ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 3

excel دا ئۆزى فونكىتسىيە قۇرۇش(يېڭى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
689
تىللا
997
شۆھرەت
1343
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 03:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن   https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-5375-1-1.html
دىگەن تېمىدا ئۆزى فونكىتسىيە قۇرۇش توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتكەنىدىم، مەن بۈگۈن دەل ئۆزى قۇرىدىغان فونكىتسىيە توغرىلىق قىسقىچە ئاددى بىر مىسال كۆرسىتىمەن: ھەممىمىزگە مەلۇم excel نۇرغۇنلىغان فونكىتسىيەلەر بار، بىز ئۇنى ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىشلىتىمىز. نۇرغۇن دوستلار فونكىتسىيە (函数) بىلەن فورمىلا (公式 ) دىگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. فونكىتسىيە بولسا، بىز دەل خىزمەت دەپتىرى ئىچىدە  دائىملىق ئىشلىتىدىغان، سىستىما ئىچىكى قىسمىدىن تەمىنلەنگەن قىممەت جۈملىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن جەمئىلەش فونكىتسىيەسى sum ، ئەڭ چوڭ قىممەت فونكىتسىيەسى max، ئەڭ كىچىك قىممەت فونكىتسىيەسى min، ئوتتۇرىچە قىممەت تېپىش فونكىتسىيەسى AVERAGE ....دىگەندەك. فورمىلا بولسا دەل ھەرخىل ئەمەل بەلگىلىرىنى قوللىنىپ قىممەت ھاسىل قىلىشنى ياكى بىرياكى بىرنەچچە خىل فونكىتسىيەنى ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قىممەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن [FLIPH]=A1+B1-C1[/FLIPH] دىگەندەك...  بىز sum فونكىتسىيەسىىنى يېزىپ، قىممەت رايۇنىنى بەلگىلەپ بەرسەك، شۇ رايۇننىڭ ئومۇمى يېغىندىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق جەمئىلەش فونكتسىيەسى بولسا دەل excel نىڭ ئىچكى قىسمىغا قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا بىزمۇ مۇشۇنداق فونكىتسىيەلەرنى ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يېزىپ چىقىپ ئۇنى قوللىنالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇنداق مەن مەلۇم بىر سانلىق قىممەتكە ئاساسەن ئۇنىڭغا ھۈكۈم قىلىپ باھا چىقىرىپ بىرىدىغان فونكىتسىيەنى يېزىشنى مىسال قىلىمەن، بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە ئەلا، ياخشى، ناچار... دەپ باھا بەرگەنگە ئوخشايدۇ.
باھا فونكىتسىيەنى يېزىش:
تەلەپ: قىممەت رايۇنىغا ئاساسەن ئەگەر قىممەت 90 غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا ئەلا، ئەگەر 75كە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا ياخشى، ئەگەر 60 كە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا لاياقەتلىك، ئەگەر 59غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا ناچار دەپ باھا چىقىرىپ بەرسۇن.
يېزىش باسقۇچى:
1. excel دەپتىرىدىن بىرنى ئېچىپ،ئاندىن vbe تەھرىرلەش رايۇنىغا كىرىپ، مودىل (模块) ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز.
2. ئاندىن تۆۋەندىكى فونكىتسىيەنى يازىمىز.
  1. Function baha(aa As Range)

  2. If aa.Value >= 90 Then
  3. baha = "ala"
  4. ElseIf aa.Value >= 75 Then
  5. baha = "yahxi"
  6. ElseIf aa.Value >= 60 Then
  7. baha = "layakatlik"
  8. Else
  9. baha = "naqar"
  10. End If

  11. If aa.Value = "" Then
  12. baha = "kimmat yok"
  13. 'aa.Font.ColorIndex = 3

  14. End If

  15.       End Function
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
فونكىتسىيەنىڭ مەزمۇنى توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم، چۈنكى شەرت جۈملىسىنى كۆپىنچە دوستلار ئىنىق بىلىدۇ.
3. سىناش . a1 دىن a5 كىچە 0 دىن 100 كىچە قىممەت كىرگۈزۈپ ئاندىن c1 گە ba=  دەپ كىرگۈزسىڭىز فونكىتسىيە قاتارىغا baha  دەپ بىرسىنىڭ قېتىلغانلىقىنى كۆرىسىز. تىرناق ئىچىدە a1  نى كۆرسىتىپ قويوڭ. مەسىلەن [FLIPH]=baha(A1)[/FLIPH]
a1  كاتەكچىنى ئاستىغا سىرىغاندا a5  كىچە بولغان قىممەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن باھا يېزىلىپ چىقىدۇ.
بىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاددىغىنە بىر فونكىتسىيە قۇرىۋالدۇق.
بەلكىم دوستلار بىر سىتوننى ئەمەس، بىرنەچچە سىتۇننى سىناپ بېقىشقا ئالدىرىغاندۇ، ئەمما كۆپ سىتۇننى سىنىغاندا خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى كۆرىسىز. چۈنكى بىز ئىنىقلىما بەرگەندە پەقەت بىرلا ئۆزگىرىشچان قىممەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە قىممەت دائىرىسى بەلگىلەپ بەرسەك ياكى دەۋىرلىىنىش جۈملىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ قىممەت دائىرىسىنى چوڭايتىساق تەبىئىلا نەچچە سىتۇنلۇق قىممەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسىنىڭ قىممىتىنىڭ چوڭ- كىچىڭلىكىگە ئاساسەن بىز بەلگىلەپ بەرگەن قىممەت ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. (قىزىققۇچى دوستلار ئۆزى سىناپ باقسا بولىدۇ. )
ئاخىرىدا يەنە شۇنى ئەسكەرتكىم كىلىدۇ، دوستلار كۆڭلىدە مەن شەرت فونكتىسيەسىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق باھالارنى ئاللىقاچان قىلالايمەن ياكى كۆچۈرۈپ جانلىق پايدىلىنالايمەن دىيىشى مومكىن، ئەگەر بۇ فونكىتسىيەنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھا سۆزلىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ(ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ) ، excel  نىڭ سرتتىن فونكىتسىيە قوشۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ فونكىتسىيەنى ئىچكى قىسىمغا قوشۇۋەتسەك(بۇنداق فونكىتسىيەنى قوشۇش ئۇسۇلى ھەققىدە كېيىن ئايرىم توختىلىمەن)،  ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىمىز تۈزىۋالغان baha فونكىتسىيەسىنى كىرگۈزۈپ، قىممەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ قويساقلا، بىزگە لازىملىق باھالارنى چىقىرىپ بىرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ئۆزۈممۇ بىر يېڭى بىلىم دەپ قارىغاچقا، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم . ئەگەردوستلار خالىسا بۇ توغرىلىق داۋاملىق توختىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-29 03:18  

baha 函数.rar

8.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 139

1

باھا خاتىرىسى

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1116
تىللا
1443
شۆھرەت
1983

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 09:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پايدىلىق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي، ھارمىغايسىز

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
158
تىللا
564
شۆھرەت
436
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 12:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ياخشى بىلىم ئىكەن، قاچانغىچە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنمەيمىز، بىلىم يېڭىلاشمۇ ياخشى ئىش... قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، رەھمەت سىزگە
taylak   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1052
تىللا
2117
شۆھرەت
1873

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 22:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بولسا يوللاۋېرىڭ ھەرگىز باھاسىز قالمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-13 12:40 , Processed in 0.115464 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش