- توردا
 - 102 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-4-13
 - تىزىملاتقان
 - 2010-7-30
 - شۆھرەت
 - 1058 
 - تىللا
 - 2070 
 - تۆھپە
 - 581 
 - ھوقۇقى
 - 200
 - جۇغلانما
 - 4982
 - ئالبوم
 - 0
 - بلوگ
 - 0
 - خاتىرە
 - 1
 - يازما
 - 205
 - تېما
 - 22
 - نادىر
 - 2
 - ھەمبەھر
 - 0
 - UID
 - 132
  
 
 
 
    
- تۆھپە
 - 581 
 - تىللا
 - 2070 
 - شۆھرەت
 - 1058 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 | 
gairat1 يوللانغان ۋاقتى  2011-6-26 10:28   
ئىنكاس قايتۇرۇش serdar نىڭ يازمىسى 
 
شۇنداق .ماركالوگو لاي ...  
بەزى پىكىرىڭىزگە مەن تازا قوشۇلالمىدىم .  سەردارنىڭ ماركا لاھىيەلەيدىغىنىنى مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق بىلىۋالدىم . بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىدى پۇل بىرىپ ئىش قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى يىتىلىۋاتقان  ۋە ياكى كۆمۈلۈپ قالغان تالانىت ئىگىللىرىگە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاش.   ھەربىر لاھىيەلىگۈچىنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە  تەپەككۇر مېۋىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ.   ئادەتتە بازاغا چىقىپ سەي-كۆكتات ياكى ئالما نەشپۈت ئەپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن .  شۇنچە كۆپ ئادەم تەملىك نەشپۈت شىكەر نەشپۈت دەپ توۋلاپ تۇرسا ، بازارنى بىرنى ئايلىنىۋېتىپ  يېڭى ۋە  باھاسى ئەرزاننى ئالىسىز ئەلۋەتتە.  قالغانلارنىڭمۇ رىزقى بىلەك .  ئەگەردە ھەممە ئادەم سىز  قىياس قىلغاندەك مەن لاھىيەلىسەممۇ ئوخشاش بەرىبىر بىرنى تاللايدۇ ، مىنىڭ تاللانمىسا ئەجرىم بىكار كىتىدۇ دەپ ئويلىسا . ئۇ چاغدا ئۇ كاللىسىدىكى لاھىيەسى ۋە تالانتىنى ھېچقانداق زايە قىلماي ئۇدۇنياغا بىللەن ئېلىپلا كەتسە بولىدۇ.    ئالدىنقى قېتىم قىياسقا ماركا لاھىيەلىتەي دەپ خېلى كۆپ ئېلان شىركەتلىرىگە باردىم .، 1-2سى قىياس دىگەن ماركىنى لاھىيەلەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئالدىن 2مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىسىز . ماركا پۈتكەندە 1مىڭ تاپشۇرىسىز دەيدۇ . ئەگەردە ماركا يارىماي قالسىچۇ دىسەم يارىغۇدەك قىپ بىرىمىز دىدى. يەنە 1-2سى  500يۈەن تاپشۇرۇڭ زاكالەت پۇلى دىدى. 1سىگە بوپتۇ 500يۈەن بولسا  بولا دەپ بەرسەم   ماركا پۈتتى دەيدۇ . بېرىپ قاراپ كۈلۈپ كەتتىم . بىرتال دوپپىغان قىياس دىگەن خەتنى يېزىپتۇ . ئۇنىڭ ئاستىغا ئىنگىلىزچە Guess (قىياسنىڭ ئىنگىلىزچە مەنىسى دەپ يېزىپتۇ) ئۇنى مەسچىت شەكلىدە چىقىرىپتۇ . ئۇنىڭ يېنىغا 2تال dvd پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپتۇ.  مەن Guess بۇنىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇرچە گاس دىگەنگە ئوخشاپ كىتىدۇ . قىياسنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى يەنىلا kiyas دىسەم kiyas دىگەن ياغاچ ئۆي دىگەن مەنىدە قىياس دىگەن مەنا چىقمايدۇ دەيدۇ. مەن بۇ ماركا ماڭا يارىمىدى. قىياس بىلەن مەسچىتنىڭ نىمە مۇناسىۋېتى ؟ دوپپىنىڭچۇ ؟ دىسەم يارىمىغان بولسا قايتا ئىشلەيمىز پۇل قوشىسىز ، سىز مۇسۇلمانسىز ئاقىچان مەسچىتنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوقمۇ ؟ دوپپا كىيىپ باقمىغان ئۇيغۇرمۇ سىز دەپتى  يەنە گەپ قىلسام ئۆزۈمگىمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئاستا ماركا راسلا  يارىمىدى پۇلنىمۇ قايتۇرماڭلار ئۆزۈڭلار خەجلەڭلار بولدى دەپ يېنىپ چىقتىم . ئۇلار ئىشلىگەن رەسىمنى مەنمۇ يېرىم سائەتتە ps دە ئىشلەپ بولاتتىم . لىكىن ھەر كاللىدا ھەر خىيال شۇڭا يەنىلا باشقىلار لاھىيەلىگەننىمۇ كۆرۈپ تۇرۇش كىرەك . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە سەينا ئەزاسى tayir55 ئىشلىگەن قىياسنىڭ ماركىسىنى بىز قىياسنىڭ نۆۋەتتىكى رەسمىي ماركىسى قىلىپ ئىشلەتتۇق .  
 |   
 
  
 |