- توردا
- 13 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-17
- تىزىملاتقان
- 2010-11-2
- شۆھرەت
- 84
- تىللا
- 82
- تۆھپە
- 69
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 335
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 16
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 729
- تۆھپە
- 69
- تىللا
- 82
- شۆھرەت
- 84
|
1. پىرىنتىرنى ئورتاق ئىشلىتىش تۈرىنى تاللاپ ئورتاق ئىشلىتىش ھالىتىگە كەلتۈرىسىز. يەنى ئورتاق ئىشلىتىش ھالىتىگە كىرگەندە پىرىنتىرنىڭ رەسىمىدە قولنىڭ رەسىمى قوشىلىدۇ. (قىنى مەرھەمەت دىگەن شەكىلدە)
2. پىرىنتىر چىتىلغان كومپىيۇتىرنىڭ Windowsھالىتىدىكى (نورمال قوزغالغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ) مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ناملىق سىنبەلگە ئۇستىگە مائۇس سىتىرىلكىسىنى توغرىلاپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ خاسلىق ( 属性)دىگەن تۈرنى تاللاپ كومپىيۇتىر نامى (计算机名 )تۈرى ئىچىدىكى ئۆزگەرتىش (更改) كونۇپكىسىنى بسىپ ئىچىلغان كۆزنەك ئىچىدىكى كومپىيۇتىر ئىسمى (计算机名) خىتى كەينىدىكى كاتەككە ئىسىم يازىسىز (ئۆزىڭىز خالاپ يازسىڭىز بولىدۇ) ئاندىن كىيىن خىزمەت گۇرۇپپىسى (工作组) خىتى كەينىدىكى كاتەككە بىر ئىسىم تاللاپ يازىسىز. ئاندىن جەزىملەشتۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرىسىز. (كومپىيۇتىر قايتا قوزغىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىرىدۇ قايتا قوزغىلىشقا قوشۇلۇش كونۇپكىسىنى باسىسىز)
3. ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتىرىنى يۇقارقى ئىيىتقان بويىچە 2-تۈرنى قايتىدىن تەڭشەيسىز.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش: كومپىيۇتىر ئىسمى بىربىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپا ئىسمى چوقۇم بىردەك بولۇشى شەرت.
4. كومپىيۇتىرىڭىز قايتىدىن قوزغالغاندىن كىيىن (ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتىرى، پىرىنتىر چىتىلمىغان كومپىيۇتىر) باشلاش (开始)تىزىملىكى ئىچىدىن بىكىتىش (设置) ئىچىدىكى پىرىنتىر ۋە فاكىس (打印机和传真机) تۈرىنى ئىچىپ پىرىنتىر قوشۇش (添加打印机) بۇيرۇقىنى تاللاپ چىققان تىزىملىكتىن كىيىنكى قەدەم (下一步) كونۇپكىسىنى بىسىپ ئىككىنچى قەدەملىك بىكىتىش ھالىتىگە ئۆتىسىز بۇيەردىن توردىكى پىرىنتىر..... (网络打印机或)دىگەن سۆزلەردىن باشلانغان تۈرنى تاللاپ كىيىنكى قەدەم (下一步) كونۇپكىسىنى بىسىپ يەنە بىر يىڭى رامكا ھالىتىگە كىرىسىز. بۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتىر سىستىمىسى سىز بىلەن بىر تور دائىرىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزئارا كىلىشىم ھاسىل قىلغان كومپىيۇتىر ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. سىز ئۆزىڭىز پايدىلانماقچى بولغان كومپىيۇتىر ئىسمىنى تاللىسىڭىز ئاستى تەرىپىگە ئۇنىڭغا چىتىلغان پىرىنتىرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بىكىتىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن داۋاملىق كىيىنكى قەدەم كونۇپكىسىنى بىسىپ مەشخۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرىسىز ھەمدە يىڭىدىن بىر پىرىنتىر قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز.
5. قوشۇلغان پىرىنتىرنى تاللاپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ چىققان تىزىملىكتىن 默认打印机بۇيرۇقىنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ. |
|