- توردا
- 85 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-23
- تىزىملاتقان
- 2010-8-12
- شۆھرەت
- 2277
- تىللا
- 1095
- تۆھپە
- 1365
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 7572
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 558
- تېما
- 146
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 213
- تۆھپە
- 1365
- تىللا
- 1095
- شۆھرەت
- 2277
|
كومپيۇتېر ئاساسىي تاختىسىدىكى ئۇلاش ئېغىزلىرى
1. ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئېغىزى
ئاساسىي تاختىلارغا بىردىن ئىككىگىچە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، COM2, COM1 ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئېغىزىنى ئاساسىي تاختىدىكى سىم ئاتلاتقۇچ ياكى CMOS ئارقىلىق ئېچىشقا ئېتىۋېتىشكە بولىدۇ. ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئېغىزى كابىلى 10 دانە سىمدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. تېزلىكى 115Kbps.
2. يانداش ئۇلاش ئېغىزى
ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر دانە يانداش ئۇلاش ئېغىزى 26 سىملىق بولۇپ، parallel port ياكى LPT دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يانداش ئۇلاش ئېغىزىنىڭ سۈرئىتى ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش ئېغىزىنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولۇپ، ئادەتتە 40Kbps~1Kbps بولىدۇ. يانداش ئۇلاش ئېغىزىنىڭ تۆت خىل مودېلى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكى كومپيۇتېرلار بۇ تۆت خىل مودېلنى قوللايدۇ. CMOS دىكى peripher als تۈردىن يانداش ئۇلاش ئېغىزىنىڭ مودېللىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەم ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تاللاشقا بولىدۇ.
3. كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۇلاش ئېغىزى
كۇنۇپكا تاختىسى ئۇلاش ئېغىزى بەش تال سىمدىن تەركىب تاپقان يۇمىلاق شەكىللىك ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردا چوڭ شەكىلدىكى ئۇلاش ئېغىزى قوللىنىلغان. ھازىرقى كومپيۇتېرلاردا كىچىك شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، كۆپىنچە بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ.
4. PS/2 مائۇس ئۇلاش ئېغىزى
PS/2 مائۇس ئېغىزىنى تەڭ باشتا IBM شىركىتى قوللانغان بولۇپ، ھازىر بارلىق مىكرو كومپيۇتېرلارغا كېڭەيتىلدى. PS/2 مائۇس ئۇلاش ئېغىزى ئادەتتە يېشىل رەڭلىك بولىدۇ.
5. USB ئۇلاش ئېغىزى
Universal serial bus ئۇنىۋېرسال ئارقىمۇ ئارقا ئۇلاش باش لىنىيىسىنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى بولۇپ NT, NEC, Microsoft, Intel, IBM, DEC, CompaQ قاتارلىق يەتتە شىركەت ئورتاق ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئۇلاش ئېغىزى ئۆلچىمى، USB ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاستە ئۇلاپ ئىشلىتىشكە ۋە ئۈزۈپ ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ. بىر دانە USB كونتروللىغۇچقا 127 دانە USB ئېغىزلىق سىرتقى ئۈسكۈنىسىنى ئۇلاشقا بولىدۇ ھەم ئۇلاش سىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېترغا يەتكۈزۈلگەن.
MIDI ئۇلاش ئېغىزى: بۇ خىلدىكى ئۇلاش ئېغىزى ئاساسىي تاختىدىن باشقا يەنە ئاۋاز كارتىسىدىمۇ بار بولۇپ، MIDI ئۈسكۈنىلەر ۋە ئويۇنچۇق كونتروللىغۇچى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. |
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|