ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 2

باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنىڭ 27 خىل پرىنسىپى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.چىراي-قىياپىتى باشقىلارنى بىزار قىلمايدىغان بولۇش، ئەگەر چىرايلىق بولمىسا، ئىقتىدارلىق بولۇش كېرەك. ئەگەر ئىقتىدارىمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش كېرەك.
2. مىجەز-خاراكتېرى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مودا بولۇشنى بىلمىسە، ئەڭ ياخشىسى ساددا، ساپ بولۇش كېرەك.   
3. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئۇزاقراق تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. سەمىمىيىلىك بىر گۆھەر.  
4. ھەممە سۆزگە «مەن» دېگەننى قوشۇپ ئىشلىتىش ھاجەتسىز.
5. دوستلىرىدىن پۇل قەرز ئالماسلىق.  
6. دوستلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلە رەسىملىرىنى كۆرۈشكە قىستىماسلىق.
7. تاكسىغا چىققاندا، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا تالىشىپ ئولتۇرۇش.
8. باشقىلارنىڭ كەينىدىن ياخشى گېپىنى قىلىش، بۇ ياخشى گەپلەرنىڭ ئىگىسىنىڭ قۇلىقىغا يەتمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلماسلىق.   
9. باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەلۇم كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلغاندا، سىز پەقەت كۈلۈپلا قويۇڭ.
10. ماشىنا ھەيدىگەندە ھەرگىزمۇ توختاپ ۋېلسىپىت مىنگەن خىزمەتدىشىڭىز بىلەن سالاملاشماڭ. بولمىسا باشقىلار سىزنى كۆز-كۆز قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ.  
11. خىزمەتدىشىڭىز ئاغرىپ قېلىپ يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ كارۋېتىدا ئولتۇرۇڭ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قوللىرىڭىزنى ئەستايدىللىق بىلەن يۇيۇڭ.
12. ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەڭ.
13. سىزنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەڭ.  
14. ئىشقا قارىتىڭ، ئادەمگە قاراتماڭ. ئىشقا رەھىمسىز بولسىڭىزمۇ، ئادەمگە رەھىمدىل بولۇڭ ياكى ئادەم بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئىش قىلىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇڭ.
15. ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلسىڭىز باشقىلار ئىشنىدۇ، ئۆزىڭىزنى ماختىسىڭىز ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. 
16. باشقىلارنى ماختاش ۋە ئالقىشلاشتا پىخسىقلىق قىلماڭ.
17. باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ياخشىلىقىنى بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارىماڭ. رەھمەت ئېيتىشنى بىلىڭ.
18. ناھايىتى ياخشى ئاڭلىغۇچىدىن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
19. خەۋەرلىشىش ئۆيىدىكى ئۇستام بىلەن تازلىق قىلىدىغان ئايالنى ھۆرمەتلەڭ.   
20. بەزىدە ئېنىق بىلسىڭىزمۇ قەستەن «ئالماس ئۈزۈكىڭىز ناھايىتى قىممەتمۇ؟» دەپ سوراڭ. بەزىدە سورىغىڭىز كەلسىمۇ سورىماڭ. مەسىلەن: نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ دېگەندەك.
21. گەپ قىلغاندا «بىز» دەپ باشلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
22. سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتقانلارغا چاۋاك چېلىڭ.
23. كۆپ سۆزلىسە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئادەم كۆپ سورۇندا ئاز سۆزلەش كېرەك.
24. ئېغىزىڭىزدىن چىقمىغان «ياق» دېگەن سۆزنى «بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ»، «مەن تىرىشىپ باقاي»، «ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن»، «مەن قارار قىلغاندىن كېيىن سىزگە تېلېفون قىلاي» دېگەنلەرگە ئۆزگەرتىڭ.
25. ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىڭىزنى ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىڭ. ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كۆپ سانلىق كىشىنىڭ ياخشى كۆرۈشىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
26. ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈڭ.
27. ئەگەر سىز ئويۇن قويغاندا ياكى نۇتۇق سۆزلىگەندە پەقەت بىر ئادەم ئەستايدىل ئاڭلىغان بولسا، سىز داۋاملاشتۇرۇڭ. باشقىلار ئالقىشلىمىسىمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ. چۈنكى بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىڭىز. سىز باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىقيەت قازنىشىڭىزغا قاراڭ.


مەنبە:http://bbs.misranim.com/read.php?tid-53637.shtml



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-23 14:47  

ۋاقتى: 2011-6-24 00:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى گەپ..........................
ۋاقتى: 2011-6-25 17:45:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ئەقلىيەلەر ئىكەن!

18. ناھايىتى ياخشى ئاڭلىغۇچىدىن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
بۇنى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار قىلالمايدۇ، ھەم قىلالايدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ باقمىدىم. باشقىلارنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بېرىشمۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن ۋە كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگەنلىك بولىدۇ. چوقۇم سىزنىڭمۇ تەڭ پاراڭ سېلىشىڭىز ھاجەتسىز. مۇشۇنى چوقۇم سىناپ بېقىڭ. مەن سىنىغان، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:53 , Processed in 0.090345 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat