تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Google ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە...

يوللىغۇچى: Nida| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-21 00:14| كۆرۈلۈشى: 157| ئىنكاس سانى: 2

كۆپچىلىككە مەلۇم، بۈگۈنكى كۈندە Google كۈندىن - كۈندىن كۈچىيىپ، سىزنى خىلمۇ - خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، سىزگە تۇيدۇرماي سىزنىڭ بەزىبىر ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىدۇ. سىز بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يىغىلىشىغا چوقۇم قوشۇلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا Google نىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايسىز، بۇ مۇلازىمەتلىرىنى سىز خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز، ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا تەئەللۇق قىلىپ تەڭشىۋالالايسىز، بۇ خۇددى ئۆز تور بېتىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىگەندەك بىر ئىش. ئەمما سىز شۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ Google نىڭ بۇ قىلىقى ھەل ھەددىدىن ئاشتىمۇ قانداق؟ سىز بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بىلەن ئۆزى خالىغانچە تەڭشەش (شەخسىلەشتۈرۈش، 个性化)نىڭ قايسىسى بەكرەك مۇھىملىقىغا جاۋاب تېپىڭ.
1 - دوختۇرىڭىز سىزگە: «Googleنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، سىز پۈتۈنلەي ساغلامكەنسىز» دېسە.
2 - قورقۇنچلۇق فىلىملەردە توك ھەرىسى چىقسا، ئىكراندا دەرھال Googleنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ھەققىدىكى ئېلانى كۆرۈنسە.
3 - سىز 8 يىل ئاۋال بىلىك كۇلۇبىغا يازغان بىرەر ئىنكاسىڭىز توغرىلىق خىزمەتتىن ھەيدەلسىڭىز.
4 - خىزمەتدىشىڭىز سىزنىڭ ئۆزىنى ئالدىنقى يەكشەنبە ئۆيىڭىزدە ئۆتكۈزگەن باغ مەشرىپىگە تەكلىپ قىلمىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى سورىسا ۋە ئۆزىنىڭ Googleنىڭ خەرىتە دېتالى ئارقىلىق ھەممىنى نەق مەيداندىن كۆرگەنلىكىنى ئېيتسا.
5 - Google نىڭ خەۋەر باش بېتى بەكمۇ شەخسلەشتۈرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭدىكى بارلىق خەۋەرلەر سىز توغرىسىدا بولسا.
6 - Googleدىن ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ، ئىلگىرى ئۆزىڭىز بايقىمىغان ئۆزىڭىز توغرىسىدىكى بەزىبىر تەپسىلاتلارنى بايقىسىڭىز.
7 - Google ماشىنا ئادىمى سىزگە ئېلخەت ئەۋەرتىپ، تور بېتىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە.
8 - Google كۈتۈپخانىسىدىكى ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىڭىزنىڭ سىكاننىرلانغان(سايىلەنگەن) نۇسخىسىنى كۆرىسىڭىز.
9 - Google سىزنى ئايالىڭىز(ئېرىڭىز)دىنمۇ بەكرەك چۈشەنسە.
10 - سىز بىرنەرسىنى ئويلاپ بولغۇچە، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك Google ئېلانى ئىكرانىڭىزدا كۆرۈنسە.

----------------

بۇ تېمامنى 2007-يىلى «بىلىك»كە يوللاپتىكەنمەن، بۈگۈن «بىلىك»نى زىيارەت قىلىۋېتىپ(ئاچالىغىنمىدىن خۇشال بولۇپ)، بۇ تېمامنى تېپىۋېلىپ، بۇ يەرگە قايتا يوللاپ قويدۇم.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ، يېقىندىن بۇيان مەن خېلى كۆپ تور بېكەت(بەت)لەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا خېلى كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ تور بىلىمىنىڭ بەكمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم، ئۇلارچە بولغاندا بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكى تورخانىغا كىرىپ، تورغا چىقىپ قالايمىقان جۆيلۈپ تورغا يېزىپ قويۇپ چىقىپ كەتسە ئۇلارنى ھېچكىم تاپالمايتتى. ئەمما تور دۇنياسى ھەرگىزمۇ ئىگە-چاقىسىز، يەككە-يىگانە دۇنيا ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا «مەۋھۇم دۇنيا»مۇ ئەمەس.

[color=rgb(136,0,0)]تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلار ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تورغا چىقىش ئۇسۇلىغا نەزەر سالايلى. ھازىر دىيارىمىزدا تورغا چىقىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئۈچ چوڭ ئالاقە شىركىتى (كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف)دىن بىرەرسىدىن تورغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىسىز. تورخانىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. رەسمىيەت بېجىرگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە، سىزنىڭ مۇناسىپ ئۇچۇرلىرىڭىز ئالاقە شىركىتىنىڭ ساندانىغا خاتىرىلىنىدۇ. ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.

ئەمدى سىزنىڭ ئۇچۇر يوللاش ۋاسىتىڭىزغا نەزەر سالايلى. تور دۇنياسىدا سىز ئۇچۇر يولللىيالايدىغان ۋاسىتىلەر ئاساسەن پاراڭلىشىش دېتاللىرى(QQ, MSN Messenger, Yahoo Messenger...)، ئېلخەت، تور بېكەت(مۇنبەر، سەينا، بلوگ، شەخسىي تور بەت،BBS)لەردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل بولغان، ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ IP ئادرىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئىقتىدارى بار. IP ئادرىسى بار بولدى دېگەنلىك، سىز تۇرۇۋاتقان جاي تېپىلدى دىگەنلىكتۇر.

ئەمدى ئۇچۇرنىڭ يوللىنىش جەريانىغا نەزەر سالايلى. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كونۇپكا تاختىلىرىنى بېسىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئېكراندىكى «يوللاش» كونۇپكىسىنى بېسىش. سىز شۇ كونۇپكىنى باسقان ھامان، ئۇچۇرلىرىڭىز دەرھال ئىككىلىك سىستېمىسى بويىچە كودلىنىپ، كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىدىن ئۆتۈپ، تور سىمى(نۇر كابېل، سىمسىز ئالاقە دولقۇنى) ئارقىلىق، سىزگە تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئالاقە شىركىتىنىڭ باش مۇلازىمېتىرگە بارىدۇ، (دېمەك، ئۇچۇرلىرىڭىزنى مۇشۇ يەردىلا تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ.) ئاندىن تور نام يەشكۈچ مۇلازىمېتىر سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى سىز يوللىغان مەنزىل (تور بەت، ئېلخەت ساندۇقى، پاراڭلىشىش دېتالى)نىڭ مۇلازىمىتېرىگە يوللاپ بېرىدۇ، (مۇشۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ) ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلدىكى مۇلازىمېتىر ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەگەر تور بەت(مۇنبەر،سەينا....) بولسا مۇناسىپ تور بەت كودىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساندانغا ساقلايدۇ، ئەگەر ئېلخەت مۇلازىمېتىرى بولسا ھۆججەت شەكلىدە مۇلازىمېتىرغا ساقلايدۇ، ئەگەر پاراڭلىشىش دېتالى بولسا قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېرىدۇ(مانا بۇ يەردىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تۇتۇپ قېلىش تامامەن مۇمكىن). بۇ جەريانلار پەقەت نەچچە مىللىسېكۇنتتىلا تاماملانغاچقا، بىزدە خۇددى ئۆيدە ئولتۇرۇپ خەت يازساق، بىۋاسىتە قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىغا يوللىنىپ كۆرۈنگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئالدىنقى يىلى قايسى بىر تور بېكەتتە QQ ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ نازارەت قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تېما يوللىنىپ، كۆپچىلىك بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ كەتكەن، بەزىلەر ھەتتا QQ دىن ۋاز كېچىپ، باشقا پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى ئىشلەتمەكچىمۇ بولۇشقان ئىدى، ئەمما شۇنىسى ئېنىق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەيلى سىز قانداق پاراڭلىشىش دېتالى ئىشلەتمەڭ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك، سىزنىڭ ھەربىر ئېغىز يوللىغان ئۇچۇرىڭىز ھەر ۋاقىت بىر نەچچە مۇلازىمېتىردىن ئۆتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەگەر سىز بىرەر قالايمىقان سۆز-سۈرەتلەرنى تورغا يوللىسىڭىز، ج خ ئورگانلىرى سىزنى قانداق تاپىدۇ؟ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇچۇرلىرىڭىز ھامان بىرەر جايغا ساقلانغان بولغاندىن كېيىن، سىزنى تېپىش ئىنتايىن ئاسان. ئالدى بىلەن سىز ئۇچۇر يوللىغان تور بەت(مۇنبەر، سەينا...)نىڭ ساندانىدىن سىزنىڭ IP ئادرىسىڭىز ئىزدەپ تېپىلىدۇ. ئاندىن IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ئالاقە شىركىتى تېپىپ چىقىلىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ IP ئادرىسىغا ئاساسەن سىزنىڭ رەسمىيەت بېجىرگەن تېلېفون نومۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، تېلېفون نومۇرىڭىزغا ئاساسەن، ئالاقە شىركىتىدىن سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىز تېپىپ چىقىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى-ئۈچ ساقچى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئىشىكىڭىز ئالدىغا پەيدا بولىدۇ، بۇ جەريانغا پەقەت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا يېرىم سائەت، بولمىسا بەش-ئون مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ بەزىلەر يەنە، ھەممە نەرسە ئاشۇ IP ئادرىسىغا باغلىق بولغاندىن كېيىن، IP ئادرىسى ئۆزگەرتىدىغان دېتاللار ئارقىلىق IP ئادرىسىمىزنى ئۆزگەرتىپ يوللىساق بولىۋېرىكەنغۇ؟ دەپمۇ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، سىز دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالغان IP ئادرىسى بېكەت پروگراممىلىرىنى ئالدىيالىغىنى بىلەن، ئۇچۇر ئۆتۈۋاتقان مۇلازىمېتىرنى ھەرگىز ئالدىيالمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بۇنداق خام-خىياللاردا بولماڭ.

قىسقىسى، پۇل خەجلەپ تورغا چىقىۋاتقان ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلماي، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ.


    • Intil: نادىر مەزمۇنشۆھرەت + 8 2 تىللا + 6 5 تۆھپە + 6 10

يېڭى ئىنكاسلار

turan 2010-8-21 11:44
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز~~~~~!http://www.google.com/transconsole/giyl/chooseProjectماۋۇ بەتتىكى گۇگۇلغا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ~~~~~~!قوشقاندا چوقۇم ئىملاغا دىققەت قىلىڭ`~~~~~~!
turan 2010-8-21 11:54
قىسقىسى، پۇل خەجلەپ تورغا چىقىۋاتقان ھەربىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلماي، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشىڭ.
ئوبدان گەپ~~~~~~!بولسا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇڭلار كەچكىچە ئويۇن ئويناپ،چ چ دا پاراڭلىشىپ يۈرگىچە زېرىكسىڭىز،ماۋۇ يەردە بىزنىڭ تەرجىمە قىلىپ تۈگىتىشىمىزنى ساقلاپ تۇرغان گۇگۇلغا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ~~~~~!http://www.google.com/transconsole/giyl/chooseProject

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 22:06.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.