىيلىلىك ئىشتا خەيىر يوق.

ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە.

ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.

ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قېقىپتۇ.

ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس،
يارىقىم يالغانچى.

ئۆيۈڭگە يولاتما قېرى دەللىنى،
كىرىپ ــ چىقىپ بۇزىدۇ پەللىنى.

ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە نەزىر.

ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق.

ئىتمۇ ھەپتە يالغان قاۋايدۇ.

ئىچىدە روزا تۇتۇپ، تېشىدا ھېيىت ئويناپتۇ.

ياغاچ قازاندا ئاش بىر پىشار، ئىككى پىشماس.

يالغانچىلىقتىن گاچىلىق ياخشى.

يالغانچىنى سۆزدىن بىل،
سۆزىدىن بىلەلمىسەڭ كۆزىدىن بىل.


يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس،
قەسەم بىلەن ۋەدىسى(تۈگىمەس).
يالغانچىنىڭ چىرايلىق سۆزىدىن،
گاچىنىڭ گۇڭرىشى ياخشى.

يالغانچىنىڭ گۇۋاھچىسى تەييار.

يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەس.

يالغانچىنىڭ يالغىنى تولا،
بەرگىنىدىن ئالغىنى تولا.

يالغانچىنىڭ يالغىنى چىققۇچە قوغلاش.

يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتىدۇ.

يالغانچى يالجىماس،
ئوغرى بېيىماس.

يالغان گەپ چاپسان تارقىلار.

يالغان ئېيتساڭ تۇتۇلىسەن،
راست ئېيتساڭ قۇتۇلىسەن.

يول بۇياققا، ھارۋا ئۇياققا.

يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.

يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
كەمتەرلىك،ماختانچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇق توغرىسىدا
ئاتتىن چۈسسە، ئۆزەڭگىدىن چۈشمەس.

ئات مىنىپ، ئاتامغا باقمىدىم.

ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.

ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر.

ئاشنى سىڭگەندە ماختا،
خوتۇننى ئۆلگەندە.

ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن،
يەتتە تەڭگەم بار، نار ئالىمەن.

ئاي توشمىغۇچە ئېتىڭنى ماختىما،
يىل توشمىغۇچە قۇداڭنى (ماختىما).

بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،
يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.

بار ــ يوقنى بىلمەيدۇ،
ھەسەل تارتىدۇ كۆڭلۇم.

بەرسە يېمەس، تاپسا قويماس.

بەڭگە بوۋىسىنى ماختايدۇ،
موزدوز كوۋىسىنى.
بۇقىنى ھۆر كىرەتكەن ئىككى تېشى.

بىر مىسقال دۆلەتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن
مىڭ مىسقال تەمكىنلىك كېرەك.

پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، يېرىلىپ كېتىپتۇ.

پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا،
ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر (تولا).

پىيالىگە ئېگىلمەيدىغان چەينەك يوق.

تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان.

توكۇر ئاتقا تۆمۇر تاقا،
ئەسكى چاپانغا سۇلەيسۇن پاقا.

تۆشۈك يېرىقتىن كۈلەر،
چۆمۈچ قازاندىن.

تىزلەشكەننىڭ تىزىنى پۈك،
بەللەشكەننىڭ بېلىنى(پۈك).

تىلدىن كەلگەن قولدىن كەلسە، ھەر كىم پادىشاھ بولار.

چوڭ بولساڭ، كىچىك بول.

خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك.

دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق،
ماىتانچاقنىڭ گېپى يوغان، مېغىزى يوق.

دىمىقى ئۈستۈن ئازگالدا ئۆلەر.

زاغراڭنى يەپ، ناغراڭنى چال.

سانسىزغا سان كەلدى،
ئىشسىزغا ھال.

سەللە يوغان، باش كىچىك،
داستىخان يوغان، نان كىچىك.

سەللە يوغان، ئىمان يوق،
دەرۋازا يوغان، بىر نان يوق.

سېمىزلىك ھايۋانغا يارىشار،
كاۋا، قاپاق باراڭغا.

شاھتەك گاداي بار،
گادايدەك شاھ (بار).

شەھەرمۇ شەھەر باش كۆتۈرگەن،
پۇچۇق تاۋاقتا ئاش كۆتۈرگەن.

قازاندىن چۆمۈچ چوڭ.
قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق،
بالاڭنىڭ ئوينىشىغا.

كەڭ ئېرىقتىن ئاتلىما،
پۇتۇم قايرىلدى دېمە.

كەلىمە تەيبىنى ياراتماي ئىمانسىز قاپتۇ،
چىپەرقۇتنى ياراتماي ئىشتانسىز قاپتۇ.

كەمتەر بولساڭ ئوزارسەن،
مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.

كۆلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما.

كۈندۇزى مەندەك ئەريوق،
كېچىسى ياتىدىغان يەر يوق.

كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن.

كىرپە تىكىنى بىلەن ماختىنار.

لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.

لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى،
تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ ئىشى.

ماختانچاق ــــ-بىكارچىغا ئۇيۇنچۇق.

ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما،
كېرىلگەننىڭ تويىغا.

ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ.

مەن كۆتۈمنى ياراتماي باسۇرۇپ ئولتۇرىمەن،
كۆتۈم مېنى ياراتماي ئۇسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ.

مەنمەنلىك ـــ شەيتانلىق.

موزاي قۇزۇققا چوڭلۇق قىلار.

مىۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن.

يېنىدا بىر پۇلى يوق، تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.

يوق چاغدا يۇوغان گەپ.

يۇقالغان نەرسىنىڭ ماختىشى كەم.

يوغان تېرەك ـــ پور تېرەك،
كىچىڭ تېرەك ـــ چىڭ تېرەك.

نەزەرى ئۈستۇن، نەرقى پەس.

ھارۋىنى ئات تارتىدۇ،
كۆلەڭگىسىنى ئىت تارتىدۇ.

ھالغا بېقىپ ھەشەم،داپقا بېقىپ سەنەم.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت،
خالتاڭغا بېقىپ ئۇن (تارت).

ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە،
ئۇشت ــ ئۇشتىڭ ئالەمنى ئالدى.

ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.

ئۇرۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز.

ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ،
مۇز يالاپ،بۇرۇت تولغاپتۇ.

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ،ئۆزگىنى شىر چاغلا.

ئۆزۈڭنى چاغلا،بېلىڭنى باغلا.

ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن،

پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.

ئۆزىدىن خورىكى چوڭ.

ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق،
خۇتۇنىنى ماختىغان ئىككىنچى ئەخمەق.

ئۆيۈمدە بىر نان يوق، ئېتىم مارجان بۇۋى.

ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.

ئېشەكنى ياراتمايسىز،
ئېشەكچە بولالمايسىز.

ئېگىلگەنگە ئېگىل،بېشىڭ يەرگە يەتكۈچە،
غادايغانغا غاداي،بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.

ئېگىلمىگەنگە ئېڭىشمە.

ئىت يېتىش،مىرزا پوقۇش.

ئىسمىنى ئاتىسا يۈزى تاتىرار،
مەنسىپىنى ئاتىسا جېنى ياشىرار.

ئىشتانسىز ئىشتىنى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ.

ئىككى نان تاپسا،بىرىنى داپ چاپتۇ.

يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزات.

يوغان تېرەك ــ پور تېرەك،
كىچىك تېرەك ــ چىڭ تېرەك.

يوقالغان نەرسىنىڭ ماختىشى كەم.

يوق چاغدا يوغان گەپ.
يېنىدا بىر پۇلى يوق،
تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.


ھۇشىيارلىق،ئېھتىياتچانلىق ۋە بىپەرۋالىق توغرىسىدا

ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ، ھوشيار بۇل.

ئارسلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن،
تايغاندەك ھوشۇڭ (بولسۇن).

ئاسمان بېسىۋالسا، ئاستىدا يېتىپ مانتا يەر.

ئالدىڭغا بىر قارىساڭ،
كەينىڭگە ئىككى قارا.

ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر،
قۇش يېڭىلىپ تورغا.
ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار.

ئەگلەككە چىقىپ، ئەرگە تېگىپتۇ.

باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس،
ئالدى ــ ئارقاڭنى كۆرۈپ باس.

باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن.

بالاــ قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا.

بالاــ قازا كۆرۈنۈپ كالمەس،
پۇت ــ قولىنى ساڭگىلىتىپ(كەلمەس).

بالام بېشىغا چۈشمىسۇ تاختا بېشىدىكى كەكە.

بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلىقىنى بىلىندۈرمەس.

بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن،
تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.

بۈركۈت ئۆمرىدە بىر قېتىم ئازار.
بۈگۈن ئۆتسە ئەتىگە خۇدا پادىشاھ.

بىر سىرلىق بول، سەككىز قىرلىق بول.

بۇل ــ مال كېتەر بوشلۇقتىن،
پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن.

تادان توشقاننىڭ ئۇۋىسى ئۈچ.

تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار.

تام ياقىلىساڭ تام باسار.

تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت.

تەييارلىق بار يەردە بالا ــقازا يوق.

تولا كۈلگەندىن پەخەس بول.

تۆت پۇتلۇق ئاتمۇ پۇتلىشىپ يىقىلار.
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق.
جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر،
بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۇنمەس.

جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.

خۇشال بولغاندا، كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس.

دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ بېمە ئىشى!

ساقلىقتا خورلۇق يوق.

سەكە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.

سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن
قېتىقنىمۇ پۇۋلەپ ئىچەر.

شەھەردە كۆز كېرەك،
جاڭگالدا قۇلاق.

شەيتاندىن ئادەم شەيتىنى يامان.

غەمسىزنىڭ پەرۋايى پەلەك.
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ.

قارىغۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتار.

قاشا مەھكەم بولسا تۈلكەكىرەلمەس.

قاغا تۆت قاراپ، بىر چوقۇيدۇ.

قويچى كېچىك ئىزدىگۈچە،
تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بولار.

قومۇشنى قىيا تۇتساڭ، قولۇڭنى كېسەر.

قۇش قېرىپ تورغا چۇشمەس،
ئەر قېرىپ قولغا (چۈشمەس).

قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.

قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار.

كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار.

كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.

كۆزى مىدىرلىغان قورق.

كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق،
كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق.

كىچىككىنە تاش يارىدۇ باش.

كىشىلەر ھاڭۋاقمايدۇ، سېنىڭ ئىزىڭغا باقىدۇ.

لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر.

ھارۋا بۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال غىچىرلايدۇ.

ئوت بىلەن ئويناشما.

ئويغاقنى زورلاپ ئۇخلاتقىلى بولماس.

ئويلىمىغان يەردىن تۈلكە چىقار.


ئۇ يانغا باق، بۇ يانغا باق،
ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق.

ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.

ئۆردەك گۆشى يېسەڭ، ئۇنىڭ پېيىدە بول.

ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،
قوشنا ئوغرى تۇتما.

ئېشەك ئۆلسە، كۆتى غېجەك چاپتۇ.

ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە.

ئىت يەپتۇ چورۇقنى،
ئۆزى يۈرۈپتۇ چورۇقسىز.

ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس،
سۆڭەك ياتسا، بىكارياتماس.

ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.

ئىقتىسادچىللىق ۋە ئىسراپخورلۇق توغرىسىدا
ئات ئايىغان ئات مىنەر،
كىيىم ئايىغان تون كىيەر.

ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن.

ئاز بولسا ساز بولار،
كۆپ بولسا ماز( بولار).

ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.

ئازغا بەرىكەت قونغان.

ئازيىگەن كۈندە يەر،
جىق يىگەن نېمە يەر؟!،

ئاسرىساڭ كۈندە يېڭى كىيىم،
ئاسرىمىساڭ ساڭا قېنى كېيىم!

ئاسقىدا گۆش بولسا، بىر كۈنى مېھمانغا يارار.

ئاشنى بۇزۇپ ئوماچ قىلدى،
ناننى بۇزۇپ كۆمەچ (قىلدى).
ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ،
ئاچلىق بەرسۇن جازاڭنى.

ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.

ئايىساڭ ئۇتىسەن،
يامىساڭ پۈتۈسەن.

ئەسكىنى ئەپلىگۈچە ئېسىڭ كېتەر.

بار چاغدا ھەپىرەڭ،
يوق چاغدا زەپىرەڭ.

باردا پولدۇرۇڭ ـــ پولدۇرۇڭ،
يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.

بار دەپ تۆكمە،
يوق دەپ كۆپمە.

بۇزغىنىنىڭ سانى يوق،
تۈزگىنىنىڭ تايىنى (يوق).

بىر تال باش ـــ بىر قوشۇق ئاش.

پادىچى ئىككى بولسا، ئارىدا توقلا ئۆلەر.

پۇرۇچتىن پوستى پۈتەر.

تاغارنى تۈۋىدە ئايىغىچە، ئاغزىدا ئايا ئايا.

تاما ـــ تاما كۆل تولار.

تۈتۈنى كۆپ، يالقۇنى ئاز.

جېنى ئاغرىمىغاننىڭ يېنى ئاغرىماس.

ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك،
ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.

سانى بار،ساپاسى يوق.

سۇ قاتتىق يەردە توختايدۇ.

كونىنى ياماپ كىي،
يېڭىنى ئاياپ (كىي).
كۆپ بولسا،چۆپ بولار.

كۆپ بولسا كېتەر،
ئاز بولسا يىتەر.

كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت.

كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.

مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغىرى ساق.

ئوتۇن يىغدىڭ ــــ كۈل يىغدىڭ.
ئوت ـ چۆپ يىغدىڭ ــــ پۇل يىغدىڭ.


ئوسمايىلامنىڭ ئون كۆڭلىكى بار،
بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق.

ئويۇپ يىسەڭ ئون كۈن يىتەر،
قىرىپ يىسەڭ قىرىق كۈن.

ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.

ــ ئىسراپچىلىق نەدە؟
ــ پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە.

ئىسراپ قىلىش ـــ خاراپ قىلىش.

ئىككى يارتتا ــ بىر پۈتۈن.

يامىساڭ يېڭى بولار،
يېڭىنىڭ تېڭى بولار.

يەپ نېمەڭ قالدى،ئىككى تال ئۈجمەڭ.

يېڭىنى ئايىغان كونا،
كىگىزنى ئايىغان بورا.
ئار-نۇمۇس توغرىسىدا
ئابدالدا ئۇيات يوق،
كېپەكتە قۇۋۋەت (يوق).

ئاتنىڭ تەپكىنى ھار ئەمەس،
ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار.

ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر،
توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر.

ئاسمان يىراق،يەر قاتتىق،
ئۆلەي دېسەم جان تاتلىق.

ئاغرىقىنى بۇس ئۆلتۈرەر،
يىگىتنى نومۇس.

ئاغزى مايلانغاننىڭ تىلى باغلىنار.

ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگۈچى ،ئۆزى ئۆلسۈن.

ئەرنىڭ ئۇيالغىنى ــــ ئۆلگىنى.

شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بولۇپتۇ.

كىشىدىن ھايا كەتسە،ئورنىغا بالا كېلۇر.

كىشىدىن ئۇيالغۇچە،ئۆزۈڭدىن ئۇيال.

ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن،
ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ھايالىق كىشى ـــ باھالىق كىشى.

ئۇيات تۇرغان يەردە ئىمان تۇرار.

ئۇياتسىز خوتۇن ـــ تۇزسىز ئاش.

ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشكى ئۇچۇق.

ئۇياتسىزنىڭ يۇزى قىزارماس،تەسكەينىڭ مېۋىسى(قىزارماس).

ئۇيات ـــ ئۆلۈمدىن قاتتىق.

ئۇيقۇدا ئۇيات يوق.

ئۆلۈشتىن قورقما،ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق.

ئېگىز تاغدا قار بولۇر،مەرد يىگىتتە ئار بولۇر.

ئىتنىڭ چىشلىگىنى ھارمۇ؟ئېشەكنىڭ تەپكىنىمۇ؟
ئىزا تارتقىنىم ــــ غىزا تارتقىنىم.

يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن،ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن خوپ.

يۈزۈم قېلىن،كۆڭلۈم نازۇك.

يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى ــــ جېنىمنىڭ راھىتى.

سەۋر ـــ-تاقەت ۋە ئالدۇراڭغۇلۇق توغرىسىدا توغرىسىدا
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت.
ئاچچىقىڭ كەلسە، بارمىقىڭنى چىشلە.

ئاچچىق يۇتماق ـــ تاغ يۇتماق.

ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنەر.

ئاغزى كۆيگەن «پۈ» دەپ ئىچەر.

ئالدىراشنىڭ تۈۋى ئۆكۈنۈش.

ئالدىراڭغۇلۇق ئادەم ئۆلتۈرەر.

ئالدىرىساڭ كىشىنى كۈلدۈرىسەن.

ئالدىرىساڭ ماڭا باق.

ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.

ئالدىرىغاندا بىردەم تۇرۇۋال.

ئالدىرىغاندا دۆڭگە مۆكۈپتۇ.

ئالدىرىغاندا قارغۇدىن يول سوراپتۇ.

ئالدىرىغاندا قولىدىكىنى ئىزدەپتۇ.

ئالدىرىغاندا لەببەي تېپىلماس.

ئالدىرىغاندا ناخشا ئېيتقان.

ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.

ئالدىرىغاندا ئېشىكى يېتىۋاپتۇ.

ئالدىرىغانغا بىر، ئالدىرىمىغانغا ئىككى.

ئالدىرىغان قىز ئەر تاپالماس.

ئالدىرىغان قىز ئەردە يالجىماس.

ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس.

ئالدىرىغاننىڭ ئايىغى كۆيەر.


ئالدىرىغاننىڭ بۇرنى قانار،
ئالدىرىمىغان لەززەت ئالار.

ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى قىچىشار.

ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ.

ئالدىرىغان ئۆردەك كېيىنچە چۆمۈلەر.

ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر.

ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارلىشار.

ئالدىرىغان يولدا قالار،
ماڭگىلىغان ئۆيگە بارار.

ئالدىرىماڭ، ئاستا كېلەر،
تېڭىرقىماڭ، تاڭلا كېلەر.

ئالدىرىماڭ، يارەي،
سىزگىمۇ بىر كۈن بارەي.

ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ.

ئاۋايلىماي ئۇرۇۋىدىم،
ئاغرىماي ئۆلۈپ قالدى.

ئايدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ.


ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ،
كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ.

ئەستا ـــ پاختا، نوغۇچ تاختا،
ساقىلىم چىقسۇن خەپ توختا!

بار بولسا تۇرالمايدۇ،
يوق بولسا چىدالمايدۇ.
بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.

بەش بارماق ئېغىزغا سىغماس.

بۇ ئالەم ــــ ئۇزۇن ئالەم.

بۈگۈنكى ئاچچىقىڭنى ئەتىگە قوي.

بىر كۈن ئالدىرىغاندىن قىرىق كۈن ئەقىل سورىما.

پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.

پىشمىغان تويغا قازان ئاسقىلى بولماس.

تۇتقان يەردىن ياغاچ سۇنماس.

تېز كەتكەن تېز توختار.

تىلنى چىشلىۋالغان چىشىنى يۇلۇۋەتمەس.

چۆجىنى كۈزدە ساناڭ.

چۆچۈرنى خام ساناپتۇ.

چىققان كۆز ئورنىغا چۇشمەس.

سانىماي سەككىز دىمە.

سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پۈتەر.

سەۋر قىلغان مۇرادىغا يېتەر.

سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.

سەۋر ـــــ ئەقىلنىڭ بەلگىسى.

سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما.

شەيتىنىڭغا ھاي بەر.

قازاغا رىزا، بالاغا سەۋر.

قانائەتلىك قورساق تويغۇزار،
بىقاقەتلىك كالا سويغۇزار.

قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق،
ئوغۇل تەرەپ دۇمباق چاپتۇ.

كۆتۈرەر، كۆتۈرەر، ئۈچ كۆتۈرەر،
ئۈچتىن ئاشسا كىم كۆتۈرەر!؟

مۇسۇلمانچىلىق ئاستا ــئاستا.

مۇش تەڭلىگۈچە مەيدىسىنى چىقىرىپتۇ.

ھە دېسە، ھۇ دەپتىمەن،
قۇرۇق دۇمباققا ئىگە بوپتىمەن.

ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە،
سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.

ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.

ئېغىر بولسا خىزىر بولار.


ياز بار، قىش بار،
ئالدىرىماڭ، ئىش بار.

يۈگۈرگەن قالار،
بۇيرۇغان ئالار.
ئارزۇ ــ ئۈمىد ۋە چىدام ــ غەيرەت توغرىسىدا
ئات كەينىگە مىنگىشمە،
مىنگەشكەندىن كېيىن ئىندىمە.

ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.

ئادەمنى ئۈمىد ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.

ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگىمەس.

ئارزۇدا ئەيىپ يوق.

ئارمان كۆپ، دەرمان يوق.

ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا،
ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
ئەرنى ئۈمىدكە ياراتقان،
قوينى قۇربانلىققا.

بويۇن بولسا، بويۇنتۇرۇق تېپىلار.

بېشى باش بولسۇن،
باقالچىقى تاش (بولسۇن).

بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغار.

بىر قارنىم ئاچتىن ئۆلمەس.

پىچىقىڭنى بىلەپ يۇر،
خۇدايىمدىن تىلەپ يۈر.

تامچە تاشنى تېشەر.
تاي ئاتقا يەتكۈزەر،
ئات مۇراتقا (يەتكۈزەر)

توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىدار.

تۇغماس خوتۇن مۈمەك يىغىپتۇ.

تۈگمەننىڭ كويلىسىدىن پۈتۈن چىقىپتۇ.

تېكىنىڭ پودىقىغا قاراپ، بۆرە ئاچ قاپتۇ.

تىرىككە ئۆي تېپىلار،
ئۆلۈككە گۆر.

جان بولسا جاھان تېپىلار،
ئاش بولسا قازان.

جان تومشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.

چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا،
كەچلىك ئوزۇق تاپ.

چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ،
چىدىمىغان بۆرە يۇڭ (يەيدۇ).

چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن،
كالتەك تەگسە جىم.

سۇ ئاققان ئېرىقتا يەنە سۇ ئاقار.

غەيرەتلىك ئەردىن شىر قېچىپ قۇرتۇلالماس.

غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.

غۇلاچقا چىداپ، غېرىچغا چىدىماپتۇ.

قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،
غەيرەت بولسا ئادەمدە.

كۆرگنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.

كۆڭلۈڭنى بۇزما،
ئۈمۈدىڭنى ئۈزمە.

كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر،
ئېغىز تاتلىقنى.

كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە.

گۈلى بارنىڭ تىكىنى بار.

ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدايدىغان ئادەم ھەسەل ئالىدۇ.

ھەركىمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە ھەمرا.

ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار، زەھىرىمۇ بار.

ئوت بار يەردە تۈتۈن بار،
سۇ بار يەردە پېتىق.

ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيىتى بار.

ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرەر.

ئويۇننى چىدىغانغا چىقارغان.

ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى پەس.

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.

ئۈمتۈلگەن ئەرگە دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس.

ئۈمىدسىز ـــ شەيتان.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىت: ئىگەم باي بولسا، دېسە،
مۈشۈك: ئىگەم قارىغۇ بولسا، دەر.

ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.

يېمىسەڭمۇ ھەسەلنىڭ گېپىنى قىل.

يىغلىماقنىڭ كۈلمىكى بار.
ئىززەت-ئابرۇي ۋە قەدىر-قىممەت توغرىسىدا
ئابروينى ئالتۇنغا ئال،
جاننى كېپەككە سات.
ئابرويىڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا.

ئابرويۇم ئالا چاپان.

ئاتام تاپقان ـــــ بىكار پۇل،
ئۆزۈم تاپقان ــــــ شېكەر پۇل.

ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.

ئاتىقى يوق ئەردىن خەشىكى يوق دۆڭ ياخشى.

ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس،پىيادە يۈرمىگىچە ئاتنىڭ قەدرىنى(بىلمەس).

ئاخىر مەن نېمە بولدۇم،سېسىق كۆلنىڭ سۈيى بولدۇم.

ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئۆزىدە،ئۈزۈكنىڭ قىممىتى كۆزىدە.

ئادەم ئۇلۇغ،يەر ئۇلۇغ.

ئاش قەدرىنى يېگەن بىلمەس،تاپقان بىلەر.

ئالتۇن چىققان يەر قەدىرلىك.
ئالتۇننىڭ پۇقىمۇ پارقىرايدۇ.

ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ.

ئاۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق.

ئەتلەس ــــ سۇغا چۆكمەس.

ئەردە ئەر بار،يەردە يەر.

ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر،زەر قەدرىنى زەرگەر.

ئەر ئۆلسە ئېتى قالار،
ئات ئۆلسە ئىگىرى.

ئەسكى بولسىمۇ ئۆزۈڭگە ياخشى.

ئەلدە ئابرويۇڭ بولسا،چۆلدە يۈكۈڭ قالماس.

باراڭغا چۈشكەن قاپاقنىڭ،ئۆزىگە چۇشلۇق ھالى بار.

بېشىدا بارنىڭ قېشىدا بار.

بىر خار بولغان بىر ئەزىز بولماي قالماس.

پۇل بېرىپ يۇرت تالاش،
ئاش بېرىپ تۆر تالاش.

تاتلىقنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ھالۋىغا تۇز سالار.

تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز.

تۇتسا سېپى يوق،قىچقارسا ئېتى يوق.

تۆشۈك مۇنچاق يەردە ياتماس،
يەردە ياتسا تۇپا باسماس.

تىرىك بولۇپ ساندا يوق،ئۆلۈك بولۇپ گۈردە يوق.

تىرىك تۆر تالىشار،
ئۆلۈك گۆر تالىشار.

تىرىك ئىززەتكە تويماس،ئۆلۈك دۇئاغا(تويماس).

تىرىكنى تېزەككە تېگىشكەن،
ئۆلۈكنى ئالتۇنغا تېگىشكەن.

چاپىنىغا قارىما،ئادىمىگە قارا.

چوڭ ئىززەت قىلسا،كىچىك خىزمەت قىلار.

چۆلدە يۈرگەن دوغداق كۆل قەدرىنى بىلمەس،
كۆلدە يۈرگەن ئۆردەك چۆل قەدرىنى بىلمەس.

خۇرازنىڭ تاجىسى بولغىچە،تۆگىنى قۇيرۇقى بول.

دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس،ئاغرىق قەدرىنى ساق(بىلمەس).

زەرنىڭ دوستى تولا،زەرگەرنىڭ دۈشمىنى (تولا).

سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.

سۈتلۈك ئىنەك مەھەللىدىن ئاشماس.

سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.

سېمىز قوينىڭ ئۆمرى قىسقا.

قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن،قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن.

قۇمۇش ئىكەن دەپ خارلىما،يەرگە چۈشسە بورىيا.

قۇش ئۆز ئۇۋىسىنى قەدىرلەيدۇ.

قىزىل ئالما سارغايماس.

كېيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ.

كىشى تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز،
گۈل ئېچىلغان يېرىدە.

كىشىگە يىلىنساڭ ئۆزۈڭنى خار قىلىسەن،
كىشىنى يىلىندۇرساڭ ۋابال قىلىسەن.

كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا.

كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.

گۆھەرنى تاشقا ئۇرما.

گۈلزاردا ئەتىرنىڭ قەدرى بولماس.

ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ زاڭ تېتىيدۇ.

ھەسەلنى كۆپ يېسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ.

ھەمدەمدە بار ھېسابدا يوق.

ھۆرمەت دوست بار يەردە،
بۇلبۇل گۈل بار يەردە.

ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.

ئوق ئاتما كۆڭۈل ساتما.

ئۇستاز ئۇنتۇلماس.

ئۆزۈڭنى خارلاپ يۈرگۈچە،
تاغ ئارىلاپ يۈر.

ئۆزى تاپالمىغان مالنىڭ قەدرى بولماس.

ئۆلۈشكە قاراپ كۆمۈش.

ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس،تىرىكىنى پىت يېمەس.

ئېتىڭ ھارسا ئابرويىڭ كېتەر.
قارنىڭ ئاشسا قەدرىڭ كېتەر.

ئېرىقتىكى سۇنىڭ قەدرى يوق.

ئېسىلنىڭ ئوقۇرى ئېگىز.

ئېشەك بىلمەس تۆشەڭ قەدرىنى،مۈشۈك بىلمەس سۈڭەك قەدرىنى.

ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ،
مۈشۈك بىلەن تۆر (تالىشىپتۇ).

ئىتتىن ئاشقاننى پىت يېمەس.

ئىرغايدەك چىۋىق بار،لاچىندەك يىگىت(بار).

ئىززەت تاپاي دېسەڭ خىزمەت قىل.

ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن،چايناپ يېسەڭ لەززەت كۆرىسەن.

ئىززىتىنى بىلمىگەن ئەدىبىنى يەر.

ئىگىسى ئۆلسە بىر كىشى يىغلاپتۇ،
ئېتى ئۆلسە مىڭ كىشى.

ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.

ياخشنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر،
يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.

يامغۇرنىڭ قەدرىنى تاش بىلمەس.

ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق.

يىراقتىن قارىسام،ئەلدىن ئارتۇق،
يىقىندىن قارىسام،ھاشىم تارتۇق.


بەخت،تەلەي ۋە تەۋەككولچىلىك توغرىسىدا
ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى،
چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.

ئاداشقالغا ياماشقان.

ئارزۇلاپ تېرىغان چىلگىنىڭ باش بۇرنىنى ئىت يېدى.

ئاسماندىن تاۋار ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەپتۇ.

ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن،
بەخت كېلىدۇ تەردىن.

ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ، بالا كەلمىسۇن.

ئامەت كەلسە، ئىشىك، تۈڭلۈكتىن كىرەر.

ئامەت كەلگەندە قاپمۇ تولىدۇ، خۇرجۇنمۇ.

ئامەتنىڭ شېشىسى تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىنى سۇندۇرار.

ئامەت ئوڭدىن كەلسە،
تەلەي دۆڭدىن كېلەر.

ئەتە ئوڭمىغان كەچ ئوڭماس.

ئەر بېشىغا كۈن چۈشسە،
ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر.

ئەرگە بىر نۆۋەت،
يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزمە ئويلانغۇچە،
تەۋەككۇلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.

بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى،
قالغىنىنى رەمچى.

بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ،
قازا جۈپنى تاق قىلىدۇ.

بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا،
كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.

ـــ بەخت، نەگە بارىسەن؟
ـــ دوقى ماڭلايغا.

بەختى بار تاپىدۇ،
بەختى يوق چاپىدۇ.
بولسا سۇلۇق، بولمىسا بىنەم.

بىتەلەي بۇغداي چاچسا، قىياق ئۈنەر.

بىتەلەي تالقان يېسە، قازىنىدىن بوران چىقار.

بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ.

بىر مۈدىرىگەن ئون مۈدىرەر.

پاقىنىڭ بەختىدىن سۇڭقارنىڭ شورلۇقى ياخشى.

پەلەككە ئالدىنىپ، خەمەكسىز قاپتۇ.

پېشكەل سۆزلەپ كەلمەس، كۆزلەپ كېلەر.

تاللاپ ـــ تاللاپ، تازغا ئۇچراپتۇ.

تەلەيدە بوڭ ــ بوڭ.

تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر،
تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.

تەلەيلىكنىڭ مېھمىنى قوش.

تەلەيلىكنىڭ تىكىشى يوق.

تەۋەككۈلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق.

تەۋەككۈل دەرياسىغا سال كېمە،
خاھى ئاقسۇن، خاھى چۆكسۇن، غەم يېمە.

خۇدا كۆزدىن ئايرىسىمۇ، ھاسىدىن ئايرىماس.
خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس.

دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.

دوپپامنىڭ قۇندۇزىغا قارىما،
ماڭلىيىمنىڭ يۇلتۇزىغا قارا.

دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا،
سۇمرۇغ كېلەر كۈندە قېشىغا.

رەختى بارنىڭ بەختى يوق،
بەختى بارنىڭ رەختى يوق.

رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن.

سايدا تاش تېپىلماپتۇ،
ئاختامدا داڭگال.

قازا قاتراپ كەلمەس، بالا مۆڭرەپ.

قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.

كالا ئۆلدى، چۆپى قالدى.

كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟

كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك.

مازاردىن ئامەت تىلىگۈچە،
توغراقتىن ئامۇت تىلە.

ماڭا كەلگەندە ساينىڭ سۈيى توختاپتۇ.

مەن دوپپىچى بولسام، كىشىلەر باشسىز تۇغۇلاتتى.

مەن قىلارمەن ئوتتۇز،
خۇدايىم قىلار توققۇز.

مىلتىقسىز يۈرگەندە كىيىك ئۇچراپتۇ.

نۇر ئۈستىگە نۇر.

ئەجەپ كەلدى تېپىلىپ،
ئىلمىكىمگە سېپىلىپ.

ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ، پوققا ئېغىز ئېچىپتۇ.

ئويلىمىغان كىشى بۇيرىمىغان ئاشتىن ئىچەر.

ئۆلەر تورپاق ئۆلدى،
بار كېپەكنى يەپ ئۆلدى.

ئېپى كەلسە،سېپى ئۆزىدىن چىقىدۇ.

ياقاينامدىن چىقسۇن، يا سايرامدىن.

يىقىلغان تام دىۋانىنى بېسىپتۇ.

ياشلىق، قېرىلىق ۋە ئۆمۈر توغرىسىدا
ئاتمىشقا كىرگەن ئاتىدىن ئەقىل سورىما.

ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلىدۇ،
دەرەخ ئون يىلدا.

ئادەم قېرىسىمۇ،كۆڭلى قېرىماس،
دەرەخ قېرىسىمۇ، يىلتىزى (قېرىماس).

ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە،
ئىتنىڭ كۈچۈكى بول.

ئارمىنى يوق ياش بولماس،
ھەسرىتى يوق قېرى (بولماس).

ئالدىماققا كىچىك بالا ياخشى،
خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى.

ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار،
خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.

ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر،
خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.

ئەرگە تەگمىسىلا قىز دېمە،
ئەگرى بولمىسىلاتۈز(دېمە).

ئەر ئوتتۇز يېشىدا يېتىلەر،
ئات توققۇز يېشىدا.

ئەللىك ـــ سەندىن كەتتى مەنلىك،
ئاتمىشتا ئاختا، يەتمىشتە توختا،
توقسان ـــ قاتاردا يوق سەن،
يۈز ـــ ئۈمۈدنى ئۈز.

بالا بولسا شوخ بولسا،
بولمىسا يوق بولسا.

بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر،
ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.

بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.

بالا ـــ قىلغان ئىشى چالا.

بالا كۆرگەننى دورايدۇ،
قېرى كۆرگەننى سورايدۇ.

بالا كىچىكىدىن مەلۇم،
تېرىق قۇلىقىدىن.

بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىسا
چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.

بالىنى ئىشقا بۇيرۇپ،
كەينىدىن ئۆزۈڭ يۈگۈر.

بۇرۇتقا خاپا بولسام، ساقال باستى.

بۇقا قېرىسىمۇ، بۇرنى قېرىماس.

بۆرە قېرىسا ئىتنىڭ كۈلگىسى كېلەر.

بۆرە قېرىسىنى ئالدايدۇ.

بۆشۈك بالىسى ـــ بەگ بالىسى.
بىر پۇتى يەردە، بىر پۇتى گۆردە.

بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.

پاقىنىڭ كېرىلگىنى يىلانغا ئوخشىماس،
موماينىڭ ياسانغىنى جۇۋانغا (ئوخشىماس).

تام تۈۋىدىن، دەرەخ ئۇچىدىن، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.

تاي تىرىكلىغان بىلەن ئاتقا يېتەلمەس.

چوڭ بېشىنى ئاچسا،
كىچىكلەر كۆتىنى ئېچىپتۇ.

چوڭ توقاچ پىشقۇچە،
كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.

چوڭغا چوڭچە، كىچىككە ئوڭچە.

چوڭنىڭ بەرگىنى ـــ خۇدانىڭ بەرگىنى.

چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن،
قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.

خام بىلەن پىششىق تەڭ بولماس.

ساقال باسسا قېرىمىكىن دېمە،
چىۋىن چاقسا ھەرىمىكىن (دېمە).

ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار،
بالىلىقىڭ تېخى بار.

قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق،
قېرى ئۆلسە يىغا (يوق).

قاپمۇ تەڭ، قاپچاقمۇ تەڭ.

قاراڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.

قوناقلىقتا ماش بولماس،
قېرى كىشى ياش بولماس.

قۇشقاچ قېرىسا جاڭگالچى بولار،
جۇۋان قېرىسا يالغانچى (بولار).

قېرى ئات چۆنەك بۇزماس.

قېرى ئازايسا، چارەك يوغىنار.

قېرى خوتۇن ياش بولدى،
جۇۋانلارغا تەس بولدى.

قېرىسى بار ئۆينىڭ كىتابى بار.

قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.

قېرىغاندا توڭغاق بولار، دوڭغاق بولار، پاڭغاق بولار.

قېرىغاندا قېرى تاتۇق،
قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.

قېرىغاندا قىز بولدۇم،
ئالدىرىغاندا ئۆز بولدۇم.

قېرىغاندا كۆڭۈل گادىيى بولۇپتۇ.

قېرىغاندا ئىتنىڭ تېزىنى كۆردۈم.

قېرىغاندا ياشلىق ياراشماس،
ئۇپا، ئەڭلىك، قاشلىق ياراشماس.

قېرى قۇلاق ـــ ئۇزۇن قۇلاق.

قېرى كالا شاپاققا ئامراق،
قېرى ئادەم ئاپئاققا.

قېرى كەلسە ئاشقا،
ياش كەلسە ئىشقا.

قېرىلار ـــ بۇ دۇنيانىڭ مېھمىنى.

قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس،
ياشلىق بىلەن تۇرماس.
قېرىلىق ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرار.

قېرىنى قاپتا ساقلا،
ئۆلۈكنى ھەپتە.

قېرىنىڭ چىشى يوق، تۆشكە ئامراق،
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە (ئامراق).
قېرىنىڭ قېقى تۈگىمەس.

قىز ۋاقتىم ـــ سۇلتان ۋاقتىم،
جۇۋان ۋاقتىم ـــ شەيتان ۋاقتىم.

كالىلار سۇ ئىچسە،
موزايلار مۇز يالاپتۇ.

كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار،
كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.

كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، يىغا قىسقارتىدۇ.

كىچىك بالىغا تىللا بەرسەڭ،
ئېلىپ يەيدىغىنى لەڭپۇڭ.

كىچىكلەردىن گۇناھ،
چوڭلاردىن ئەپۇ.

گۈلۈڭ بار چاغدا گۈلۈڭنى قىس،
گۈلۈڭ توزۇغاندا كۆتۈڭنى قىس.

مەنمۇ ئىدىم سېنىڭدەك،
سەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك.

مەنمۇ سىيىر ساغارمەن،
تامغا تېزەك ياقارمەن.

مەنىسىز ياشلىق ـــ سايدىكى تاشلىق.

موزاي سامانلىقنى بوشىتار،
كىچىك بالا نان ساندۇقىنى.

موماي موماينى ئاپا دەپتۇ.

ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق،
قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.

ھەر نەرسە كەچىكىدە تاتلىق.

ھەي ـــ ھەي بالا،
ماڭغان يولۇڭغا قارا!

ئوغۇل بالا ئوتتۇزغا كىرگەندە، بىر قارا ئات توقۇغلۇق.

ئوغۇللارنى چۆرگىلەتكەنمۇ ياشلىق،
قىزلارنى ئەركىلەتكەنمۇ ياشلىق.

ئۆتكەن ئۆمۈر ـــ ئاققان سۇ.

ئۆتمەيدىغان ئۆمۈر يوق،
سۇنمايدىغان تۆمۈر (يوق).

ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس.
ئۆمرۈڭ ئۆتەر،
ھۆسنۈڭ ئۆچەر.
ياش قوماچقا ئامراق،
قېرى ئۇماچقا.
ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
ياش كۆچەتنىڭ مېۋىسى سەرخىل.
ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار،
قېرى ئۆلىمەن دەپ.
ياشلار ئويۇنغا ئامراق،قېرىلار ئۇيقۇغا.
ياشلىقىڭدا گۈل قىس،
قېرىغاندا غىت قىس.
ياشلىقىڭدا ئىشلە،
قېرىغاندا چىشلە.
ياشلىقىڭدىن ياخشى بول.
ياشلىق ــ يالقۇن،
قېرىلىق ــ تۈتۈن.
ياشنىڭ سەتى يوق،
قېرىنىڭ چىرايلىقى (يوق)
ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان،
قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
يان يەر يەر ئەمەس،
كىچىك بالا ئەر ئەمەس.
يەتتە يېشىنى ئەسلىشەر،
يەتمىش يېشىدىن رەنجىشەر.
يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار،
كۆپ ياشىغان تەڭتۈشىدىن.
يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى،
ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
يېشىنى يوشۇرغان ياش بولماس.
تازىلىق ،سالامەتلىك ۋە ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا
ئاچلىق بار يەردە ئاغرىق بار.
تىل گەپ-سۆز توغرىسىدا
تىنىچ-ئامانلىق، خاتىرجەمسىزلىك ۋە غەم-قايغۇ توغرىسىدا
ھەمكارلىق،ئادەمگەرچىلىك ۋە نائەھلىلىك توغرىسىد
مىجەز-خۇلق ۋە كىشى تەبىئىتى توغرىسىدا
تۈرلۈك جىسمانى ئەيىپلەر توغرىسىدا
ئەدەب-ئەخلاق ۋە توغرىسىدا
زىبۇ-زىننەت ۋە ياسانچۇقلۇق توغرىسىدا
ئىشىق-مۇھەببەت ۋە چىراي توغرىسىدا
ئائىلە،ئاتا-ئانا ۋە پەزىلەت توغرىسىدا
ئاتاـ ئانا ـــ بالىنىڭ ئەينىكى
ئاتاـ ئانا چۈمۇلىدەك يىغىدۇ،
بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
ئاتاـ ئاناڭنى باقساڭ،باللىرىڭدىن خوۋلۇق كۆرىسەن.
ئاتاـ ئاناڭنى بىششىڭدا كۆتۈر،
باللىرىڭنى قولۇڭدا.
ئاتاـ ئانام بولسا،
ئاغزى ـ بۇرنى بولمىسا.
ئاتا ـ ئانام يانچۇقۇمدا،
ئۇرۇق ـ تۇققان ساندۇقۇمدا.
ئاتا ـ ئانا يوشۇرغاننى بالا ئاشكارلايدۇ.
ئاتا بولمىغۇچە ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئات ئاتىدىن،ئادەم ئانىدىن.
ئاتا قارغىشى ئوق،
ئانا قارغىشى دوق.
ئاتاڭغا نىمە قىلساڭ،بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتاڭنىڭ نەسىھىتىنى بالاڭغا يەتكۈز.
ئاتاڭ ئۆلگۈچە ئېتىڭ ئۆلسۇن.
ئات ئالساڭ،ئاي كېڭەش،
خوتۇن ئالساڭ يىل.
ئات ئالساڭ بوينىنى كۆر،
خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
ئاتامدا بولغۇچە،ئالقىنىمدا بولسىچۇ.
ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتماپتۇ.
ئاتا ئۆلمەي،ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار،
خوتۇن غىرىپلىقتا.
ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قۇلۇم-قوشنا توغرىسىدا
ئاغىدا قالدىڭ ــــ ئېغىلدا قالدىڭ،
يەڭگىدە قالدىڭ ــــ يېغىدا قالدىڭ.
ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ،بىزارى يوق.
ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي،
يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ.
سەھەر تۈرۈپ قوشناڭغا باق.
باجا باجىنى كۆرسە بەدىنى قىچىشىشپتۇ.
بەدەنگە چاپاندىن كۆڭلەك يېقىن.
بىر كۆرگەن تۇنۇش،
ئىككى كۆرگەن تۇغقان.
بىرگە، بالىسى پاتماس،
بىرگە،كالسى پاتماس.
تاغامدىن تاغار ياخشى،
ھاممامدىن باداڭ (ياخشى)
تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى،
تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنىڭ توقلۇقى.
تۇغقاننى تاشلىساڭ يات بۇلار،
تۆمۈرنى تاشلىساڭ دات (بولار).
تۇغقاننىڭ بېغى چىڭ يەردە.
يىراق بولسا كىشنىشەر،
يىقىن بولسا چىشلىشەر.
سىردىشىشقا ئۆز ياخشى،
سۆيۈشۈشكە يات ياخشى.
قارلىغاچ قارلىغاچقا دان بېرىدۇ،
قېرىنداش قېرىنداشقا جان بېرىدۇ.
قوشنا بولساڭ يۆلەك بول،
بولمىسا بۆلەك بول.
قوشناڭ ساڭا باقمىسا،
سەن قوشناڭغا باق.
قوشناڭ كەلسە ئاشقا،
چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
قوشناڭ يىغلىغاندا سەن كۈلمە.
قوشنامغا قوشنامنىڭ ياخشى كۆرىنەر.
قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى.
قېرىنداشنى يۈرەك تۇنۇيدۇ.
كۆزدىن يىراق ــــ كۆڭۈلدىن يىراق.
كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى،
ئىسسىقى يوق كاڭدىن كات ياخشى.
كۈيئوغلۇڭ يامان بولسا،قىزىڭدىن كۆر،
كېلىنىڭ يامان بولسا،ئوغلۇڭدىن(كۆر).
ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر،
قوشنىنى كولىساڭ كۆچەر.
بىلىمسىزدىن ئۈلگە چىقماس،
كۆڭۈلسىزدىن كۈلكە.
بىلىملىك ئەر ئەل غېمىدە،نادان گال غېمىدە.
بىلىم ئال خار بولمايسەن،
ئىشلىمىسەڭ باي بولمايسەن.
دۇتاردا بار قۇلاق ساتاردا يوق،
بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق.
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
ئەل بىلەن بىرگە بولساڭ ئەر بولۇرسەن،
ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولۇرسەن.
ئەل ھىممىتى دەريا.
ئەل ئامان شەھرىڭ ئامان.
ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە،ئەلنىڭ بالىسى بول.
دىلى ئۇچۇقنىڭ قولى ئۇچۇق،
ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئۇچۇق.
دەرەخ يىقىلسا مايمۇن تۇزۇپتۇ.
سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ،
ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ.
ۋەتەنسىز كىشى ناخشىسىز بۇلبۇل.
يۇرت ئامان مەنمۇ ئامان،
ئەل بولمىسا رەڭگىم سامان.
ئەلنى سۆيسەڭ ئەل سېنى سۆيەر،
سەن بىرنى سۆيسەڭ ئەل مىڭنى سۆيەر.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

( ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻳﻮﻏﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺳﯩﻨﺎ،
ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﻮﻏﺎﻧﻨﻰ -- ﺗﻮﻳﺪﺍ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻣﺎ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎﻥ،
ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺎﻕ ﺗﯧﺮﻩﺭ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﺵ ﻳﻪﻳﺪﯗ،
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺷﺎﻟﻼﻕ -- ﺗﺎﺵ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﯞﻟﻪﭖ ﺋﯩﭽﻪﺭ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ، ﺩﯨﻠﻰ ﻣﺎﻳﻤﺎﻕ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ،
ﻳﻮﻟﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ -- ﻛﻪﭺ.
ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻣﻮﺯﺍﻱ،
ﻗﻮﺵ ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﺋﯧﻤﻪﺭ.
ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺩﯦﻤﻪ،
ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﻤﻪ.
ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ،
ﻳﺎﻗﺎﻣﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﻰ.
ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺗﯜﻛۈﺭﻣﻪ.
ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻐﺎ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻝ،
ﭼﯩﺸﯩﯔ ﺳﯘﻧﻤﯩﺴﯘﻥ.
( ﺋﺎﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )
ﺋﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭼﺎﭺ ﺑﻮﻟﺴﯩﯘﻥ.
ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻱ،
ﻻﻳﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﺗﯟﺍﻱ.
ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﻕ ﺋﯩﺖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯩﺖ ﺑﻪﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺖ.
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ،
ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ.
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﮬﺎﺭﻣﺎﺱ،
ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺗﻮﺯﻣﺎﺱ.
ﺋﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﻮﻕ،
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ -- ﭼﺎﺭﻩ.
( ﺋﺎﻱ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )
ﺋﺎﻱ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺴﺎ،ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﻏﺎﺭ،
ﻛﯘﻥ ﻗﻮﺗﺎﻧﻠﯩﺴﺎ،ﻛﯜﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﻱ ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯓ،
ﺗﺎﯞﯨﻐﯩﻨﯩﯔ -- ﺗﯧﺸﯩﻨﻰ.
ﺋﺎﻱ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ،
ﺋﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ -- ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ.
ﺋﺎﻱ -- ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ،
ﻳﯩﮕﯩﺖ -- ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ.
ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ،
ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ -- ﺋﺎﻳﺎﻕ،
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ -- ﺗﺎﻳﺎﻕ.
ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﭽﻰ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ.
ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ.
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ،
ﺑﻪﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻕ.
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ،
ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ.
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ،
ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻝ.
( ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﻮﻛﺎ ﺳﯘﻧﺴﯩﻤﯘ،
ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﻤﻪﺱ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﺮﯨﻤﺎﺱ،
ﺩﺍﯞﺍ ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﺱ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ،
ﺋﺎﺩﻩﻡ -- ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪ، ﮬﯜﻧﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻤﺎﺱ،
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻏﻼﻥ ﭼﯚﻟﺪﻩ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ -- ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﺗﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ،
ﭘﺎﺧﭙﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻝ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺸﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺴﻪﻥ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ،
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ -- ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺌﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﯩﭽﻪ،
ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻗﺘﺎ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﭻ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯜﺯﯛﻛﻜﻪ -- ﻳﺎﻗﯘﺕ ﻛﯚﺯ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ،
ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﺋﺎﻝ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﯨﺮﻩﻙ --
ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺗﯩﻠﻪﻙ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،
ﺑﺎﺗﯘﺭ -- ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺗﻮﭘﺎ ﻳﯘﻗﻤﺎﺱ،
ﻧﺎﺩﺍﻧﻐﺎ -- ﺋﯩﻠﯩﻢ.
ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺯﻩﺭﮔﻪﺭ ﺑﯩﻠﯘﺭ.
ئابدال سەمىرمەس، ئوغرى بېيىماس.
ئابرويۇڭنى ياشتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېنىدىن.
ئاجىز ئەيىبكار.
ئاجىز كىشى ئۆينىڭ بەرىكىتى.
ئاچ بولساڭ، نان چۈشەيسەن.
ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
ئاچ ئىت تاياقتىن قورقماس.
ئاچ ئىتنىڭ چۈشىگە سۆڭەك كىرەر.
ئاچ ئىتقا ئاش بەرسە، توق ئىت غىڭشىيدۇ.
ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
ئاچ مېلىم بار مېلىم ، توق مېلىم يوق مېلىم .
ئاچ ئۆلگەندىن توق ئۆلگەن ياخشى.
ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس.
ئاچ قالغانغا نان ياقتۇرما، مۇزلىغاندا ئوت ياقتۇرما.
ئاچ قالغىچە ، يالىڭاچ قال.
ئاچ قالمىغان ئاچلىقنى بىلمەس.
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاچ قوساققا سۆز ياقماس.
ئاچ قورسىقىم، تېنچ قورسىقىم.
ئاچ توق بىلەن ئوينىمايدۇ.
ئاچنىڭ چۈشىگە ئاش كىرەر.
ئاچنىڭ دەردىنى(ھالىنى) توق بىلمەس.
ئاچنىڭ كۆزى ناندا ، توقنىڭ ھېكمەتتە.
ئاچنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس.
ئاچتىن ئۆلگەن بېخىلنىڭ قوينىدا بىر توغاچ.
ئاچلىق ئاغرىقتىن يامان.
ئاچلىق كىشىگە يېلىنىشتىن ياخشى.
ئاچلىق نېمە يىگۈزمەيدۇ ، ئاچچىق نېمە دېگۈزمەيدۇ.
ئاچلىققا ھىچ كىشى ئۆلمەس.
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
ئاچچىق ئادەمگە دۈشمەن.
ئاچچىق ئالدىدىن يۈرەر، ئەقىل كەينىدىن.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ.
ئاچچىقنىڭ كەلگەندە سول قولۇڭ ئوڭ قولۇڭغا يار بولسۇن.
ئاچچىقنىڭ كەلسە، بارمىغىڭنى تىشلە.
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت قىلماق.
ئاچچىق بولساڭ تۇزدەك بول ، تاتلىق بولساڭ بالدەك بول.
ئاچچىق تەر تۆككەن ، تاتلىق يەر.
ئاچلىقنى بىلمىگەن، تاتلىقنى بىلمەس.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
ئاچكۆزنىڭ ئەقلى كەم، كۆزى تويماس.
ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم.
ئادەم بالىسى خام سۈت ئەمگەن.
ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن.
ئادەم بىلگەننى ئوقۇيدۇ، توخۇ كۆرگەننى چوقۇيدۇ.
ئادەم بولىمەن دېسەڭ، پۇلنى دوست تۇتما.
ئادەم ئەڭەك (ئەقلى) بىلەن كۆرۈنەر.
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
ئادەم ھەممىگە باش.
ئادەم كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى كۆز ، ئېغىز كۆركى تىلدۇر ، تىلنىڭ كۆركى سۆز.
ئادەم ئوتتۇز ، خۇدا توققۇز.
ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس.
ئادەم قۇلاقتىن ، ھايۋان تۇياقتىن (سەمرىيدۇ).
ئادەم سۆھبەتتە بىلىنەر.
ئادەم تىلىدىن، ئېشەك قۇلىقىدىن.
ئادەم تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز، گۈل ئېچىلغان يېرىدە.
ئادەم يۈز يىل ياشىسا، سۆزى مىڭ يىل ياشايدۇ.
ئادەم زىننىتى كىيىم، ياغاچ زىننىتى يوپۇرماق.
ئادەمدە ئەقىل بولمىسا، كۆزى تام تۆشۈكى.
ئادەمدىن ھىچ نېمە كېچىپ قۇتۇلماس.
ئادەمگە ئادەم كېرەك.
ئادىمىدىن ئادىمىنىڭ پەرقى بار، ھەر ماتانىڭ ھەر ماتادىن پەرقى بار.
ئادىمىگە قاراپ ھۆرمىتى.
ئادەمنى دوستىغا قاراپ سىنا.
ئادەمنى ئۈمىت ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
ئادەمنى يورۇتقان كۆز، تەمنى تۈزىگەن تۇز.
ئادەمنىڭ ئادەملىگى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنىدۇ.
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
ئادەمنىڭ ھوشى باش بىلەن.
ئادەمنىڭ خاھىشى ئۆزىنىڭ قولىدا.
ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار.
ئادەمنىڭ كىچىكى بولغىچە، ئىتنىڭ كۈچىگە بول.
ئادەمنىڭ مېۋىسى بالا.
ئادەمنىڭ ئۆزىگە بېقىپ سۆزى.
ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلمە، يۈرگىنى بىل.
ئادەمنىڭ قۇيرۇقى يوق، تونۇغىلى بولماس.
ئادەمنىڭ تېشىغا باقما، ئىچىگە باق.
ئادەتنى تاشلىغان ئاغرىققا يولۇقار.
ئارغامچىغا ئۇن بېسىپتۇ.
ئاغىنەڭ قاغا بولسا، يىيىشىڭ پوق.
ئاغزى ئوچۇق ئاچ قالماس.
ئاغزى سۈتتە كۆيگەن سۇنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
ئاغزى مۇسا، ئىچى پېرۇن.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئىمەر.
ئاغزىدا ئاللا، كۆڭلىدە شەيتان.
ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەھەر.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە.
ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتە بولسۇن.
ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
ئاغزىڭدا قىلغىچە، قولۇڭ بىلەن قىل.
ئاغرىغان يەرگە تاش تېگەر.
ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق.
ئاغرىمىغىچە، ئاغرىق ھالىنى بىلمەس.
ئاغرىشتىن ئىلگىرى كېپىنىڭنى تەييارلا.
ئاغرىق ئادەم ؟كىچىك بالا.
ئاغرىق ئاشتىن كېلەر، بالا قېرىنداشتىن (قاياشتىن).
ئاغرىق باشقا ئاخچە دورا بولماس.
ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ، بېرىپ قۇتۇل.
ئاغرىق ئۆرۈسە، جېنىڭنى ئالۇر، سىپا ئۆرۈسە، پۇلۇڭنى ئالۇر.
ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىدۇ، مىسقاللاپ چىقىدۇ.
ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلۇر
ئاغرىق تارتمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاغرىق ئۇخلار، ئاچ ئۇخلىيالماس.
ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس.
ئاغرىقنى يوشۇرغان، ئۆلۈم ئاشكارا.
ئاغرىقنىڭ ئېتى ياخشى.
ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلسا، داۋاسىمۇ تېپىلىدۇ.
ئاغرىقنىڭ يامىنى ئاچلىق.
ئاغرىقنىڭ سانچىغى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (~ئىتنىڭ قانجۇقى).
ئاخچا ئاخچىغا قوشۇلىدۇ.
ئاخچا دېگەن ؟قولنىڭ كىرى.
ئاخچا تاپساڭ، ساناپ ئال.
ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
ئېلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، بېرىشنى يامان كۆرمە.
ئالماق ئوڭاي، بەرمەك تەس.
ئالماقلىق زېرەكلىك، بەرمەكلىك نادانلىق.
ئالماقنىڭ بەرمىگى بار چىقىشىڭ ئىنىشى.
ئالماقنىڭ ساتمىغى بار.
ئالماقتىن بەرمەك ئەلا.
ئالسام بەرمىسەم.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چال قۇيرۇق.
ئالا قاغا ئالمان بولسىمۇ، قارچىغىنىڭ ئورنىنى باسالماس.
ئالا قاغا بىلەن يۈرسەڭ، تېقىمىڭ پوق.
ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسۇن.
ئالدىدا كەلگەن ئورۇن ئۈچۈن، كېيىن كەلگەن تاماق ئۈچۈن.
ئالدىدا ئۇخلىدى، ئارقىدا مۇشتلىدى.
ئالدىن ئۆزۈڭنى تۈزە، ئاندىن باشقىنى.
ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا.
ئالدىراپ ئاشقا چۈشۈتۇ.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئەگىشىدۇ (~ئارلىشار).
ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس.
ئالدىرىغان قالار، يۈرگەن ئالار.
ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى.
ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ (سۇنار).
ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى قىچىشار.
ئالدىرىما تېكەم بىر كۈنى ھارۇرسەن.
ئالدىرىمىساڭ، ھارۋىدا توشقان ئالۇرسەن.
ئالدىرىساڭ ئاش پېتىپ بېرەي، ئالدىرىمىساڭ چاي.
ئالدىرىساڭ، كىشى كۈلدۈرىسەن.
ئالدىرىساڭ، قونۇپ قال.
ئالەمنى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.
ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
ئالما يەپ ئاغرىق بولغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆل.
ئالما (ئامۇت) ياغىچىدىن يىراق چۈشمەس.
ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
ئالتە ياشار يولدىن كەلسە، ئاتمىش ياشار ئالدىغا چىقىپتۇ.
ئالتىگە ئېلىپ بەشكە سات، ئېتىڭ چىقسۇن سودىگەر.
ئالتىنچى ئايدا ئاغرىق يوق.
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
ئالتۇن چىرىمەس، ئەقىل قېرىماس.
ئالتۇن ؟كۈمۈش تاش، تېرىق ؟قوناق ئاش.
ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم ئەمگەكتە.
ئالتۇن؟ئوتتىن قورقماس.
ئالتۇن ئۆيدىن كان (كۆڭۈلنىڭ تېنچلىقى) ياخشى.
ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
ئالتۇنغا توپا يۇقماس.
ئالتۇننى دەسسەپ، تۇخۇم ئوغرىلاپتۇ.
ئالتۇننى كۆرۈپ، پەرىشتە يولدىن تېيىپتۇ.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر.
ئالتۇنچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى.
ئالۋاننى كىم قىلۇر: غالۋاڭ.
ئامانەت ساقلىساڭ تۆلەرسەن، ياڭ يەردە ئۆي سالساڭ ئۆلەرسەن.
ئامانەتكە خىيانەت.
ئامۇت پىشىڭ، ئاغزىمغا چۈشۈڭ.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار.
ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
ئانىدىن ياخشى سۆز يوقتۇر.
ئانىسى ئويلاپ يۈرۈيدۇ، بالىسى ئويناپ.
ئانىسى ئۆگەي بولسا، ئاتىسىمۇ ئۆگەي.
ئانىسى ئۆلمەي، ئانا قەدرىنى بىلمەس، ئاتىسى ئۆلمەي، ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
ئانا سۈت بەرگەن ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمىگەن.
ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن، تانا سۈتى بىلەن كىرمەس.
ئانا ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا ۋەتەننىڭ ئالتۇن بۆشۈك.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭى رويۇڭ سامان بولماس.
ئانا يۇرتۇڭدىن ئۆلسەڭ ئايرىلما.
ئانچىلىق ئاچچىق پىيازدىمۇ بار.
ئانداق قازانغا شۇنداق چۆمۈچ.
ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەڭ، قان ئىچكۈچى كېلەر.
ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق.
ئاڭلىغان سۆزدە راستلىق يوق.
ئاڭلىغان سۆزگە ئىشەنمە.
ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
ئاڭلىغان ياخشى، كۆرگەن ئاندىن ئەۋزەل.
ئاپتاپ ئىچىدىن كۈن چىقىپتۇ.
ئاق بار ئۆيدە بەرىكەت بار.
ئاق بۆكنى ئېلىپ تاشلاپ، كۆك بۆكنى كىيگەن بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.
ئاق ئىت، قارا ئىت ؟بەرى بىر ئىت.
ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئەمەس.
ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ئارىدا بۇرۇن؟بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ.
ئاراقنىڭ تۆت سەرى قىممەت.
ئاراقچىنىڭ كۆڭلى باي.
ئارپابەدىيان ئىچمەگەنلەر ئەمدى ئىچەر بولدى چاي،
ئېشەك قوتۇققا مىنمەگەنلەر ئەمدى مىنەر بولدى تاي.
ئارپا ئىچىدە بىر بۇغداي.
ئارپا تېرىپ، بۇغداي ئالىمەن دېمە.
ئارپا ؟تېرىك ئاش ئىكەن، ئۈنچە ؟ماركان تاش ئىكەن.
ئارقاڭدىكى دۈشمەن، ئالدىڭدىكى دوست.
ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماس.
ئارتۇق تۇزلاش ئازدىن يامان.
ئارتۇغىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل.
ئارزۇغا ئەيىب يوق.
ئاسان كەلسە، ئاسان كېتەر.
ئېسىلساڭ، ئېگىز دارغا ئېسىل.
ئاشىقى يوق ياردىن ئىسسىق (ئىسلىق) ئوچاق ياخشى.
ئاسمان بېسىۋالسا، ئاستىدا يېتىپ پولو (مانتا)يەر.
ئاسمان يىراق يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم كان تاتلىق.
ئاسماندا ئىزدىگەننى يەردە تاپتىم.
ئاسماندىكى ئاينى ئالسا، كۈننى تەلەپ قالارمىكىن.
ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپتۇ.
ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمە، يېنىپ يۈزۈڭگە چۈشەر.
ئاسماندىكى تاش يەرگە چۈشكەندە ئەزىز.
ئاسماندىن تاش ياغسىمۇ يەرگە پايدا.
ئاسماندىن توغا ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەيدۇ.
ئاسقاق قوي چۈشتىن كېيىن مەرەپتۇ.
ئاستا ماڭساڭ، بۇرۇن يېتىسەن (~يىراق كېتىسەن).
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاستا يۈرگەن تاش ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق.
ئاش باردا ئىشتەي قاچتى، ئىشتەي باردا قېنى ئاش.
ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ.
ئاش بەرسە ساۋۇق بەردى، نان بەرسە كۆيۈك بەردى، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق.
ئاش ئىچمەي ئاغزى كۆيۈپتۇ.
ئاش كەلسە، يىگىن، سۆز كەلسە، دېگىن (~ئىش كەلسە قىلغىن).
ئاش ئۆزىدىن، مىننەت؟كىشىدىن.
ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا.
ئاش تۇغان يەردە ئاغرىق تۇرمايدۇ.
ئاش يېگەن قاچاڭنى ئوشۇتۇپ قويما.
ئېشى ئاتىپ ئۆلگەندىن، ئاچ يېتىپ ئۆلگەن ياخشى.
ئاشنى ئاسمان بېرەر، ئاندىن يەر.
ئاشنى كۆرۈپ ئىشنى ئۇنتۇما.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى بىلگەندە (~ئۆلگەندە)
ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
ئاشقا چۈشكەن چىۋىن دەك.
ئاشقا پىياز نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
ئاشتىن قالساڭ، قال، كۈچتىن قالما.
ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس.
ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما.
ئاشپەز ئىككى بولسا، ئېشى تۇزسىز بولار.
ئات ئالغۇچە ئوقۇر سال.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش.
ئات ئالساڭ، يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ، يىراقتىن ئال.
ئات ئاسقاق يول تايغاق، يۈك ئېغىر مەنزىل يىراق.
ئات ئاتاڭدىن بالا ئاناڭدىن.
ئات ئايىغان ئات مىنەر.
ئات ئايىغىنى تاي باسىدۇ (~باسار).
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار، ئەر ئايلىنىپ ئېلىنى تاپار.
ئات بولسا، يۇلتۇزنىڭ كېرىكى نېمە؟
ئات كەڭگە يارالغان .
ئات ئىگىسىنى تونۇيدۇ.
ئات ئىگىسىنى ئات كەينىگە مىنگەشتۈرمەپتۇ.
ئات ئېغنىغان يەردە تۈك قالىدۇ.
ئات ئېشەكتىن تۇغارمۇ، ئېشەك ئاتتىن ئۇزارمۇ؟
ئات ؟ئەر كىشىگە قانات.
ئات گۆشى قىرىق يىل قالغان ئاغرىقنى قوزغايدۇ.
ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق.
ئات قەدرىنى مىنگەن بىلەر، مىلتىق قەدرىنى ئاتقان.
ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ تونۇشار.
ئات مىنگەن ياياققا باقماس.
ئات مىنسە، ئاتىسىغا باقماپتۇ.
ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
ئات ئورۇق بولسىمۇ، يېغىر بولمىسۇن.
ئات ئورۇقلۇقتا، ئەر (ھوتۇن) غېرىپلىقتا.
ئات ئۆلسە، ئىگىر قالار، ئادەم ئۆلسە، ئېتى.
ئات ئۆلسە، ئىتنىڭ تويى بولىدۇ.
ئات سەمىرسە ، ئىگىسىنى تېپەر.
ئات تاپقۇچە ئىگەر تاپ.
ئات تاپقۇچە، ئېشەك مىن.
ئات ياتقا كىشنىمەس.
ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال ، كالا يۆتەلسە پىچاق سال.
ئېتى يوقنىڭ قېنى يوق.
ئېتى يوقنىڭ پۇتى يوق.
ئېتىڭ ئات بولغىچە ئۆزەڭ مات بولۇرسەن.
ئېتىڭ ھارسا، دۆڭگە چاپ.
ئېتىڭ ئۆلدى ؟ئاتاڭ ئۆلدى.
ئېتىڭ ياخشى بولسا، قامچا نېمە كېرەك.
ئېتىڭدىن ئايرىلساڭ، ئايرىل، ئىگەر ؟توقۇمىڭدىن ئايرىلما.
ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھايدىما، يەم بىلەن ھايدا.
ئېتىڭنى تەپمەيدۇ دېمە، خوتۇنۇڭنى بەرمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ئات ساقلايدۇ، ئاچنى ئاچ.
ئاتنى چانىدا سىنا، ئەرنى سەپەردە.
ئاتنى ساتساڭ، يۈگىنى قاتار.
ئاتنى تاقىلىسا، ئېشەك پۇتىنى كۆتۈرۈپتۇ.
ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ياپاندا كۆرمە، ئەرنى چاپاندا.
ئاتنىڭ ئوبدىنى بوز، ئەرنىڭ ئوبدىنى تاز.
ئاتنىڭ ياڭزىسىنى سايدا كور، ئېشەكنىڭ ياڭزىسىنى لايدا كۆر.
ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
ئاتنىڭ كۆركى ئىگەر-توقۇم.
ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە ئېغىر كەلمەپتۇ.
ئاتنىڭ تەپكىنى ھار ئەمەس، ئېشەكنىڭ؟تەپكىنى ھار.
ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا.
ئاتنىڭ يامىنى تەپكەك، خوتۇننىڭ يامىنى بەرگەك.
ئاتقا كۈچى يەتمەي، ئېگەرنى ئۇرۇپتۇ.
ئاتقا مىنگەشمە، كېيىن قوڭۇم ئاغرىدى دېمە.
ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.
ئاتتىن قورقساڭ، يېقىن كەلمە.
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس.
ئاتلىقلارغا تېگىپتۇ، ياياقلارغا تەگمەپتۇ.
ئاتلىققا ياياق دوست ئەمەس.
ئات كۆتۈرسەڭ، ياخشى بىلەن كۆتەر، سۇ كۆتۈرسەڭ، ئەپكەش بىلەن.
ئېتى بار، ئىسمى يوق.
ئاتقان (~ئېتىلغان ) ئوق يانماس.
ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ.
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاتا كۆرگەن ئوق يونۇيدۇ، ئانا كۆرگەن تون پىچىدۇ.
ئاتاڭ ئاتقان دۇكاندا پاختا ئات،بىئەجەل ئۆلەي دېسەڭ، تام تۈۋىگە بېرىپ يات.
ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
ئاتاڭ كىمنى ئالسا، ئاناڭ شۇ.
ئاتاڭ مىراب بولغىچە ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن.
ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۇن، ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن.
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغىچە ھۈنەر قالسۇن.
ئاتامدا بولغىچە ئالقېنىمدا بولسۇن، ئالقېنىمدا بولغىچە ئاغزىمدا بولسۇن.
ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر.
ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە ئەلنىڭ بالىسى بول.
ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
ئاتىسى كۆرەلمىگەننى بالىسى كۆرەر.
ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
ئاتىسى تۇرۇپ، ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز.
ئاتىسىز يىتىم گۈل يىتىم، ئانىسىز يىتىم ئۇل يىتىم.
ئاتا ئانا دۇئاسى ئوتقا سۇغا پاتۇرماس.
ئاتا ؟ئانا قانداق بولسا، بالا شۇنداق.
ئاتا ئانىنىڭ ھاياتى بالىسىدا.
ئاتىلار سۆزى ؟ئەقىلنىڭ كۆزى.
ئاتاقنى تاپماق ئوڭاي، تۇتۇپ قالماق تەس.
ئاتىغى يوق ئەردىن، ھەشىگى يوق دۆن ياخشى.
ئاۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
ئاۋال ئۆزەڭنى چىمدا، ئاغرىمىسا باشقىنى.
ئاۋال سوقۇشۇپ ئاندىن دوست بول.
ئاۋال تائام، ئاندىن كالام.
ئاۋىلىدىن مېنىڭ دېدى، ئىزدىۋىدىم دورا بولدى.
ئاۋالقى چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۈز ئۇزار.
ئاۋالقىنى ئوغرى ئالدى، قالغانىنى رەممال.
ئاۋايلىماي ئۇرۇۋىدىم،ئاغرىماي ئۆلۈپ قالدى.
ئاي دېسە، ئاي ئەمەس، كۈن دېسە،كۈن ئەمەس.
ئاي كۆرسەڭ، روزى تۇت.
ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
ئاينى ئېتەك بىلەن توساپ بولماس.
ئاينى كۆرۈپ كۈن ئالغىن.
ئاينىڭ بېشىدىن قورقما،بەشىدىن قورق.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق.
ئاينىڭ يورۇقى ئوغرىغا ياقماس.
ئاياق ئاستىدا قالدىم دەپ دېمە ۋاي، چىنە بولار كۆپ دەسسەلسە لاي.
ئاياق ئاستىڭغا قاراپ باش، يىقىلىسەن.
ئاياق ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ.
ئاياق يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا.
ئايىغى كۆيگەن توخۇدەك.
ئايغىر قاچسا، ئۈيۈرىدىن تاپ.
ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە.
ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن.(~ئاز قىل، ئۇز قىل).
ئاز ئېشىم غوغىسىز بېشىم.
ئاز گەپ قىلغاندىن جىق گەپ قىلغىنى ياخشى.
ئاز سۆز غوغىسىز سۆز.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا،ئاز يە، كۆپ چاينا.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئىشلە.
ئاز سۆزلىسەڭ، كۆپ ئاڭلايسەن.
ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
ئاز يېگەن ئون يەر، جىق يېگەن بىر يەر.
ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ.
ئازدىن جىقى ياخشى.
ئازغا كۆنمەس ياخشىلىق كۆرمەس.
ئازغا قانائەت قىلمىغان كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ.
ئازغا رازى بول.
ئازنى بىلمىگەن كۆپنى بىلمەس.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازدىن ئۆتەلمىگن تالىپ، بىلىمدە بولالماس غالىپ.
ئۈگۈتۈشكە ئادىرىما، ئۆگۈنۈشكە ئالدىرا.
ئىمانسىز ئادەم رەھىمسىز، بىلىمسىز ئادەم قىلىقسىز.
ئىز ئىزنى ئۆچىرەر.
ئالتۇن- كولاشتىن، قوي-بورداشتىن.
ئالسام، بەرمىسەم. يىسەم، تەرمىسەم.
ئالما تىككەنىڭ ئەمەس، كۈتكەننىڭ.
ئاشىق بولساڭ تارتىنچاق بولما.
ئاشىققا نىكاھ يوق. ئايرىلىش ئۆلۈمدىن يامان.
جىسمى بار ساپاسى يوق، ئىشقى بار ۋاپاسى يوق.
چىرايلىقنى تاللاش ئەخمەقنىڭ ئىشى. سۆيگەن كىشىنىڭ ئەيىبى كۆرۈنمەس.
رەھىم بالانى كەلتۈرەر، ساۋاب قازاننىڭ قوڭىنى تېشەر.
خۇدادىن باشقا خوجام يوق، قورساقتىن باشقا قاچام يوق.
دەرەخ كەسكەن پالتىغا ،دەرەختىن ساپ ياسالغان.
پاسار ئوتىنىڭ كۈلى چوڭ، قوڭالتاقنىڭ گېپى چوڭ.
پەسكەش ماختىنىپ بۈيۈك بولالماس، ئۆچكە يۈگۈرۈپ كىيىك بولالماس.
ئاداشقاننىڭ ئەيبى يوق، يولنى ئۆزى تاپسا،
ئىچىلغاننىڭ ئەيبى يوق، ئۆزى بىلىپ ياپسا.
ھېرىپ قالغان ئوق شايىنىمۇ تىشەلمەس.
ھىيلىسى يوق باتۇرنىڭ ئۆمىرى قىسقا

ئوقۇغان ئوغۇل دادىسىدىن ئۇلۇغ.
قېتىق ئىچكەن قېرىماس.
قېتىق تۆىۈلسە، يۇقى قالار.
قېچىپ كەتسەڭ، چېچىپ كەت!
قىز بولسىمۇ -- دۆلەت قۇشى.
قىزغانچۇقنىڭ ئېشى -- قورساققا دورا.
قىزى بارنىڭ نازى بار،
ئوغلى بارنىڭ سازى.
قىزى بار ئۆي -- سەرەمجان.
قىزىڭ بوي يەتسە، جۇگانلىقىڭنى ئالىدۇ،
ئوغلۇڭ بوي يەتسە يىگىتلىكىڭنى.
قىزىڭنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغىچە،
ئوغلۇڭنىڭ بوسۇغىسىدا ئولتۇر.
قىزىڭغا جېنىڭ ئېتىشسا، كېلىنىڭنى قەدىرلە!
قىزىڭغا تاجۇ-يەخت يىلىگىچە،
تىرناقتەك بەخىت تىلە!
قىزلىق ئۆي قۇدىسىز بولماس.
قىزنى ئانىسى ساقلىسۇن،
ئوغۇلنى ئاتىسى.
قىلنى قىرىققا يارىدىغان بېگىڭنىڭمۇ گېلى بار.
قىلىچ قىڭغىر بولسىمۇ قېنىغا توغرا كېلەر.
قىلىچ يارىسى پۈتەر، تىل يارىسى پۈتمەس.
قىمىرلىغان قىر ئاشار،
مىدىرلىغان دۆڭ.
قىڭغىر قاڭشا بۈولسىمۇ،
باينىڭ قىزى ئەر تاللار.
قىرىق يىل قىرغىن بولسا، ئەجىلى يەتكەن ئۆلەر.
قىرىق يىڭنە بىر جۇۋالدۇرۇس بولماس.
قىرىق يىل ياغقان يامغۇردىن سەلكىپ ئۆتكەن سۇ ياخشى.
قىرسىز يەر بولماس،
ھۈنەرسىز ئەر.
قىشنىڭ غېمىنى يازدا قىل،
يازنىڭ غېمىنى قىشتا.
قىشنىڭ سوغى تەندىن ئۆتەر،
ئەتىيازنىڭ سوغى جاندىن.
قىشنىڭ گۈلى -- ئوت.
قوزا تۇغۇلسا، يايلاقتا بىر ئوت ئارتۇق ئۈنەر.
قوزىچاقنىڭ قىسمىتى -- قاراكۆل-تېرىسى.
قوي بىلەن بۆرە بىر قوتاندا قىشلىماس.
قوي كۆرمىگەن قوغلاپ ئۆلتۈرەر،
يىپەك كۆرمىگەن ئۇگلاپ.
قوي ئۆلەمدۇ، قوزىمۇ؟
ئاشتاختا سۇنامدۇ، جوزىمۇ؟
قوي ھايداقتا، ئات باغلاقتا سەمىرىدۇ.
ﻗﻮﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﯩﻠﻪﺭ.
ﻗﻮﻟﻰ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ -- ﻳﻮﻟﻰ ﮔﯜﻝ.
ﻗﻮﻟﻰ ﺋﻮﭼﯘﻗﻨﯩﯔ -- ﻳﻮﻟﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ.
ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺧﯩﺶ ﺗﯩﺰﺍﺭ،
ﻗﻮﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯖﺶ ﺑﯘﺯﺍﺭ.
ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻛﻪﺳﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ.
ﻗﻮﻟﯘﯓ ﻳﺎﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﻧﺠﯩﯖﻐﺎ ﺳﯜﺭﻛﻪ.
ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﮔﯜﻝ ﻗﯩﺲ.
ﻗﻮﻧﻪﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،
ﻗﯧﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻳﺎﺵ (ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ).
ﻗﻮﺭﺍﺩﺍ ﻗﻮﺗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺗﻪﻝ.
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻕ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺯﺍﯞﺍﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺭ.
ﻗﻮﺭﻗﺎﻕ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﺎﺭ.
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﭼﻮﯓ،
ﮬﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ.
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺟﯩﻦ ﺑﺎﺭ.
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﺵ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻳﻰ ﺑﻪﺵ (ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ).
ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯩﺮﻩ،
ﻳﻪﯞﻩﺭﺳﻪ ﻛﯩﺮﻩ.
ﻗﻮﺷﺘﺎ ﻳﻮﻕ، ﺋﻮﺭﻣﯩﺪﺍ ﻳﻮﻕ -- ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭ.
ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ،
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ.
ﻗﯘﯞﻟﯘﻗﺘﯩﻦ -- ﺷﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﯘﻏﯘﻻﺭ.
ﻗﯘﺩﯗﻗﻘﺎ ﺗﯜﻛﯜﺭﻣﻪ، ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯩﭽﯩﺴﻪﻥ.
ﻗﯘﺯﻏﯘﻥ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺗﯩﺮﯨﻜﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ.
ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﻗﯘﻳﺮﯨﻘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯜﺷﺸﯩﻤﻪﺱ،
ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﺷﯜﻣﺸﯩﻤﻪﺱ.
ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻻ!
ﻗﯘﻟﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺑﻪﮔﺪﻩﻙ ﻳﻪ!
ﻗﯘﻡ ﻳﯩﻐﯩﻠﺴﺎ، ﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﯓ،
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺕ، ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ!
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ.
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻳﯩﺮﺗﺎﺭ.
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯧﯟﻩﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﻗﯘﺭﯗﺕ ﻳﺎﻏﺎﭼﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭ.
ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﻗﻮﻱ ﻗﻮﺷﻼﭖ ﺗﯘﻏﺎﺭ،
ﻗﯘﭼﺎﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﺱ.
ﻗﯘﺵ ﺩﺍﻧﻐﺎ ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ،
ﻗﯘﺯﻏﯘﻥ ﻗﺎﻧﻐﺎ.
ﻗﯘﺵ -- ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
ﺋﺎﺩﻩﻡ -- ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻗﯘﺵ ﻗﯧﺮﯨﺴﺎ ﺩﻩﺭﻩﻗﻘﻪ ﻗﻮﻧﻤﺎﺱ.
ﻗﯘﺷﻨﻰ ﻳﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ،
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﺭ،
ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ.
ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ -- ﮔﯚﺵ.
ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﻗﯧﺮﯨﺴﺎ، ﻗﺎﯕﮕﺎﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
ﺟﯘﮔﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﺴﺎ، ﺟﺎﯕﺠﺎﻟﭽﻰ.
ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭ ﭼﯩﺮﯨﻚ-ﭼﯩﺮﯨﻚ،
ﺋﯚﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ.
ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﺗﯧﺮﯨﻤﺎﺱ.
ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﺎﺭ.
ﻗﯘﺷﻘﯘﻧﻐﺎ ﺗﯧﺰﻩﻙ ﻗﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ.
ﻗﯘﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ -- ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍ!
ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻤﯘ ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ.
ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﺴﻪﯓ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ،
ﺟﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎﻳﯘ-ﺯﺍﺭ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ.
ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﺪﯛﺭﻩﺭ،
ﻧﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﻩﺭ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﺍ -- ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯚﻟﯜﻡ -- ﺑﯩﺮ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﺎﻝ،
ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ ﺑﯧﻘﯩﭗ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎﯓ -- ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎﯓ -- ﻳﺎﻟﯩﺴﻰ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﭼﯩﺴﻰ -- ﭼﯚﻣﯜﭺ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ -- ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﺍﺭ،
ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯓ -- ﺋﺎﺳﺘﯘﺭﺍﺭ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﭺ،
ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ.
* * * * *
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻏﺎﺭ.
* * * * *
ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪ،
ﺋﺎﻣﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻥ!
* * * * *
ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ -- ﺟﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭ.
* * * * *
ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ -- ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ.
* * * * *
ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﺩﻯ،
ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻛﺎﻻ ﺳﻮﻳﻐﯘﺯﺩﻯ.
* * * * *
ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﻗﺎﺭﻣﺎﺱ،
ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ،
ﻣﯩﺲ ﻟﯧﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﻯ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ،
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺟﯩﻠﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪ!
* * * * *
ﻗﺎﺭﺍﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ﺑﺎﻻﻡ،
ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﯗﻡ ﺑﺎﻻﻡ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﺍﻗﭽﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭘﺘﯘ،
ﻣﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﻻﻗﭽﻰ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﺎ ﺑﺎﻻﻡ "ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ"،
ﻛﯩﺮﭘﻪ ﺑﺎﻻﻡ "ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ".
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯩﻼﺭ "ﻗﺎﻕ" ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ،
ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺷﺎﺕ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯩﻐﺎ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﻤﺎ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﺎﺗﻤﺎ!
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯩﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ،
ﻗﯘﭼﻘﺎﭼﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﯩﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺳﻮﭘﯘﻥ،ﺩﯙﺗﻜﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯘﻏﺎ ﺗﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻛﯜﻧﻤﯘ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﻏﯘﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩﺍ ﻗﯩﺴﺘﺎﭘﺘﯘ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﯩﻐﺎ ﻗﯘﺷﯘﯓ ﭼﯜﺷﻤﯩﺴﯘﻥ،
ﺩﺍﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﯔ.
* * * * *
ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﯓ -- ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﻤﻪﻥ.
ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﯓ -- ﺗﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﻤﻪﻥ.
* * * * *
ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﭘﻼﻳﺪﯗ.
* * * * *
ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻘﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻧﺎﯞﺍﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﺘﯘ.
* * * * *
ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻧﺎﺭﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﻛﯜﯓ ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ، ﺧﺎﺗﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻝ!
* * * * *
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻏﺎﭼﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻗﯘﺭﯗﺕ ﻳﻪﻳﺪﯗ.
* * * * *
ﻗﺎﺷﺎﯓ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻣﯩﻨﮕﯩﭽﻪ،
ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﺎﯓ ﺋﯚﻟﮕﯩﭽﻪ.
* * * * *
ﻗﻪﺩﯨﺮ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﺘﯩﻦ،
ﻗﻪﺩﯨﺮ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
* * * * *
ﻗﺎﺯﻣﺎ -- ﭼﯜﺷﻪﺭﺳﻪﻥ،
ﻳﺎﻗﻤﺎ -- ﻛﯚﻳﻪﺭﺳﻪﻥ.
* * * * *
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺕ، ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺗﯘﺕ!
* * * * *
ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺱ.
* * * * *
ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ، ﺑﻪﺭﻣﻪﻙ ﺗﻪﺱ.
* * * * *
ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﺭ،
ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻗﺎﻻﺭ ﻳﺎﻧﯩﯖﺪﺍ.
* * * * *
ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﻝ،
ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻨﻰ.
* * * * *
ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ -- ﭘﻪﺱ ﻗﯩﻞ.
* * * * *
ﻗﻪﺳﻪﻣﺨﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﺎ.
* * * * *
ﻗﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﺎﺭ.
* * * * *
ﻗﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﭘﻪﺭﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ.

تۆۋەندىكىلىرى«مىراس» ژورنىلىنىڭ 1996 –يىلى 3-سانىدىن ئېلىندى.

يېرىڭ تاش بولسىمۇ ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن.

يۈز قارغىغا بىر تاش كۇپايە.

يامان بولساڭ ئاسىدۇ،
ياۋاش بولساڭ باسىدۇ.

قولۇڭنى سوزغان يەرگە پۇتۇڭنى سوزما.

ئوچۇق چىراي ــــ قايناق چاي.

ئۇياتلىق مىھمان يامان چاغدا كېلەر.

ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى.

كۆز كۆرمەي كۆڭۈل سۆيمەس.

كىمنىڭ مېلى كىمگە قالماس،
كىمنىڭ يارى كىمگە قالماس.

دېسە دېگۈچە قويدۇم،
كېسىپ يېگۈچە قويدۇم.
تۆۋەندىكىلىرى«مىراس» ژورنىلىنىڭ 1999 –يىلى 6-سانىدىن ئېلىندى.
ئات ھارسا ئېغىل ياخشى،پاتقاققا شېغىل (ياخشى) .

ياخشى دوست يولدا سىنىلار،ئۆتكۈر قىلىچ قولدا (سىنىلار) .

ئۆستەڭ يارىشىقى تال،ئاينىڭ يارىشىقى خال.

گۈزەل يولدا قويار،قاراقچى چۆلدە (قويار) .

ئاشىقنىڭ قەدرىنى دىلبەر بىلەر.

شەيتاندىنمۇ ئادىمىي شەيتان يامانراق.

ئامەت بىلەن ئاپەت بىر تۇغقان.
يار ئۈچۈن يېگەن تاياقنىڭ يارىسى يوق.

بۆرىدىن قورققان تاغقا چىقماس.

ئىتتىن قورققان ، كۈچۈكدىن چۆچىيدۇ.

ياخشىدىن جاپا كەلمەس،ياماندىن ۋاپا كەلمەس.

ئۆلۈمدىن قورقماي، ئۆلەرمەن بولۇشتىن قورق.

ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ سېرىقى چىقماس.

ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس،
ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس.

دۈشمەننى سەل چاغلىساڭ بېشىڭغا چىقار.

بىر قاغىنىڭ كەلگىنى بىلەن قىش كەلمەس.

بىر ئىشىكنى قويۇش ئۈچۈن يۈز ئىشىك كۆر.

بەختنىڭ بەلگىسى بىلىمدۇر.

قورققانغا قوينىڭ بېشىمۇ قوش كۆرىنەر.

ئوۋچى قانچە ھىيلە بىلسە ،
ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلەر.

بەلگە بولسا يولدىن ئاداشماس،
بىلىم بولسا سۆزدىن ئاداشماس.

ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى بولماس،
ئاتنىڭ تەپمەيدىغىنى بولماس.

تۈتۈنسىز ئوت بولماس،
ياراغسىز يىگىت بولماس.

بەختسىز قۇدۇققا چۈشسە،بېشىغا قۇم ياغار.

تېرەك ئۇچىغا شامال تېگەر،
ياخشى ئادەمگە سۆز (تېگەر).

ئوتنى يالقۇن بىلەن ئۆچۈرگىلى بولماس.

كۆكىنى كۆرۈپ ، كۆكسىڭنى كېرىمە.

دۈشمىنىڭ چاشقانچە بولسا ، كۈچۈك يولۋاسچە بولسۇن .

تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.


خاسىيەتلىك سانلار توغرىسىدىكى ماقال تەمسىللەر

«بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2009-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى.



«قىرىق» توغرىسىدا
گەپنى تەگىسەڭ تېرىق بولۇر،
بىرى قىرىق بولۇر.

قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭلىشۇر.
(قىرىق يىلقا تەگىن باي چىغاي تۈزلىنۇر.)
«تۈركىي تىللاردىۋان» 1-توم،454-بەت

يالغان سۆزنىڭ قانىتى قىرىق بولسىمۇ قىرقىلار.

قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.

قىزنىڭ تويى قىرىق كۈن.

قىزنىڭ سۆيگۈسى قىرىق يىل.

قىلدىن كەتتىڭ قىرىقتىن كەتتىڭ.

قىز كۆيۈكى قىرىق يىل.

تۆگىنىڭ قەھرى قىرىق يىلدا چىقار.

قىزنىڭ جېنى قىرىق.

قىرىق ئاشچىدىن بىر باشچى يامان.
قىرىق كىشىدىن قىيىق كىشى يامان.

قىرىق يىڭنە بىر جۇۋالدۇرۇز بولالماس.

قىرىق ئاغچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ.

بىر كۈنلۈك يولداشقا قىرىق كۈن سالام.

قىرىق يىلدا بىر ئىشەك ئويۇنى.

قىزنىڭ چېچى قىرىق.

ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.

ئالدىرىغاندا قولىدىكىنى قىرىق قېتىم ئىزدەپتۇ.

خاندا قىرىق كىشىنىڭ ئەقلى بار.

تىرىشچانغا قىرىق ھۈنەر ئاز.

بېخىلنىڭ قىرىق يەردە ھويلىسى بار،قىزىنى ئال.

بوۋاق دادىسىنى ئۈچ كۈندە تونار،
ئانىسىنى قىرىق كۈندە تونار.

ئېرى ئۆلگەن بىر خوتۇن،
قىرىق خوتۇنغا كۈنداش.

ياخشى كۆرگەن قىزىڭ،
قىرىق يىلدىمۇ قىز كۆرۈنەر.

تېرىساڭ قىرىق بولار،
تېرىمىساڭ ئېرىق بولار.

قىلدەك ھوقۇق قىلنى قىرىق يارار.

قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.

بىر ساپاق ئۈزۈم قىرىق كىشىگە يېتەر.

قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ ھەم چىدار.

بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن يامان.

قىرىق كىشى بىر ياق،قىڭغىر كىشى بىر ياق.

بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.

بىر قىز ئەرگە تەگسە،قىرىق قىز چۈش كۆرەر.

بىر كۈن تۇز يېگەن يەرگە قىرىق كۈن تەزىم.

قىلنى قىرىق يارىدىغان بەگنىڭمۇ گېلى بار.

ئوتتۇز يېشىدا ئەر ئاتالغان قىرىق يېشىدا شىر ئاتىلار.

بىر كۈن ئالدىرىغاندىن قىرىق كۈن ئەقىل سورىما.

بىر موللىنىڭ كەينىدە قىرىق شەيتان بار.

قىلدەك گەپ قىرىق تەڭگىگە توختار.

قىزغانچۇقنىڭ بىر تاۋاق ئېشى قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر.

يالغانچىنىڭ پوقىنى يېگەن ئىتمۇ قىرىق كۈن يالغان قاۋار.

ئىشان بولماق تۆت كۈنلۈك،
موللا بولماق قىرىق كۈنلۈك.

بولىدىغان ئون يېشىدا باش بولۇر،
بولمايدىغان قىرىق يېشىدا ياش بولۇر.

بىر كۈن ئۇرۇش بولغان ئۆيدىن،
قىرىق كۈن بەرىكەت قاچار.

ئۇيۇپ يېسە ئون كۈن يېتەر،
قىرىپ يېسە قىرىق كۈن يېتەر.

بىر كەپتەردە قىرىق قىزنىڭ ئىشقى بار.

خوتۇن كىشى مۇھەببەتنى كۆڭلىدە قىرىق يىل ساقلار.

قىرىق ھۈنەر ھۈنەر ئەمەس،
ئەسلى ھۈنەر ھويلىچىلىق.

قىرىق يىللىق ياغاچتىن قىلدەك ھۆل چىقار.

توشقان كۆلەڭگىسىدىن ھۈركۈپ قىرىق يىل يۈگۈرەر.

بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىلىقى قىرىق كۈنلۈك يول.

بېخىلنىڭ بىر چىنە شورپىسى قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر.

بۇخارادىن ۋەلى كەلسە،
قىرىق يىل بۇرۇن گېلى كېلەر.

قىرىق ئۆي قۇدا بولسا،
قىرىق يىل قىرغىن بولماس.

قىرىق قۇتان مېلىڭ بولسىمۇ،
ياخشى خوتۇن بولمىسا بىكار.

قىرىق يىل قىرغىن بولسىمۇ،
ئەجەل يەتمىسە ئۆلمەس.
قىلتاققا چۈشكەن قاغا قىرىق يىلغىچە
ئاچا ياغاچقا قونماپتۇ.

قىرىق كۈنگىچە مىھمان كىرمىگەن ئۆيگە
پەرىشتە كىرمەس.

كىشىنىڭ ھەققى قىرىق يىلدىمۇ چىش قامىتار.

ساچراتقۇدىن قورقمىش قۇش
قىرىق يىل ئادرى يىغاچ ئۈزە قونماس.
(ساچراتقۇدىن قورققان قۇش
قىرىق يىلغىچە ئاچا ياغاچقا قونماس.)
«تۈركىي تىللاردىۋان» 2-توم،484-بەت

بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئەرنىئەەرنى ئالدار.

خەقنىڭ بىر قوشۇق يۇندىسى،
قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر.

بېخىل بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن قىرىق قېتىم ئۆتەر.

سېنى بىر پىيالە چاي بىلەن كۈتكەن
ئادەمنى قىرىق يىل ئېسىڭدە تۇت.

قىرىپ ئالساڭ قىرىق كۈن يېتەر،
ئويۇپ ئالساڭ ئون كۈن يېتەر.

قىرىق بېغىم بار نېمىدىن غېمىم بار.

قىرىق يىل باققان ئېشەك ئىگىسىنى تونۇماس.

قىرىق يىل كۆرگەن چۈش يالغان بولماس.

قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ قىڭغىر.

گۈلنىڭ تونى قىرىق يارماق.

يوپۇرماقلىرى يىرتىق بولسىمۇ،ھۆسنى پاك.

«توققۇز» توغرىسىدا
كېسەلنىڭ بىرى جىندىن،توققۇزى يىندىن.

تويغان يەرگە توققۇز تەزىم.

گۈزەللىك ئوندۇر ، توققۇزى توندۇر.

جەڭنىڭ توققۇزى رەڭ ، بىرى جەڭ.

توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ.

كېڭەش قلسا ئەل،بولار توققۇزى تەل.

ئەل ــــ توققۇزى تەل.

توققۇزى تولۇق ، پۇت-قولى بوغۇق.

بىر باشتا توققۇز تۈگمەن تېشى چۆرگىلەر .
بەرگەندە توققۇز ، ئالغاندا ئوتتۇز .

تۆت تەڭگىگە قىممەت ، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان .

بانكىدا قويساڭ توققۇز تەڭگەڭ ئوتتۇز بولار ،
ياندا قويساڭ ئوتتۇز تەڭگەڭ توققۇز بولار .

ئاتا بىر ، ئانا بىر ، بالا توققۇز ،
خۇيلىرى ھېچ ئوخشىماس توقسان توققۇز .

بىر ئۆچكىگە توققۇز تېكە.

ئىشچاننىڭ توققۇزى تەل بولار ،
ھورۇننىڭ ھېچنېمىسى يوق بولار.

سەككىز كۈنلۈك ئۆمۈرنىڭ ،
توققۇز كۈنلۈك ئىشى بار.

مەن قىلۇرمەن ئوتتۇز ،
خۇدايىم قىلار توققۇز.

بېرىشتە سانىقى توققۇز ،
ئېلىشتا سانىقى ئوتتۇز.

بىر ئانىدىن توققۇز بالا ،
مىجەزى توققۇز ياڭزا.

ئەخمەققە ئەمەل تەگسە توققۇز ئوغۇزنى بۇزار .

ئات توققۇز يېشىدا يېتىلەر ،
ئەر ئوتتۇز يېشىدا يېتىلەر.

ئادەم خىسلىتىنىڭ بىرى ئۆزىدە بولسا ،
توققۇزى توندا .

ئون ئىلاننىڭ بىرى راست ، توققۇزى يالغان .

ئون چىرايلىقنىڭ توققۇزى
كىيمى بىلەن چىرايلىق.
بىلگىننىڭ توققۇز، بىلمىگىننىڭ ئون.

ئىتىپاقلاشقان ئەل بولار،

توققۇزى تەل بۇلۇر.

توققۇزدا قانچە بولسا، توقساندا شۇنچە بولار.

جاپا تارتقاندا توققۇزنى بېرىڭ،
يېنىچە ياتقاندا ئوتتۇزنى بېرىڭ.
تەلۋىگە توقماق توققۇز،
ساراڭغا چوماق ئوتتۇز،
بەڭباشنىڭ بىرئايغى سەككىز،
بىر ئايغى توققۇز.
ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار،
ئون سوقرنىڭ توققۇزى مەككار.
ئالتۇن ئايال كىشىنىڭ توققۇز
خىل ئەيىپپىنى ياپار.
ئون دەللالنىڭ توققۇزى يالغانچى.
ئون گاچىنىڭ توققۇزى گاس.
كۆڭۈلنىڭ قۇلۇپى توققۇز.
«يەتتە» توغرىسىدا
يەتتە ئۆلچەپ بىركەس.

ياخشى قىز – يەتتە ئوغۇل.

ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.

ياخشىنىڭ يولى يەتتە.

يېتىمنىڭ ئاتىسى يەتتە.

ئۈچ ئۆلۈش ئەقىل،
يەتتە ئۆلۈش ئەجىر.

ھورۇنلۇق يەتتە ھارامنىڭ يىلتىزى.

بىر تۈلكە يەتتە بۆرىنى يىتەكلەر.

ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە ،
يامان گەپ يەتتە داۋاندىن ھالقىپتۇ.

سۇ يەتتە يۇمۇلىسا ھالال.

ئالتە تەڭگەم بار ئات ئالىمەن،
يەتتە تەڭگەم بار قىز ئالىمەن .

ئالتە چايناپ ئات تويسۇن،
يەتتە چايناپ ئەر تويسۇن.

يەتتە يېشىنى ئەسلىشىپتۇ،
يەتمىش يېشىدىن رەنجىشىپتۇ.

بالا ئالتە ئايلىقتا ئاتتا ئولتۇرار.
يەتتە ئايلىقتا يەردە ئولتۇرار.

يەتتە قىز بار كىشىگە دوزاخ ئوتى ھارام.

ئاتىسى ئۆلگەنگە يەتتە يىل ئەگەش.

ياماندىن قاراۋۇل قويساڭ،
دۈشمەن يەتتە بولۇر.

تۆگىنى ئۇسۇلغا سالسا،
يەتتە چۆنەك قوغۇننى بوزار.

بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە
يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.

ئاتىسى ئۆلگەن يىلاننىڭ
بېشى يەتتە يىل ئاغىرىپتۇ.

نائىنساپ بىر ئوتلىسا
يەتتە قوشۇق ئوتلار.

تۆگە ئۇسۇل ئوينىسا،
يەتتە ئېتىز زەدەكنى بۇزار.

يېتىمنىڭ يەتتە قارنى بار،
ئۈستىدە يەنە بالخانىسى بار.

ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.

يەتتە ياشلىق كەلسە،
يەتمىش ياشلىق ئالدىغا چىقىپتۇ.

ئېلىپ ئالتە بولماپتۇ،
يەپ يەتتە بولماپتۇ.

ئاتىسى ئۆلگەننى يەتتە يىل نەس بېسىپتۇ.

تىرنەپسى يامان يەتتە نەزىردىن قۇرۇق قاپتۇ.

يەتتە نانغا يۈز بولغان ئىككى توقاچ.

بىر خورازنى يەتتە قاساپ سويماس.

يەتتە ئورۇقنى تۇنۇمىغان ئۇي تەلۋە.

يەتتىنىڭ بىرىنى دۈشمەن بىل.

تۆت كەپتەرگە يەتتە كۇۋۇك،
يازدا ياتقانغا قىشتا دوۋۇك.

ياردىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار،
ئەلدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە يىغلار.

يەتتە ئۆلۈش ئۆگىنىشكە باغلىق.

ئۈچ ئۆلۈش ئۆگىتىشكە باغلىق،
ئارچىغا ئالتە تاياق،
شوۋچىغا يەتتە تاياق.

«تۆت» توغرىسىدا

تۆت خوتۇن سەككىز قاپاق ماينى تارتىپتۇ.

تۆت كىشى تۆگەل بولسا،
تاشتىنمۇ گۈل ئۈندۈرەر.

تۆت ئوغۇلى بارغا ئاتىنىڭ نېمە كېرىكى،
تۆت قىزى بارغا باغنىڭ نېمە كېرىكى؟

تۆت تامنىڭمۇ قۇلقى بار.

تۆتپۇتلۇق ئاتمۇ پۇتلۇشۇپ يىقىلار.

قازانغا قۇيغان ياغ تۆت سەر،
پۇرايدىغان ئەرۋاھ سەكسەن ئالتە.

قاغا تۆت قاراپ بىر چوقۇيدۇ.

ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارلىقى تۆت غېرىچ.

ئېشىكىم ئوبدان ئىشەك،
كۆتۈرۈشى تۆت تال كېسەك.

ئېشىكى تۆت تەڭگە،
توقۇمى بەش تەڭگە.

چاپىنىمدا تۆت يانچۇق،
خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.

ئىشان بۇلماق تۆت كۈنلۈك،
موللا بولماق قىرىق كۈنلۈك.

نەگىلا بارساڭ قازاننىڭ قۇلقى تۆت.

ھەيدىگىنىڭ تۆت ئۆچكە،
جاھاننى ئالدى ئۇشت-ئۈشتى.
«ئۈچ» توغرىسىدا

ئۆلۈككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز،
تىرككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز.

يالغان ئۈچ قېتىم دىېيىلسەراستقا ئايلىنار.

دوستۇڭنى ئۈچ كۈن سىنما،ئۈچ يىل سىنا.

ئۆلۈك چققان ئۆيدە ئۈچ كۈنگچە سۆر-چۆچەك.

ئۈچ قوي سويغان قاساپ بولۋاپتۇ.

ئۆچ -ئاداۋەت ئۈچ كۈندە ئاشماس.

ئۈچ ئاچابىلەن چەللە قۇرغىلى بولماس.

يېڭى ئىش ئۈچ كۈن سۆر-چۆچەك.

ئۈچ ئورتاققا ئوغىرى كىرسە تورىماس.

بىر بۇزۇلغان ئۈچ بۇزۇلار.

بىر بىلمىسە ئىككىدە بىلەر،
چىداملىق بول ئۈچتە بىلەر.

سەن يەرنى بىر ئالدىساڭ،
يەر سىنى ئۈچ يىل ئالدار.

ئون پۇلى كەم ئۈچ تەڭگە،

ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتۇ،
ئىككنى ئۈچ كۆرۈپتۇ.

ئۇستىغا ئۈچ بول،پىلانچىغا ئۈچ بول.

ئۈچ قىز چوڭ قىلغان جەنەتكە كىرەر.

ھەر ئۈچ قەدەمدە ئارقىغا باق،
شۇندىلا بولىدۇ بېشىڭ ساق .

توي ئۈچ كۈن بولۇر ،
ھورۇن چۈشكۈن بولۇر.

بىر قاشاڭغا ئۈچ تېرەك،
بىر ئەزمەتكە ئۈچ يۆلەك.

ئۈچ بىر تۇقانغا بىرلەشسە
يولۋاس قورقىپتۇ.

دوستنىڭ دسلۇقىنى ئۈچ كۈندە بىلمىسەڭ
ئۈچ يىلدا بىلەرسەن.

كۆتۈرە-كۆتۈرە ئۈچ كۆتۈرە،
ئۈچتىن ئاشسا كىم كۆتۈرە.

ئاداۋەت دېگەن ئۈچ كۇن تۇرسا ھارام.

بىر كۇن يامغۇردا قالساڭ ،
ئۈچ كۈن چۇشكۆرە.

بىر يوق ئۈچنى كۆرۈڭ،
ئۇيقۇ يوق چۈشنى كۆرۈڭ.

ئۈچ ئۈلۈش ئەقىل،
ئۈچ ئۈلۈش ئەجىر.

قەستەنلىك تېزەك ئاستىدا ئۈچ كۈن ياتىدۇ.

قەشقەردىن كەلگەن لىڭگىرچاق
ئۈچ كۈنگىچە غىچىرلاپتۇ
قەغەز بىلەن شەھەر قۇپارسا ئۈچ كۈنلا پايلاپتۇ
ياخشى گەپمۇ ئۈچ كۈن،
ياما گەپمۇ ئۈچ كۈن.

بىر يىلاننى توغرىسا،
ئۈچ كەسلەنچۈك بۇلۇر.

ئۈچ قېتىم سورىمىغىچە پىچاق بەرمە.

مىھماننىڭ قەدرى ئۈچ كۈن.

ئۈچ ھەيدىگەن يەر ئالتۇن.

خاننىڭ دورى ئۈچ قېتىم.

توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىدار.

يامان ئاتنىڭ تېرىسى ئۈچ كۈن تاراقلار.

مەرتەم،مەرتەم،ئۈچ مەرتەم.

ئۈچ ئادەم بار يەردە خىزىر بار.

پاقىمۇ ئۈچ تاقلاپ بىر ئارام ئالىدۇ.

ئاتنىڭ خۇيى ئۈچ يىلدا سىنىلار.

تادانتوشقاننىڭ ئۇۋۇسى ئۈچ.

ئۈچنىڭ بىرى خانغا ياراپتۇ.

شاراپنىڭ ئاقىۋىتى چۈشكۈنلۈك،
بولىدۇ ئۆمۈرۈڭ ئۈچ كۈنلۈك.

خۇرۇم چاپان بۈدرە چاچ،
ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ.

ئەر سۆزى بىر، ئەدەر كۆكى ئۈچ.
(ئەرنىڭ سۆزى بىر، ئىگەرنىڭ كۆكى ئۈچ.)

بىر يۇرتقا ئۈچ بەگ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 03:30 , Processed in 0.293873 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش